نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
ھاھاھا، BBC نىڭ بىر مۇخبىرى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بەرگەن. ئەمما ئۆزى كەيىپ بولۇپ قېلىپ خەۋەر تازا ئوڭۇشلۇق سۈرەتكە ئېلىنماي قالغان.
PS: يۇقارقى قىستۇرما سۈرەتتىكىسى ئۇ مۇخبىر ئەمەس، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كۆڭۈل ئېچىش پروگرامما رىياسەتچىسى كونان. تۆۋەندە ئاۋۇ پاڭ مۇخبىرنىڭ گېپىگە كېلىمىز.
«كەينىمدە كۆيۈۋاتقىنى 8 توننا خروئېن، ئەپيۇن ۋە مەس قىلىش تابلىتكىسى، ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى»
«كەينىمدە كۆيۈۋاتقىنى…..ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى»
«تېز تېز، قايتىدىن سۈرەتكە ئالايلى»
كامېرا: ئەمىسە ئاۋال باشلىمامسىز كەچكىچە ھىجايماي؟!
ھە، ھە……ماقۇل، ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى
بولدى، قىسقا بولسىمۇ ۋىدېئونىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ باقىلى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: خەۋەر، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 32,248 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 02-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: keyip-bbc-muxbiri.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > سېرىقچاقلارنىڭ يېڭى كىنوسى [يېڭىلاندى]
- كېيىنكى يازما > 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- [پارول] ئەپچىلەم ۋە ئۈجمە سايىسى (يېڭى زامان نۇسخىسى)
دىۋان ، دىۋان ، دىۋان ، بەك يامان جۇمۇ مەن ، لېكىن ئاۋۇ مۇخبىر ئوبدان قىمماپتۇ ،
نىمانداق كۈلىۋىردىغاندۇ، ھەقانچە بولسىمۇ ئۈنچىۋالاتىز كەيىپ بولماس ھە
ئەسلى مازكەننى باساي دەپ سازلاپ قويپتىمەن ئابومجان يوقاپ كەتتا
بوھھھھھھھھ تازا
مۇشتا قۇقۇتىۋىتىمەنغۇ ، باردۇر باردۇر ئابومجان باردۇر
ئىشتىن بۇشتۋىتەبولدىدە.
بۇنى كۆرۈپ بەكىر بەڭگى ئىسىمگە كەپ قالدى،
نەشە چەكسە ئاشتا كۈلەمدىغاندۇ
نەشە چەككەن ئادەمگە ئۆھۆ دەپ قويسىڭىزمۇ كۈلۈپ يېتىۋالىدۇ.
نەشەنىڭ كارامىتى
راست بولغان قىززىق ئىشتىن بىرنى دەپ بېرەي :
بىر ئاغىنەم بولىدىغان جاھاندا بار تاماشانىڭ ھەممىسىنى قىلىدىغان ، بىر ۋاقىتتا بۇ گۇيلاردىن 4-5 يىغىلىپ شەھەرنىڭ چىتىدىكى بىر جاڭگاللىققا بېرىپ ئولتۇرۇش قىلىپتۇ ، سورۇندا نىشىمۇ كەم ئەمەسكەن ، سورۇننىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ھېلىقى ئاغىنەمنىڭ قورسىقى ئاغرىپ كېتىپ نېرىراق يەردىكى ئۆت – چۆپلۈكنىڭ ئارىسىغا قورساق بوشاتقىلى كەپتۇ ، ئۇ گۇينى نىشە بەك تۇتۇپ كېتىپتىكەن ئىشنى تۈگۈتۈپ بولۇپ ئورنىدىن تۇراي دىسە پاچاقتا جان يوق ، شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ يەردە يېرىم سائەتلەرچە ئورنىدىن تۇرالماي ئاخىرى جايىدىلا ئولتۇرۇپ قاپتۇ …
بىرە سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ ، سورۇنغا ئاۋۇ ئاغىنەم كەلمىگەندىكىن باشقىلار ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ئىزدەپ تېپىپ قارىسا ئىش ھېلىقىدەك تۇرغان …
شۇ كۈنى سورۇندا بار بالىلار ماڭا بولغان ۋەقەنى دەپ بەرگەن ئىدى بىر كۈن كۈلۈپ چىققانتىم ، ئۇ ئاغىنەم بىرە ھەپتە گەپمۇ قىلمىغان ماڭا ..
شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ ئاغىنەم نىشە دىگەن گەپنى ئاڭلىسىمۇ چىچاڭشىپ كېتىدۇ …
ئەسلى ئا مۇخبىرنىڭ تۇرۋالغن يىرى خاتادە سول تەرەپتە تۇغان بولسا ………….
ئۆزى ئوت قالاپ چوگلەپ يۈرگەن گەپدە ………….
چاقماقنىڭ گېپى توغرا
ھەممەيلەنگە بىردىن مازكەن كەتتى