يىگىتى قىسقا ئۇچۇرىنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا يانفونىنى يۈتۈۋەتكەن بىرازىلىيەلىك قىزچاق
بىرازىلىيەلىك بىر قىزچاق، ئوغۇل دوستى قىسقا ئۇچۇرىنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا، ئۆزىنىڭ يانفونىنى شۇ پېتىلا يۈتۈۋەتكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ قىزچاقنىڭ ئىسمى ئاندېرىيا بولۇپ، بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن ئىكەن. يىگىتى ئۇنىڭغا يانفونىنى بېرىشنى ھەم قىسقا ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، قىزچاق دەسلەپتە قارشىلىق كۆرسەتكەن، ئەمما ئوغۇل دوستىنىڭ ئۆزىگە مىختەك قادىلىپ تۇرغان نەزىرىگە قاراپ، ئاخىرى يانفونىنى يەۋەتمەكچى ھەم شۇ ئارقىلىق پاكىتنى يوقاتماقچى بولغان. يانفوننى يۈتۈۋەتكەندىن كېيىن، ئاندېرىيا دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى جىددى قۇتقۇزۇشقا ئاپىرىلغان. نۆۋەتتە، ئۇ ھېلىھەم دوختۇرلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولۇپ، باشقا كۈتۈلمىگەن تاساددىپىي ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 24 سائەت قوغدىلىۋېتىپتۇ.
ھازىر مانا ئوبدان بولدى، يىگىتى، دوختۇر، ئائىلىسىدىكىلەر ھەم دوستى، ئۇنىڭغا قوشۇپ پۈتۈن برازىلىيەدىكى كىشىلەر بۇ قىزچاقنىڭ زادى نېمىنى يوشۇرىۋاتقانلىقىغا قىززىقىۋېتىپتۇ، ئاندېرىيانى بۇنداق ھاماقەتلەرچە قارار چىقىرىشقا قىستىغان زادى قانداق مەخپىيەتلىكتۇ؟
نۆۋەتتە، دوختۇرخانا تەرەپتىن قىزچاقنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن، ئەمما كۆپچىلىك يانفوننى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشقا تەقەززا ئىكەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: خەۋەر، قىزلار، يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 29,762 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: vea-mensaje.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > توردىن ئىككى دانە ئالما تېلىفونى سېتىۋېلىپ، ئىككى تال ئالما تاپشۇرۇپ ئالغان قىزچاق
- كېيىنكى يازما > نوكىيا بىلەن بېنز ھەمكارلىشىپ شوپۇرسىز ئاپتوموبېل چىقارماقچىكەن
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- يانفونىنى چېقىپ قويۇپ يەنە خۇشال يۈرەلەيدىغان كىشىلەر
- سامسۇڭ ئىككى دانە يېڭى يانفون ئېلان قىلدى! ئاخىرى سەل-پەس تۈس كىرىپتۇ
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- چاترىقىغا تېلىۋېزورنى قىستۇرۇپ ئوغرىلاپ چىقىپ كەتكەن ئايال
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
ساراڭكەن ئۇ قىز!!!
قورسىقى بەك ئېچىپ كەتكەن ئوخشايدۇ
قورىسقىنىڭ ئاغرىقى بار ،شۇڭا .
ھازىرقى قىزلارغىغۇ ئىشەنگىلى بولمايدۇ،
يۈتەلىگىنىگە قالىغاندا بەك چوڭ تېلفۇن ئەمەس ئوخشايدا ، ما سەنشىڭنىڭ گەلەكسىي تىپلىق تېلفۇنىنى يۈتكەن بوسا تازا تۇيىتى ما قىز ۋالا
رەسىمدىن قارىغاندا بۇرۇنقى رەڭسىز نوجىيا ياكى سەنشىڭ تىلفۇنىدەك قىلامدۇ نىمە؟ ھىلىمۇ تەلىيىگە ئاندىروئىد ياكى ئالما تىلفۇنى يوقكەن بوممىغان بولسىزە ……………
تېلفۇن نۇمۇرى قانچىكىنا مەن بىي تېلفۇن قىلىپ ئىچىنى تىتىرتىۋىتەي
قىرىندىشىم ، خاپا بولماي باشقا تەخەللۇس قوللانغان بولسىڭىز، مەن بۇ تەخەللۇسنى ئىشلىتىۋاتقىلى 3 يىل بولدى ،
ئۇنداق دىسەڭلار مۇ ياق دىمەيمەن، يىل نامە سۈرۈشتە قىلىدىغان ئىش بولسا مەن تۇلۇق ئوتتۇرنىڭ 1-يىللىقىدا(2004-يىلىنى كۆرسىتىدۇ) ئۇقۇۋاتقاندا ئەدەبىيات كىتاپنىڭ بىر دەرىسلىك مەزمۇنىدا باياۋان ۋە ۋەھىمە دىگەن ئىككى تەخەللۇس بايقىغان شۇنىڭ بىلەن پارتىدىشىم باياۋاننى مەن ۋەھىمىنى ئىشلەتكەن، ھازىرغىچە مىنىڭ بارلىق ئىشلاردا قوللىنىدىغىنىممۇ مۇشۇ ۋەھىمە، ھېسابتا 9 يىل بوپتۇ، كىلەر يىلى تەخەللۇس كىچىك چېيى قىلىمەن دەپ ئولتۇرۇپتىمەن، ئەگەر مۇشۇ پىكىرىڭىزدە چىڭ تۇرسىڭز مەن ماقۇل دەي ھېھې تورخۇماردا باشقا نام ئىشلەتسەممۇ بۇلىدۇ wayima@qq.com
ھەي توۋا، مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمىزدا بىرەر قىز بالىغا گەپ قىلساق خىجىل بوپ يەرگە قاراپ تۇرۋالاتتى. ھازىرقى قىزلارگە گەپ باشلاپ بوغىچە كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ مىختەك تىكىلىپ تۇغان.
ئۇنىمۇ دەيمىز، بۇنىمۇ دەيمىز ھەممە گۇنا ئۆزىمىزدە.
ئاددىي-ساددا ژۈگەن قىزلار چىرايلىق كۆرەنمەي، يۈزىگە ئۇپا بىلەن يۈزماينى ئېلەشتۈرۈپ «ئەنجان تامغا سۇۋاق سۇۋىغاندەك» يۈز-كۆزىنى بويىۋاغانلار پەرى كۆرۈنۈپ، ئۇدۇل كەسە قاش ئېتىپ، قارىماي كەتسە تاش ئېتىپ خورىكىنى خېلى ئوبدانلا ئۆستۈرۈپ قويدۇق…. ئەھۋال شۇندا تۇسا ئۈژمە كۆڭۈل بوپ كېتىدۇ دە بۇ جىنلا.
ھا ھا ھا ! يامان قىززىقچىكەنسىز جۇمۇ
ھاھاھا دۇنيادا دەششەت ئادەملەر بارئىكەن توۋا
ئەمما كۆپچىلىك يانفوننى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشقا تەقەززا ئىكەن…. ما يېرىگە كىم سەپسالدى؟ ئادەم بىلەن قامماي قوتا يانفۇن بىلەن قاپتۇ دېسە
بۇ يانفۇننىڭ ئىشى ئەمەس بەلكى ئاشۇ يانفۇننىڭ ئىچىدىكى ئۇچۇرنى كۆرۈشنىڭ تەقەززاسى. ئۇچۇرنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن يۇتىۋىلىنغان تىلفۇندىكى ئۇچۇرنى كىمنىڭ كۆرگۈسى كەلمەيدۇ دەيسىز.
بىرازىلىيەدىكى تۇنۇشۇمنىڭ دىيىشىچە ، بىرازىلىيەدە يۈرۈۋاتقان ياشلار ئارىسا ساداقەتمەنلىك ئاجايىپ تۈۋەنكەن ، قىز ئۇغۇل دائىم قارشى تەرەپنىڭ يولدىن چىققان چىقمىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپلا يۈرۈيدىكەن…ھەتتا بازاردا 【ئۇغۇل دوست ئىز قوغلاش ئەسۋابى】دەيدىغان بىر ئۇرۇن بەلگىلەيدىغان نەسە بىر مەزگىل مودا بوپتىكەن …
پەرەز: مىنىڭچە بۇ قىزنىڭ تېلفۇننى يۈتىۋىشى تېلفۇندا ئاللا قاللاق مۇھىم نەسىمۇ يوق ، پەقەتلا باشقا ئۇغۇللا بىلەن ئىش پەش تاتىشىپ يېزىشقان قىسقا ئۇچۇرلىرى بۇلىشى مۇمكىن …
خۇلاسكالام : بۇ ئىشەنىچ دىگەن مەھەببەتنىڭ ئاساسى ، بىر بىرىگە ئىشەنمەي مەبەتلەشتۇق دىگەندىن ئۈيىدە قىسىپ ئولتۇرۇپ مومىسىنى يىگەن ياخشى
ماۋۇ قىزبالىنىڭ ھېلىقى ئىككىنچى مەھەببىتى قانداق بولۇپ كېتىپتۇ….
ئاڭلىسام تۇتۇلۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ …
شاۋلىنغا كىرىپ راھىپ بولىۋاپتۇ دەيدىغۇ….
ئىشلىتىۋاتقىنى سەنشىڭنىڭ تىلىفۇنى بوغانبوسا قانداق قىلاتىكىن …………..
قاندا قىلاتتى… قورسىقىنى كېسىمىزدە كاپلا قىلىپ ئېلىپ. ھاياتىنى قۇتقۇزىدۇ… بەڭۋاشلارچە
سەنشىڭ گالاكسى s4،سونىz1تېلفونلىرىنى يۈتۈۋەتكەن بولسا تازا قىززىق بولاركەن ،تېلفوننى يۈتۈۋەتكەندە تېلفونكەپقالسىزە ماناكۆرۈڭ
تىلفونىغا قاپ سېلىپ قويماپتىكەن ياخشى، ھازىرقى قاپلار غەزەپ چوڭ، تېخى بىرمۇنچە ماجانلىرى بار.
تېلىفون نومۇرى قانچىكەن؟ تېپىپ بىر تېلىفون قىلىپ باقايلى، قورسىقى غولدۇرلامدۇ يوق
ئاۋۇ رەسىمگە قارىسام نوكىيانىڭ مەھسۇلاتىدەك قىلىدۇ…
ئەمما ماۋۇ قىزدا قولۇمدىكى galaxy note 2 ھېچ بولمىسا motorolla me 525 بوپ قالغان بولسا ما ئىشنى كۆرۈڭ…
سۇغا كىرسىمۇ كۆزىنى مىت قىلىپ قويمايتتى.
ئىشقىپ مۇشۇ خوتۇن خەقنىڭ قىلمايدىغان ئىشى يوق . ھە!
تېلىفونىنىڭ توكى تۈگەپ زەرەتلىمەكچى بولسا قانداق قىلار ئەمدى بۇ قىزچاق؟
توك سوقتۇردۇ…
ياكى توك قاچىلايدۇ….
ھىھ….
توك قاچىلىغۇچتىن يەنە بىرنى يەۋەتسىلا ئىش پۈتمەمدۇ ؟
ئەمما كۆپچىلىك يانفوننى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشقا تەقەززا ئىكەن.
ماندا قارىسا ئادەمگە نوكىيانىڭ ئېلانىدەك تۇيغۇ بېرىۋاتىدۇ …
ئەگەر يۈتۈۋەتكىنى Sony Xpra z دەك سۇغا چىداملىق تىلفۇن بولسا تازا چاتاق بولاتتىكەن ،يۇتىۋەتسىمۇ كەم دىگەندە بىرەر ئىككى سائەتكىچە ئىتىلىپ قالمايدۇ ئۇنداق تىلىفۇنلار ،تىلىفۇن قورساقتىكى چاغدا تىلىفون كەپ قالسا توك كالتەك سوققاندەك بولوپ كىتەر ھە !!! لىكىن ئاشقازان ۋە ئاشقازان سۇيۇقلىقىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ ،يانفۇن قىپى ناچارراق ماتىريالدىن ياسالغان بولسا ئۇ ھالدا …………نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى بىلدىڭلار ھەقىچان .
ئۇ شۇنداق كىچىك يانفونمىكەن
ياخشى بۇ قىز ئايپەتتە ئۇندىداردا پاراڭلاشماپتۇ
ناۋادا شۇنەڭدا پاراڭلىشىپ يىگىتى ئەكىلە ئايپاتنى مەن تەكشۇرۇپ باقاي دەپ چىڭ تۇرۋالغان بولسا
مانا تاماشا دىگەن شۇ چاغدا بۇ دىۋەڭ قىز بۇنى قاندا يۇتە بولغىيتى ياكى چىقىۋىتەكەن بولامدىكىن يا
قىسقىسى « چاپاقىنى ئالىمەن دەپ قارغۇ قىلىپتۇ»
«كىسەلنى يۇشۇرسا ئۇلىمى ئاشكارا» دىگەندەك بۇلۇپتۇ
قەنە مۇۋا مەسخىرە ئارلاش كۇلگەن چىراي
نەتىجىسى چىقمىغانمىدۇ؟
بىچارە قىز ….
توۋا
توۋا خۇدايىم
مەشىق قىلغان قىز ئوخشايدۇ، بولمىسا ئۇنداق تىلفۇننى بىرە سائەتتە ئاران يەيدۇ…
چىقىرىشتا قاندا چىقىرا
توۋا ما ئىشنى ھازىرغۇ تىلغۇن بار ماۋۇ قىز ئوتمۇشتە بولغان بولسا قانداق قىلاتىكىتاڭ ئۇ چاغلاردا كەپتەرگە خەتنى باغلاپ ئەۋاتىدۇ دەۋاتقان
بەك قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىلەغۇ بالل……بۇ تېمىدىن بەكرەك سىلەنىڭ ئىنكاسىڭلا قىززىقكەن …..
راس راس
ما قىز دوستىدىدىن ىەنسىرەيدىغانلار دىققەت، ھازىرقى پەن-تىخنىكىنىڭ ىىلغارلىشىشىغا ىەگىشىپ ھەر خىل ھەر ياڭزا تىلفۇنلار چىققىلى تۇردى، سۇدىن قورقىمايدىغان، زىيادا كىچىك ياكى زىيادە چوڭ، سىلكىنىشكە بولغان چىدامچانلىقى يۇقىرى،…… ىىش قىلىپ ىۇنداق نەرسىلەر نۇرغۇن، ىەمدە سىلەرگە تەۋسىيەرىم قىز دوستۇڭلاردىن ىەنسىرگىنىڭلا ىورۇنلۇق بىراق ىۇلارنىڭمۇ شەخسى مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ، بولمىسا بۇ ھازىرقى قىزچاقلىرىمىز ۋاقتى كەلسە يۇقارقىدا ىىيتىلغاندەك پەد بولسڭمۇ يۈتىۋىتىشتىنمۇ يانمايدۇ، پەقەت بولمىسا يۈتكىلى بولمادىغان يانفۇن چىققۇچە بولسىمۇ شۇنداق قىلىڭ
ھەي تىلغۇن دىگەن دەلال قاچان بىزنىڭ تۇمىشىمىزغا سىڭىپ كىرى شۇ چاغدىن باشلاپ پۇتۈنلەي ئوزگەردى تۇلۇقسىزدىكى ۋاقىتلىرىمىزدا تىۇنمۇ يوق كىچىك باغاقچىلارغا خەت يىزىپ كوڭلىمىزنى ئىپادىلەيتۇق سىنىپتە باغاقچىلار ئۇچۇپ يۇرەتى تېخى كېچىلىرى ئايرىم تىلفۇن بولمىغاچ ئۇيىگە تىلفۇن قىپ دادىسى ئاپ قالسا قۇيۋىتىپ توۋا ھازىر ڭاي بوپ كەتى شۇ چاغلارنى سيغىندىم
كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ…
خەت يېزىپ ئۇكىسىغا تاپىلاپ ئاچاڭغا بەگىن دىسە ،ئاچام يوق تۇردۇ ،دادامغا بەدىم دەۋاتقان خۇدى… ئويلىساملا كۈلگەۇم كىلدۇ
تورخۇمارنىڭ ئەپ دىتالىدىن بىرنى ياسىساق بولاتتى مۇقىم قىلىپ …..
微信 نىغا خەت كېلىپ قالسا قانداق كۆرە بىچارە
ئاۋۇ قىزنىڭ قوشقىدىكى تىلفۇنغا قاراپ بىقىڭە ئۈندىدارغا چىققىلى بولغىدەكمۇ.
راست، مەنمۇ مۇشۇ تېلېفونغا قىزىقىۋاتقان دۇنيا خەلقىگە ئوخشاش، قىزچاقتىن بەكرەك ئاۋۇ تېلېفونغا بەكرەك قىزىقىۋاتىمەن…. ھى ھى
مېنىڭمۇ شۇ ئۇچۇرنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ .
ئەگەر ئۇچۇر ئاشكارلانسا مۇشۇ يەرگە يوللاپ قويساڭلار ، بىزمۇ كۆرسەك
ئەزان تېلفۇنكەن دە. . . شۇڭا ئىككىلەنمەي يۇتىۋېتىپتۇ . . . . كاللىسى ئىشلەپتۇ .
.ئىككى ئۈچكۈن تاماق يىمىسىمۇ بولغۇدەك . . . . . .
يېڭى دۇنيا جېنىس رېكورتى. .
.ھېچكىم تېخى تېلفۇن يىيىش مۇسابىقە تۈرىنى پەيدا قىلمىغان تېخى . . . . . ئاپىرىن . . . . .
تېلفۇن نۇمۇرى بولسا تېلفۇن قىلىپ باقساق قورسىقى غولدۇلامۇ باللار…
مەنمۇ ئادەمدىن بەكىرەك ئاشۇ تېلفۇنغا قىزقىپ قالدىم قانداق ئۇچۇر بولغىىتى ئۇ تېلفۇننىڭ ئېچىدە ……
ماۋۇ باللارنىڭ ئىنكاسىمۇ دەششەت قىزىققەن 1 سائەت كۇلۇپتىمەن ئۆيدىكەرلمۇ تىللاپ كەتتى