چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
كوستارىكادا بىر ئايال تېلىۋېزورنى كۆينىكىنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن، بۇ ئىشقا ساقچى تەرەپمۇ قاتتىق ھەيران قالغان. كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان بۇ خەۋەر 2 ئاينىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچى تەرەپ ھازىر بۇ خەۋەرنى سىرتقا ئاشكارىلىغان ۋە بۇ ئايالنى تېپىشنى ئۈمىد قىلغان.
كۆزىتىش كامېراسىغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ئىككى چوكان بىر ماگزىنغا كىرگەن، ئىككىيلەن تېز سۈرئەتتە ئەتراپىنى بىر كۆزىتىۋەتكەندىن كېيىن، بىرەيلەن ئىشىككە قاراپ تۇرغان، يەنە بىر ئايال كەڭرى كۆينەك كىيىۋالغان بولۇپ، تېلىۋېزورنى ئېلىپلا كۆينىكىنىڭ ئاستىغا تىقىۋالغان، ئاندىن قانداق ئۇسۇل ئىشلەتكەنلىكى نامەلۇم، تېخى ئوراقلىق ھالەتتىكى بىر تېلىۋېزورنى ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ كۆينىكىنى ياپقاندىن كېيىن، ماگزىندىن داغدام قەدەم بىلەن چىقىپ كەتكەن، پۈتكۈل جەريان كىشىنى قاتتىق چۆچۈتىدۇ.
يەرلىك ساقچىلار ئوغرىلىق ئەھۋالىنىڭ جەريانىدىن خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئەمما جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھېچقانداق دېرىكىنى ئالالمىغان. ساقچى تەرەپ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: بىزچە بۇ چوكان تۇنجى قېتىم ئوغرىلىق قىلىشى ئەمەس، قارىماققا قاتتىق تەجرىبىسى باردەك قىلىدۇ، پۈتكۈل جەريانغا پەقەت 13 سكونتلا ۋاقىت كەتكەن. بۇ چوكان بىر بولسا ئۆيىدە دائىم مەشىقلىنىدۇ، ياكى بىر بولسا كەسپىي ئوغرى. ئەھۋالنى بىلىدىغانلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تېلكامېرا، خەۋەر، قانۇن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 24,272 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 01-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: woman-up-tv.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- كېيىنكى يازما > سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
- توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- 2014-يىللىق دۇنيا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى (MWC)گە نەزەر
- ئامېرىكا ھۆكىمىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى قانداق ئىش؟
- سىنوۋېدىن زادى كىم؟
- Apple ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 10 كىچىك ئىش
- يىگىتى قىسقا ئۇچۇرىنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا يانفونىنى يۈتۈۋەتكەن بىرازىلىيەلىك قىزچاق
- SpaceX Grasshopper راكېتاسى ئۆزىنىڭ رېكورتىنى يەنە يېڭىلاپتۇ
دىۋان
دىۋانما ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
نىمانداق تىز ھىلقىدەك رەسىم كۇرەپ بولغىچە دىۋاننى تارىت ۋاپتا ھەي.
ئۈستىدىكىلەرگە بىدىن مازكەن كەتتى
ئاۋۇ ئايالنى كالتە ئىشتىندا ئىلغۈتەك بىرنىمە بار ئوخشايدۇ
ئەمدى (ئۇزۇن) يوپكا كەيگەنلەگە يەنە بىريىڭى پۇتاق چىقىرلىپ ئۇۋال بولغۇدەك
بالىلار مەن بىر ئشنى ئويلاپ قالدىم ……
ئەمما لىكىن ماخوتۇن بولىدىغان خوتۇنكەن دەيمە باللا
ئاۋۇ تېلىۋىزور قانداق پاتقاندۇ؟
ما ئۇغىردىن قۇقساق بۇلغۇدەك ، دۇكان سراي ئاچىدىغانلار تىلكامىرا ئەمدى كارغا كەلمىگۇدەك جۇمۇڭلار
ئىچ كۇسىرنىڭ بىغىغا بىر ئىلمەك ئىلىغلىقتەك تۇرىدۇ،ئاندىن تىلىۋۇزۇرنىڭ قىپىدىكى تۇتقۇچىنى شۇ ئىلمەككە ئىلىپلا دۇكاندىن گۈس-گۈس دەسسەپ چىقىپ كەتكەن چىخىۋا.ھا ھا ھا ھا ھا
كۇسىرىدا قوش يۈزلۈك پىلاستېرنىڭ نوچىسى بارمۇ يا.
ھېلىقىدەك رەسىملەر دىگەن سەھىپىگە بەتنى قول ئارقىلىق كىرگۈزۈپ بەتنى ئېچىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولسا ، مەسلەن، 81-بەتنى ئېچىش ئۈچۈن بىۋاستە 81 دىگەن ساننى كىرگۈزۈپلا شۇ بەتنى ئاچىدىغان كۆزنەك قۇشۇلغان بولسا دىمەكچىمەن
مەنمۇ قوشۇلىمەن!
بۇنداق قىزىقارلىق ئوغۇرلار جىققۇ، ھېلقىدەك رەسىم سەھىپىسىدىن كۆرەلەيسىلەر، ھىندىستاننىڭ تالانتلىق ئوغرىللىرى جىق دەيمە…
بۇ ھېلىقىدەك رەسىم سەھىپىسى دىگەن قاسى سەھىپە ئۇ ، كۆرمىدىم
كاساپەت مەن ئويلاپ قالدىم ئاېۇ خۇتۇن چۇققۇم :
ھەي باللا نىملەرنى ئويلاپ كەتتىڭلار مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس lol: ag
Microsoft شىركىتى ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 21-يانۋار سەھەر 9:00 (ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 11:00)دا ئالاھىدە تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى. بۇ يىغىندا Microsoft شىركىتى يېڭى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 10 دىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى تونۇشتۇرىدۇ. تورخۇماردىكى دوستلار خەۋەر تېپىپ قوياڭلار ~~~ بىۋاستە تارقىتىشنى www.ithome.com دىن كۆرسەكلار بولىدۇ~~~ (تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى كەچۈرۈڭلار )