[پارول] قانداق ئويلىساڭلار مەيلى، ئىشقىلىپ مەن داۋالاشنى توختاتمىدىم
1. بىزنىڭ بىر تۇغقان يولدا ئۇچراپ قېلىپ، چوڭلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ:
– ھە، چوڭلاردا تېلىفون باردۇ؟
مەن:
– ھەئە، ئىككىلىسىدە بار…
تۇققان:
– قانچە(نومۇرى)؟
مەن:
– دادامدا بىرسى، ئاپامدا بىرسى، جەمئىي ئىككىسى بار!
تۇغقىنىمىز گەپ قىلماي كېتىپ قالدى… دېمىسىمۇ ئىككىغۇ، ئەجىبا بىرسى يېنىغا بەشتىن ئېسىپ يۈرسە بولاتتىمۇ؟
ئىشقىلىپ قانداق ئويلىساڭلار مەيلى، مەن ئىشقىلىپ داۋالاشنى توختاتمىدىم…
2. ئاپامنىڭ بىر دوستى يولدا مىنى تونۇپ قالدى:
– توختىغىنا بالام، سەن ھەلىمەنىڭ ئوغلىمۇ؟
مەن يۇقىرى ئاۋازدا:
– ئوغلى بولماي قىزى بولسام بولامتى؟!
ئۇ ئايال گەپ قىلماي كېتىپ قالدى، دېمىسىمۇ شۇغۇ، مەن ئوغۇل تۇرسام؟!
سىلەر نىم دىسەڭلا مەيلى، ئىشقىلىپ مەن داۋالاشنى توختاتمىدىم…
3. بىر ئاغىنەم مەندىن سوراپ قالدى:
– پالانچىنىڭ ئايالى تۇغۇپتۇ ھە؟
– ھە تۇغدى.
– ۋاي نىمدا ياخشى، بالا كىمگە ئوخشاپتۇ؟
– مېنىڭچە مايمۇنغىلا ئوخشاپتۇ!
ئاغىنەم بىر مۇشت قويۇپ كېتىپ قالدى، دېمىسىمۇ شۇغۇ، سەت بالا تۇرسا…
نىم دىسەڭلا دەڭلا، ئىشقىلىپ مەن داۋالاشنى توختاتمىدىم…
4. يەنە بىر ئاغىنەم مۇنداق بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويدى:
– ئەگەر، دەھشەت چىرايلىق بىر قىز …مېرسىدىس ماشىنىنى ھەيدەپ كېلىپ، سېنى ماشىنىغا ئېلىپ ئادەم يوق بىر يەرگە ئاپىرىپ، ئاندىن كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋىتىپ «بۈگۈن خالىغىنىڭىزنى ئېلىڭ» دېسە، قانداق قىلىتىڭ؟
مەن ئويلىنىپ تۇرۇپ:
– مېرسىدىس ماشىنىنى ھەيدەپ قايتىپ كېلىتىم – دېدىم.
ئاغىنەم مېنى مەسخىرە قىلغان چىرايدا بىر ئاز تۇرۇۋىتىپ، ئاندىن:
– دېگىنىڭ توغرىكەن، بەرىبىر ئۇ قىزنىڭ كۆڭلىكى ساڭا پاتمايتتى – دېدى.
نىم دىسەڭلا مەيلى، ئىشقىلىپ ئاغىنەم ئىككىمىز داۋالاشنى توختاتمىدۇق.
5. ئايالىم كەچتە تۇيۇقسىزلا:
– ھەجەپ چوكا مۇز يېگۈم كەلدى، ئەكىرەمسەن – دېدى.
مەن:
– مېنىڭ ئانچە يېگۈم يوقتى…
ئايالىم:
– مېنىڭ بەكلا يېگۈم كەلدى، بولە، ئاۋۇ چاپاننىڭ يانچۇقىدا 10 سوم پۇل بار، ئۆزەڭگە بىرنى ماڭا بىرنى ئەكىلىپ بېرە، ئاپپاق دەپ كېتەي، قايماقلىق بولسۇن…
مەن ۋاي ۋۇي دەپ چىقىپ كېتىپ، ھايال ئۆتمەي بىر تال چوكا مۇزنى يىگەچ ئۆيگە كىردىم:
– مە خوتۇن ئاشقان پۇلنى، بىر تاللا قاپتىكەن، مەن يېدىم…
ئايالىم ماڭا قاراپ تۇرۇپ كەتتى…
نىم دىسەڭلا دەڭلا، ئىشقىلىپ مەن داۋالاشنى توختاتمىدىم…
6. چوڭلار تېلىفون قىلدى:
– بالام، ئىشتىن چۈشتۇڭمۇ؟
مەن:
– ھازىرلا چۈشىمەن.
چوڭلار:
– ئۆيدە تۇز يوق ئىكەن، تۇز ئالغاچ كىلەمسەن؟
مەن:
– تاپاننىڭ تۇزىمۇ قاغىنىڭ تۇزىمۇ؟
تېلىفون قويۇلۇپ كەتتى…
نىم دىسەڭلا مەيلى، ئىشقىلىپ مەن داۋالاشنى توختاتمىدىم…
7. خىزمەتدىشىم چىچىنى قىممەت پۇلغا ياسىتىپ، ماڭا باھا بېرىشكە قىستىدى:
– قاراڭ، چېچىم يارىشىپتىمۇ؟
مەن:
– ۋاي، دەنشىدە چىقىدىغان بىرسىگە شۇنداق ئوخشاپ قاپسىز.
خىزمەتدىشىم:
– راستما؟ ھەجەپ خوش قىلدىڭىزا، كىمگە ئوخشاپتىمەن؟
مەن:
– مىم غا…
خىزمەتدىشىم ئالىيىپ كېتىپ قالدى…
نىم دىسەڭلا مەيلى، ئىشقىلىپ مەن داۋالاشنى توختاتمىدىم…
8. ئۆيدە توك كەتتى، قاراڭغۇچىلىقتا شام ئىزدەپ تاپالماي ئايالىمغا ۋارقىرىدىم:
-ھەي، قاراپ تۇرماي چىراقنى ياقە، تاپالمىدىم شامنى…
ئايالىم گەپ قىلماي كىرىپ ئۇخلىۋالدى.
نىم دىسەڭلا مەيلى، ئىشقىلىپ مەن داۋالاشنى توختاتمىدىم…
9. چەتئەلدە قېلىپ قېلىشنىڭ يەنە بىر ئاسان ئۇسۇلى، چىقىۋېلىپ پاسپورت يىرتىش دىگەن گەپنى ئاڭلاپ، قازاقىستانغا چىقىدىغان يولنى قىلىپ، قورغاسقا كەلگەندە ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن سىرتقا قارىسام، بىر نەچچە روس، بەش ئالتە قازاق قېرىندىشىمىز بازار ئايلىنىپ يۈرۈپتىكەن…
شۇنىڭ ھاياجاندا پاسپورتۇمنى يىرتىۋىتىپتىمەن…
شۇنىڭ بىلەن تاس قالدىم قورغاستا تۇرۇپلا قالغىلى…
نېمە دىسەڭلا مەيلى، ئىشقىلىپ مەن داۋالاشنى توختاتمىدىم…
10. بىر ئىش تۈپەيلى بىرسىگە ئانكېت تولدۇرىدىغان ئىش بولۇپ قېلىپ، ئانكېتنى ماڭا بەرگەم قىزدىن سورۇدۇم:
– ئىسمىڭىز نېمە؟
قىز سۆز ئويۇنى ئوينىتىپ:
– ھەممە ئادەم كۈندە تىلەپ، ئېرىشسەم دەپ ئويلايدىغان نەرسە، تېپىپ بېقىڭە!
مەن:
– لاتارىيە؟
قىز:
– ۋىيييەي، پۇلدىن باشقىچۇ، بەك تىلەپ ئارزۇ قىلىدىغانچۇ؟
مەن:
– ئوغۇل پەرزەنت؟
قىز:
-توۋا، مۇنداق تېنىم قانداق بولسۇن دەپ ئارزۇ تىلەك قىلىدۇ؟
– ئورۇق بولسۇن؟
قىز:
– ۋاي، سالامەت بولسۇن دەيدىغۇ…
مەن:
– ھە~ مانداق ئېنىق دىمەمسىز؟!
شۇنىڭ بىلەن ئانكېتتىكى ئىسمى دىگەن يەرگە «سالامەت بولسۇن»دەپ يېزىپ قويدۇم…
مەيلى نىم دىسەڭلا دەڭلا، ئىشقىلىپ مەن داۋالاشنى توختاتمىدىم…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: قىزىقارلىق، يۇمۇر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,011 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: men-dawalashni-toxtatmidim.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئاياللار ھەققىدىكى 11 كىچىك غەيۋەت
- كېيىنكى يازما > [پارول] خاسىيەتلىك پالۋان بولسىلا ھېساب ئەمەس، يەنە نۇرغۇن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەر بار
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] باشلانغۇچ مەكتەپ خانىمى سوپىيەمنىڭ ئۇچرىشىشى
ئىشقىلىپ توختاتمىساڭلار بولغۇدەك….
放弃治疗 دەپ بىر گەپ بولىدىغان ….
ھەي ،،،،سىسىق گەپما بۇ ؟
راستىنلا توختىماي داۋالانسىڭىز بولغۇدەك…
ئۈندىداردا ئاڭلىغان يومۇر: بىر قەشقەرلىك ئاغىنەم بىلەن تازا بىر چوڭ ئولتۇرايلى دەپ ھەرەمباغقا كىرىپ غىزالاندۇق، بۇيرۇتقان تاماقنىڭ تايىنى يوق پۇلى 240 يۈەن بولدى دەيدۇ، ئاغىنەم پۇل تۆلەيدىغان يەرگە كىلىپ: – ئوخشاش كەسىپتىكىلەرگە ئىتىبار قىلارسىلەر، دەپ سورىدى، پۇل ئالىدىغان كىشى كۆلۈپ كېتىپ: -ئەسىلىدە سىلەرمۇ ئاشخانا ئاچامتىڭلار ؟ دىۋىدى ئاغىنەم جاۋابەن: -ياق، بىز بولاڭچى.
قارىغاندا قەشقەرلىك ئوخشايدۇ داۋالاشنى توختاتمىغانغا قارىغاندا ،،،،،………………..بولدى دىمەي
قەشقەلىك بىريىرىڭلىنى بىرنىمە قىلمىغان بوغۇيتى؟؟؟بوممىسا قەشقەلىك ئىكەنلىكىنى نەدىن بۇلىتىڭلا؟!سەل ئويلۇشۇپ گەپقىلىلى !
مەنمۇ قەشقەرلىك قايسا بالوو ما بىزنىڭ قەشقەردە ئاشۇندا ئويغا ساغىدەك گەپ قىلىدا
مەكتەپتە دوستۇم بىلەن تاماق يىگىلى چىقساق نىمە يەيمىز دەپ سورايتى ، چىرايىمنى ئۆزگەرتمەيلا تاماق يەيلى دىسەم ، سەل جىلە بۇلۇپ ھە شۇ نىمە تاماق يەيمىز دەيتى ، ئوخشىغانراق تاماق يىمەمدۇق دىسەم ، ھومىيىپ قۇيۇپ قايسى ئوخشىغان تاماقنى يەيمىز غۇجووووم دەيتى ، ئاشپەزلە ئەتكەن ئوخشىغان تاماقچۇ دىسەم ، بېشىڭنى يەسە دەپ قۇيۇپ تاماق بۇرۇتقىلى كىتىتى ، كىيىنچە نىمە يەيمىز دىسە تاماق يەيلى دىيىشىمگىلا ئۇرۇدىغان بوغان مىنى … ھې ھې ئويلاپ باقسام خېلى مازگەپ قىپتىكەنمەنتۇق … ئاغىنەمنى ئەسلەپ قالدىم
داۋالاشنى قەتتي توختاتماڭ! بىز ئۈچۈن بولسىمۇ
ما راس بوغان ۋەقە ، ماڭا ئوخشاش قىپ باققانلا بامۇ ؟
مەكتەپنىڭ يېنىدا يوغانلا بىر تاللا بازا باتى ، مىۋە چىۋە ئۇششاق چۈششەك ئېپ پۇل تۈلىگىلى كەسەم 38كوي دەيدۇ ، ۋالاققىدە 20كويلۇقتىن ئىككىنى بەدىم ، 38كوي ، 40كوي ئويلاپ باقسام 2كوي كاملاپ قاپتۇ ، ۋوي پارچە پۇل باكەن مانى دەپ يېنىمدىن ئىككى كوينى تەڭلىسەم ئاۋۇ قىزچاقمۇ پۇلنى ئېلىپ ئويلۇنۇپ تۇرىدۇ ، مەنمۇ ھىساپلاپ كىتىپتمە تېخى ، بىردەمدىن كىيىن ئاۋۇ قىز كۈلۈپ قۇيۇپ تۆت كوي قايتۇرۇپ بەگەن
ئەسلى ئاشۇ ئەتىگىنى مەنمۇ دۇرا يىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمە … ھې ھې
باللا ئەمما تەخەللۇس دېگەن ئاجايىپ قۇيۋالدىغان بۇلاپ كەتتىڭلارغۇ،،،مەكتەپتە خىلى قىزىق يۇمۇرلارنى قۇيۇپ تۇراتتىم،،.گەپ بىلەن ئەمەس ھەرىكەتلىك يۇمۇرلارنى خىلى قۇيۇپ بالىلارنى كۈلدۈرۈپ تۇراتتىم،،ھازىزداۋالاشنى قەتئىي تۇختاتماي خىلى ئۇڭشۇلۇپ قالدىم،،،
بۇنداق ئىش مەندىمۇ بولغان
راس بولغان ئىش ھە، بۇلتۇر خوتۇن بالىلار بىلەن سىرىتتا تاماق يەپ بولۇپ ئاشخانىدىن چىقىۋاتساق، ئاشخانا ئالدىدا بىر تۇنۇشىمىز ئۇچراپ قالدى.سالاملىشىپ ماڭايلى دەپ تۇرساق. ئۇ ئاغىنىمىزمۇ يولىغا مېڭىۋەرمەي چوڭ ئوغلۇمغا قاراپ«مەن كىما بالام »دەپ ئەركىلىتىپ سالدى. ئوغلۇم ئۇنىڭغا بىر قاراۋېتىپ«مەن سىزنىڭ كىملىگىڭىزنى نىم بىلىتمىنا،ئۆزۈنىڭ كىملىگىنى بىلمىسە،ئەجەپ ئادەمدىن سورايدىكىنا»دەپ قويۇپ ماڭدى.ئوغلۇممۇ بولمىسا ئۇ چاغدا 9 ياشلارغا كىرىپ قالغان.مەنمۇ ئۇ ئاغىنىمىزمۇ ناھىيىتى ئۇڭايسىزلىنىپ قالغان ئىدۇق. شۇ ئىش ئىسىمگە كەلسە ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ سالىمەن
مەنمۇ ئوقوغان بىر يۇمۇرنى يىزىپ قوياي
يەسلى ئوقوتقوچىسى دوسكىغا بىرئالمىنى سىزىپ باللاردىن سوراپتۇ. بۇنىمە؟ قوڭ!!!! دەپ توۋلىشىپتۇ ئوماقلار ،يەسلى ئوقوتقۇچىسى يىغلاپ يەسلى باشلىقىنى توۋلاپ كىرىپتۇ ، يەسلە باشلىقى ، قايسىڭ خاپا قىلىشتىڭ ماۋۇ خانىمنىدەپ دوسكىغا قااپ غەزەپبىلەن قايسىڭ سىزدىڭ ماۋۇ قوڭنى دىگۇدەك
يەنە بىر يسلى ئوقوتقۇچىسى دوسكىغا يۈرەكنى سىزىپ بۇنىمە دەپ سوراپتۇ، باللار باللار ئالما دەپ توۋلىشىپتۇ .مۇئەللىم خاتا بوپقالدى بۇيەردە نىمە بار دەپ يۈرگىنىڭ ئۇدۇلنى كۆرسىتىپتۇ ،باللار مەممەم….مۇئەللىم ئەستەغاۇللا …ئۇنىڭ ئىچىدىچۇ ؟ باللار سۈت….
ئۈندىداردا ئاڭلىغان يومۇر: بىر قەشقەرلىك ئاغىنەم بىلەن تازا بىر چوڭ ئولتۇرايلى دەپ ھەرەمباغقا كىرىپ غىزالاندۇق، بۇيرۇتقان تاماقنىڭ تايىنى يوق پۇلى 240 يۈەن بولدى دەيدۇ، ئاغىنەم پۇل تۆلەيدىغان يەرگە كىلىپ: – ئوخشاش كەسىپتىكىلەرگە ئىتىبار قىلارسىلەر، دەپ سورىدى، پۇل ئالىدىغان كىشى كۆلۈپ كېتىپ: -ئەسىلىدە سىلەرمۇ ئاشخانا ئاچامتىڭلار ؟ دىۋىدى ئاغىنەم جاۋابەن: -ياق، بىز بولاڭچى.
لاتارىيە دەپ خاۋاپ بەرسە تازا كۈلۈپ تىمەن.
پارول كەلگەنلىكىنى مەن ئۆزەم شەخسەن قەتئى قارشى ئالىمەن.
خەنزۇچىدىن ئۆزئەينى تەرجىمە قىلدىڭىزمۇ قانداق؟شۇنداقتىمۇ داۋالىنىشنى تۇختاتمىدىم دېسىڭىز بۇپتىكەن ئەسلى
پارول~!!!!!!!ئاخىرى تورخۇمۇردا پەيدە بولاپتىدە. كۆپ ئاڭلىغان ئىسىم ئاتىڭىزنى.كىمدۇ بۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە
قىززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززززىق تە
رەھمەتلىك سەلكىندىكى پارۇل سىلە شۇما،قىزغىن قارشى ئالىمەن
ھەي ئاشۇ سەلكىندىكى چاغلار ئاجايىپ كۆڭۈللۈك ئىدى .قادىي ،جوكىر،پارۇل،زۇلپىقار،باغۋەن،چۆلگۈلى،……………ۋۇييۇ،ھەممە ئىسىملارنى بىردىن بىر ئاتاپ بولالماي قالدىم ،ئاجايىىپ بىر چاغلار ئىدى،ئاھ رەھمەتلىك سەلكىن ،سەن كەتكەندە تىخى ئەمدى سەبي بىر بالا ئىدىڭ،سىنى مەڭگۇ ئەسلەيمەن تۆھمەت قۇربانى (سەلكىن)،
تۇز ئەكىر دىسە قاغىنىڭ تىزىمۇ تاپاننىڭ تۇزىمۇ دىگىنى ھەجەپ قىززىقكەن