Google كۆزئەينىكى ھەققىدىكى ھەقىقىي تەسىرات كۆرۈنۈشلىرى
بۇ كۆزئەينەك توغرىلىق پاراڭلار بولۇنۇۋاتقىلى خېلى بولدى. شۇڭا تورداشلاردا ھېچ بولمىسا بۇ توغرىلىق بىر دەسلەپكى تونۇش بار. بىراق، مېنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتىكى توردا كۆرگەن ماتېرىياللىرىمغا ئاساسلانغاندا، Google glass تېخى ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا بۆسۈپ كىرگۈدەك ھالەتكە يەتمىگەن مەھسۇلات. مەسىلەن، باتارىيەسى ئۇزۇن يەتمەسلىك، قىززىش، كۆزنى تالدۇرۇش دېگەندەك ھەرخىل نۇرغۇن مەسىلىلەر تېخى ھەل قىلىنىش ئالدىدا. لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، ھامان بىر كۈنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ياكى مۇشۇ كۆزئەينەكنىڭ ئۆزى تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىدۇ. لېكىن ئۇڭغىچە بىز شۇ چاغدىكى ئەھۋالنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مەزكۇر سىن ئارقىلىق ھېس قىلىپ باقساق بولىدۇ.
How It Feels through Glass
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: glass، Google
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,300 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 07-كۈنى
- يازما مەنزىلى: how-it-feels-through-glass.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يەر شارىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كىشى ئەقلىنى لال قىلدىغان گۈزەل ماكان
- كېيىنكى يازما > بىت تەڭگىسى (Bitcoin) دىگەن نېمە؟ قانداق ئىشلىتىمىز ؟
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- نوكىيا ئاندروئىد تۇمانلىرى : Google قوللاشقا ئېرىشىدۇ، مىكروسوفت نەپكە ئېرىشىدۇ
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- كىچك ساۋات | ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ Google ھېساۋاتى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
- Google Glass(گۇگېل كۆزەينىكى)نى تاقاپ قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا بارغاندا…
- [دات!!!!!!!] Google غا نورمال چىقىشنىڭ ئۈچ تەدبىرى – Google غا چىقىش تېخنىكىلىق ئوقەت
- Google نىڭ ئىزدەش بېتى بەك ئاددى، ئەمما خىزمەت بىنالىرى ئۇنچە ئاددى ئەمەس
- ناۋادا FaceBook، Twitter، Google قاتارلىق تور بېكەتلەر 90-يىللاردا ئېچىلغان بولسا قانداق قىياپەتتە بولار ئىدى؟
- Google نىڭ ئىشخانا مۇھىتىنى كۆرۈپ باققىنىڭىزغۇ راستۇ، لېكىن سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى كۆرۈپ باققان دىسىڭىز ئىشەنمەيمەن
- ئەجىبا بۇ Google Glass نىڭ كەلگۈسىمۇ؟ بۇنداق فانتازىيەلىك تۇرمۇش سەل قورقۇنۇچلۇقمۇ قانداق؟
دىۋان ! ھاھاھاھا «مازكەن»نى بېسىڭلار مەندىن بۇيرۇق …
بەكلا تاقاپ كۈرۈپ باققىم باتى بۇنى ، كىيىنچە ئۇمۇلىشىپ قاسا ، كوچىدا ماڭغاندا ھەممىز كۆزىمىزنىڭ بۈرجىكىگە قاراپ مېڭىپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قامماسمىز ھە … ،كىم بىلىدۇ ئاڭلاپ باقمىغان كۆز كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلامدۇ تېخى ، ئاۋۇ پالانى گۇگىل كۆز ئەينىكىنى ئۇخلىغاندىمۇ تاقىۋېلىپ ئەلەس پەلەس بوپقاپتۇ دەپ … توۋا ، ھەرقاندا نەسىنىڭ ياخشى ھەم يامان تەرىپى بۇلىدىغان ئوخشايدۇ
گۇگىل دىگەن نىمدا ئۇلۇغ شىركەتتۇ بۇ ، مىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلغان ئۈچ نەرسىسى : شوپۇرسىز ماشىنا ، كۆز ئەينەك ، ئىسسىق ھاۋا شارى تور پىلانى ، بۇلۇپمۇ ئۈچىنجىسى بەك ئۇلۇغ ئىشكەن :ئىگىزلىكى 15مىتىر كەڭلىكى 12مىتىر كىلىدىغان بىرمۇنچە ھاۋا شارىنى ئاسمانغا قۇيۇپ بىرىدىكەن، ھەممىسىگە يىراقتىن كونتىرول قىلىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن بولغاچقا ، ھاۋا شارىنىڭ قانچىلىك ئىگىزلىكتە ئۇچۇشىنى باشقۇرغىلى بۇلىدىكەن ، ھەم ھاۋا قاتلىمى شامال سۈرئىتى دىگەنلەرگە ئاساسەن سۈرئىتىنىمۇ تىزگىنلىگىلى بۇلدىكەن ، بۇ كاساپەت قۇياش ئىنىرگىيەسى بىلەن ماڭىدىكەن، ئاسمانغا بىر چىقىرىپ قويسا نەچچە يىلغىچە ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن ئۆزى چىقىدىكەن ، بۇلارنىڭ مەخسىتى يەرشارىنىڭ تور پەقەتلا يوق ئۈچتىن ئىككى قىسىمىغا سىمسىز تور تارقىتىشكەن ، بۇ خىيال بولماستىن زىللاندىيەدە سىناق قىپتىكەن خېلى نوچىكەن …
نىمدا يامان ئەدەملەدۇ بۇلا ، ئالمىنىمۇ ماختاش كىرەك، لىكىن گۇگىلنى بەكرەك مەدھىلەش كىرەك ، ئابومجاننى تېخىمۇ شۇ ، ھې ھې
ئۇلۇغ ؟
ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا سۆزلۈك تاپالمىدىڭىزما؟
يامان يەدىن تۇتىۋالدىڭىزغۇ ، يامان ، قالتىس دىگەندەك گەپلەرغۇ كەگەن كاللامغا ، سەل ئىلمىيراق گەپ قىلىۋىتەي دەپ ئۇلۇغ دەپساپتىمە، ئۇلۇغنى ئادەملەرگە ئىشلىتىدىكەنمىز ئەسلى ، بەك دىققەت قىلاي بۇندىن كىيىن
ئادەمگە ئىشلەتسىمۇ بولمايدۇ !
ۋاي ۋاي نىم بوپ كەتتى بۇ ؟ ئەدەمگە ئىشلەتكىلى بوممايدا ؟ ئۇلۇغ داھىي ماۋجۇشى دەپ ئاڭلىغاندەك ئىسىمدىغۇ ؟
پىچەت كۆزەينەككەن
ئەگەر ئومۇملاشسا، بىرىنچى شەخسنىڭ كۆرۈش نۇقتىسىدا ئىشلەنگەن نۇرغۇن نادىر قىسقا فىلىملەر بارلىققا كېلىشىدە گەپ يوق ئىكەن.
قاچانلاردا تاقامىز ئاشتا كۆزەينەكلەرنى ،
ئۇلۇغ دېگەن گەپنى ئادەمگە؛ شىركەتكە ئىشلەتسە بولمايدۇ دەپ كىم شۇنداق دەيدۇ؟ ئاجايىپ گەپ قىلىپ قويدىكەنسىلەر؟ بەلكىم ئىچىڭلارغا كىرىپ چىقسام ئۇلۇغ دېگەن ئاللاھقىلا ئىشلىتىلىدۇ دەپ قارايسىلەر. ھەممە نەرسىنىڭ ئۆلچىمى بولىدۇ، ئاللاھ ئىلاھلىق دەرىجىسىدىكى ئۇلۇغلۇققا ئىگە. ئادەم ئەخلاقى ۋە سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇلۇغلۇققا ئىگە، شىركەت بولسا مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى، ئىشلىگەن تاۋارى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلۇغلۇققا ئىگە. ئىسلامنى ئۇنداق ئىدىيە بويىنچە تەرغىپ قىلمايلى! دېمەك، شۇ ئۇلۇغ دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش نىيەتكە باغلىق. ئۇلۇغ دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن ئادەم، ئاشۇ سۆزنى خۇداغا سېلىشتۇرۇپ ئىشلەتسە بۇ مۇتلەق بولمايدۇ. لېكىن، ئۇلۇغ ، كاتتا ھەيۋەت دېگەنگە ئوخشىغان سۈپەتلەتنى شۇ ئادەم پەقەت ئىنسانى جەھەتلەردىكى ئۇلۇقلۇق دەپ ئىشلەتسە ئەلۋەتتە بولىدۇ.
بەلكىم، بۇ ئۇلۇغ دېگەن سۆزنى قىلغان تورداش ئۇ شىركەتنى خۇداغا ئوخشاتمايدۇ. شۇڭا پەتىۋا دېگەننى بىلىپ بەرگۈلۈك.
رەخمەت باھادىر بەگ ، بەك قايىل قىلارلىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپسىز ، ما باللامىزە ، ئەدەمنى خىجىل قىپ قۇسۇر ئىزدەپ