نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

بېشىدا ياڭاق چېقىپ دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان پاكىستانلىق يىگىت [V]

ئالدىنقى ئايدا پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن Punjab ياشلار بايرىمىدا نۇرغۇن غەلىتە ئىشلار يۈز بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە Mohammad Rashid دېگەن بالاڭزا بىر مىنۇتتا 155 تال ياڭاقنى چېقىۋېتىپ دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان ئىشمۇ بار، ئەلۋەتتە، ئۇ ھېچقانداق ئۈسكۈنە ئىشلەتمىگەن، پەقەت پىشانىسى بىلەن بۇ ياڭاقلارنىڭ ۋەتۋەرىكىنى چىقىرىۋەتكەن.

strong-pakistani

ياڭاقلار ئۇزۇن جوزىغا ئىككى رەت قىلىپ تىزىلغان بولۇپ، باشلاندى دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ Rashid خۇددى غەزەپلەنگەن بۇقىغا ئوخشاش تەلۋىلەرچە بۇ ياڭاقلارنى كاللا قويۇشقا باشلىغان. تاكى توختا دېگەن ئاۋاز ئاڭلانغىچە بۇ بالاڭزا ئەستايىدىللىق بىلەن ياڭاق چاققان. ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ پىشانىسىدە كىچىككىنە يارا ئېغىزى پەيدا بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇ ھېچئىش بولمىغاندەك كۈلۈمسىرەپ تۇرغان. ئۇنىڭ كۈلۈشىدىكى سەۋەپ بولسا، ئۇ ئىلگىرىكى بىر مىنۇتتا 44 تال ياڭاق چېقىش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىكەن.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئوقۇ 2014.03.28 , 14:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما بالا راس يامانكەن …

  2. مەرۋايىت 2014.03.28 , 14:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قالتىسكىنا…
    مەنغۇ ئىككى ئالقىنىمغا ئېلىپمۇ ئاران چاقىمە بەزىبىر بەز ياڭاقلارنى…
    ھەي مۇشۇ دۇنيا جىننىس رىكورتى قامۇسىغا كىرسە، بىرەر پايدا-مەنپەئەتىمۇ بارمىدۇ؟

    • Forever 2014.03.28 , 18:31

      چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئاسان ئەمەس ، ئادەتتىكى ئىشلارنى ياخشى قىلىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس .
      مەيلى قانچىلىك كىچىك ئىش بولىشىدىن قەتئىي نەزەر « جىنىس رىكورتىغا كىردى » دىگەننىڭ ئۆزىمۇ بىر نەتىجە ھېساپلىنىدۇ …

  3. ئىلىگبەگ 2014.03.28 , 14:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھېلىقى بېشى بىلەن قىش چاققان ياپۇنىيەلىك قىزچاققا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قۇيۇپتۇدە بۇ بالاڭزا.

  4. شاھزاد 2014.03.28 , 15:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەممىسى خەسە ياڭاقتۇ خېخې

  5. بۆرەزادە 2014.03.28 , 15:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالامەت چېقىپ قويدىغۇ … سۇرئەت تىزكەن …

  6. رىۋايەت 2014.03.28 , 16:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راس ساراڭ پاسكىنىستانلىقكەن ماۋا ،چېقىپ ئىسىراپ قىلغىچە ئاچارچىلىق يۈزبەرگەن رايونلارغا ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ ئەسلى:evil::evil::evil::evil::evil:

  7. Forever 2014.03.28 , 16:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھېلىقى ياپۇنىيىلىكنىڭ ساغرىسىدا ياڭاق چاققان فىلىمىنى قايسىڭلار كۆرگەن :mrgreen:

    • ئوقۇ 2014.03.28 , 17:39

      بولسا يوللىمامدۇق ماندا :grin:

    • Forever 2014.03.28 , 20:58

      مۇشۇ فىلىم شۇ ، بىر مىنۇتتا 43 تال ياڭاقنى كاسىسى بىلەن چىقىپ رىكورت يارىتىش
      http://p.you.video.sina.com.cn/swf/quotePlayer20130808_V4_4_42_7.swf?autoPlay=1&as=0&vid=62104182

    • ئوقۇ 2014.03.28 , 22:06

      ما راس قىزىقارلىق ئىكەن :mrgreen:

    • ئالمىچى 2014.03.29 , 20:24

      يا با بالغا بەرگەن كاسا جىڭ كاسسىكەن جۇما . ئەسىلى ياڭاقنى چىقىپ يىيىشنىڭ ئۇسۇللىرى كۇپكەن ئەمەسما :mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  8. ئېھسان 2014.03.28 , 19:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولسا ئەۋەتىگە تور ئادىرسىنى بىزما بىر كۆرەپ باقىلى

  9. yawaxboy 2014.03.28 , 21:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماندا ئىشلارمۇ بار ئىكەن ھە

  10. ataka 2014.03.29 , 11:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئا كاسسىدا چاققان ياڭاقلار ھارام بولىدىغان بولدى دە ھا ھا كاسسىسىمۇ ئىششىپ كەتكەندۇ ئا بىچارىنىڭ ، دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ ھەي ! :mrgreen::grin:

  11. خىيال 2014.03.29 , 15:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بېشىنىمۇ قوشۇپ چېقىۋىتىپتىغۇ بۇ قارىماتاق ئاداش:mrgreen:

  12. داداش 2014.03.30 , 21:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قانچىلىك ئىشتى بۇ!؟
    مەن 500 دانە تۇخۇمنى چېىقىۋىتىشكە كاپالەت بىرىمەن!

  13. يالپۇز 2014.03.31 , 12:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالەشەرىڭنى …

  14. ئىسيانكار 2014.03.31 , 14:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىزنىڭ باغدىكى قاتتىق پوستلىق ياڭاق بولسا ئاۋۇ بالا بىر ئۈسۈش بىلەن كاللا چېقىش رىكورتىنى بارلىققا كەلتۈرەتتى:razz:

  15. كوكاكولا 2014.04.02 , 00:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ بېشىمغا ئاغىرىق كىرىپكەتتى ئاۋۇ ساراڭنىڭ قىلغان قىلىقىنى كۇرۇپ:dizzy::dizzy::dizzy::dizzy::dizzy::dizzy:

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量