[ئۇيغۇرچە خەتلىك] كىشىنى ئويغا سالىدىغان قىسقا فىلىم – نۆلنىڭ ھاياتى(Zero)
«نۆل(Zero)» بولسا Christopher Kezelos بىر قانچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلەپ چىققان قاتۇرما كارتون، ھېكايە تەقدىر ۋە ئىقتىدار تۇغۇلىشىدىنلا بەلگىلىۋېتىلىدىغان بىر دۇنيادا بايان قىلىنىدۇ، 9 بولسا قابىلدارلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، سانى قانچە كىچىك بولغانسىرى ئىقتىدارى شۇنچە ئاجىز بولىدۇ. ھالبۇكى بىزنىڭ باش پېرسوناژىمىز بولسا، بىچارە نۆل ئىدى، ئۇ ئىزچىل كىشىلەرنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايدۇ، تاكى ھاياتىدىكى يەنە بىر نۆلنى يولۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ئەسلىدە دۇنيادا يەنە بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ بولسىمۇ مۇھەببەت ئىدى…
«نۆل» 2010-يىللىق ئوسكار ئەڭ نادىر قىسقا فىلىم نامزاتلىقىغا كىرگەن، كېيىن يەنە ھەرقايسى كىنو كۆرەكلىرىدە خېلى كۆپ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. مۇشۇنداق نادىر فىلىمنى تورخۇمارلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرمەسلىككە كۆڭلىمىز ئۇنىماي، ئازراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ چىقتۇق، ياقتۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
نۆل – Zero
بىر قىسىم تورداشلارنىڭ چۈشۈرۈپ ساقلىۋېلىش ئىستىكىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئويلىشىپ، مەزكۇر فىلىمنى يەنە تور دېسكىسىغا يوللاپ قويدۇم. ساقلىۋېلىپ سەپەردە ياكى ۋاقىت چىققاندا كۆرسىڭىزمۇ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
«Zero – نۆل» 720P ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش:
تور دېسكىسىدىن چۈشۈرۈڭ | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇيغۇرچە، فىلىم، كارتون، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 19,664 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 03-كۈنى
- يازما مەنزىلى: zero-anime.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەتراپىمىزدىكى گۈزەل دەقىقىلەرنى بەلكىم پەقەت ۋاقىت ئىزىدا توختىغان چاغدىلا ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن
- كېيىنكى يازما > ئەنگىلىيىلىك سېھرىگەرنىڭ قوش قەۋەت ئاپتوبۇستا كۆرسەتكەن سىرلىق «لەيلەش» ماھارىتى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
ئۇھ ھېجەپ جىددىيلىشپ كېتتىم ، مىشە شۇمۇ يا
مۇشتا ئوسكاردا مۇكاپاتقا ئىرىشكەن،ھەم ئىرىشەي دەپ قاغان كالتە فىلىملەرنىڭ بەك مەنىسى باكەن ، 30كوي تۈلەپ كىنوخانىدا لاۋزا كىنو كۆگەندىن مىڭ ئەھمىيەتلىك جىما
【بۇ ئوسكار دىگەن تازىمۇ بىر 万能充电器غا ئوخشايدىغان ئىسىمكەن ،ئوسكار مۇكاپاتىنىمۇ ئوسكار ئىسىملىك بىر ئاداش تەسس قىغان بوغىيتى ھەقچان ، ئۈرۈمچىدە ئوسكار دەپ بىر كىنوخانا باكەن،بىر تۇنىشىمنىڭ ئىسمىمۇ ئوسكار ، يامان يىرى تاغام ئامراق ئىتىغا ئوسكار دەپ ئىسىم قۇيۇۋاپتىكەن ، ئوسكار ئاتلىق دوستۇڭلا بوسا خاپوپ كەتمەڭلا باللا 】
رەھمەت ئېسلكەن .
بۇ قىسقا فىلىمنىڭ مەزمۇنى ياخشىكەن.
ھەقىقەتەن قالتىس ئىشلەپتۇ ، بەك ھۇزۇرلاندىم ، رەھمەت
كۇلۇبىمىزدا مۇشۇنداق قىسقا ، ئەھمىيەتلىك فىلىملەرنىڭ دائىم قويۇلۇپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، بولۇپمۇ تەرجىمە قىلىنغانلىرىنى ، شۇڭا جاپاكەش تەرجىمانلىرىمىزغا ئاپىرىن!!! ھارمىغايسىلەر ……
مۇشۇنداق نادىر فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت…
ئۇزۇن زامانلار بولۇپ كېتىپتۇ، تورخۇماردا ئىجادىي يازما كۆرمىگىلى
سۈرخان، ياخشىمۇسىز، مەن سىزنى ئىزدىمەكچى ئىدىم، كۇكۇ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرسىڭىز.
تورخۇماردىكى دوستلار ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر، بۇ فىلىم بەك پىچەتكەن
surxon@hotmail.com
ھازىر قايسى دەۋىر، كۇكۇ ئوينىمايمىز، skypeنۇمۇرۇم ئاشۇ، قوشىۋىلىڭ
ياخشى نەرسىلەر يەنىلا تورخۇماردىن تىپىلىدىكەن
بۇ سىتوپ موشىن راسلا بەك پەيزى چىقىپتۇ .،.
بۇ فىلىمى كۆرۈپ بۇ سۈرە يادىمغا كەپ قالدى:
بىز ئىنساننى شەك-شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق. سۈرە«تىن»، 4-ئايەت
ئابدۇ خىلىل بىلەن ئابوم ئاداشنىڭ ئىمكاسىنىڭ خىلى جىنى باركەن تورخۇمارغا مەنمۇ خۇمار
ىوسكار دىگەن بۇ سۈز بىر تازلىق ىىشچىسىنىڭ نامى بىلەت ىاتىلىپ قالغانغۇ دەيمەن , ماتىريالدا باتتى ىۇنتۇپ قاپتىمەن
ھەقىقەتەن مەنىسى چوڭقۇركەن ، بارلىق ئىشلىرىمىز 0 دىن باشلىنىدۇ ،
ھەقىقەتەن بەك مەزمۇنلۇقكەن…
بۇ قىسقا فىلىم بەكلا ياراپ كەتتى ماڭا…
ئەھمىيەتلىك تىما يوللىشىپلا مەن بەك تەسىرلەندىم ،ئارمىزدىكى نۆللەر ئەڭ قەيسەر بەندىلەردۇر…
مەزمونى بەك ئىسىلكەن،رەھمەت!
بەك ئېسلكەن
بەك ياخشىكەن
چىقمايدىغۇ………………….. ؟