گىمناستىكىچى قىزچاق كالتەك توپ مەيدانىدا تۇنجى توپنى ئۆزگىچە باشلاپ قويۇپ دۇنياغا تونۇلۇپ كېتىپتۇ
نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىلەر ئۆز تۈرىدىكى تەنھەرىكەتنى ياخشى قىلىپلا قالماستىن، يەنە باشقا تۈردىكى تەنھەرىكەتلەردىمۇ ئىپادىسى كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.
بەلكىم تورخۇماردىكى باللا تورخۇمارنىڭ باش بەت يان ستوندىكى ئاۋات ھېلىقىدەك رەسىملەرگە دائىم دىققەت قىلىپ تۇرۇشىڭلار مۇمكىن. بۈگۈن دىققەت قىلغان بولساڭلار، بىز قىزچاقنىڭ كالتەك توپ مەيدانىدا توپ باشلىغان رەسىمى بىراقلا باش بەتكە ئۆتۈپتۇ. ھەرىكىتى قارىماققا ئىنتايىن ئۆزگىچە. ئاۋال شۇ رەسىمنى بىر چاپلاپ قوياي
ئەمدى ئۆز خەۋىرىمىزگە كەلسەك، كورىيەنىڭ پايتەختى سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق كالتەك توپ مۇسابىقىسىدە، كورىيەلىك گىمناستىكا ماھىرى Shin Soo jie توپ باشلاشقا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، تۇنجى توپنى ئۈستىدىكى رەسىمدىكىدەك ئىنتايىن ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئېتىپ چىقارغان. گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ بۇ توپنى ئىنتايىن ئۆزگىچە ۋە لاتاپەت بىلەن بىر پۇتتا يەرنى دەسسەپ تۇرۇپ 360 گرادۇس بۇرۇلۇپ ئېتىپ چىقارغان. بۇ توپ شۇ ھامان مەيداندىكى توپ مەستانىلىرى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى ھەيران قالدۇرىۋەتكەن. ئەڭ مۇھىمى شۇكى، توپنى ئېتىپ چىقارغاندىكى ھەرىكەت كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئېتىپ چىقىرىلىش سۈپىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. شۇ سەۋەپتىن، Shin Soo jie نىڭ نامى بىر كېچىدا دۇنياغا تونۇلغان.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئالاھىدە مېھمانلارنى تەكلىپ قىلىپ توپ باشلاش كالتەك توپ مۇسابىقىسىدە ئادەتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئادەتتە توپ باشلىغۇچى مەلۇم ئەمەلدار ياكى داڭلىق كىشى، ئارتېست، ھەتتا پرىزدېنت سالاھىيىتى كىشىلەر بولىدىكەن.
كورىيەلىك ساھىبجامال گىمناستىكا ماھىرى Shin Soo Jie نىڭ ئۆزگىچە توپ باشلاش ماھارىتى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تەنتەربىيە، قالتىس، قىزلار، ماھارەت، مۇسابىقە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,371 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 07-ئاينىڭ 12-كۈنى
- يازما مەنزىلى: shin-soo-jie-baseball-pitch.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > گرافىك ساھەسىدە سۇيۇق جىسىم ۋە دولقۇن ھەركىتىنى ئىپادىلەشنىڭ يىڭى بىر دەرىجىسى نامايەن بولغاندەك قىلىدۇ
- كېيىنكى يازما > توردىن ئىككى دانە ئالما تېلىفونى سېتىۋېلىپ، ئىككى تال ئالما تاپشۇرۇپ ئالغان قىزچاق
- 1-شەخس كۆرۈش نۇقتىسىدا تۇرۇپ 414 مېتىر ئېگىزلىكتىكى دۇبەي مۇنارىدىن سەكرەش
- تالانتلىقلار ئەل ئارىسىدا | بىر بۆلەك «خاسىيەتلىك» كىشىلەر
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئەر پېرىخون Zach King نىڭ كارامەتلىرى
- كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان ئادەم چىرايىغا چۈشۈرۈلگەن تەسۋىر تېخنىكىسى
- دۇنيادىكى ئەڭ تېز كىشىلەر! تېزلىكىدىن ئادەمگىمۇ ئوخشىمىغايدىغان ئادەملەر….
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- ئالاھىدە ئۈنۈمچى سولتەكلەر ئىشلىگەن قالتىس فىلىم – ئويۇنچۇق تاپانچا جېڭى
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىز-ئوغۇللار پائالىيەت قوللانمىسى
بىر ،مازكەن نى بېسۋىتىڭلار
توۋا قىلدىم ، توپنى ئاشتا ئاتسىمۇ بۇلامدا ؟ چاقىپەلەكنىڭ ئۆزىكەنغۇ ما يۇڭجۇ
تۇپ دىگەننى ئېتىپ قۇيدىكىنا ؟ يا پانا بۇ قىزنىڭ ئېرىغا ۋاي ئاشۇ چۇگىلەپ كىلىپ تەپسە نەگمۇ ئۇچۇپ كىتە ھە
بۇ رەسىمنى ئۆزەم بايقىغان ….
يېڭىلىقكەن بۇ توپ باشلاش ماھارىتى بوپ قۇيدىكەن.
بەلكىم قەستەن باشقىلارنىڭ دىققىتىتنى قوزغاش ئۈچۈن شۇنداق ياڭزا چىقىرىپ ئاتقاندۇ.
بىرسى سىنى ئوبزورچىلىق قىل دېمىدى ئۇكا ، شۇنداق ئىشلار نىڭ بولغىننى كۆرۈپ قويساڭ بولدى .
‹‹ساھىپجامال›› دىگىنى ئىسمىمىكەن ياكى نىمىسىكەن، ھىچبىر ئۇنداق چىراي يوق.خەق نىمە دىسە شۇ پىتى كۆچۈرۈپ ئىشلىتىپ قويىمىزدە ئەمما….
ئىشقىلىپ ياڭزىسى بولىدىكەن
ما خاننىڭ ياڭزىسى بولىدىكەن جۇما
ۋاھ ئاببومجان كەم سۆز بولاپ قاپتا لىكىنزە باللانىڭ پەرىزى توغرىدەك تۇرېدۇ بەلكىم ئارىمىزدىكى پاركور ھەركىتى بىلىدىغان باللامۇ قىلالايدۇ
بىر پۇتىنى مىدىرلاتماي ئەتتىمۇ نىمە موللاقنى.
ما قىزغا تايلانىد گۇمپىسىنى ئۆگىتىپ كىنوغا سالسا بولغىدەك .
يا پىرىم
سۆڭگۈچىنى چىقىرىپ ئېتىپ كىتىپتىغۇ ۋوججون !!