كۈندۈز بىلەن كېچە بىرىكتۈرۈلگەن سەنئەت ئەسىرى – «تۈندىن كۈنگىچە» نامىدىكى فوتو-سۈرەتلەر
20 يىلدىن ئارتۇق كەسپىي تەجرىبىگە ئىگە فوتوگراف Stephen Wilkes نى فوتوگرافلىق ساھەسىدە بەلكىم تونۇمايدىغانلار يوق دېيەرلىك، ئۇنىڭ سەنئەت ۋە سودا خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مۇكاپاتلارنى ئېلىپ بەرگەن، بۈگۈن تورخۇمارلار بىلەن ئۇنىڭ يېڭىلىق ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىگە تويۇنغان «تۈندىن كۈنگىچە» نامىدىكى بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. Wilkes پەقەت قىسقىغىنا بىر كۈن(بەزىلىرىنى تارتىشقا 15 سائەت ۋاقىت كەتكەن) ئىچىدە، كامېرانىڭ يورۇقلۇق نۇقتىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ نەچچە يۈز پارچە سۈرەت يىغقان، ئاخىرىدا بۇ سۈرەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ بۇ تىپتىكى ئەسەرلەر توپلىمىنى تاماملىغان. بۇ خىلدىكى بىرلا پارچە سۈرەتتىن بىر شەھەرنىڭ كېچىسى ۋە كۈندۈزىنى كۆرۈش كىشىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ…
تۈندىن كۈنگىچە نامىدىكى فوتو-سۈرەت توپلىمى:
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئەسەر، فوتو سۈرەت، فوتوگراف
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 11,130 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 04-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: day-to-night.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > خانىم-قىزلارمۇ بوش ئەمەس، روسسىيەلىك قىز رەسسام Olga Larionova نىڭ ئاجايىپ چىن قېرىنداش سىزمىلىرى
- كېيىنكى يازما > ناۋادا مەن بىر كىچىك پاپا بولسام … | كانادالىق فوتوگىراف Joel Robison نىڭ بىر يۈرۈش ئۆزگىچە فوتو ئەسەرلىرى
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
- كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
- ئىرانلىق فوتوگرافنىڭ كامېراسىدىكى ئىران: رەھىمسىز دۇنيانىڭ يەنە بىر خىل قىياپىتى
- قىز دوستىغا ئەگىشىپ دۇنيانى ئايلىنىش – قىزچاقنىڭ جامالىنى كۆرىدىغان پەيت كەلدى!
- نورۋېگىيەلىك فوتوگراف يەتتە كېچە كىرپىك قاقماي ئىشلەپ چىققان ئەسەر
- 24 سائەتنى بىر پارچە سۈرەتكە پىرىسلاپ كىرگۈزۈش، مانا يېڭىلىق دېگەن!
- 2013-يىللىق دۆلەت جۇغراپىيەسى فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسىدىكى نادىر تاللانمىلار
- يەر شارىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كىشى ئەقلىنى لال قىلدىغان گۈزەل ماكان
يې، پەيزىكەنغۇ ما سۈرەتلار !
تارتىشنىمۇ ھەقىقەتەن پەيزى تارتىپتۇ ، كىرىشتىرۈشنىمۇ شۇنداك پەيزى كىرىشتىرۈپتۇ
كىرىشتۈردىمۇ ياكى ؟!
ئەلۋەتتە كىرىشتۈرىدۇ دە !
ئوخخو، ۋەششەت كەنغۇ، ھەقىقەتەن گۈزەل شەھەرلەركەن، نىمىلا كاللىسغا كەلسە قىپ باقىدىغان خەقتە بۇ.
ۋەششەت دىگەن قانداق گەپ، يىڭى چىقتىما، ئاڭلىماپتىكەنمەن،
دەھشەت+ۋەششى=ۋەششەت
شۇندامۇ يا، مۇشۇنى چىقىرىش ئۈچۈن ساق 10مىنۇت كاللا قاتۇردۇم جۇمۇ
« ۋەھشەت » سۆزى بولسا تەدبىركارنىڭ تەخمىنەن ئىككى يىل مۇقەددەم ئۇشبۇ بلوگدا ئىجاد قىلغان سۆزى …..
بۈگۈن دىۋانىلەر يوقكىنا توۋا
ئىككى قولىڭىزنى ئىگىز كۆتۈرۈڭە.
ئاندىنچۇ؟
ئاندىن قاتتىق توۋلاڭ: ھەي… مەن خىيمەن!O:-)
بولىدىغان ھىسياتكەن
بەك گۈزەلكەن….
مەن بەك ياقتۇردۇم ،نىمدىگەن قالتىس
بۇ شەھەردە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ %90 تى سېرىق رەڭلىك تاكسى ئوخشايدۇ. قايسىلا يولغا قارىسا تاكسى، مۇنداق شەھەردە تاكسى توسۇشتىن غەم قىلمىسىمۇ بولغۇدەك. ئاللا بۇيرىغان بىر كۈنى يانچۇققا بىر-ئىككى مىڭنى سېلىپ بېرىپ كېلىدىغان شەھەر ئىكەن.
بىر – ئىككى مىڭ بىلەن دەڭ
ئاشۇ پۇل بىلەن شۇ تۇرغان يەردىن يەنە بىر يەرگە بارغۇچىلا ئاقلىنىپ ئاپپاقلا بوپكىتەسىز
ئارقىغا يەنە ئىككى نۆلنى قۇشۇپ قۇشۇپ قويسىڭىزغۇ سەل خاتىرجەم ئويناپ كىلەرسىزمىكىن
بىزنىڭ مۇشۇ يەرلەرمۇ شۇنداق بولسا، كىچە بولىدىغان يەرگە بارغۇمىز كەلسە بىرەر يۈز مىتىر ماڭساقلا كىچە بولىدىغان يەرگە كەلسەك، زىرىكىسەك يەنە ئازراق مېڭىپلا كۈندۈزلۈك خىزمەتنى باشلىساق…….
بوپ قويىدىكەن
ۋاي -ۋاي ‹‹ ئەنىشتە ›› سېنىڭ كۈنلىرىڭ نىمانداق مەنىسىز ھە