نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

[پارول] خاسىيەتلىك پالۋان بولسىلا ھېساب ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بار

1. ئۆمۈچۈك پالۋان

ئۆمۈچۈك پالۋان بىنامۇ بىنا تور تارتىپ يامىشىپ، تازا نايناقشىپ  كېتىپ بېرىپ، بىر بىنانىڭ دېرىزىسگە يامىشىۋاتقاندا، بۇلۇڭ تەرەپتە تور توقۇپ تۇرغان بىر كىچىك ئۆمۈچۈك ئۇنىڭغا قاراپ: – ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۆمۈچۈك پالۋان، ھارماڭلا…
ئۆمۈچۈك پالۋان: – ئاپپا!!! ئۆمۈچۈك~~
ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ قولى بوشاپ كېتىپ، بىنادىن چۈشۈپ يارىلىنىپتۇ.
خاتىمە: ھەرقانداق باتۇر ئادەمنىڭ ئاجىز تەرىپى بولىدۇ مەيلى ئۇ ئۆمۈچۈك پالۋان بولسۇن!

super-hero-funny

2. چاقماق پالۋان

مۇخبىر: ياخشىمۇسىز چاقماق پالۋان، سىزدىن سورايدىغان سوئال بارتى؟
چاقماق پالۋان: قېنى سوراڭ
مۇخبىر: قارىسام سىز جىم تۇرماي يۈگۈرىدىكەنسىز، ئەمما سىز ئانچە تېز يۈگۈرمەيدىكەنسىز، كېشىلەر نىمىشقا سىزنى چاقماق پالۋان دەيدۇ؟
چاقماق پالۋان: چۈنكى مەن بەڭگىلەرگە يۈگۈرۈپ تۇرۇپ چاقماق ساتىمەن ئەمەسمۇ؟
خاتىمە: نام ئاتاقنىڭ ھەممىسى بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىدىن كېلىۋەرمەيدۇ.

3. خاسىيەتلىك ئادەم

خاسىيەتلىك ئادەم يەنە بىر مۈشكۈلاتنى يېڭىپ، كىشىلەرگە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، ئەتىسى خەۋەرنىڭ باش بېتىگە مانداق خەۋەر بېسىلدى:  خاسىيەتلىك ئادەم گەرچە كۆپ ياخشى قىلغان بولسىمۇ، بىراق بالىلارغا بولغان يامان تەسىرى چوڭ، بىر چوپچوڭ ئادەممۇ ئىشتاننىڭ تۆپىگە كۇسار كىيىپ چىقامدۇ؟
خاتىمە: ئىقتىدار بولۇش بەك مۇھىم، بىراق تاشقى قىياپەت ئۇنىڭدىن مۇھىم.

4. شەپەرەڭ پالۋان

جەمئىيەتتە كىشىلەرنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى نىمىشقا شەپەرەڭ پالۋان پەيدا بولغاندا توختىماي ناخشا ئېيتىپ ياكى ۋارقىراپ پەيدا بولىدۇ دىگەن تېما ئىدى…
بۇنىڭغا شەپەرەڭ پالۋان ئۆزى جاۋاپ بەردى:
مېڭىشەۋا! مەن شەپەرەڭ پالۋان تۇرسام، كۆزۈم كۆرمىسە، ئاۋاز چىقىرىپ، قايتقان ئاۋازدىن ئالدى تەرىپىمنى ھېس قىلمىسام، تامغا ئۈسىۋالمامدىم، ساراڭدەك سوئاللارنى دەيدىكەنسىلەر…
خاتىمە: جانلىقلارنىڭ ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىش بر خىل ئارتۇقچىلىق.

5. خەلق قەھرىمانى روبىنخان

– موما، نىمىشقا روبىنخان شۇنداق باتۇر تۇرۇپ، ئاران بىرلا ئايالى بار؟ باشقا پادىشاھ، باتۇرلارنىڭ نەچچىدىن ئايالى بار؟ نىمىشقا؟
– ئەخمەق بالام، روبىنخان ئاشۇ بىر ئايالنى باشقۇرالماي، يېشىل دوپپا كىيىپ يۈرسە، نەرسە خوتۇن ئېلىۋالسا، ياپيىشىل  شۈرىككە ئايلىنىپ قالمامدۇ؟
خاتىمە: غەيۋەت، پىتنە پاسات دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە باردە…

6. كۆرۈمسىز ئۆردەك بالىسى

كۆرۈمسىز ئۆردەك بالىسى ھەممە جانلىقلارنىڭ كەمستىشى، ھاقارەت قىلىشى، بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ يۈرسىمۇ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ياشاپ، ئاخىرى ئاپپاق ئاققۇ غا ئايلاندى…
خاتىمە: كۆرۈمسىز ئۆردەك بالىسىنىڭ ئاققۇغا ئايلىنىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ قەيسەر باتۇرلىقى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ ئاققۇ بولغانلىقىدا…

7. قار مەلىكە

قار مەلىكە قورقۇنۇشلۇق ئورمانىلقتا يەتتە پاپىنىڭ ياردىمىدە ھايات قالدى، يەتتە پاپىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىدە ئورماندا خاتىرجەم ياشىدى، يەتتە پاپىنىڭ  باتۇرلىقىدا ئالۋاستى خانىشنى يوقاتتى، يەتتە پاپىنىڭ بەخت تىلىشىدە شاھزادە بىلەن توي قىلدى…
خاتىمە: ئېسىڭلاردا بولسۇنكىن، سەت، پاكار ئادەملەر ھەرقانچە تىرىشسىمۇ، چىرايلىق قىزلار باينىڭ بالىلىرىغا تېگىدۇ.

8. كۈلقىز

شاھزادە گۈزەل قىز چۈشۈرۈپ قويغان ئالماس كەشنى كۆتۈرۈپ، شەھەردىكى بارلىق قىزلارغا كىيدۈردى…
شاھزادە كۈلقىزنىڭ ئۆيىگە كېلىپ كۈلقىزنىڭ ئۆگەي ھەدىلىرىگە كىيدۈرۈپ باقتى، بىراق پاتمىدى، ئاخىرى كۈلقىزگە كىيدۈرۋىدى، دەل كەلدى، شۇنىڭ بىلەن كۈلقىز شاھزادە بىلەن توي قىلىپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى.
خاتىمە: قىزلارمۇ تازا ئەخمەق ئىكەن، 34 رەزمىرلىك ئاياق 38 ،39 ،40 ،42 رەزمىرلىك پۇتقا پاتامتى؟

9. زۇمرەت ۋە قىممەت

زۇمرەت ئورمانلىقتىكى موماينىڭ ئۆيىدە بىركىچە تۇرۇپ،ئالتۇن كەشنى كىيىپ كەلدى…
زۇمرەتنىڭ ئاتا باشقا، ئانا بۆلەك ھەدىسى قىممەت بېرىۋىدى، ھارغىچە تاياق كەلدى…
خاتىمە: ئويلاپ بېقىڭلار، موماي ئەلۋەتتە ئۆز نەۋرىسى زۇمرەتنى ياخشى كۆرىدۇدە، قىممەتنى تونۇمىسا ئۇ موماي…

10. ئەپچىلەم ۋە ئۈژمە سايىسى

ئەپچىلەم پەم پاراسەت بىلەن جازانىخور باي بىلەن سودىلىشىپ، ئۈجمە دەرىخىنىڭ سايىسىنى سېتىۋالدى، باي ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىكىدىن بەك مەمنۇن بولدى، ئەپچىلەم بولسا باينى باشقىچە پەم بىلەن بابلىماقچى بولدى…
خاتىمە: ئەپسۇس، ئەسلى ۋەقەلىك: توختام تۈزگەن كۈندىن باشلاپ ئۇدا نەچچە يىل ئاپتاپ چىقماي، ئەپچىلەم ئۈجمىنىڭ سايىسىنىى تاپالماي، ئاچچىق يۈتۈپ دىئابىت بولۇپ قالدى…
شۇڭا كونىلار «كەمبەغەلنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ» دەيدۇ ئەمەسمۇ…

11. تاشپاقا بىلەن توشقان

تاشپاقا بىلەن توشقان يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشۈپتۇ، توشقان ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، تاشپاقا ماڭا يىتىشەلمەيدۇ دەپ مەغرۇرلىنىپتۇ…
نەتىجىدە ھاكاۋۇر توشقان تاشپاقا تەرىپىدىن يېڭىلىپ قاپتۇ، بارلىق ھايۋاناتلار تاشپاقىغا تەنتەنە قىلىشىپتۇ…
خاتىمە: شۇ كۈنى كەچتە ئادەملەر مېززىلىك بىر تەخسە تاشپاقا قورىمىسىنى يەۋىتىپ تۇرۇپ «ماۋۇ تاشپاقىنى بىزنىڭ ئۆيدىكى توشقان قوغلاپ كەپتۇغۇ تاڭ» دېيشىپتۇ…
خاتىمە: ھەرقانداق ھىيلە مىكىر كۆزگە كۆرۈنگەندە راستتەك بىلىنىدۇ…

12. سادىر پالۋان

بىر بالا ئاسمانغا قاراپ خىتاپ قىپتۇ:
– ئەي سادىر بوۋا، ئۆمۈچۈك پالۋان، شەپەرەڭ پالۋان، چاقماق پالۋانلارنىڭ بىردىن خاسىيەتلىك ھۈنىرى بار، سىز سادىر پالۋاننىڭ نېمە دەپ ئۇنداق خاسىيەتلىك ئىقتىدارىڭىز يوق!؟
كۆكتىن سادىر پالۋاننىڭ ئاۋازى كەپتۇ:
– ئەي بالا، شۇنىمۇ ئۇقمامسەن، ئۇلار دىگەن ئامېركىلىق تۇرسا…
خاتىمە: بىزنىڭ پالۋانلىرىمىز خاسىيەتلىك بولمىغان بىلەن، ھەممە بىربىرىدىن نوچى، بىربىرىدىن مەرت، بىربىرىدىن قورقماس، ھەقىقىي ئەزىمەتلەر…



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ئارسلان 107 2013.11.07 , 16:44 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كۆرۈمسىز ئۆدەك بالىسدىكى خاتىمە ئويلاندۇرۇپ قويدى…….

  2. تەلبا 2013.11.07 , 17:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خاتىمە: بىزنىڭ پالۋانلىرىمىز خاسىيەتلىك بولمىغان بىلەن، ھەممە بىربىرىدىن نوچى، بىربىرىدىن مەرت، بىربىرىدىن قورقماس، ھەقىقىي ئەزىمەتلەر…

  3. جاھانكەزدى 2013.11.07 , 18:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەزىلىرىنىڭ ئانچە ئاساسى يوقكەن !:arrow:

  4. ئۇدغۇرمىش 2013.11.07 , 20:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەڭ ئاخىرقىسى نوچى چىقىپتۇ:mrgreen:

  5. رىچارد 2013.11.07 , 20:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەقىقەتەن قەلەم قۇۋەتلىرى باركەن پارول بىگىم !!!

  6. توك ھەرىسى 2013.11.07 , 21:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خاتىمە: ئېسىڭلاردا بولسۇنكىن، سەت، پاكار ئادەملەر ھەرقانچە تىرىشسىمۇ، چىرايلىق قىزلار باينىڭ بالىلىرىغا تېگىدۇ.
    ماگەپ توغرىدەك قىلىدۇ جۇما.

  7. دىلكەش 2013.11.07 , 22:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    پارولجاننىڭ يۇمۇرلىرىنى 4كۈن بۇرۇن پارولنى، ئۇندىدارغا قوشقان ۋاختىمدا مۇشۇ بىلوگقا يوللاپ قوياي دىسەم خۇددى مىنىڭ مەخسىتىمنى بىلىپ قالغاندەكلا ئۆزى يوللاپ يۈرۈپتۈ،پارولجان مانداق كاتىپ-پاتىپ لازىم ئەمەسما ئۆزلىرىگە؟بىر-بىرىمىزنى كۆرمىگەن بىلەن 7~8يىللاردىن بۇيان كونا مۇنبەرداش جۇمۇ بىز.بولسا كونا مۇنبەردىكى قادىخان،قىزلاردىن ئۇيغۇرئايلارنىمۇ مۇشۇ يەرگە تەكلىپ قىلساق دەيمەن.قادى تازنى يەنە شۇ كىت ئورىۋىلىپ سىرتقا چىقارمىغان ئوخشىمامدۇ.(قادىخاننىڭ سەلكىندىكى باش سۈرىتى شۇنداققۇ،شۇ ئىسىمدە قاپتۇ) ھەي ئاجايىپ چاغلار ئىدى دە،كاساپەت چاغلار.مانا ئەمدى بىرئۆي باشقا كىيلگەندىن بىرى سىغىنىپ قالىدىكەن شۇ مەۋھۇم دوستلارنى.

    • sazgur 2013.11.11 , 19:00

      پارولنىڭ ئۈندىدار نومۇرى قانچىكەن؟

  8. بىرتال نۇقتا كوم 2013.11.08 , 10:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    داڭقىنى ئاڭلىغان بۇ پارولجاننىڭ !

  9. غالىبجان 2013.11.11 , 11:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ ئەپچىلەمنىڭ سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى مىنى دىمىسىمۇ ئاپتاپ چىقمىغىلى توپتوغرا 20013-1949=64
    يىل بوپتۇ….

  10. سەردارى 2013.11.12 , 21:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا كىرمىگىلىمۇ ئۇزۇن بوپ كىتىپتۇ. بەكلا كۈلكىلىككەن

  11. ئوقۇغۇچى 2015.05.31 , 02:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    64 يىللىق ھايات

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量