ئىرانلىق فوتوگرافنىڭ كامېراسىدىكى ئىران: رەھىمسىز دۇنيانىڭ يەنە بىر خىل قىياپىتى
بىر قانچە ئايال تېھراندا چىلىم چېكىپ ئولتۇرىدۇ، ئىراندا ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇندا بۇنداق قىلىشى چەكلەنگەن.
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئىران تۈزىمى قاتتىق، ئاۋارىچىلىق كۆپ بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، يەنى كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا ئىران توغرىلىق كېلىدىغان ئۇقۇملار ئاساسەن، رادىكال بېكىنمىچىلىك، رەھىمسىز ئۆلۈم جازاسى، ھەرخىل نامايىشلار، يادرو تەشۋىقاتى ھەم ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېتىپ يۈرۈشى دېگەندەكلەر….
ھالبۇكى، بۇدا ئىرانلىق فوتوگراف Hossein Fatemi تارتقان بىر يۈرۈش سۈرەتلەر، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى تاراتقۇلىرىنىڭ تەشۋىقاتىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يەنە بىر خىل ئىراننى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەرگەن. بۇ بىر يۈرۈش «ئىران سەپىرى» ناملىق سۈرەتلەردىن، كۆپ قسىم كىشىلەر كۆرۈپ باقمىغان ئىراننى قايتىدىن تونۇيالىشىڭىز، بۇ دۆلەتنىڭ كىشى ئويلاپ باقمىغان كۆپ تەرەپلىك سېلىشتۇرما پەرقىنى ھېس قىلالىشىڭىز مۇمكىن.
گەرچە سۈرەتتىكى كىشىلەر قارىماققا شۇنداق خاتىرجەم كۆرۈنسىمۇ، ئەمما سۈرەتنى تارتقان Fatemi غا ئاسان چۈشمىگەن. ئۇ نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاياللار چېنىقىش زالىغا ئاران كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. نۇرغۇن كىشىلەر چىرايىنى چىقىرىشنى، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ تونۇپ قېلىشىنى خالىمىغان. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر دېيىشىپ قويغان ۋاقىت توشقاندا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ۋاز كەچكەن. گەرچە ھەرخىل قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا Fatemi يەنىلا نۇرغۇن قالتىس سۈرەتلەرگە ئېرىشكەن.
مەخسۇس ئاياللار ساتىراچخانىسى، ئەرلەرنىڭ كىرىشى رۇخسەت قىلىنمايدۇ
شەخسى روك مۇزىكا پائالىيتى. روك مۇزىكىسى بۇ يەردە چەكلىنىدۇ، شۇڭا بۇنداق پائالىيەتلەر ھەممىسى ئىنتايىن مەخپىي بولىدۇ.
ئىككى قىزچاق كەچلىك يىغىلىشتا ھاراق ئىچىپ ئۇسۇل ئوينىماقتا.
ئاياللار چېنىقىش زالى
يەرلىك سەنئەتكار Eylya ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ھاراق-تاماكىنىڭ كەيپىنى سۈرمەكتە.
بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ئىتى بىلەن كارۋىتىدا ئارام ئالماقتا. بۇ يەردە ئىت مەينەت دەپ قارالغاچقا، ئەرمەك ھايۋان سۈپىتىدە بېقىلمايدۇ. بەلكى ئىگىسى تەرىپىدىن ئايرىپ سولاپ قويۇلىدۇ.
باغچىدا گىتتار چېلىش
ئىككى ئايال بىليارتخانىدا ئوينىماقتا. ئەمىلىيەتتە بۇ بىليارتخانىغا پەقەت ئەرلەرنىڭ كىرىشىلا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
بىر روك مۇزىكا ئەترىتى مەخپىي مەشىق ئېلىپ بارماقتا.
ئىككى قىزچاق چۈمبىلىنى قايرىۋېتىپ بالكوندا تاماكا چەكمەكتە.
بىر خېرىدار دۇكاندا ئىچ كىيىمنى كىيىپ سىناپ بېقىۋاتىدۇ، قالغان ئىككىيلەن ئىچ كىيىم توغرىلىق پاراڭلاشماقتا.
پاركور مەشىق قىلىۋاتقان بالاڭزا.
ئىككىيلەن زاراتگاھلىقتا قۇرئان ئوقۇماقتا
ئىران ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان جەڭچىلەرنىڭ ئانىلىرى، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلماقتا.
بىر توي كىيىمى دۇكىنىدا، بىر ئەر قىزچاققا ياردەملىشىپ قىزنىڭ تاجىسىنى ئوڭشاۋاتىدۇ. بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بىر ئەر بىلەن ئايالنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدا بىرگە تۇرۇشى چەكلەنگەن، بۇ توي كىيمىمۇ ئەمەلىيەتتە دۇكاننىڭ بىر بۇلۇڭىغا تىقىپ قويۇلغان بولۇپ، سىرتتىن قارىغاندا كۆرگىلى بولمايدۇ.
بىر قىزچاق ناماز ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ دوستى بولسا تاماكا چەككەچ تېلىۋېزور كۆرۈۋاتىدۇ.
ئىراندىكى مەلۇم ئائىلىنىڭ ئايال ئەزالىرى، ئەڭ كىچىك قىزچاقنىڭ قولىدا كۆتۈرىۋالغان قونچىقىمۇ ئورۇۋېتىلگەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەرەققىيات، دۇنيا، فوتوگراف، مەدەنىيەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,644 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 05-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: iranian-journey.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > بېشىدا ياڭاق چېقىپ دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان پاكىستانلىق يىگىت [V]
- كېيىنكى يازما > توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
- قىز دوستىغا ئەگىشىپ دۇنيانى ئايلىنىش – قىزچاقنىڭ جامالىنى كۆرىدىغان پەيت كەلدى!
- 18 پارچە رەسىم سىزگە شەرق ۋە غەرپ ئەللىرىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ
- نورۋېگىيەلىك فوتوگراف يەتتە كېچە كىرپىك قاقماي ئىشلەپ چىققان ئەسەر
- ھايۋاناتلار ھەققىدە سىز ئاڭلاپ باقمىغان قىزىقارلىق 10 ئىش
- 24 سائەتنى بىر پارچە سۈرەتكە پىرىسلاپ كىرگۈزۈش، مانا يېڭىلىق دېگەن!
- 2013-يىللىق دۆلەت جۇغراپىيەسى فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسىدىكى نادىر تاللانمىلار
- ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان ئائىلە باشلىقىنىڭ بايانى
- يۈزدە يۈز كاپالەت بېرىمەن، بۇ رەسىملەرنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېردا قۇراشتۇرۇلغان سۈرەتلەر، ھېچقايسىسى راست ئەمەس
بۇ ئىران ھەقىقەتەن مۇرەككەپ دۆلەت جۇمۇ.
توۋا ،
يېڭى يازما
مېنىڭ يەتتە خەلپە ۋە ئېران ، پاكىستان زېمىنلىرىدا تىجارەت قىلىپ يۈرىيدىغان بىر تونۇشۇم بار . ئۇنىڭدىن ئاڭلىسام ئېران ھازىرقى ئەڭ ساپ مۇسۇلمان دۆلىتى ئىكەن . يەنى يەرلىكلەردىن مۇسۇلمان ئەمەس كىشى يوق ئىكەن . قارىغاندا مۇسۇلمان ئەمەسلەرنى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرۋىتىدىغان ئوخشايدۇ .
بىر نىمە دىمەك تەس جۇمۇ
ئېتىقاد بەزىلەرنىڭ ئېغىزىدىلا بولىدۇ ، بەزىلەرنىڭ ھەم ئېغىزىدا ھەم قەلبىدە بولىدۇ ، ھەركىتى بىلەن ئۇنى ئىسپاتلايدۇ …
خۇددى بايا ئوقۇغان خەۋەردىكىدەك ، بىر راھىپ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ، يەنە خىجىل بولماي تېخى «ھاراق ئىچتىم مەن خوشال، ھەم گۆش يېدىم تېنىمدە، پەرھىزلەرنى ئۇنتۇدۇم، بۇدساتۋا قەلبىمدە» دەپتىمىش … ئارىمىزدىمۇ مۇشۇ راھىپقا ئوخشايدىغان «مۇسۇلمان»لار ساماندەك …
بۇرۇنلاردا دۇكانلاردا قىز-ئاياللارنىڭ تاماكا سېتىۋالغانلىقىنى ياكى بىرەر يەردە تاماكا چەككىنىنى كۆرۈپ توۋا دەپ قاراپ قالاتتىم، ھازىر تولا كۆرۈپ كەتكەچكىمۇ « ھەيييي » دەپلا قويىدىغان بولدۇم .
———–
ئۈستىدىكى رەسىملەردىن ماڭا بەك تەسىر قىلغىنى ئاۋۇ بىرسى ناماز ئوقۇۋاتسا يەنە بىرنى تېلېۋىزور كۆرۈپ تاماكا چىكىپ ئولتۇرغان كۆرۈنىشى بولدى …
ئىران ئىسلام قانۇنى ئەڭ قاتتىق يۇرگۈزۈلگەن دۆلەت دەيدىكەن . ئادەم ئادەمگە ئوخشاشكەندە . كىشىنى كىچىكىدىن ئىسلام تۇرمىشىدا ئىسلامنى چۈشەندۇرۇپ چوڭ بولمىسا ئۇنى قاتتىق يۈرگۈزگەن بىلەن مانا مۇشۇنداق ئوخشايدۇ .
ھېلىقىدەك رەسىملەرنى كۆرەيلى
كۆپ سۆزلىگۈم كەلمىدى …..
ماڭا قۇرئان ئۇقۇغىنى بىلەن ئىسلامى .ئائىلە بەك تەسىرقىلدى
ھەر ئىشقا توۋا دىمىسەك بىكار جۇما
………!ە
مېنىڭ بۇ رەسىمدىكى بەزىلەرگە بەكلا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ… ھۈ ھۈ ھۈ ھۈ…
بۇ شىئەلەردە ئىسلام ئەقىدىسى بولمىغان بولسا ئېشەكتىن پەرقى يوق نىمىلەر بۇ ،..
ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى 4،ئۇلارمۇ مۇسۇلمان فوتوگىراف بەلكىم قەلبىڭدىن ئەتمىسەڭ تازىم،سىنى ياراتقان ئىگەڭگە .بسممۇ كار قىلماس بولدى،توۋا دىيشەر ياتلارمۇ بۇ بەندىگە دىمەكچىدۇ بەلكىم ،ھازىر مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى بىر سىناققا دۇچار بولاۋاتىدۇ ئۇ بولسىمۇ زۇلۇم .بۇ زۇلۇم ياتلادىنمۇ كىلىۋاتىدۇ دىنداشلاردىنمۇ كىلىۋاتىدۇ ئەڭ موھىمى قىرىنداشلاردىنمۇ كىلىۋاتىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر يەردىكى ھەيرانلىق بىزنى ئازدۇرۋاتىدۇ .سەۋىر بىلەن ياشايلى.
كۆپ سۆزلىگۈم كەلمىدى …..
قىلتاقلار! نەگە بارسا شۇنداق كىشلەرنى كۆرىشى مۇمكىن! ئاتايتىن شۇنداق چۈپرەندلىنى تارتىپتۇ شۇ!
بەزى ئىشلارغا يەنىلا توۋا دىيىش توغرىدەك قىلىدۇ
ئاڭلىشىمچە ئىراننىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى بەكمۇ يىقىنمىش ، بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن دەلىللەرنى كەلتۈرگەن بىر يازمىنى ئوقۇغان ئىدىم ، ئۇ يازمىدىكى نېمىشقا گۇۋانامو تۈرمىسىدە ئېرانلىق يوق دىگەن سۇئال بەكرەك ئېسىمدە قاپتۇ .
نۇر تورى كۆرىۋاتقان چېغىم با دەپ قاپتىمەن.
بز شىئەلىنى مۇسۇلمان دىمەيمز
ئىران شىئە مۇسۇلمانلىرىنىڭ ماكانى ،ئۇلارنى مۇسۇلمان دىيىش دىمەسلىكىنى بىر ئاللا بىلىدۇ ، سەئۇدىنىڭ قانۇنى ئىنتايىن قاتتىق ، ئەمما بۇنداق يامان ئىشلانى تاپىمەن دېسىڭىز چۇقۇم تاپالايسىز ،ھەرخىل مۇھىت ھەرخىل ئادەملەر ،شەيتان ئادەمنى ھەركويغا سالىدۇ ،ئەرەبمۇ چىكىدىكەنغۇ ،ئەرەبمۇ ئىچىدىكەنغۇ دەپ ئۇلانى دورىساق ياكى ئۆزىمزنى بىخۇتلاشتۇرساق جەھەننەمدە ئەرەبلەبىلەن تەڭ سوئال سورىمايدۇ ،ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغىنىغا جاۋابكار بولىدۇ،شۇڭا دوسلۇرۇم نېمە قىلساق ئۆزىمىزگە ،ئىسلاممۇھەم ئۆزىمىزئۈچۈن!
ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە، تۇپا چاچار كۆزىگە ھىىيي،،،،،،،
ئۇلارمۇ ئادەم دە ، بىزنىڭ مۇشۇ يەرلەردىنمۇ كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ ئۇنداقلارنى ، كەچتە پاھىشخانىدا يېتىپ چىقىپ ، چۇشتە جۈمە ئۈلگۈرىدۇ تېخى…..
بۇلار مۇشۇندا خەۋەرلەنى يوللاپ بىزنىڭ ئەقىدمىزنى سۇسلاش تۇرماقچى بۇسۈرەتلەر ئرانلىقلارغا ۋەكىللىك قىلاممايدۇ