نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

Google Glass(گۇگېل كۆزەينىكى)نى تاقاپ قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا بارغاندا…

Google Glass ھەققىدە تورخۇماردىمۇ ئاز گەپلەر بولۇنمىدى، بۇ كۆزەينەك توغرىسىدىمۇ كۆپچىلىك ھەرقايسى تاراتقۇلاردىن ۋە ئورگان تەرەپتىن كەلگەن ھەر خىل تەشۋىق فىلىملەرنى كۆرۈپ باقتۇق. تۆۋەندە ئەمدى گۇگېل كۆزەينىكى ھەققىدە ئىشلەنگەن ھەزىل فىلىمدىن بىرنى كۆرۈپ باقايلى.

google-glass-with-girl-date

فىلىمدە، Google glass نى تاقىغان بىر يىگىت ۋە بىر قىزنىڭ ئۇچرىشىشى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، سۆھبەت جەريانىدا يىگىت كۆزەينەك ئارقىلىق قىزغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ۋە قىز ياخشى كۆرىدىغان پاراڭ تېمىسىنى ئىزدەيدۇ. پاراڭ قىززىمىغان چاغدا يىگىت كۆزەينەك ئارقىلىق بىردەم زەيتۇن توپ مۇسابىقىسى كۆرسە، بىردەم مىنا تازىلاش ئويۇنى ئوينايدۇ، ھەتتا دوستى بىلەن كامېرالىق پاراڭلىشىپ ئۈلگىرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئازراق ئېنگلىزچە ئۇقسىڭىز، بەلكىم فىلىمدىكى يارقىن نۇقتىلارنىمۇ بايقىشىڭىز مۇمكىن…

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار:

Google نىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆزەينىكى ئاشكارىلاندى

ئەجىبا بۇ Google Glass نىڭ كەلگۈسىمۇ؟ بۇنداق فانتازىيەلىك تۇرمۇش سەل قورقۇنۇچلۇقمۇ قانداق؟

Google Glass نى تاقاپ قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىش:



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ۋاقتىم 2013.04.03 , 18:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان……:mrgreen:

  2. ۋاقتىم 2013.04.03 , 18:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ قىزغا ئۇۋال بولغاندەك تۇرامدۇ قانداق:eek:

  3. تاماشىبىن 2013.04.03 , 19:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    گوگۇلنىڭ كۆزەينىكىنى ئالمىنىڭ باش كونتروللىغۇچىسى بايقاپ قالدى…..:mrgreen:

  4. xilas 2013.04.03 , 19:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يېڭى تېمىنىڭ تېزلىكىدە تورخۇمارغا يىتىشكىلى بولمايۋاتىدۇ جۇمۇ ، بۇ ئاداش بۇلۇتقا كۆچىۋەپ بىز پەستە قاراپلا قېلۋاتىمىز ، دىۋاندىنغۇ ئەسەرمۇ يوق :wink:

  5. ئىلتەبىر 2013.04.03 , 23:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    نېمە دىگەن قىزىق!

  6. خام قەغەز 2013.04.04 , 00:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen::mrgreen:ئاخىرى بەك ئېچىنىشلىقكەن بۇنىڭ

  7. ئويغان 2013.04.04 , 02:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خىلى بۇرۇنلا كۆرۈپ بولغانغۇ بۇنى.ھازىر بەيدۇمۇ تەقلىد قىلىپ ياساپ بولدى، بەيدۇ eby دەپ . دۆلەت ئىچى بەك شەنسەي ،ئەلۋەتتە مۇشۇ يەردە مەنبەنى پەقەت ئۇچىراتقىلى بولمايدۇ .

    • ئابومجان 2013.04.04 , 08:01

      نىمۇۋۇ شەنسەي دىگەن ؟ نەچچە ئۇقۇپمۇ چۈشۈنەلمىدىمغۇ ؟

    • ۋىروس 2013.04.04 , 11:14

      مەنبە ؟ يوۋكۇنىڭ فلاش ئادىرىسىدىن كىرگۈزدۇققۇ. ھەرگىزمۇ فىلىمنى يوۋكۇدىن چۈشۈرۋېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تامغىسىنى چاپلاپ ئېلان قىلمىدۇق.

    • خىيال 2013.04.04 , 13:39

      سەۋىيە دېگەن بار جۇمۇ…

  8. ئويغان 2013.04.04 , 02:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ تەسەۋۇر ۋە ئۈمۈد.قانداقتۇر ئېلان ئەمەس . ئىنكاس يازدىغان بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ نېمە ئويلايدغىنىنىمۇ چۈشنەلمەيمەن ھىچ .ئىنكاس دىگەن تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا باشقىلا ئىنكاسنى كۆرۈپ تېما ئىچىدە يوق نەرسىلەرنى بىلىۋىلىشقا پايدىسى بار.
    ھەم ئوزىنىڭ مەيدانىنى ئېنىق، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تەسەۋۇرلىرىنى يازسا ، تاينى يوق دىۋان، قىززىق دىگەن گەپلەرنى يىزىپ .

    • ئابومجان 2013.04.04 , 08:16

      سىزنىڭ گىپىڭىز راستىنلا ئورۇنلۇقكەن ، لىكىن دىۋان تالىشىشىمۇ تورخۇمارنىڭ بىر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ، خېلى كۆپ باللا دىۋان تالىشىپ بۇلۇپ بىر چىرايلىق ئىنكاسنى يېزىپ قۇيىۋاتمامدۇ ، ئەڭ ياخشى بۇنداق زىغىرلىشىپ كەتمەيلى ، سىزمۇ تىمىنى كۈرۈپ بۇلۇپ مېغىزلىق ئىنكاسلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ ، بىز سىزنىڭكىنى ئوقۇيلى … بىر تېمىنىڭ كۆرۈلىشى نەچچە مىڭ قېتىم ، ئىنكاس كۆپ بولسا 40 نەچچە ئەتراپىدا ، بىزغۇ دىۋان تالىشىپمۇ بولسا يازغۇچىنى قوللاپ ئىنكاس يېزىپتۇق ، باشقىلارچۇ ؟ ھە راس ، تور خۇمارادا يۈرگىلى خېلى بوپتۇ ، سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى تۇنجى كۆرۈشۈم ، ئەگەر يەنىلا مېغىزلىق ئىنكاس يازماندىكەنەي دەپ قارىسىڭىز قامۇس كىتاپتىن بىرنى ئېلىپ ئۇقۇڭ ، ئىچىدىكىنىڭ ھەممىسى مېغىز

    • قاراخان 2013.04.04 , 12:39

      ئابومجان توغرا دەيدۇ، تورداشلارنىڭ قىزىقىشىغا سوغۇق سۇ سەپمەي، دېۋان دىگەن گەپكە ئۆچ بولسىڭىز ئىنكاس ئوقۇغاندا ئاستىدىن ئۈستىگە قاراپ ئوقۇسىڭىز بولمىدىمۇ! ئىنكاسلارنىڭ ئاز بىر قىسمى تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ لىكىن تورداشلار ئارا بىر-بىرىنىڭ زىتىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشماي ئۆز-ئارا پىكىرلەشكەننىڭ، چاقچاقلاشقاننىڭ زىيىنى يوققۇ دەيمە؟

  9. غېرىپجان 2013.04.04 , 11:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ دىۋانى ھېچقانداق دىۋانغا ئوخشىمايدۇ جۇما
    شۇنداقتىمۇ دىۋان تالاشماي پەگا بولسىمۇ گازىر چاققاش ئولتۇرۇپ
    مېغىزلىق ئىنكاسلىرىڭلىنى قالدۇرۋەتمەمسىلەر، تىنىچلىق بىرىنچى،دىۋان
    ئىككىنچى.:mrgreen:

  10. غېرىپجان 2013.04.04 , 11:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ دىۋانى ھېچقانداق دىۋانغا ئوخشىمايدۇ جۇما
    شۇنداقتىمۇ دىۋان تالاشماي پەگا بولسىمۇ گازىر چاققاش ئولتۇرۇپ
    مېغىزلىق ئىنكاسلىرىڭلىنى قالدۇرۋەتمەمسىلەر، تىنىچلىق بىرىنچى،دىۋان
    ئىككىنچى:mrgreen:

  11. ئىستەمى 2013.04.05 , 01:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دەھشەت لاۋزا گۇيكەن بۇ … :lol:

  12. شامال 2013.04.05 , 15:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي بالىلا! دىققەت قىلمىدىڭلارمۇ ؟! فىلىمدىكى قىز پېرسوناژنىڭ بېشىدا ئالمىنىڭ ماركىسى بېسىلغان بىر نەرسە تۇرىدۇغۇ ؟ ( نېمىلىكىنى بىلەلمىدىم :evil:)
    گوگۇل بىلەن ئالما شىركىتى ئەمدى نېمە ئويۇنلارنى ئويناپ چىقار ؟:eek::evil:

  13. ئالىم 2013.04.05 , 20:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەييييييي مۇشۇنداق كۈزەينەك مەندىمۇ بولغان بولسا ئىمتاھانلاردا قىينالمايتىم ئەمەسما ……..

  14. بۆرەيار 2013.04.07 , 16:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھ:mrgreen:

  15. سەرسان 2013.04.11 , 17:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ كۆز ئەينەك خوتۇنۇم بىلەن گەپ تالشىپ قالغان چاغدا بەك ئەسقاتقۇدەك جۇمۇ. ئۇ سۆزلەۋەرسە مەن كېنۇ كۆرۇپ ئولتۇرسام:mrgreen:

  16. yaxa10 2013.04.11 , 22:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ قىز ئۇيغۇر قىزىغا ئوخشامدۇ نىمە

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量