[پارول] باشلانغۇچ مەكتەپ خانىمى سوپىيەمنىڭ ئۇچرىشىشى
قايسى چاغدا سانىيە ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ئۇچرىشىشقا بارغانلىقى دىگەن، بۈگۈن يەنە بىر قىز،يەنە سوپىيەمنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلايلى. سوپىيەممۇ چوڭلارنىڭ قاتتىق زورلىشى بىلەن بىر نەچچە يىگىت بىلەن ئۇچرىشىشقا باردى،ئەمەلىيەتتە سوپىيەمنىڭ يېشى ئۇنچىلىك چوڭ ئەمەس،بىراق چوڭلارنىڭ مۇشۇ زورلايدىغان ئىشىزە…
1.
سوپىيە بىرىنچى يىگىت بىلەن تۈركچە تائاملار ئاشخانىسدا كۆرۈشتى،قارشى تەرەپ بەستلىك كەلگەن،ئاۋازى توم،قوپال چىرايراق بىرى ئىدى……
-ياخشىمۇسىز……
-ۋوي،سوپىيەم ساقام،كەلدىڭىزما،ئونام ئونام،ئوماقلىقىنى،
-ھە،ئىئىم~كەلدىم،بەك ساقلىتىۋەتمىگەندىمەن ھە……
-ۋاي نەدىكى گەپلەرنى قىلىغاندۇ بۇ،نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىغاندۇ،ۋۇتان ۋۇتان……
-ئۇھ~ھە،ئىشتىن چۈشۈپ كىلىشىمتى،قورسىقىم ئېچىۋاتىدۇ……
-مانا،مانا،ئاتۇنۇمنىڭ قورسىقى ئېچىپ كېتىپتۇ،قورسىقى ئېچىپ كېتىپتۇ،
(ئەرنىڭ ئاۋازى نورمالغا كەلدى)
-ھەي ئۇكام،كىلە ،تاماق يازە بىزگە
-ھە ،ئاكا،نىمە يەيسىلەر
(ئەر يەنە ئەركىلەپ گەپ قىلدى)
-ئاتۇنۇم نىمە يەيدىكىن
-مىنىڭ ئىتالىيە چۆپى بىلەن مىۋە سالات يىگۈم بار ئىدى
-ۋاي ناۋىتىم سالات ئامراق كەندە،ۋۇتان ۋۇتان
-ئۇھ ،بولدى قىلىڭە ھامۇتجان
-ئاۋازىنىڭ تاتلىقلى(يەنە جىددىي ئاۋازدا)،ھە ئىتالىيە چۆپى،ئاندىن دۇنەر كاۋاپ،پىسسا قاتلىمىسى،مىۋە سالات ،يازدىڭما،(يەنە ئەركىلەپ)،ئاتۇن،نىمە چاي ئىچىسىز
-خوتەن ئەتتىرگۈل چىيى ئىچەيلى……
-ۋوي تاتلىق ناۋىتىم،خوتەن چىيىنى ئىچىدۇ مىنىڭ ئاتۇنۇم،بولە ئۇكام،خوتەن ئەتتىرگۈل چىيى……
……
-ھامۇتجان،سىزنى ھاشىخندەم تۆمۈر يول خادىمى دىگەنتى،تازا جاپالىقتۇ خىزمىتىڭلار
-جاپالىق بوشىمۇ چىدەيمەنغۇ ئاتۇنۇم،سىز مۇئەللىممۇ؟
-ئۇھ……شۇنداق،باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ
-ئاقارا،ئاقارا،ئاقارا يامانلىقىنى،ۋۇي شىز ئاشۇنداق ئوماقما،شىز ئاشۇنداق تاتلىقما؟ يامانلىقىنى،مالىم دەپ كەتكىنىنى بۇ بۆجەننىڭ……
-ھامۇتجان،خاپا بوممىسىڭىز مانداق ئەركىلەپ گەپ قىممىسىڭىزچۇ ،بىر خىل تۇرىدىكەن……
-ماقۇي،ئوماق،ماقۇي
-مانا تامىقىڭلار ئاكا،مانا ئاشقان پۇل……
-ھىم ياخشى،خاپا بولماي بىزگە قايناقسۇ ئەكىلىپ بېرە……
-ماقۇل ئاكا……
-ئىلىڭە قوزام،ئىلىڭە،مەن يىگۈزۈپ قويايمۇ يە،ۋۇتان ۋۇتان……
-ئۇھ،رەھمەت بولدى،ئۆزەم يىيەلەيمەن……
-باتۇي باتۇي……
-ھامۇتجان ،سىزدىن بىر سوئال سوراپ باقسام……
-ھە قېنى……
-سىز تويلاشقىلى چىققانمۇ يە مېنى بېقىۋالغىلى چىققانمۇ……
-ۋاھ ما نۇنۇشنىڭ گەپلىرىنىڭ تاتلىقىنى ،بېقىۋالىمەن،ئۆزەم چوڭ قىۋالىمەن،ناۋات ناۋات
(ھامۇتجان سوپىيەمنىڭ يۈزىنى بوش چىمداپ قويدى)
-ئاھاي،ئۇنداق قىلماڭە،تازىمۇ بىر……تېلىفون ئۇرىۋالاي!
سوپىيەم تېلىفون باھانىسى بىلەن ئاشخانىدىن چىقىپ ،ئۇدۇل ئۆيىگە قايتتى:
-توۋا،ماۋۇ ئاداشقا نىم بالا تەگكەن،بالىسى دەپ قالدىمۇ مېنى،ھەي~
2.
كىينرەك سوپىيەم چوڭلارنىڭ زورلىشىدا يەنە بىرى بىلەن كۆرۈشتى
-ياخشىمۇسىز،ياسىنجان سىز بولامسىز
-ھە،ھە……بۇ ……مەن……يا……يا……
-ھوي ،ئەمەسما،خاتا بولۇپ قاپتۇ،كەچۈرۈڭ……
-يا……مەب شۇ ياسىنجان،س……سى……سىز
-ھوي،مەن سوپىيەم
-ھە،قېنى قېنى ئولتۇرۇڭ……چاي ئىچىڭ……ۋاي ئاپلا……
(چاينى پىيالىگە قويىمەن دەپ،ئۈستەلگە تۆكىۋەتتى)
-ھېچقىسى يوق،تۆكۈلمىدى
-بەك……بەك……،سەت بولدى،بەك ھودۇقۇپ كېتىۋاتىمەن……،ئىسمىم ياسىنجان
-ياسىنجان،بىلىمەن……
-ئەر……
-شۇنداقتەك تۇرىدۇ……
-تېخى ئۆيلەنمىگەن……
-ھاھاھاھا،ئۆيلىنىپ بۇ يەرگە كەلسىڭىز ،تاياق يەرسىز؟ھاھاھد
-ئۇھ……بەك ھودۇقۇپ كەتتىم……،توختاڭ،
(ياسىنجان چاي ئىچىمەن دەپ مايكىسىغا تۆكىۋالدى)
-ھوي،مايكىڭىز ئۇسساپ كەتتىما،ھاھاھد
-سەت بولدى ،مەن ياسىنجان……
-ھاھاھا،بىلدىم……
-ئەر……
-ھاھاھاھا،نىمداق قىزىقچى سىز……
-تاماق بۇيرۇتتىڭىزمۇ سوپىيەم~
-ھاھاھاھا،مەن ئەمدى كەلدىم،بولدى ھودۇقماڭە،كۈلۈپ قورساقلىرىم ئاغرىپ كەتتى……
-ھە ھە ماقۇل……،تاماق بۇيرۇتايلى،ئۇكام ،ماياققا كىلىڭە……
-ئاكا،نىم تاماق يەيسىلەر
-نىم بولسا بولىۋىرىدۇ
-ھوي ياسىنجان،ھودۇقماڭە،مەن بۇيرىتايما بولمىسا؟
-بولىدۇ بولىدۇ
(ياسىنجان نىمە سەۋەپتىنكىن تاڭ،ئىككى ۋاراق قەغەز سۇغۇرۇپ ئېلىپ،يانچۇقىغا سالدى)
-پۇف~ھاھاھا،قاراڭ ئۇكام،بىزگە كىچىك تەخسە پولۇ،ئاندىن ماۋۇ قوناق قاتلىمىسى،ئاندىن مىۋە سالات،ما ئاكىڭىز چوقۇم لەغمەن يەيدۇ،لەغمەندىن بىرنى……
-ماقۇلە،سەل ساقلاپ تۇرۇڭلار
……
-ياسىنجان،نىمە خىزمەت قىلىسىز؟
-مەنما؟
-ھە سىز……
-ئىشلەيمەن……
-ھاھاھاھا،شۇ نەدە ئىشلەيسىز
-ئىدارىدە
-ۋاي ،نىمانداق قىزىقچى سىز،تەمتىرىمەڭە،قايسى ئىدارىدە
-ھە؟ سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدە
-ۋوي،ياخشى ئىدارە ئىكەن،مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە.
-ئوقامسىز؟
-ھاھاھاھاھا،چاي ئىچكىلى قويامسىز قويمامسىز؟ ھاھاھاھا
-سەت بولدى……،مەن……
-مەن بۇ يېشىمدا باشلانغۇچتا ئوقارمەنمۇ ؟
-ئەمسە مۇئەللىمكەنسىزدە……
-ھەئە،
-سىنىپىڭلاردا نەچچە مالىم بار؟
-ھە؟
-ۋاي ياق،ئوقۇغۇچى بار؟
-40تەك ئوقۇغۇچۇم بار……
-ھەممىسى ئوقامدا؟
-ھاھااھاھا،ئوقۇماي ئەمسە……
-ھەدە،تامىقىڭلار كەلدى
(ياسىنجان ئورنىدىن شاققىدە تۇرۇپ)
-ياخشىمۇسىز،مەن ياسىنجان……
-ھە؟ ياسىنجان ئاكا،تامىقڭلار چىقتى……
-رەھمەت،ئاۋارە بولۇپ……
-ھاھاھاھاا،ياسىنجان ئولتۇرۋىلىڭە،نىمانداق تەمتىرەيسىز،
-ماقۇلە،كىلىڭە سىڭلىم ،سىزمۇ ئولتۇرۇڭ~مەن……
-ھاھاھا،رەھمەت ئاكا……
-ھەي ياسىنجان،سىز كۈندە مۇشۇنداق يۇمۇرىستىك ما،
-ياق……،مەن ……
-قېنى تاماقلاردىن يىگەچ ئولتۇرۇڭە……
-بولىدۇ……قېنى سىزمۇ ھە……تازا ئوخشمىدى،شۇنداق بولسىمۇ……
-ھاھاھاھا،ۋاي بولدى قىلىڭە……
……
-كەچ بولاي دەپتۇ،قايتايلى ،
-ما……ما……قۇل
-شۇنداق قىزىقچى ئىكەبسىز ،نىمانداق تەمتىرەيسىز……
-بىل……بىلمى……دىمغۇ تاڭ……،
-ئەمسە ،كىيىنچە پۇرسەت بولسا كۆرىشەرمىز،خوش
-ئۇزاتمىدىم……
-ھاھاھاھاھا
سوپىيە ئىككى ھەپتە ئۆزى بىلەن ئۆزى كۈلىدىغان بولۇپ قالدى……
يەنە ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى
3.
-ياخشىمۇسىز،سىز ئامەتجانمۇ……
-ھە……سانىيەمۇ سىز……
-شۇنداق مەن بولىمەن……
-كېچىكتىڭىزغۇ……،ھە؟ نىمىشقا؟
-شۇ ئىدارىدىن كەلگۈچە
-ھىم،ئولتۇرۇڭە……نىم يەيسىز؟
-مەيلى،سىز بۇيرۇتۇڭ……
-ھەي ئا گۇي سەت قارايدا بىزگە،قاپىقىنى يارىمەن ھېلى باكا……
-ھەي،تاماق بۇيرۇتايلى دىسەم نىم دەپ يۈرىسىز
-ئا گۇينى دەيمەن،قاراپ بىزگە……
-تاماق بۇيرۇتۇڭە بولدى……
-ھە ئۇكام،كىلە ماياققا، نىم سەت قارايدۇ ئاۋۇ،ھېلى باكا……
– كارىڭىز بولمۇسىنا،
-ئاكا نىمە تاماق يەيسىلەر؟
-نىمە سەت قارايسەن؟
-ھە؟ ئاكا مەن نەدە سەت قارىدىم……
-مانا قارىدىڭغۇ،
-قارىمىسام،قانداق مۇلازىمەت قىلىمەن؟
-لوبىنىڭ سەت قاراپ مۇلازىمەت قىك دىگەنما؟ ھە؟ چاقىرە،بولە،خوجايىنىڭنى چاقىرە……
-ئاكا بۇ……
-ۋوي بولدى قىلىڭە،ئۇكام مەن بۇيرۇتاي،گۆشنان،مەرۋايت سومىيەن ،مۇشۇلار بولسۇن
-ماقۇل،ھەدە،ھازىرلا……
-بولە ھازىرلا دىمەي……
-ماقۇل……
-ئامەتجان،بۈگۈن كەيپىيات ياخشى ئەمەسما……
-ياق،بەك خوشال مەن……،سىز مالىمما؟
-شۇنداق،باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ……
-خىڭ،
-ئۇھ……سىزچۇ؟
-مەن سودىگەر،
-مەن تېخى سىزنى مەخسۇس پۇل يىغىدىغان قارا تەشكىلاتمىكىن دەپتىمەن مىجەزىڭىزگە قاراپ……
-دەپقاپسىز،ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايمەن مەن،ھېچقانداق ئادەمدىن قوقمايمەن……
-ھە ھە
-ئالايغاننىڭ كۆزىنى ئويىمەن……،ئا گۇي سەت قارايدا،ھېلى بېرىپ ئاشۇ……
-بولدى قىلىڭە……
-قورقمايمەن جۇمۇ،يەۋىتىمەن ئۇنى……،سىز بوپ قالدىڭىز جۇمۇ……
-ئۇرۇشقاق ئادەممۇ نىمە سىز؟
-ياق ياق،ئۇرۇشقاق ئەمەس،سەت قارىغاننىڭ قاپىقىنىڭ بېزىنى ئالىمەن……
-راست قارام ئىكەنسىز،ھوي مۈرىڭىزدە ئۆمۈچۈك تۇرىدىغۇ؟
-نىمۇ؟
-ئۆمۈچۈك……
-ئاپپام~!!!!
(ئامەتجان بەك ئىنچىكە ئاۋازدا ۋارقىرىۋەتتى،ئاشخانا پاتپاراقچىلىققا تولدى،سوپىيە سومكىسىنى ئېسپلا چىقىپ كەتتى)
-ۋىيىي لاۋزا.ئەر كىشى دىگەن يامان بولمىسىمۇ،بۇنداق قۇرۇق سۆلەتۋاز بولمىسا بولىدىكەن،تېخى قارام دەپ كەتكىنىنى……
4.
يەنە بىر ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇردى
-ياخشىمۇسىز
-ھە كەلدىڭىزما،
-شۇنداق
-نەگە بارغان……
-ئىشتىن كەلدىم
-ھە~ھە ھە،ياخشى بوپتۇ،نەدە ئىشلەيسىز؟
-مەكتەپتە؟
-قايسى مەكتەپتە؟
-پالانچى باشلانغۇچ مەكتەپتە
-ھە~ھەھە،قايسى سىنىپقا؟
-بىرىنچى يىللىقنىڭ سىنىپ مۇدىرى
-ھە~ھەھە،نىمە دەرس بېرىسىز؟
-ئۇھ……ئەدەبىيات……
-ھە~ھەھە،بالدۇر قويۇپ بەرمەيدىكەندە ئىشتىن؟
-مۇدىرىمىز ئەزىمەتكام ئۇنىمايدۇ……ھى ھى
-ئەزىمەت دىگەن كىمۇ؟
-مەكتەپ مۇدىرى بولمامدۇ؟
-ھە~ھەھە،نىمىش قىلىدۇ؟
-ئۇھ……،سىزمەندىن سوئال سوراپ بىلىم ناشۇرۋاتامسىز نىمە؟
-ياق ياق،ئىنىق بوپ كەتسۇن دەيمەنغۇ……
-قورسىقىم سەل ئاچتى،تاماق يەيلى……
-ھە~ھەھە،نىمە يەيسىز؟
-مەيلى نىم بولسا……
-لەغمەن بولامدۇ؟
-مەيلى،مەن خىلى ئامراق
-ھە~ھە ھە،قانداق لەغمەن؟
-مەيلى ،ئۆي لەغمىنى بولسىمۇ بولىدۇ؟
-ھە~ھە ھە،ئىسسىق چىقامدۇ يا……
-ئاھەي،بولدى قىلىڭە،ئۇكام بىزگە تاماق يېزىۋىتڭە……
-ھە ،ھەدە نىم تاماق يەيسىلەر~
-نىمە تامىقىڭلار بار……
-ئاكا،بىزدە ھەممە تاماق چىقىدۇ
-خوجايىنىڭلار كىمۇ؟
-ھاپىزكام،ھاپىز لوبەن
-ھاپىز؟ نىمە قىلىدۇ ئۇ ئادەم؟
-بۇ……مۇشۇ ئاشخانىنى ئاچقان ئادەم شۇ……
-قاچان ئاچقان؟
-تاڭ بىلمىدىم.
-ئۆزى نەلىك……
-ئۇھ،نەمەتجان،جىق سوئال سورىغۇچە،تاماق بۇيرۇتايلى،ئىككى لەغمەن بولدى……
-ئىككى ئۆي لەغمىنى……
-ئېشى سوغۇق چىقامدۇ يە؟
-سوغۇق؟ قانداق سوغۇق؟
-ئۇھ……مەيلى قانداق بولسا……تېزراق چىقسۇن ئۇكام……
-ئالدىرامسىز؟
-ياق،قورسىقىم ئېچىپ كەتتى……
-چۈشتە نىمە يىگەن؟
-گۈرۈچ تاماق
-كىم ئەتكەن؟
-ئاپام ئەتمەمدۇ……
-ئاپىڭىز نىمىش قىلىدۇ
-پىنسىيەگە چىققان……
-قاچان؟
-ھەي،تامىقڭىنى چىكەڭگە تاڭە……كەتتىم مەن……
سوپىيە قاتتىق غەزەپتە ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى……
5.
-ياخشىمۇسىز
-ھە ياخشى،ئۆزىڭىزچۇ
-مەنمۇ ياخشى……
-ھىم،ئولتۇرڭە……
-رەھمەت……
-تاماق چىققۇچە پاراڭلىشايلى…
-بولىدۇ……
-ئەگەر توي قىلىپ قالساق،قانداق قىلاي دەيسىز
-ھە؟ بۇ قانداق سوئال بولدى؟
-ئۆينىڭ ھۆددىسىدىن چىقالامسىز؟
-تىرىشىمەن
-مانا تىرىشىمەن دەپ ئاشۇ……،چىقىمەن دە……
-ۋوي،سەنلىمەڭ،بۇ……
-سەنلىمەي ئاشۇ……تاماق ئىتەلەمسەن؟
-ئىتىمەن،ھەممىنى ئىتىمەن……سەنلىمەڭە……
-سەنلىمەي ئاشۇ……،ئۆيلەرنى پاكىز تازلايسەن!ئۇقتۇڭمۇ……
-ئاھاي،تۈزۈك گەپ قىلىڭە،بىز تېخى توي قىمماي تۇرۇپ……نىم سەنلەيسىز~
-سەنلىمەي ئاشۇ……قوشنا خۇلۇملارنىڭكىگە ئاز كىرىسەن!
-يەنىچۇ……
-بەشقا ئەرلەرگە گەپ قىلىدىغان بولساڭ،ئاشۇ……يەيسەن مۇشتنى~
-ۋايجان ،ھەي ساراڭ بولدىڭىزمۇ،نىمە مۇشت تەڭلەيسىز……
-مۇشت تەڭلىمەي ئاشۇ……،بالا يىغلاپ كەتسە ،باشتا بېرىپ پەپىلەيسەن،بولمىسا بىقىنىڭغا……
-ئاھ،خۇدا ،نىمە يۈرىدۇ ما بالا……
-دىمەي ئاشۇ……،تاماق يەپ بولغاندا،چىنىلەرنى يۇمايدىغان بولساڭ،كۆزۈڭگە مۇشت……
-تارتىڭە قولىڭىزنى……ئۇرىدىغانغا قونچاق بولغىيتتىم……
-ئايالىم بولغاندىكىن ئۇرىمەندە……
-كىم ئايالىڭىزكەن؟
-سەنغۇ~ھوي راست بىز تېخى……سوپىيەم سەت بوپتۇ……
-ئىشىڭنى قىلە ئاكا،كەتتىم،خوش……
سوپىيە ئاچچىق يۇتىۋالغاندەك بولۇپ قالدى،ئۇ:
-ئەمدى ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان بىرى چىقمىغۇچە ھەر گىزمانداقلار بىلەن كۆرۈشمەسمەنا،قۇرىسۇق ئەركەكلىكى……
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: يۇمۇر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 20,935 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى
- يازما مەنزىلى: sopiyem-uchrishish.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
- كېيىنكى يازما > تورخۇماردىكى باللا تىژلىقمۇ؟
- [پارول] توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى مۇشۇنداقلا تۈگىدى دىگەنما؟ قىززىق ئىش ئەمدى بولماقچى!
- [پارول] غەرپكە ساياھەتنىڭ سىلەر كۆرۈپ باقمىغان قىسىملىرى
- [پارول] خاسىيەتلىك پالۋان بولسىلا ھېساب ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بار
- [پارول] قانداق ئويلىساڭلار مەيلى، ئىشقىلىپ مەن داۋالاشنى توختاتمىدىم
- [پارول] تۇرمۇشتا شۇ…ئۇنداق مۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرغانمۇ ياخشىمىش
- كۈلكە – جاننىڭ ئوزۇقى | بىر قىسىم تاللانغان يۇمۇرلار(5)
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر 3
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر 2
- بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرنى بومباردىمان قىلىدىغان ئاشۇ كىچىك پارچىلەر
- خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ نېمىشقا كۇسارنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە كىيمەي تېشىغا كىيىۋالىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
نىمدا قىززىق
دېۋان !!!!!!!!!! تورخۇمارلا يوقمۇ نېمە بۈگۈن!!!!
ئادوش ئاۋۇ ئېلتەبىر دىۋاندا ، سىللى تۆدە
پىچەت
-ئالايغاننىڭ كۆزىنى ئويىمەن……،ئا گۇي سەت قارايدا،ھېلى بېرىپ ئاشۇ……
-بولدى قىلىڭە……
-قورقمايمەن جۇمۇ،يەۋىتىمەن ئۇنى……،سىز بوپ قالدىڭىز جۇمۇ……
-ئۇرۇشقاق ئادەممۇ نىمە سىز؟
-ياق ياق،ئۇرۇشقاق ئەمەس،سەت قارىغاننىڭ قاپىقىنىڭ بېزىنى ئالىمەن……
-راست قارام ئىكەنسىز،ھوي مۈرىڭىزدە ئۆمۈچۈك تۇرىدىغۇ؟
-نىمۇ؟
-ئۆمۈچۈك……
-ئاپپام~!!!!
ھاھاھاھاھاھا پارۇل رۇس تۇر
ئەمما گەپ سۇزلەر بىربىردىن قىززىق جۇما
ما قىززىقچىلىقنى ئەركەكلەر قىزلارنىڭ ئالدىدا سەتلەشمەيلى ھە بۇنداق ئىشلار ئەمەلىيەتتە كۆرۈلمىسۇن بولمىسا مۇشۇنداق تورخۇمارغا يېزىلىدىۇ قىلغان ئىشىڭلار
ھاھا ھاھاھا ھا بىر ھازا كۈلۈپتىمەن
بۇ ھىكايىمۇ تېپىشماقمۇ؟
ئىتوت قىلىپ ئىشلىۋەتسىمۇ بوپتىكەن . بۈگەن ئەتە ئىشلىنىپ قالامدۇ تېخى
ئالامەت يۇمۇركەنغۇ بۇلا
سەنلىمەي ئاشۇ دىيىشى خالمۇرات ئاكىمىزنىڭ سۆزىگە بەك ئوخشاپتۇ.
ئەتتىگەندە،سەھەردە كونوپكا تاختىسىنى بۇلغىدى،،،،،،،
ئاپام………………….
يېقىندا تورخۇمارمۇ جىق ئۇچرىشىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، چوقۇم بەك قىززىق ئىشلا بولدى، دەپ بەسە بولىتتى ھە.
ھەي ماشۇ پارولكىامنىڭ يۇمۇرلىرىنى يۇمۇرلىرىنىزە ….
ۋەششىكەن
ئالامەت قىزىقچى ئېدەمكىنا ما «پارول»!؟ نەدىن تاپىدىغاندۇ مانداق پاراڭلارنى.
ئىتوت قىلىپ ئىشلەپ قالساڭلار ياسىنجاننىڭ رولىغا مەن چىقاي جۇما باللا! مەنمۇ نەچچە كۈنگىچە سەۋەبسىزلا كۈلۈپ يۈرىدىغان بوپ قالىدىغاندەك تۇرىمەن شۇ تاپتا….
تۈزۈكرەك بىرەر ئوغۇل بالا چىقماي قاپتۇ ۋاي بىچارە سوپىيەم
ئالامەت
ھاھاھا نىمدىگەن قىززىق ھە
ھەجەپ مۇشتا قىزلا ماڭا ئۇچرىمايدىكەن دەيمە،بوممايدىغان بوسا نەچچىسى كەلسە شۇنچىسىنى توغرىلايتىم دە…ھەي…ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق،سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق دەپ…