نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

[پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)

«بەخت» ئولتۇراق رايونىنىڭ چوڭ دەرۋازا تۈۋىدە ئۈجمە دەرىخى بولۇپ، خىلى يەرگىچە سايە تاشلاپ تۇراتتى، ئەپچىلەم تومۇز ئىسسىققا چىدىماي سايىدا تۇراتتى، ئولتۇراق رايوندىن بىر پۇزۇر كىيىنگەن بايۋەچچە چىقىپ ئۇنىڭغا ۋارقىرىدى:
-ماڭ ماڭ، نىمە مىنىڭ دەرىخىمنىڭ سايىسىدا تۇرىسەن؟-دەپ قوغلىدى.

apqilam

ئەپچىلەم: -بۇ…بۇ ھۆكۈمەتنىڭ دەرىخى تۇرسا، قانداق بولۇپ سىزنىڭ بولۇپ قالدى؟-دىدى ھەيران بولۇپ.
بايۋەتچە قاپاق تۈرۈپ: -ئاتا بوۋامدىن قالغان دەرەخ بۇ…ھۆكۈمەتنىڭ چىشى پاتمايدۇ، ماڭ يوقال، ھېلى باكا شەخسىي مۈلكۈمگە دەخلى قىلدى تۇتقۇزىۋەتمەي!
ئەپچىلەم خورلۇق ھېس قىلىپ قالدى، ئۇنىڭ كاللىسىغا نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن ياشىغان كۆكى بوۋىسىنىڭ ئىش ئىزلىرى كەلدى-دە، مۇشۇ بايۋەتچىنىمۇ بىر بابلاي دەپ، بايۋەتچىگە دىدى:
-ماۋۇ دەرەخىڭىزنىڭ سايىسىنى ساتامسىز؟
-نىمە؟
-دەرەخنىڭ سايىسىنى ساتامسىز دەيمەن…
پۇلنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان بايۋەتچىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.
-ھە ھە،ما گەپنى قىلە، ئالالامسەن؟
-ئامماي نىمىتى…
بايۋەتچە تېلىفوننى چىقىرىپ بىر يەرگە تېلىفون قىلدى،بىر ۋاستىچىسى بىردەمدە پەيدا بولدى، ئۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن،ئەپچىلەمگە ئىللىق بېقىپ تۇرۇپ:
ۋاي ۋاي،ئېسىل ئىش قىپسىز، يىگىت، بۇ سايە شەھىرىمىزنىڭ ئاۋات يېرىگە چۈشكەن بولۇپ، ئەتراپىدا قايناق بازار بار، ئۈچ مەكتەپ، ئالتە مەسچىت بولۇپ، قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە، قاتناش قولايلىق بولۇپ، شەھرىمىزدىكى ئەڭ ئاۋات يېرى ھېساپلىنىدۇ!
-بولدى، بولدى، نەچچىگە ساتىسىلەر؟-ئەپچىلەم قولىنى مەيدە يانچۇقىغا قولىنى ئاپاردى…
ئالدىرماڭ يىگىت، بۇ سايىنىڭ كىۋادىراتى 8000 مىڭ يۈەن، بىراق يەر ھۆكۈمەتنىڭ بولغاچقا، سىز يەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالىسىز، شۇڭا 2090-يىلغىچە ئىشلىتىسىز.
-ئارانما؟
-ھەي، ئۇ چاققىچە ياشىيالمايسىز، ئاڭغىچە بۇ يەر تېخىمۇ ئاۋات بوپ كەتسە، باشقا بىرىگە ساتسىڭىز بولىدىغۇ؟
-ھە ماقۇلە، قېنى ھېساپلاڭە….
ۋاستىچى: ھازىر چىڭقى چۈش، سايىنىڭ دائىرىسى تار، بىز قۇياش يانتۇ بولغاندا، سايىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئىمكانىيەت بىلەن چۈشكەن ئورنىنى ھېساپلاپ، ئاندىن باھاسىنى بىكىتىمىز…
ئەپچىلەم:- بۇ ئادىللىقما؟
ۋاستىچى: -مۈلۈك دىگەن ئاشۇنداق سېتىلىدۇ!
…..
ئۇلار چۈشتىن كېيىن بولغاندا، قۇياش نۇرى يانتۇ بولۇپ، دەرەخ سايىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا سايىنى ھېساپلاپ بىر مىليون پۇلغا ھېساپلىدى. ئەپچىلەم چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ پۇل تۆلىدى، ئۇ بايۋەتچە بىلەن توختام تۈزۈشۈپ، كىم يېنىۋالسا قارشى تەرەپكە توختام بۇزۇش سوممىسى ئۈچۈن يۈزمىڭ يۈەن تۆلەشكە كېلىشتى…
ئەپچىلەم كاللىسدا ھەرخىل پىلان سوقاتتى،ئەلۋەتتە بايۋەتچىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلاپ قويدى……
سايىنى سېتىۋالغان ئەپچىلەم «ئەمدى بۇيەردىنغۇ ياخشى پايدىلىنىپ، جازانىخور بايۋەتچىنىڭ ئەدىپىنى بەرمىسەم» دىگەنلەرنى پىلانلاپ تۇراتتى، تېلىفون سايراپ قالدى…
-ئەسسالامۇئەلەيكۇم، كىم بولسىز؟
-مەن بەخت ئولتۇراق رايونىنىڭ غوجىلىق بۆلۈمىدىن.
-خوش، نىمە ئىش؟
-خاپا بولماي يېرىم يىللىق سۇ پۇلىنى تاپشۇرۋەتكەن بولسىڭىز…
-نىمە؟ سۇ پۇلى؟ سىز خاتالىشپسىزمۇ قانداق؟ مەن ئۇ مەھەللىدە بولمىسام؟!
-سىز مۇشۇ مەھەلىدىكى ئۈجمە دەرىخىنىڭ سايىسىنى سېتىۋالغان، شۇنداقمۇ؟
-ھەئە…
-دەرەخنى سۇغىرىشقا سۇ كىتەر؟
-ئەلۋەتتە…
-دەرەخ ئىگىز ئۆسسە سايىسى چوڭ بولار؟
-شۇنداق بولىدۇ دە…
-ئەمسە تاپشۇرۋىتەمسىز ياكى…
-دەرەخ بايۋەتچىنىڭ، دەرەخ ئۆسمىسە ماڭا نىم زىيان؟
-ئۇ سۇغارمايمەن دىدى، ئەگەر دەرەخ قۇرۇشۇپ كاۋاك بولۇپ ئۆرۈلۈپ كەتسە، سايىسىنى كاللىڭىزدا كۆتۈرۈپ يۈرەمسىز؟ياخشى ئويلىنىڭ…
-ئۇھ، ماقۇلە….
ئەپچىلەم ئامالسىز بېرىپ يېرىم يىللىق سۇ پۇلىنى تۆلىۋەتتى، ئۇ ئەمدى ئولتۇراق رايوندىن چىقىپ تۇرۇشىغا،مەھەللە ئالدىدا بىر شەھەر باشقۇرۇش خادىمى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى:
-سىز ئەپچىلەم بولامسىز؟-ئۇ سەل قاتتىق ئاۋازدا گەپ قىلدى.
-ھەئە، مەن-ئەپچىلەم سەل ھەيران بولۇپ جاۋاپ بەردى.
-ئاڭلىسام ماۋۇ سايە سىزنىڭ ئىكەن، شۇنداقمۇ؟
-ھەئە، بىر مىليونغا سېتىۋالدىم…
ھىم،سىزنىڭ سايىڭىز پىيادىلەر يولىغا چۈشىۋاپتۇ، قانۇنغا ئاساسلانغاندا، شەخسىنىڭ ھەرقانداق مال مۈلكى قانۇنسىز ھالدا پىيادىلەر يولىنى ئىگەللىۋىلىشقا بولمايدۇ، شۇڭا سايىنى ئەكىتىڭ!
-ۋوي، بۇ قانداق گەپ، قۇياش چىقسا سايە چۈشىدىغان گەپ، بۇنى نەگە ئەكەتكىلى بولىدۇ؟
ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كارىمىز يوق، بىنا ئۆيلەرنىڭ سايىسى شەخسىي مۈلۈك ئەمەس، شۇڭا ئۇلار بۇ يەردە تۇرسا قانۇنلۇق، بىراق پۈتۈن شەھەر بويىچە مۇشۇ سايىلا سىزنىڭكى، شۇڭا دەرھال ئەكىتىڭ، بولمىسا باشقۇرۇشقا قارشىلىق قىلدى دەپ سىزنى سولاپ قويىمىز!
-دەڭە،قانداق قىلىمەن ھە
-دەرەخنىڭ سايىسىنى مۇشۇ يەرگە چۈشۈشىنى توسىسىڭىزلار بولدى، قالغىنى بىلەن كارىمىز يوق!
ئەپچىلەم ئامالسىز يوغان تاختايدىن بىرنى ئەكىلىپ، دەرەخنىڭ يىنىغىراق يەرگە قويۇپ قويدى، بۇ چاغدا مەھەللە كومىتىتىنىڭ پەيدا بولدى:
-بۇ يەرگە خالىغانچە نەرسە قويۇشقا بولمايدۇ!
ۋاي، مەن ماۋۇ دەرەخنىڭ سايىسى پىيادىلەر يولىغا چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ، ئامالسىز شۇنداق قىلدىم، شۇڭا، بىر ياردەم قىلساڭلار…
ۋوي يىگىت، تۈزۈم دىگەن تۈزۈم، ئەگەر بۇ يوغان تاختاي ئۆرۈلۈپ كېتىپ، بىرەرسىنى بېسىۋالسىچۇ؟ سىز يەر تەۋرەش، سىلكىنىشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماتىرىيال ئىشلەتتىڭىزمۇ؟
-ياق!
ئەمسە مۇنداق قىلايلى،سىز چوقۇم چىداملىق پىششىق ماتىرىيال ئېلىپ كېلىپ،مۇشۇ چىڭ ئورنىتىپ قويۇڭ،بىزمۇ يول قويايلى،سىزمۇ ماسلىشىڭ،ئىككىلا تەرەپ بىر قەدەم چىكىنىپ تۇرۇپ،پاراڭلىشايلى،تاختاي قويغان ئورۇننىڭ ئىجارە ھەققىنى تۆلەيسىز!
ئەپچىلەمنىڭ قورسىقى كۆپكەن بولسىمۇ،ئامالسىز قوشۇلدى،تاختاي ئىگىز قىلىنىپ تىكلەندى،ئىجارە ھەققى تۆلەندى……
بىراق ئەپچىلەمنى ئاۋارە قىلىدىغان ئىش تېخى تۈگىمىگەنىدى…
سۇ پۇلىنى،ئىجارە پۇلىنى تۆلىگەن ئەپچىلەم ئەمدى بىر ئاز ئۇھ دىگەندەك بولدى.بىراق ئۇ چۈشلۈكى ئۆزىنىڭ سېتىۋالغان سايىسىدا تۇراي دىدىيۇ،ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدى،چۈنكى ئۇنىڭ ئۈجمە يوغان تاختاينىڭ ئارقىدا كىچىكلا ئورۇننى ئىگەللەپ قالغانىدى.
« ھەي،بوپتۇلا،باش ئاغرىقى بولمىسىلا » دەپ ئويلىغان ئەپچىلەم ،دەرەخ سايىسىنى توساپ تۇرغان تاختاينىڭ كەينىگە ئۆتۈپ،ئەمدى تېلىفونىنى قولىغا ئېلىپ قاراپ تۇرىۋىدى،ياندىكى دۇكاندىن بىرى چىقىپ،ئۇنىڭغا ۋارقىرىدى:
-ھەي،نىمە قىۋاتىسەن؟!
-ھە؟ مەنما،سايەمدە تۇردۇم ئارام ئېلىپ……
-راست گەپ قىل گۇينىڭ بالىسى!
-راست گەپ قىمماپتىمەنما،ماۋۇ سومكامدىكى تامغا ھۆججەتنى كۆرسىتەيما،ئوقۇپ بولالماي ھوشۇڭدىن كېتىسەن……
-مىنى بىلمەيدۇ دىمە!سەن بىزنىڭ دۇكاننىڭ ۋايباي (WiFi) غا سۈركەلگىلى كەلدىڭ،!
-نىمە باي؟ مۇشۇ ئۈجمە سايىسىنى ساتقان باينىڭ دەردى يىتەر،ئەمدى بايلىرىڭغا سۈركەلمەيمەن!
-باي ئەمەس،ۋايباي،سىمسىز تور،مانداق قىلە تېلىفونۇڭنى!
دۇكاندار ئۇنىڭ قولىدىكى تېلىفوننى ئېلىپ قاراپ بېقىپ،قايتۇرۇپ بەردى:

سىنى ئوبدان بىلىمەن،بىزنىڭ دۇكاننىڭ تورىغا چىققۇچى بولساڭ،ئۆزۈڭگە ھېزى بول،ھېلىمۇ سايەڭ دۇكانغا چۈشىۋىلىپ،ئاپتاپتىن مەھرۇم قىلىۋاتىدۇ بىزنى،ھوشۇڭنى تاپ تېزراق!!
دۇكاندار كىرىپ كەتتى،ئەپچىلەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇپ قالدى،بىراق سۆز يېرىپ بىر نىمە دىيەلمىدى،ئۇ سايە سېتىۋالغانغا پۇشايمانمۇ قىلىپ قالدى.
ئەتىسى ئولتۇراق رايوننىڭ ئۇنىڭغا تېلىفون قىلدى:
-ئەپچىلەم ئەپەندىمۇ،خاپا بولماي ئەخلەت پۇلىنى تاپشۇرسىڭىز؟
-نىمە ئەخلەت پۇلى؟
-سىزنىڭ سايىڭىز تۇرغان يەردىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاۋاتىمىز،شۇنىڭ پۇلىچۇ؟
-بولدى تازىلىماڭلار،تۇرىۋەرسۇن!
-بۇنداق بولسا جەرىمانە يەپ قالارسىزمىكىن
-مەيلى……كارىڭلار بولمىسۇن!
ئەتىسى شەھەر مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ بىر خىزمەتچىسى كېلىپ،ئەپچىلەمگە جەرىمانە قويغانلىقىنى دىدى،ئەپچىلەم:
-بۇ نىمە ئىش؟
ھەممە يەر پاكىز،پەقەت سىزنىڭ سايىڭىز بەك مەينەت تۇرۇپتۇ،شەھەرنىڭ قىياپىتىگە تەسىر يەتكۈزدى،يا ھازىرلا بىر تەرەپ قىلىڭ،يا ئەخلەت پۇلىنى تۆلەپ،باشقىلارغا تازىلىغۇزۇڭ!
ئەپچىلەم غەزەپتە قولىدىكى ئىشنى تاشلاپ،قولىغا سۈپۈرگە ئېلىپ،ئۆزىنىڭ سېتىۋالغان سايىسىنىڭ يىنىغا بېرىپ تۇرۇپلا قالدى،ئۇ يەرگە ئەخلەتنى دۆۋىلەپ،تاغدەك قىلىۋەتكەن ئىدى،قاتتىق ئەلەمدە قالغان ئەپچىلەم ئامالسىز ئۆزى ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلدى،ئي ئەمدى ئۇھ دەپ تۇراتتى،بىر چوڭ ئادەم كېلىپ ئۇنىڭغا گەپ قىلدى:
-بالام،مۇشۇ سايىنى سەن سېتىۋالدىڭما؟
-ھە!
-پۇلۇڭ بەك جىق ئوخشىمامدۇ؟
-ياق!بار بېساتىم مۇشۇنىڭغا كەتتى……
ساراڭمۇ سەن،كىم ھازىر سايە سېتىۋالىدۇ،پۇلۇڭ بولسا ئۆي ئالساڭ،ئاشقىنىنى بانكىغا قويساڭ بولماسمىدى،خوتۇن ئالساڭ بولماسمىدى،ھەي ئەخمەق،سايەڭنى پۇل قىلالىدىڭما؟ باينى بابلىيالىدىڭما؟ كۆزى كىچىكلىك قىلما،يىراقنى كۆر!
ئەپچىلەم بوۋاينىڭ گېپىنى ئاڭلاپ،بايۋەتچىگە توختامنى بۇزۇشنى ئېيتتى،بايۋەتچىمۇ بىر مۇنچە باھانە سەۋەپ كۆرسىتىپ،ئەپچىلەمدىن 500مىڭ توختام بۇزۇش سوممىسى ئالدى،ئامالسىز قالغان ئەپچىلەم ئۇنىڭغىمۇ ماقۇل بولدى.توختام بىكار قىلىندى.
ئەپچىلەم بەش يۈزمىڭ زىياندىن ئىچى ئۆرتۈپ،قاتتىق ئازاپلىنىپ تۇرغان ئاخشىمى،شەھەردىكى بىر رېستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا ئولتۇراق رايوننىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش خادىمى،شەھەر باشقۇرۇش خادىمى،مەھەللە كومىتىتى خادىمى،دۇكاندار،مۇھىت ئاسراش خادىمى،ھېلىقى چوڭ ئادەم بايۋەتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتى:

-رەھمەت سىلەرگە-دىدى بايۋەتچە-سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردە بۇ سولتەكنى تولىمۇ بابلىدىم،ئۇنىڭ كۆكى بوۋىسى نەچچىڭ مىڭ يىل بۇرۇن مىنىڭ كۆكى بوۋامنى ئەخمەق قىلىپ،بوزەك قىپتىكەن،مانا بۈگۈن ئەنتىمنى ئالدىم،ئۇ ھارىمى زاماننىڭ ئۆزگەرگىنىنى تېخىچە ھېس قىلمىدى،مەن بىلەن ئويناشقاننىڭ جاجىسى مۇشۇ،ئاۋۇ كونۋىرتتا ھەرقايسىڭلارغا قىلغان كىچىككىنە كۆڭلۈم،قېنى قۇبۇل قىلىڭلار!!……

 

( خاتىمە )

ئەمەلىيەتتە بۇنداق بوزەك بولىۋاتقانلار جەمئىيەتتە ئاز ئەمەس،ئەڭ رەزىل يېرى شۇكىن،كۆپ كىشىلەر پۇلنىڭ كەينىگە كىرىپ،ئاشۇ يۇۋاش ساددا،ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنى بوزەك قىلىۋاتقانلىقىدۇر.ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزىنىڭمۇ شۇنداق بىچارە ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايدۇ.

 



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئاپاچ 2014.10.13 , 18:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    دىۋان ،،كۈلۈپ تىلىقىپ كاپتىمەن دىسە…

  2. ~قاراقچى 2014.10.13 , 19:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوقۇپ باقاي ، تۆدە ئولتۇرۇپ :mrgreen:

  3. كۈسەن 2014.10.13 , 19:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىسىل

  4. ئىسيانكار 2014.10.13 , 22:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۈچۈنجى قىتىملىق ئاشكارە ئېلان قايسڭلار پارونىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىنى بىلسەڭلار ماڭا يوللاپ بىرىڭلار ، قىززىق پاراڭلىرىدىن مەنمۇ ھۇزۇرلىناي مۇندا ئىلخەت : 57696826@qq.com

    • سەۋدايى 2014.10.14 , 11:24

      بۇ يەردە ئىسيان كۆتۈرمەڭ ، بىكا ئاپىرىپ تورخۇمارنىڭ ھېلىقىدەك كىنولار تۈرمىسىگە قامىۋەتمەي:mrgreen::mrgreen::mrgreen:

    • ئىسيانكار 2014.10.14 , 22:16

      باشلىق بوپ سىزدە مۇبارەك بولسۇن ، سىلە ھوقۇق تۇتقاندا ئىسيان كۆتۈرەپ ھەددىممۇ مىنىڭ :grin::lol::lol::lol::lol:

  5. خاككىر 2014.10.14 , 18:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك پەيزىكەنغۇ ئۆتنە ئالەم دىگەن مۇشۇ كەندە

  6. سەيياھمەن 2014.10.14 , 19:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر ئېغىز گەپ: ئېسىل!!!

  7. ئاتامان 2014.10.15 , 14:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئىشلاردا ھەممىمىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، بىز پەقەت زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى بوزەك قىلىۋاتىمىز ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچراش نۆۋىتى ئۆزىمىزگە كەلمىگۈچە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇۋاتىمىز خالاس.:shock::shock::shock::???::???::wink:

  8. يانغىن 2014.10.16 , 14:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۈلكىللكلا ئەمەس ناھايتى ئاچچىق رىئاللىق!

  9. مايماق 2014.10.16 , 19:04 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    يامان ئاداشكەن جۇما ما پارول دېگەن :mrgreen:

  10. 767573338@qq.com 2014.10.18 , 17:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ بەتتىكى ھۆججەت قىسقۇچتىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان دىتالنىڭ ئىسمى نىمە ؟ تور خۇما ر ئەپەندىم .ئىنكاس يازساممۇ ئىسمى كۆرۈنمىدى .ئىنكەس تەستىقلانماپتۇ .

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量