جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «تۆمۈر پالۋان3» | ئوخشاش بىر كىنو ئوخشىمىغان ئىككى خىل نەشىر
ھەر قىسىم كىنو-فىلىملەرگە نىسپەتەن كۆرۈرمەنلەر“导演剪辑版“ ۋە ”加长版“ قاتارلىقلارغا كۆنۈپ كەتكەن بۇ زاماندا، ھەرقايسى كىنوخانىلاردا ئوخشاش بىر كىنودىن ئوخشىمىغان ئۇزۇنلۇق ۋە ئوخشىمىغان ئېلىمېنتلار ئارا ھوزۇرلىنىش نورمال بىر ھادىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەمما فىلىم گۇرۇپپىسى ئوخشاش بىر كىنوغا نىسپەتەن ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىككى خىل نەشىردىكى ئەسەرنى بازارغا سالغاندا ئىشلار مۇرەككەپلىششىكە باشلىدى. مانا بۇ دەل «تۆمۈر پالۋان3» فىلىم گۇرۇپپىسى چىقارغان قىلىق بولۇپ، 5- ئاينىڭ 3- كۈنى قويۇلىدىغان بۇ كىنو ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە جۇڭگو نەشىرىنى تەڭلا ئوتتۇرىغا چىقاردى.
Marvel خىزمەت گۇرۇپپىسى يېقىندا ئاشكارلىغان بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگو نەشىردىكى «تۆمۈر پالۋان3»دە جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئېلىمېنتلار زور سالماقنى ئىگىلەيدىكەنمىش. ئېيتىلىشىچە بۇ Marvel بىلەن DMG (جۇڭگو) نىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ھوسۇلىكەن.
ھەر ئىككى خىل نەشىردىكى «تۆمۈر پالۋان3» ئوخشاشلا بۇلتۇر 12- ئايدا بېيجىڭدا سۈرەتكە ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوخشىمايدىغىنى بولسا جۇڭگو نەشىرىدىكى «تۆمۈر پالۋان3» دە دۆلىتىمىز ئارتىسى 范冰冰 نىڭ ئېكرانغا چىقىش نىسپىتى تېخىمۇ يۇقىرى. ئەلۋەتتە يەنە مەخسۇس جۇڭگو كۆرۈرمەنلىرى ئۈچۈن ئىشلەنگەن كۆرۈنۈشلەرمۇ بار.
ناھايتى ئېنىقكى بۇ ھادىسە مەزكۇر كىنو ۋەقەلىك راۋاجىنىڭ ئېھتىياجىدىن بولماستىن، بەلكى ئامېرىكا كىنوچىلىقىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا بولغان يۈكسەك «ئېتىبار بېرىشى» دۇر. چۈنكى جۇڭگو ئاللىقاچان ئامېرىكا كىنولىرىنىڭ ئىككىنچى چوڭ بازىرىغا ئايلىنىپ بولدى. 2012- يىلى جۇڭگودا، ئامېرىكا كىنولىرى بېلەت كىرىمى 31 پوئىنت ئېشىپ، ساپ كىرىمنى 2 مىليارد 750 مىڭ دوللارغا يەتتى. مۆلچەرلىنىشىچە 2020- يىلىغا بارغاندا ئامېرىكا كىنولىرىنىڭ جۇڭگو بازىرى، ئامېرىكا ئۆز بازىرىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىشى مۈمكىن.
«تۆمۈر پالۋان3» نىڭ جۇڭگو بازىرىغا بولغان ئېتىبارى يىڭىچە قىياپەت ياراتتى. ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ تۇنجى قېتىملىق ئېتىبار بېرىش ئەمەس. بۇلتۇر جۇڭگودا قويۇلغان 《环形使者》 دا، شاڭخەيدە سۈرەتكە ئېلىنغان بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر چىقتى. ئەمما باشقا دۆلەتلەردە بولسا بۇ بۆلەكنىڭ سۈرەتكە ئېلىنغان ئورنى پارژ. ئوخشاشلا «قار كىيىملىك كىشىلەر3» مۇ جۇڭگودا قويۇلۇشتىن بۇرۇنلا، جۇڭگو مۇھىتىغا ماس كەلمەيدىغان خېلى كۆپ كۆرۈنۈشلەر كېسىۋېتىلگەن. بۇلتۇر ئېلان قىلىنغان 《红色黎明》دىمۇ فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ، زور بىر تۈركۈم كۆرۈرمەنلەر توپىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن، فىلىم ئېلان قىلىنماستىلا تاجاۋۇزچى دۆلەت تەۋەلىكىنى جۇڭگودىن چاۋشىيەنگە ئۆزگەرتىۋەتكەن. مانا بۇلار جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك كېسىپ تەھرىرلەش مىساللىرىنىڭ ئاز بىر قىسىمى خالاس. ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق بىر كىنو-فىلىمنى تولۇق سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن يەنىلا نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر كېسىۋېتىلىدۇ. خۇددى ئىلگىرى يوللىغان «Life of Pi» دەك.
تۆمۈر پالۋان3 نىڭ ئەڭ يېڭى تەشۋىق فىلىمى:
گەپنى قىسقارتىپ يەنىلا «تۆمۈر پالۋان3» كەلسەك، مەزكۇر فىلىم ھوللىۋودنىڭ ئۇتۇق قازانغان قەھرىمانلىق قىسسىلىرىنىڭ بىرى. ئالدىنقى قىسىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرگەن نۇرغۇن تورخۇمارلار بەلكىم يېڭى بۆلۈمىنى سەككىز كۆزى بىلەن كۈتۈپ تۇرۋاتقان بولۇشى مۈمكىن. يولداش تەدبىركارمۇ تۆمۈر پالۋان مەستانىسى بولۇپ، ھەمىشە قەغەز يەشىكتىن سالۇت ياساپ مەلىدىكى بالىلار بىلەن سوقاش ئوينايدۇ. ھەتتا 5-ئاينىڭ 3- كۈنىنى بۇلتۇرنىڭ قىش ئايلىرىدىن باشلاپلا كۈتۈشكە باشلىغان. ئەمدى كىنوخانىدا قويۇلىدىغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە«تۆمۈر پالۋان»غا قانداق باھا بېرەركىن، تۆۋەندە ئۇنىڭ نادىر ئىنكاسلىرىدىن جاۋابىنى كۈتەيلى !
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەھرىرلەش، فىلىم، كىنو، يېڭىلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: china-version-ironman.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھورۇنلارنىڭ ئۇيقۇسىنى ئاچىدىغان ۋەھشەت قىلىقلار | ئەتراپىڭىزدا مۇشۇنداق چاقچاق كۆتۈرىدىغانلار بارمۇ؟
- كېيىنكى يازما > Google Glass(گۇگېل كۆزەينىكى)نى تاقاپ قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا بارغاندا…
- ئوسكاردا ئەڭ نادىر كۆرۈنمە ئۈنۈم مۇكاپاتىغا ئىسمى ئاتالغان فىلىملەرنىڭ كىرىشتۈرۈلمىسى 1-پەسىل
- «يەرشارى فىلىم ئېكىسكۇرسىيىسى 2013» – توردىكى ئۇنۋېرسال كۆرۈنۈشلەرنىڭ كىرىشتۈرۈلمىسى، قالتىس چىقىپتۇ
- ھەزىللەشتۈرۈلگەن COD پۇرىقىدىكى «مارىيو جېڭى» فىلىمى، ئۈنۈملىرى خۇددى چوڭ كىنولاردىكىدەكلا چىقىپتۇ
- سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى ئىشلىگەن قورقۇنچلۇق مىكرو فىلىم: سايە
- يەنە بىر يۈرۈش قالتىس كىرىشتۈرۈلمە | 61 بۆلۈم ئايال چولپانلارنىڭ ھەرىكەتلىك فىلىملىرىنىڭ توپلانمىسى
- كىنو-فىلىملەردىكى قايسى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ تويۇپ قالدىڭىز؟
- كىچىكىمىزدە كۆرۈپ قانمايدىغان گۇمپا چولپانلىرىنىڭ كىنولىرىدىكى ماھارەت توپلىمى، قايسى كىنولارنى كۆرۈپتىكەنسىز؟
- تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كاتتا ئىشلەنگەن مۇردا فىلىمى – مۇردىلار دۇنياسىدىكى جەڭ(World War Z) نىڭ CG ئىشلىنىش تەپسىلاتى
- بىز X1 Parkour گۇرۇپپىسىنىڭ 3 يىل جەريانىدا چىقارغان پاركور فىلىملىرىمىز…
- [ئۇيغۇرچە خەتلىك] كىشىنى ئويغا سالىدىغان قىسقا فىلىم – نۆلنىڭ ھاياتى(Zero)
دىۋان مىنىڭكى
نىمە ئۈچۈن تور بىتىڭىزگە خىرىستىيانلارنىڭ دىن تەشۋىقات ئىلانىنى قويىسىز،
ئەڭ ئۈستىدىكى كۆك كۆزنەك شۇ ئىلان، بۇ ئىلاننى چىكىپ كورۇپ بىقىڭ.
يەن(Jueses loves you )ئىيسا سىزنى سۆيىدۇ يەنى خىرىستىيان دىنىدىكى تەڭرى سىزنى سۆيىدۇ دىگەن مەنىدە.
تۆمۈر پالۋاننىڭ تاغتۇرا نۇسقىسىكەندە بۇ، دۆلىتىمىزغۇ دوراپ ياساشتا بىرىنچى ئورۇندا
بۇنى دۆلىتىمىز دوراپ ياسىماپتۇ، تېمىنى ئەستايىدىل بىر ئوقۇپ بېقىڭ
بۈگەن تور خۇمار بەكلا چۆلدەرەپ قالدىغۇ …
بۇ ئىسسىقتا ھىچكىمنىڭ سىرىتقا چىققىسى كەمەمدۇ نىمە ؟؟
مانداق گەپ بار دەيلى، جۇڭگۇچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۆمۈر پالۋانكەندە.
ئۇف …
يېڭى تېمىلارنى ھەممىنى بىر-بىرلەپ ئۇقۇپ تۈگەتتىم ..
ئاۋۇ كونۇپكا خېلى قولايلىقكەن ، تېمىنىڭ ئەڭ يېڭىسى مۇشۇ دەپ ئاچچىقلاپ قويدى ….
ئالدىنقى قىتىم، قايسى بىر توردا 成人版阿凡达دەپ تۇرىدىكەن، چۈشۈرۈپ كۆرۈپ ھەيران قالدىم، شۇنداق داڭلىق كىنونىڭ باش پىرسۇناژلىرى سىرىق فىلىم ئىشلەيدىكەن ئەمەسمۇ! 阿凡达نىڭ سىرىق نۇسخسى ئىكەن، ئىناۋىتىنىڭ چۈشۈپ كىتىشدىن قورىقمايدىغان ھايۋانلاركەن.
بۇنىمۇ كۆرۈپ باققۇلۇق…
ئامېرىكىدا قويۇلدىغىنىنى «تۆمۈر پالۋان»، جۇڭگودا قويۇلدىغىنىنى «تومۇر پالۋان» دەيدىكەنمىزدە…ھا..ھا…
مۇشاۋىركامنىڭ كۆزىدىن چىۋىننىڭ شۆلگىيىمۇ قېچىپ قۇتىلالمايدۇ جۇمۇ … تۈزۈتۈپ قويدۇم.
مەنمۇ بايقىماپتىىكەنمە ئەمدى ئويلىسام …..
«تۆلەت تەۋەلىكىنى جۇڭگودىن چاۋشىيەنگە ئۆزگەرتىۋەتكەن» دېگەن يەردىكى « تۆلەت » دېگەننى تۈزىتىۋېتىڭە .
بىر خىللا ئىشلىسە بولمامدۇ قالايىمقان قىلىپ
ئاز كۇندىن كيىن شىنجاڭ چە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۆمۈر پالۋان چىقىدۇ
تىزراق چىقىشىنى كۈتىۋاتىمەن بۇ كىنىونىڭ……
يېڭىلىنىشى كارامەت تىزغۇ!
ھە راست، تورخۇماردا خېلى يېڭىلىقلار بوپتۇ، ما قېتىپ ‹ دۇختۇرخانا ›دىن چىققاندىن كېيىن!
مېنىڭ يەنە كىچىك بىر تەكلىپىم باتتى، ئنكاس يوللىنىپ بولغاندىن كېيىن مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە ئىنكاسنى قايتا تەھرىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولسا..
ھە راسىت،
تورخۇمارنىڭ ئاي پەد نۇسخىسىنى app store دىن نېمە دەپ ئىزدەيمز،
تۆمۇر پالۋان ئەمس تومۇر پالۋانكەن ،تومۇرنى تۇتۇپ ئىش قىلىدىكەن ئەمەسمۇ.
نېمە پاراڭ؟
لاۋزا گەپ
كۆرۈپ بولدۇم. فىرانسىيە ئۈچۈن ئىشلىگىنىنى