دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىز-ئوغۇللار پائالىيەت قوللانمىسى
تۆت يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە ئازلا قالدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز مۇسابىقە مەزگىلىدە قىز-ئوغۇللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم ئىشلارنى رەتلەپ چىقايلى.
قېنى، ئاۋال دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىزلار بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى بىر كۆرۈپ چىقايلى.
1. بۇ يىلقى مۇسابىقە بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزىلىدۇ.
2. مۇسابىقە ۋاقتى كەچقۇرۇندىن تاڭ ئاتقۇچە ئارىلىقتا بولىدۇ.
3. بۇ يىل ئېنگلاند كوماندىسىدا بېكھام يوق.
4. بۇ يىل چېمپيون بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى كوماندىلار بىرازىلىيە، ئىسپانىيە، ئارگېنتىنا ۋە ئوغۇل دوستىڭىز قوللايدىغان كوماندا.
5. مۇسابىقە كۆرۈۋاتقاندا ھەرگىز «نېمە ئىش بۇ، 10 نەچچە ئادەم بىر تال توپنى قوغلاپ يۈرۈپ نېمە دىگەن مەنىسىز» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ سالماڭ، بولمىسا يىگىتىڭىزنىڭ ئاچچىغى 80 گە چىقىشى مۇمكىن.
6. دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدە، يىگىتىڭىز پەقەت بۈگۈچ كەچ ۋە ئەتە كەچتىكى مۇسابىقە ۋاقتى ۋە كوماندىلارنىڭ ئىسمىنى يادىدا تۇتالايدۇ. بۇ چاغدا ھەرگىز ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى سىنايمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ، مەسىلەن، 6-ئاينىڭ مەلۇم كۈنى نېمە كۈن دېگەندەك سوئاللارنى ئۇنىڭدىن سوراپ يۈرمەڭ، ئۇ كۈن ئىككىڭلارنىڭ توي خاتىرە كۈنى بولسىمۇ مەيلى. چۈنكى ئۇ سىزگە «سائەت 12 دە ئىسپانىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ مۇسابىقىسى بار» دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن، ناۋادا شۇنداق بوپ قالسا، كۆڭلىڭىز چوقۇم قاتتىق يېرىم بولىدىغۇ دەيمەن.
7. يىگىتىڭىزنى ئەڭ سېغىنغان ۋاقتىڭىز، دەل توپ باشلىغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. ئازراق ئۇۋالچىلىق تاتسىڭىزمۇ، بىراق تۆت يىلدا پەقەت بىر قېتىملا تارتىدىغان ئۇۋالچىلىق بولغاچقا، ئۇنى كەچۈرىۋېتىڭ.
8. ئۈستىدىكىگە ئوخشاش، يىگىتىڭىز بىلەن تېلېفون پاراڭلاشقىڭىز كەلگەن ۋاقىتمۇ دەل توپ باشلايدىغان ۋاقىتتۇر. شۇڭا…
9. ناۋادا يىگىتىڭىز قاتتىق خۇشاللىق ۋە ھاياجان بىلەن سىزگە بىر دۆۋە چەتئەللىكنىڭ ئىسىملىرى ۋە كوماندىلارنىڭ جەڭ تاكتىكىلىرى، شۇنىڭدەك بىر قىسىم كەسپىي ئاتالغۇلارنى سۆزلەپ كەتسە، جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ بېرىڭ. چۈشەنمىسڭىزمۇ ھېچنىمە سورىماڭ، چۈنكى نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. سىز پەقەت ئۇنىڭغا «ۋاھ جېنىم، سىز نېمە دېگەن قالتىس» دېگەن چىراي ئىپادىڭىزنى كۆرسەتسىڭىزلا، دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن مول-ھوسۇل ئالىدىغان پەيت كېلىدۇ.
10. ناۋادا يىگىتىڭىز قوللاۋاتقان كوماندا شاللىنىپ كەتسە، ئۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپمۇ كەتمەڭ. چۈنكى، ھەر تۆت يىلدا ئۇ چوقۇنىدىغان كوماندىلار شاللىنىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭغا ئۇ كۆنۈك.
11. ناۋادا يىگىتىڭىز قوللاۋاتقان كوماندا بىلەن سىز قوللاۋاتقان كوماندا ئارىسىدا پەرق چىقىپ قالسا، ئۇنىڭدا ئىچىڭىزدە بىلىپ ئۇ قوللاۋاتقان كوماندىنىڭ يېڭىشىنى تىلەڭ. چۈنكى، سىز پەقەت كۆڭلىڭىزدە قوللايسىز، يىگىتىڭىز بولسا، يېنىدىن پۇل چىقىرىپ قوللاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
12. يىگىتىڭىز قايسى كوماندىلارنى ياقتۇرىسىز دەپ سورىسا ھەرگىزمۇ مانچېستېر، خان جەمەتى مادرېد كوماندىسى دەپ سالماڭ، چۈنكى بۇلار دۆلەت كوماندىسى ئەمەس.
13. مۇسابىقە ئويناۋاتقان ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ يىگىتىڭىزدىن ئوفسايد(越位) دېگەن نېمە دەپ سوراپ سالماڭ، Google دىن ئىزدەپ بىلىۋالسىڭىز بولدى.
14. ناۋادا يىگىتىڭىز تۈز ھەم چىرايلىق بېرىلگەن پاسلارنى ياقتۇرسا، ئىسپانىيەلىك Xavi دىن باشقا يەنە ئېنگلادتىكى Gerrard نى ئۇنىڭغا تەۋسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ.
15. بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى برازىلىيەدە ئۆتكۈزىلىدۇ. برازىلىيەنىڭ جەنۇبىي يېرىم شاردا ئىكەنلىگىنى كۆزدە تۇتقاندا، يىل ئوتتۇرىسى قىش پەسلىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا تېلىۋېزوردا توپچىلارنىڭ 6~7-ئايلاردىمۇ ئۇزۇن يەڭ توپ كىيمى كىيىپ يۈگۈرەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسىڭىز ھەيران قالماڭ. ئەلۋەتتە، برازىلىيەنىڭ بىر قىسىم ئىسسىق جايلىرىمۇ بار. شۇڭا بۇ مەسىلىگە سىزنىڭ بەك كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز ھاجەتسىز.
16. نۇرغۇن ياخشى مۇسابىقىلەرنىڭ ۋاقتى ئوتتۇرا كېچىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا يىگىتىڭىز بىلەن تېلىفون پاراڭلىشىدىغان ياخشى پەيت. ناۋادا قاتتىق مۇڭدىشىۋېتىپ يىگىتىڭىز تۇيۇقسىز ئاغزىنى بۇزۇپ سەت تىللاپ كەتسە، ھەرگىزمۇ بۇنى يىگىتىڭىزنىڭ مۇسابىقىسىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكتىن دەپ ئويلىماڭ. گەرچە ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق بولسىمۇ…
17. ناۋادا يىگىتىڭىز بىلەن پاراڭلاشقاندا دىققىتى تازا جايىدا بولمىسا، بۇنىڭدىن بەك ئەجەپلىنىپ كەتمەڭ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدە باشقا بىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقى ئەمەس، پەقەت بىر پۇتبول كوماندىسىنىڭ كۆپەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
18. مۇسابىقىگە 32 دۆلەت كوماندىسى قاتنىشىدۇ. شۇڭا سەمىڭىزگە يەنە سالاي، قايتا سوراپ يۈرمەڭ، بۇ مۇسابىقىدە بارسېلونا ياكى مادرېد يوق.
19. كېلىشكەن يىگىتىلەر ئەڭ كۆپ كوماندا ئىسپانىيە كوماندىسى. بىراق يىگىتىڭىز سوراپ قالسا، ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ تېخنىكىسىنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزنى دەپ قويسىڭىزلا بولدى.
20. قايسى توپچىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى سورىسا ھەرگىزمۇ كىرىستىيان رونالدو دەپ سالماڭ، دروگبا ياكى ياكى رىبېري دېسىڭىز باشقىلارغا تېخىمۇ ئۆزگىچە تەسىر بېرىشىڭىز مۇمكىن.
21. ياپونىيە ياكى كورىيە كوماندىسىدا كېلىشكەن يىگىتلەر يوق، شۇڭا جىق ئويلىماڭ.
22. بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىدە 22 ئادەم 11 دىن ئىككى كوماندىغا بۆلۈنۈپ 1 تال توپنى قوغلاپ ئاخىرىدا قارشى تەرەپنىڭ ۋارتاسىغا كىرگۈزۈپ ئوينايدۇ. بۇ خۇددى بىر توپ قىزلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال باھاسى چۈشۈرۈلگەن داڭلىق ماركىدىكى سومكىنى تالاشقىنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا بەك ئەجەپلەنمەڭ.
23. توپنى كۆپ كىرگۈزگەن كوماندا يەڭگەن ھېسابلىنىدۇ.
24. يىگىتىڭىزنىڭ كۆرگەن نەچچە 10 مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتىنى قوشسا، سىزنى ساقلىغان ۋاقتىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا كۆڭلى كۆڭسىڭىزنى كەڭرى تۇتقايسىز، ئاياللار يېرىم دۇنيا ئەمەسمۇ…
قىزلارنىڭ تۈگەپمۇ قاپتۇ، ئەمدى ئوغۇللارنىڭ دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدە بىلىۋالىدىغان ئىشلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.
1. ئاۋال، ئەڭ ئاۋال ھە…سىزنىڭ بىر قىز دوستىڭىز ياكى ئايالىڭىز بولۇشى كېرەك، بولمىسا كېيىنكى تارماقلىرىنى يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق.
تۈگىدى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: پۇتبول، قىزلار، مۇسابىقە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,470 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 05-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: girls-guide-to-world-cup-2010.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ساغلاملىققا زىيانلىق بولغان 6 خىل يامان ئادەت !
- كېيىنكى يازما > [پارول] توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى مۇشۇنداقلا تۈگىدى دىگەنما؟ قىززىق ئىش ئەمدى بولماقچى!
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- مېسسى يېڭى يىلدا ياپونغا بېرىپ بىر تۈرلۈك رېكورد تاماملىۋېتىپ كەپتۇمىش
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- Nike ئەڭ يېڭى پۇتبول كارتون ئېلانى! فەچەتلىكتە دوستسىز قالغان ئېلان بوپتۇ بۇ!
- 2014 Nike دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاۋات ئېلانلىرىنىڭ بىرى – تەۋەككۈل قىلىش
- قىز دوستىغا ئەگىشىپ دۇنيانى ئايلىنىش – قىزچاقنىڭ جامالىنى كۆرىدىغان پەيت كەلدى!
- خەلقئارا شاھمات شاھى بىلگەيتېسنى شاھماتتا 79 سكونتتا ياساپ قويۇپتۇ
- ۋەھشەت ئويناپ قويغان كوچا پۇتبولى! توپ دېگەن پۇتقا چاپلىشىپلا تۇرىدىكەنغۇ بۇلارنىڭ؟!
- يىگىتىڭىز ياكى يولدىشىڭىزنىڭ نېمىشقا دائىم يالغان سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
بۇ يىل قىززىيدىغان چىراي ئەمسە
مەنغۇ كۆرمۇدۇم مۇسابىقە دىگەنلەنى
خەپ ،ئىمتىھان مەزگىلىدە باشلىۋالدى دېسە…
بۇنداق نەرسىلىگە قىزىقمايمەن .
بۇيىل مۇسابىقە چوقۇم تازا قىززىيدۇ ، ما خوتۇنۇم ئىلەشتۇرمىسە بۇلاتتىغۇ،
ھىم، ئەمدى ماۋۇ قوللانمىدى ۋېيشىنلاپ مەبەتكە ئەۋەتىش كېرەك. بۇنى كۆرۈپ توپنىڭ گېىپى جۇدۇنى ئۆرلەيدىغان بولدى دە!
مۇسابىقە مەزگىلىدىكى دەم ئېلىش كۈنى:
– ۋەي ئەھۋالىڭىز ياخشىدۇ؟
– …..
-ھەي ھۇرۇن، تېخىچە ئۇخلاتامسىز؟
– ھە، ئازىراق چارچاپ قاپتىمە، بۇنچە ئەتىگەندە تېلفۇن قىلغۇدەك نىمە ئىشتى؟:neutral:
– ئەتتىگەن؟ ھازىر چۈش بولاي دىدى، بۈگۈن دەم ئېلىش بولغاندىكىن چۈشتە بىللە تاماق يەپ، نەرسە-كېرەك ئالماقچىتىم، ئېلىشىپ بېرىڭە!
– بولماسمىكى، كېچىچە ئۇخلىماي بەك چارچاپ كېتىپتىمە، كەچتە بىر گەپ بولسۇن.:neutral:
– كېچىچە مېنى ئويلاپ ئۇخلىيالماپسىزدە ؟
– ياق ھەي، كېچىچە ئۇخلىماي توپ مۇسابىقىسى كۆگەن.
– يەنە شۇ تــــــــــــــــــــــــوپ!!!
–
– :
ما ئىنكاس ۋەششىي قىززىپتىغۇ…
بۇ ژىل نۇرغۇن قىزۋالىغا ئۇۋال بولىدىغان بولدى دە
ھە, قىزلار, كەچ چۈشۈشتىن بۇرۇن توپخۇمار يىگىتلەرگە ئىسىل ئىچىملىك [زىيانسىز,ئىسپىرتسىز بولۇشى كېرەك ھە!], مەززىلىك يىمەكلىكلەرنى تەييارلاپ بېرىشنى , ئەتىسى مۇنداق كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان , ئەھۋال سورايدىغان گەپلەرنى قىلىپ قويۇشنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماڭلا -ھە !
قىزلار چۇشەنمەيدۇ -دە ، ھەي ………….
نىمىشقا ئىنكاس يازسام داۋاملىق تەستىقلانمايدۇ؟
-سىز مۇشۇ توپ توپلام دەيسىز ، مەن بىلەن پەقەت كارىىڭىزيوق ، كۆڭۇل بۆلمەيسىز ،
– نەدە ، ساڭىمۇ كۆڭۇل بۆلمەنغۇ !
-ئەمسە دەپ بېقىڭىز بىز قاچان توي قىلغان ؟
-گىرمان بىلەن فىرانسىيە مۇسابىقىگە چۇشۇپ گىرمان 1 توپ بىلەن يەڭگەن كۇنى .
ماڭىمۇ داۋاملىق «سىزگە توپ بوسىلا بولدى» دەپ نىرۋامغا تىگىشلىرى با «ساۋاقدىشىم»نىڭ.
سەت پەيزى قىزىيدۇ-دە بۇيىل مۇسابىقە دېگەن …
مەن بىرازىلىيە كوماندىسى مەستانىسى
بۇ تېما ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ
مېنىڭ قىز دوستۇمغۇ پۇتبولغا امراق
باش اغرىقى يوق ھى. ھى ھى
ارگېنــتىنا چېمپىيون بولدۇ مېنىڭچە
برازىلىيەدە نەچچە يىلنىڭ ياقى مۇشۇ مۇسابىقىنىڭ برازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىشىگە قارشى نەچچە قېتىم نامايىش ، توقۇنۇشلار يۈز بەردى . مۇشۇنىڭغا قاراپ تېخى بۇيىل قىزىماسمىكىن دەپ پەرەز قىلغانىدىم
مايماق بۇرادەر دىگەندەك … بىرازىلىيە ئۆز كۆرۈرمەنلىرى ،خەلقىدىن ئازار يىمىسە بولاتتىغۇ …
ئاللا ئاللا ما ئېنكاسلارنى كۆرۈپ توپچىلارنىڭ خىلى كۆپلىكىنى ھىس قىلدىم .مەنمۇ مىسسىنىڭ (ئارگىنتىنا)يىڭىشىنى ئۈمد قىلىمەن لىكىن مۇشۇ كۈنلەردە نىمىنى ئۈمۈد قىلسام شۇنىڭدىن كۆڭلۈم يانىدۇ دىسە.خەيىر كەلسۇن ئاشۇ ۋاقت .
مەن نىمىسلار كوماندىسى مەستانىسى ئەپسۇس بۇ يىل مەن ياقتۇردىغان klose يوق…. نىمىسلەر نىڭ باشقا كوماندىلەرنىڭ ئەبجىقىنى چىقىرۋىتىشىنى ئۈمىد قىلمەن
بۇ يىلمۇ klose با دەيمە! 23 كىشىلىك تىزىملىككە كىردى
تور دىكى بەزى ئۇچۇرلارغا قارسىام بۇ يىل گىرمانىيە كوماندىسىدا پىشقەدەم ئەزا klose باركەن،،بەزى ئۇچۇرلاردا ئۇنى چىقالمايدۇ دەپ تىكەن قانداق بوكەتكىنى بۇ