ئەنگىلىيىلىك سېھرىگەرنىڭ قوش قەۋەت ئاپتوبۇستا كۆرسەتكەن سىرلىق «لەيلەش» ماھارىتى
تېخى يېقىندا، ئەنگلىيەلىك سېھرىگەر سىتىيۋېن فلېيىن لوندوندا ئېگىزلىكى تەخمىنەن 4.6 مېتىر كېلىدىغان قوش قەۋەتلىك ئاپتوبۇستا سىرلىق «لەيلەش» ماھارىتى كۆرسەتكەن، ئۇ كۆزەينەك تاقىۋالغان ھالەتتە، ئوڭ قولىدا ئاپتوبۇسنىڭ ئۈستى قىسمىنى تۇتۇپ تۇراتتى، بىراق ئۇنىڭ ئىككى پۇتى ھاۋادا لەيلەپ تۇرغان بولۇپ، بۇ مەنزىرىنى شۇ ۋاقىتتىكى نۇرغۇن كىشىلەر نەقمەيداندا كۆرگەن…
قوش قەۋەتلىك ئاپتوبۇستىكى سىرلىق «لەيلەش» ماھارىتى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: سىرلىق، سېھرىگەرلىك، ماھارەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,183 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: floating-alongside-a-london-bus.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [ئۇيغۇرچە خەتلىك] كىشىنى ئويغا سالىدىغان قىسقا فىلىم – نۆلنىڭ ھاياتى(Zero)
- كېيىنكى يازما > ئېلاندىنمۇ ھوزۇرلانغان بارمۇ؟ تورخۇماردىكىلەر ئۈچۈن ھەممىسى ھۇزۇر! ئاپتوموبېل ئېلانى دېگەننى تۆكۈۋەتتىم
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- بېشىدا ياڭاق چېقىپ دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان پاكىستانلىق يىگىت [V]
- HUVr نىڭ لەيلىمە سىيرىلما تاختىسى تەشۋىقات فىلىمى BELIEF
- كىشى ئويلاپ باقمىغان ئاجايىپ قىزىقارلىق تەجرىبىلەر
- ئۆتكەن بىر يىلقى توردا نام چىقارغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ كارامەتلىرى توپلانمىسى
- ۋەھشەت ئويناپ قويغان كوچا پۇتبولى! توپ دېگەن پۇتقا چاپلىشىپلا تۇرىدىكەنغۇ بۇلارنىڭ؟!
- سىرلىق تىك-تاك پىچاق زادى قانداق ئىش؟ تىك-تاك پىچاقچىلار يەنە نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراشتۇ؟
دىۋان،ھىھى ئاۋال دىۋان ئاندىن يازما،مەنمۇ ئولتۇرۇپ باقاي مانىڭدا ھاھا
ما ئاداش قانداق قىلغاندۇ مانى؟قىزىقىپ قالدىم،ئەگەر بىر ئادەم راست شۇنداق تۇرالىسا بىلىكىدە ئۆكۈزنىڭ كۈچى بار ئادەممۇ ئۇنداق تۇرالماس….(مۇئاۋىن دىۋانچىنىڭ ئورنىمۇ مىنىڭ بولدى مانا)
كولانىڭ ئېلانىدەك قىلىپ تۇرىدۇ،كولا شىركىتى دائىم مۇشۇنداق ئاجايىپ ئېلان ئىشلەيدۇ ئەمەسمۇ.
بۇ pepsi cola نىڭ ئېلانىمۇ نېمە؟
ئامما دەھششەت ماز ئادەملەر باردە تىمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس يازماي دىۋان دىۋان دەپلا …………. توۋاااااااااااااااا ، بالام ئۇنداق بوپ قالمىسۇن .
سېسىق گەپ قىلىۋېلىپ ئىچىللىرى بۇشاپمۇ قالغاندۇ ھەقچان ؟ ئامما ئاشۇ ماز ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا سىلىمۇ باكەنلا ،قېنى سىلىنىڭ مۇشۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك يازغان بىژمىللىرى ؟ توۋااااا…مىنىڭ بالاممۇ سىلىدەك بۇلۇپ قالمىسۇن !
تىلىمىزنىڭ ئارىسىدا شۇنداق سۆزلەر باركى ، ئوتتىن قىززىق ، تۆمۈردىن قاتتىق ، زەھەردىن ئاچچىق ، ئويناپ سۆزلىسەكمۇ ئويلاپراق سۆزلەيلى خۇماداشلار ، بىلىپ بىلمەي باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بىرىپ قويمايلى ، ھەممەيلەن خۇشاللىق ئىزدەپ جەم بۇلۇپتۇق ، ئەپۇچان بۇلايلى ، كىچىككىنە ئىش ئۈچۈن بۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى
بۇ داڭىلق سېھرىگەر … ئۇ بۇ بىرنەچچە يىلدىن بىرى نۇرغۇن ماھارەت كورسەتتى ھەم كىشىلەرنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى … بۇقىتىمقى ماھارىتىنى چەتئەل تاماشىبىنلىرى ئۇنىڭ ماھارىتىنى تەتقىق قىلىپ ئۇنىڭ يالغان قول ئىشلىتىپ بۇ قولنى ئاپتۇبۇس بىلەن بەدىنىگە مۇقىملاشتۇرۇپ ئاشۇنداق ماھارەت ئورۇندىغانلىقىنى ئاشكارلىۋەتتى ….
پۈتۈنلەي ساختا كۆرۈنۈش، ئىنسانىيەت تارىخىدا ھەقىقى ئۇچىدىغان ئادەم يوق. سېھرىگەرلىكنىڭ ھەممىسى ئالدامچىلىق. ئىشنىشكە بولمايدۇ، ئىشىنىشكە توغرا كەلسە بىر ئاللاھقا ئىشەنسەك بولىدۇ.
ئىنسانىيەت تارىخى دەپ مۇقۇملاشتۇرۇپ سۆزلىمەڭ،چۈنكى تىخى ئىنسانىيەتنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقىنى بىلمىگەن ئىنسان،مۇقۇملاشتۇرۇپ ئۇچىدىغان ئادەم يوق دىۋەتمەڭ، پەقەت بىز بىلىدىغان تارىختا يوق،ئەمما بار يوقلىقى بىر رەببىمىزگە ئايان،بىلىش دائىرىمىزدە يوق دىسىڭىز تولىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ جەمئىيەتكە چىققۇچە 15 يىلدىن كۆپىرەك ئوقۇپتىمەن، شۇ جەرياندا مەيلى دەرسلىك كىتاب بولسۇن ياكى باشقا كىتابلار بولسۇن خېلى كۆپ كىتابلارنى ئوقۇدۇم، بىرەر تارىخى كىتابتا ئادەمنىڭ ھېچقانداق نەرسىگە تايانماي ئاسماندا ئۇچقىنىنى كۆرمىدىم. بۇنداق دىسەم چاڭئېنىڭ ئايغا چىقىشى، سۈنۋۇكۇڭنىڭ ئەرىشنى مالىمان قىلىشى دەپ با دەپ تۇرۋالماڭلا، ھەممىسى توقۇلما.
مەكتەپتىمۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن سېھىرىگەرلىككە دائىر خېلى كۆپ سۇئاللار سورالغان، خېلى داڭلىق فىزىكا، خېمىيە ۋە ياكى باشقا پەندىن دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ سېھىرىگەرلىكنى راست دەپ باقمىدى.
ئاددىي مىسال: يۇقارقى سېھىرىگەرنى قوش قەۋەتلىك ئاپتىبوس بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلۈپ ئۇچتىمۇ دەيلى. ئەگەر راستىنلا شۇنداق كارامىتى بولسا ئۇنىڭ خەۋىرى بىر قېتىم ئەمەس ھەپتىسىگە نەچچە قېتىم چىقىپ تۇراتتى. (ھازىرقى تاراتقۇلار يېڭى خەۋەرلەرنى يوللاش ئۈچۈن ئۇنداقلارنى ماراپ ياتماي قالمايدۇ، بىرەر داڭلىق كىنو چولپىنى سىرىتقا تۈنۈگۈنكىگە ئوخشىمايدىغان كىيىم كىيىپ چىقىپ، ئۆيىگە قايتىپ كېتىپ بولغىچە خەۋىرى تورغا چىقىپ بولىدىغان تۇرسا).
ھازىرغىچە ئۇچتى، سۇدا ماڭدى، ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق دىگەن سېھىرىگەرلەر شۇ ماھارىتىنى بىر نەچچە قېتىملا ئويناپ قايتا ئوينىمىدى، بۇ نىمە ئۈچۈن؟
ئەگەر مەندە شۇنداق ماھارەت بولغان بولسا ھەركۈنى خىزمەت ئورنۇمغا «ئۇچۇپ» بېرىپ «ئۇچۇپ» كېلەتتىم. ئۇچىدىغان ئادەم با دىسە ئادىل ھوشۇردەك دارۋازلارنى دىسەك بولىدۇ.
سىز ئاللاھقا ئىشەنگەن ھالدا قۇرئاننى ئوقۇپ باققان بولسىڭىز بىلگەن بولاتتىڭىز .
سىز ئادەمنىڭ ھېچقانداق نەرسىگە تايانماي ئۇچقىنىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەنمۇ؟
مۇشۇ ئىنكاسقا مازنى باسقان ئادەمنى لېكىن ئاشۇ.،….. خەير ئاللا توغرا يولغا باشلىسۇن.
ئىنسانىيەت تارىخىدا يوق دەۋىتىپسىزغۇ…..
بىلگۈچى ئاللاھ كېسىپلا دەۋەتمەڭ…
ما بالىنىڭ كاللىسى سەت ئىشلەپ قۇيىدىكەن لىكىن ، بەك تەبئى چىقىپتۇ ، سىھىرگەرلىك دىگەن ھامان سىھىرگەرلىكتە ، چۇقۇم ساختا يىرى با ، 2011-بۇ بالا ئەنگىلىيە تېمىس دەرياسىدىن ئالدىرىماي كۇچىدا ماڭغاندەك سۇنىڭ ئۈستىدە دەسسەپ ماڭغاندا ، خېلى غۇلغۇلا قوزغاپتىكەن ، ھازىرغىچە تېخى بىرسى بۇ سۇ ئۈستىدە ماڭدىغان سېھىرگەرلىكنىڭ سىرىنى بايقىيامماپتا ، ئا سىننى ئىزدەپ تېپىپ يوللاپ قۇياي ، تورخۇماردا بىلىمدارلا ئاز ئەمەس ، ئۆزىمىزلا تېپىۋەتمەمدۇق ، تورخۇمارنىڭ نامى شۇنىڭ بىلەن چەت ئەللەگىمۇ چىكىتەمدۇ تېخى ھې ھى ھا
كىلىس ئەنجىرنىڭ شۇنداق ئۇچۇچقان، سۇ ئۈستىدە ماڭغان، دىگەندەك ماھارەتلىرى نۇرغۇن، لازىم بولسا (Criss Angel (克里斯·安吉尔 دەپ بەيدۇلاڭ، ئالدىڭىزغا چىنشىخۇاڭنىڭ ئەسكەرلىرىدەك تىزىۋىتىدۇ
مەنمۇ ئىشلىيەلەيمەن بۇندا ئىلاننى نەچچە سىنارىيە بار لىكىن سىزدىن يوشۇرمايمەن پۇل يوق
قاچاندىن بىرى مۇشۇ تورخۇماردا دېۋان تالشىش باشلىنىپ كەتكەندۇ دەيمەن؟تېتىملىق ئىنكاسلار اتىدۇۋئازىي
مۇشۇ يالغاننى راستتەك قىلىپ كۆزنى ئالدىۋېتەلەيدىغان كىشىلەرگە قول قويىمەن
مەن ئۇچالايمەن.
800كوي پۇل بىلەن ئۈرۈمچىگە ئۇچىلا قارىم .لىكىن سىھرىگەرلىككە سۇدا ماڭدى ئۇچتى دەيسىلە ھەممىسى سۈننىي نەخ مەيدان 10000 كوي پۇل بەرسىڭىز مەنمۇ سىزگە5مىنۇتلۇق چانمايدىغان videoئىشلەپ بىرەلەيمەن ئابومجان ئارقىلىق مىنى تاپالايسىز
pepsi max ئىچىملىكنىڭ ئېلانى كەنغۇ
ۈچ تۈمەنگە گىپنوز ۈگەنسىڭىز، ۇچالايدىغان بولىدىكەنسىزمىش، لىكىنغۇ مەنمۇ كۆرۈپ باقمىدىم، قىززىققۇچىلار بولسا توردىن ماتىريال ىزدەپ باقساڭلا بولىدۇ
مەنمۇ ھەيران قالدىم.بۇنى قانداق چۈشىنىش كىرەك.
مەخسىتى دىققىتىمىزنى تارتىش ئىكەن