كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ فوتوگراف ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېپيېڭى يازمىلار:
12كېيىنكى بەت
ئاخىرقى بەت (جەمئىي 2 بەت)
قارىغا ئېتىش FPS تىپىدىكى ئويۇن لارنىڭ ئادەتتە رېتىمى ئىنتايىن تېز، كۆرۈنۈشلەر جىددى بولىدۇ. ئەمما ئويۇن ئوينىغۇچىلارغا نىسبەتەن ئەنسىرەيدىغان بىردىنبىر ئىش، سىنكارتىسىنىڭ شۇ ئويۇن سۆرەش-سۆرىمەسلىكى. يېقىندا «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» ئويۇنىنىڭ ئۆزگىچە بىر ئېلانى چىققان. بۇ ئېلان نىمە دىمەكچى دىسەڭلار، ئويۇندىكى بىرىنچى شەخس كۆرۈنمە نۇقتىسى ناۋادا فوتوگراف تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنسا، …..
فوتوگراف Eric Lafforgue قاپيۈرەكلىك بىلەن چاۋشىيەن چېگرىسى ئىچىگە 6 قېتىم كىرىپ، ئوغرىلىقچە تارتقان فوتو-سۈرەتلەرنى بۇ كوممۇنىتستىك دۆلەتتىن ئاستىغىنە ئېلىپ چىقتى. ئۇ بۇ سۈرەتلەر ئارقىلىق چاۋشىيەن خەلقىنىڭ ماشىنا ئەمەس، بەلكى جاپاكەش خەلق ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى. زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، Eric Lafforgue چاۋشىيەنگە ئالاقىدار سۈرەتلەرنى ئالدىنقى قېتىم 2012-يىلى 9-ئايدا ئېلان …..
بىر قانچە ئايال تېھراندا چىلىم چېكىپ ئولتۇرىدۇ، ئىراندا ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇندا بۇنداق قىلىشى چەكلەنگەن. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئىران تۈزىمى قاتتىق، ئاۋارىچىلىق كۆپ بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، يەنى كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا ئىران توغرىلىق كېلىدىغان ئۇقۇملار ئاساسەن، رادىكال بېكىنمىچىلىك، رەھىمسىز ئۆلۈم جازاسى، ھەرخىل نامايىشلار، يادرو تەشۋىقاتى ھەم ئاياللارنىڭ يۈزىنى …..
بۇ يۈرۈشلۈك سۈرەتلەر ئۆتكەن يىلى توردا قاتتىق مودا بولغان. بەلكىم خېلى كۆپ تورداشلار بۇ سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ سۈرەتلەر روسىيەلىك فوتوگراف Murad Osmann ئۆزىنىڭ قىز دوستى Nataly Zakharova نىڭ ئارقا قىسمىنى ئاساسلىق ئېلىمېنت قىلىپ تۇرۇپ تارتقان بىر يۈرۈش فوتو-سۈرەت ئەسىرى بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى …..
قوينى كەڭ تەبىئەت سىرلىقلىقى، گۈزەللىكى بىلەن ئىنساننى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ. ھەممە نەرسىنىڭ شۇنچە مۇكەممەل ھالەتتە بولۇشى، ئۆز قانۇنىيىتىدىن چەتلىمەسلىكى كىشىگە ئاجايىپ زوق بېغىشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەۋجۇتلۇق ئۈستىدە ئويلاندۇرىدۇ. تۆۋەندىكىسى نورۋېگىيەلىك بىر فوتوگراف يەتتە كېچە-كۈندۈز سەرپ قىلىپ ئىشلەپ چىققان سىن، سىندىكى گۈزەل مەنزىرىلەر يېقىملىق مۇزىكا بىلەن بىرلىشىپ قەلبىڭىزنى …..
سۈرەت دېگەن تىنچ ھالەتتىكى نەرسە، ئادەتتىكى كۈن چىققان ۋە پاتقاندىكى مەنزىرە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە بەكرەك تارتىدۇ، ھەمدە كىشىگە تەخمىنىي ۋاقىتنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. ئەمما بىر پارچە سۈرەت تە 24 سائەت ۋاقىتنى ئىپادىلە دېسە، سىزنىڭ كاللىڭىزغا قانداق ئوي كېلىشى مۇمكىن؟ سېنگاپورلۇق بىر فوتوگراف ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن 24 سائەتنى بىر پارچە سۈرەتكە …..
بۇلتۇرقى دۆلەت جۇغراپىيەسى فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسىدە جەمئىي 150 دۆلەتتىن كەلگەن 22000 كەسپىي فوتوگراف ھەمدە ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارلار قاتناشقان. بۇ يىلقى دۆلەت جۇغراپىيەسى فوتوگراف لىق مۇسابىقىسىنىڭ ئەسەرلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئاللىقاچان نەچچە مىليوندىن ئوشۇق ئەسەر مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان، تۆۋەندە بۇ ئەسەرلەردىن بىر قىسىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى. 1. تۇمانلىق كۈز …..
تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئاللىقاچان كىشىنى راست-يالغاننى ئايرىيالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. مەزكۇر يازمىدا كۆزىڭىزگە چېلىققان بارلىق رەسىم لەر 100% كومپيۇتېردا ياسالغان، بۇ ئەينەنلەشتۈرۈلگەن ئۈنۈم كىشىنى ھەقىقەتەن ئەنسىرىتىپ قويىدۇ. توردىكى قىزلارنىڭ رەسىمىگە ئالدىراپ ئىشىنىپ قالماڭ، كەلگۈسىدىمۇ ھەم! بۇ راستىنلا بىر پارچە سۈرەت ئەمەس. خېلى مول تەجرىبىلىك لايىھە لىگۈچى بولغان تەقدىردىمۇ، ئولتۇرۇپ ئەستايىدىل …..
ئىلگىرى سۇلياۋ پلاستېردا ئادەم يۈزىنى ئوراپ تارتقان بىر يۈرۈش سۈرەتلىرى بىلەن تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن فوتوگراف سەنئەتكار Wes Naman بۇدا يەنە يېڭى بىر يۈرۈش فوتو-سۈرەتلەرنى ئېلىپ كەپتۇ. بۇ قېتىمقىسى، ئادەمنىڭ يۈزى پۈتۈنلەي رېزىنگە بوغقۇچ بىلەن مەھكەم ئورىۋېتىلگەن بولۇپ، چىراينىڭ تارتىشىپ سەتلىشىپ كەتكەنلىگىنى دېمىسەممۇ كۆردۈڭلار ھەقىچان… تۆۋەندىكىسى، …..
فوتوگراف Beth Galton نىڭ كاللىسىغا تۇرۇپلا بىر خىل ئوي كېلىپ قالغان، ئۇ يېمەكلىك لەرنىڭ توغرا كەسمە يۈزىنى ئېلىپ، ئۇنى فوتو-سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرۇپ ساقلاپ ماڭغان. بۇ سۈرەتلەر ئىچىدە بولكا، تورت قاتارلىق توغرا كەسمە يۈزىنى ئادەتتە كۆرگىلى بولىدىغان يېمەكلىكلەردىن باشقا يەنە، يەنە تەييار چۆپ، كافېي، مۇراببا تۈرىدىكى يېمەكلىك قاتارلىق …..
20 يىلدىن ئارتۇق كەسپىي تەجرىبىگە ئىگە فوتوگراف Stephen Wilkes نى فوتوگراف لىق ساھەسىدە بەلكىم تونۇمايدىغانلار يوق دېيەرلىك، ئۇنىڭ سەنئەت ۋە سودا خاراكتېرلىك ئەسەر لىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مۇكاپاتلارنى ئېلىپ بەرگەن، بۈگۈن تورخۇمارلار بىلەن ئۇنىڭ يېڭىلىق ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىگە تويۇنغان «تۈندىن كۈنگىچە» نامىدىكى بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. Wilkes پەقەت قىسقىغىنا بىر …..
بۇ قىش قار بەك كۆپمۇ يېغىپ كەتمىدى، ياغمايمۇ قويمىدى. ئەيتاۋۇر ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا تەخمىنەن قانچىنچى قېتىملىقى نامەلۇم بولغان بىر مەيدان قار يەنە لەپىلدەپ چۈشۈشكە باشلىدى(ھېكايەتلەر مۇشۇنداق قۇرۇق گەپ بىلەن باشلىنىدۇ). ئەينى چاغدا بېكەتتە ماشىنا ساقلاۋاتقان ئىدىمغۇ دەيمەن؟ قار خېلى ئوبدان چۈشىۋاتقان ئىدى، بىر چاغدا شارپامنى تۈزەشتۈرۈرىمەن …..
مەنمۇ كۆرەپ باقاي