يۈزدە يۈز كاپالەت بېرىمەن، بۇ رەسىملەرنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېردا قۇراشتۇرۇلغان سۈرەتلەر، ھېچقايسىسى راست ئەمەس
تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئاللىقاچان كىشىنى راست-يالغاننى ئايرىيالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. مەزكۇر يازمىدا كۆزىڭىزگە چېلىققان بارلىق رەسىملەر 100% كومپيۇتېردا ياسالغان، بۇ ئەينەنلەشتۈرۈلگەن ئۈنۈم كىشىنى ھەقىقەتەن ئەنسىرىتىپ قويىدۇ. توردىكى قىزلارنىڭ رەسىمىگە ئالدىراپ ئىشىنىپ قالماڭ، كەلگۈسىدىمۇ ھەم!
بۇ راستىنلا بىر پارچە سۈرەت ئەمەس. خېلى مول تەجرىبىلىك لايىھەلىگۈچى بولغان تەقدىردىمۇ، ئولتۇرۇپ ئەستايىدىل كۆزەتمىگەندە، بۇنىڭ ھەقىقىي سۈرەت ئەمەسلىكىگە ئۆزىنى قايىل قىلالمايدۇ. Marcin Gruszczyk بولسا كاتتا بىر سەنئەتكار، نۇرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى دېمەي تۇرايلى، بۇ بىر پارچە رەسىمدە، ھەر بىر تەپسىلاتنىڭ ھېسابلىنىشى، ھەتتا تاغنىڭ ئۇپراش ئەھۋالىمۇ ئويلىشىلغان.
Marek رېئاللىقتىن ھالقىغان فوتوگراف ئۇستىسى دەپ قارىلىدۇ، بۇ بىر پارچە مەنزىرە رەسىمدە، نۇرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ۋە روشەنلىك سېلىشتۇرمىسى تامامەن كۆزىڭىزنى ئالدىيالايدۇ.
بۇمۇ Marek نىڭ ئەسىرى، بىر قارىماققا، بۇ باشقىلارنىڭ ئارقا ھويلىسىدەك كۆرۈنىدۇ، ئاۋۇ توساغلىق قاشالاردا تېخى ياۋا گۈللەر بار، ئۇنىڭدىن باشقا يانتۇ كۆرۈنىدىغان رەسىم يۈزى كىشىگە مۇنداقلا تارتىلغان سۈرەتتەك تەسىر بېرىدۇ. ئەمما، بۇ رەسىم يالغان، ھەممىسى كومپيۇتېردا ھاسىل قىلىنغان، ناۋادا ئىشەنمىسىڭىز، بۇ يەرنى كۆرۈپ بېقىڭ
ھەر بىر تال تۈك ۋە پەي، ھەر بىر تال تېرە قىسمى ئىنتايىن تەپسىلىي ئىپادىلەنگەن، بۇ بىر دانە ئافرىقىلىق قۇشنىڭ تۇمشۇق ۋە كۆزىدىن قاراپ بۇنىڭ كومپيۇتېردا ھاسىل قىلىنغان سۈرەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز؟
بۇياق ياسىغان رەسىم قالتىستەك تۇرىدۇغۇ؟ تەپسىلىي قارىسىڭىز، رەسىمدە كۆرۈنگەن ۋاقىت سىزگە نېمىنى ئەسلەتتى؟ 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، ناگاساكىغا ئاتوم بومبىسى چۈشۈشتىن بىر كۈن بۇرۇنقى ۋاقىت.
بۇمۇ يالغانمىدۇ؟ گەرچە سىرتقى كۆرۈنىشى ئاددىيدەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمما 3D لايىھەلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن، سۈزۈك خىرىستال ماتېرىياللىق نەرسىلەر لايىھەلەش ئەڭ تەس نەرسىلەرنىڭ بىرىدۇر، چۈنكى ئەينەكنىڭ ئۈستىدىن قايتقان نۇر ۋە ئەكس كۆرۈنۈشكە نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئەجىر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
Lebedev نىڭ بىزگە كۆرسەتمەكچى بولغىنى، بىر پارچە روسىيەدىكى بىر كەنتنىڭ رەسىمى. مودېل قۇرۇلغاندا، ھەر بىر ئېلىمېنت ئۈچۈن لايىھەلەنگەن كۆپ تەرەپلىكنىڭ ئومۇمىي سانى 21 مىليون 560 مىڭ 931 غا يېتىدۇ.
ئوخشاشلا، بۇ بىر پارچە رەسىمنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ نۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋە تەپسىلاتلاردا ئىپادىلىنىدۇ، بۇ رەسىممۇ قارىماققا بەك راستتەك كۆرۈنىدىكەن.
ئاخىرىدا يەنە بىر قانچە پارچە راستلىقىدىن سىلەرنى ئىشتانغا سىيدۈرىۋېتىدىغان «ھەقىقىي» رەسىم قالدۇرۇپ قوياي، ھوزۇرلىنىپ بېقىڭلار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D، رەسىم، فوتوگراف، قالتىس، لايىھە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,852 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 29-كۈنى
- يازما مەنزىلى: costara-creer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئەينەنلىكى ئاجايىپ يۇقىرى چىققان قېرىنداش سىزمىلار، قارىماققا راستتەكلا كۆرۈنىدىكەن
- كېيىنكى يازما > ناۋادا WiFi سىگنالىنى كۆرگىلى بولسا…
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- 8 تال رەسىم سىزگە بۈگۈن قانچىلىك سوغۇق بولغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
دەششەت ئېسىل رەسىملەركەنغۇ بۇ!! ئاخىرى دىۋان بوپتۇمەندە!
راسلا ئىشتانغا سىيىۋېتەيلا دەپ قالدىم !
سەنئەتنىڭ ئەسەبىيلىشىشى!
يائاللا……مالا ئەتەئۆگۇن ئاپرات ئشلەت مەي بىزنىسىزغىدەك!!!
ئىجتىھاد بىلەن كاسسىنى بېسىپ ئولتۇرۇپ سىزغان رەسىملەركەندە !!
دەۋر مۇشۇنداق تىز تەرەققىي قېلىۋاتامدىغاندۇ….
ھەقىقىي سەنئەتكارلار ئىكەن . بىز ئۇيغۇرلانىڭ ماقال تەمسىلدىكى
‹‹سەۋىردىن ھالۋا پېشىدۇ›› دىگەننى ماۋۇلارغا ئۆزگەرتىپ ، ‹‹سەۋاردىن يىڭنىدە قۇدۇك قازغىلى بولىدۇ›› دەپ ئۆزگەرتىپ تەبىر بەرسە بولغۇدەك . ماۋۇلارنىڭ كاسسىغا ئەمەس ئولتۇغان ئورۇندۇقلىرىغا ئىچىم ئاغرىپ كەتتى
قالتىس !!!
مودېل قۇرۇلغاندا، ھەر بىر ئېلىمېنت ئۈچۈن لايىھەلەنگەن كۆپ تەرەپلىكنىڭ ئومۇمىي سانى 21 مىليون 560 مىڭ 931 غا يېتىدۇ
ۋاي ئانامەي
ۋەھشەتكەنغۇ، ما رەسىملەرنى كۆرەپ راس-يالغاننى پەرىق ئېتىش ئىقتىدارىم ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىدى. بۈگۈن توردا كۆرگەن رەسىملەرنىڭ ھەممىسى ساختا كۆرنىۋاتىدۇ، توۋا…
راستىنلا ئىشەنگىم كەلمەيۋاتىدۇ، مەنمۇ ئانچە-مۇنچە phtoshop ھەپلىىشپ قوياتتىم، لىكىنزە بۇ رەسمىلەرگە قاراپ ئۆزۈمنىڭ 0 دەرىجىدە ئىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالدىم؛
بۇ ئەسەرلەر پۇتۇنلەي 3D يۇمشاق دېتالىدا بىرتەرەپ قىلىنغان. ھەقىقەتەن قالتىس.
مۇشۇ تېخنىكىنى ئېلىكتىرونلۇق .ئويۇن ساھەسىگە ئىشلىتىلسە