توردىن ئىككى دانە ئالما تېلىفونى سېتىۋېلىپ، ئىككى تال ئالما تاپشۇرۇپ ئالغان قىزچاق
ئاۋسترالىيەلىك 21 ياشلىق قىزچاق توردىن ئالما تېلىفونى سېتىش توغرىسىدىكى ئېلاننى كۆرگەندىن كېيىن، ساتقۇچى بىلەن تېلىفوندا ئالاقىلىشىپتۇ، تېلىفوننىڭ تىپى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورىغاندىن كېيىن كۆڭلىدە خېلى يامان ئەمەستەك ھېس قىلىپتۇ ۋە شۇ جايدىكى بىر مەكدونالد دۇكىنىدا كۆرۈشۈپ پۈتىشىدىغان بوپتۇ.
ساتقۇچى ئېلىپ كەلگىنى ئوراپ قاچىلانغان ئىككى دانە ئالما تېلىفونى بولۇپ، قىزچاق قاپنى ئېچىپ يۈرمەيلا پۇل تاپشۇرۇپتۇ. 1500 دوللار تۆلەپلا ئىككى دانە ئالما يانفونىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپتۇ. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن چەكسىز تەققەززالىق ئىچىدە قاپنى ئېچىپتۇ، ئاندىن، ئاندىن قاپتىن ئىككى تال ئالما چىقىپتۇ! يانفون ئەمەس، ھەقىقى ئالمىدىن ئىككىسى، يېگىلى بولىدىغان ئالمىدىن ئىككىسى چىقىپتۇ!
ساقچى ئەمەلدارى Jess Hopkin مۇنداق دەيدۇ: توردىن نەرسە كېرەك سېتىۋېلىشنىڭ خەتىرى كۆپ، شۇڭا ئىستېمالچىلار ئاۋايلاپ ئىش كۆرۈش كېرەك.
سودا تورىنىڭ قۇرغۇچىسى Niki Hennessy بۇ توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: شىركەت ھەر بىر ئىستېمالچىنىڭ مال سېتىۋېلىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنداقلا سودا جەريانىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تور بېكەتنى ئەڭ بىخەتەر سودىلىشىش سۇپىسىغا ئايلاندۇرىدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: iPhone، ئالدامچىلىق، سودا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,662 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 08-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: brisbane-woman.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > گىمناستىكىچى قىزچاق كالتەك توپ مەيدانىدا تۇنجى توپنى ئۆزگىچە باشلاپ قويۇپ دۇنياغا تونۇلۇپ كېتىپتۇ
- كېيىنكى يازما > يىگىتى قىسقا ئۇچۇرىنى تەكشۈرمەكچى بولغاندا يانفونىنى يۈتۈۋەتكەن بىرازىلىيەلىك قىزچاق
- iPhone 7 نى ساقلاۋاتامسىلەر؟ تورخۇمار ئاللىقاچان مۇناسىۋەتلىك ۋىدېئونى قولغا چۈشۈرۈپ بولدى!!!
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- كۆرگىنىڭىز خاتا ئەمەس! مايدا قورۇلغان ئالما مەھسۇلاتلىرى iPhone/iPad/MacBook
- iOS 8 رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىندى (iPhone/iPad)
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- iPhone 6 نىڭ ئۇقۇم لايىھەسى چىقىپتۇ، ئالمىدىكىلەر قاچان مۇشۇنداق iPhone ياساپ چىقار؟
- iPhone 6 نىڭ مودىلى چىقىپتۇ، سىلەرچە قانداقراقكەن؟
- Flappy Bird | ئويۇنخۇمارلارنى ساراڭ قىلغان ئاددى ئويۇن، قانچىلىك ئوينىيالىدىڭىز؟
- iPhone بىزگە زادى نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
ئاللا ئاللا، 小米 ئالىدىغانلار دىققەت قىلىڭلار جۇمۇ، ئىككى تال گۈرۈچ چىقىپ قالمىسۇن ئىچىدىن
ما گەپ كەلدى ،
ئىشقىلىپ توردىن بىر نەرسە ئالسا ساق چىقماسلىقى بەك تەس
مەن كۆپ قويۇلۇپ كەتتىم ئالغانلىرىمنىڭ ھەممىسى تېلىفۇن ئىدى ھىھ..
بىر ئادەمنىڭ بىخەستىلىكى بىلەن تور سودىسىنى 0 دەپتۇ باللا ، مەيلى سىز قانچىنى نېمە ئالغان بولۇڭ، كۆڭلىڭىزدىكىدەك چىقمىغانلىقى ئاساسەن سىزدىكى گەپ ، Xu بەسەيلەگە ئاخماق بوپ ….. ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەيلا نام چىقارغان ئۇيغۇر دىگەندەك ،ئاخپارات دىگەن ئەمما
لىنكولىن ماشىنا ئالسا ،ئۇ چاغدا لىنكولىننىڭ جەسىتىنى بېرەرمۇ؟؟
ئىلگىرى بىرسى توردىن چاچ ئۆستۈرۈش مەلھىمى زاكاس قىلىپتۇ.لېكىن تاپشۇرۇۋالغىنى نىمىكەن بىلەمسىلەر؟!؟ – بىر يالغان چاچ!! …
تورخۇمار ، سىزنىڭ ھېلقىدەك رەسىملەر دېگەننى تېلفۇندا نىمدەپ كۆرگىلى بولمايدۇ
ئادرېسىنى بىۋاستە يېزىپ ئاچسىڭىز كۆرگىلى بولىدۇ. تېلىفوندا ئېقىمىڭلارنى تۈگىتىپ قويمىسۇن دەپ ئۇلانمىسىنى قالدۇرمىغان.
ھەي !!!!!!!!!!!!!!
بەك تاتلق ئالما بولغۇيتى ھەقاچان .
بولمىسا ئۇنداق قىممەت بولماستى .
anroid ئالسا بەشكىرەمنىڭ ئەنجۈرى چىققۇدەكتە ئەمسە
ھە راست، «ھېلىقىدەك رەسىملەر » ھېلىقىدەكلا يۈز بەتكە لىق توشاپتۇ ! مارەك بولسۇن !
ئادرېسىنى بېسىپ كىرسەم تورغا ئۇلانمىدى، 3گ سىگنالدىمۇ چىقمايۋاتىدۇ، قانداق بولغىنى بۇ؟
مەنغۇ توردىن ئەزەلدىن بىرنەرسە ئالمايمەن
ھەممىسى ئۇزىمىزنىڭ بىخەستەلىكى … توردا مال سېتىۋالغاندا ئىشەنچىلىك تورئادرىسىدىن ئىشەنچىلىك دەرجىسىگە قاراپ ،ئىلگىرى مال سېتىۋالغانلارنىڭ بەرگەن باھاسىغىمۇ دىققەت قىلىپ سېتىۋالسا ئىشەنچىلىك بولىدۇ…
قۇرت يىگەن ئالما بوغىتى ھەقاچان