قىز دوستىغا ئەگىشىپ دۇنيانى ئايلىنىش – قىزچاقنىڭ جامالىنى كۆرىدىغان پەيت كەلدى!
بۇ يۈرۈشلۈك سۈرەتلەر ئۆتكەن يىلى توردا قاتتىق مودا بولغان. بەلكىم خېلى كۆپ تورداشلار بۇ سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ سۈرەتلەر روسىيەلىك فوتوگراف Murad Osmann ئۆزىنىڭ قىز دوستى Nataly Zakharova نىڭ ئارقا قىسمىنى ئاساسلىق ئېلىمېنت قىلىپ تۇرۇپ تارتقان بىر يۈرۈش فوتو-سۈرەت ئەسىرى بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى قوشۇلۇپ، تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنىڭ تۇنجىسى بارسېلونادا تارتىلغان. Osmann بۇ توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: قىز دوستۇم مېنىڭ توختىماي سۈرەتكە تارتىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ ئىچى سىقىلىپ تۇرالمىدى ھەم قولۇمدىن سۆرەپ ماڭغىلى تۇردى، ئەلۋەتتە، بۇمۇ مېنىڭ سۈرەتكە تارتىشىمنى توسۇپ قالالمىدى، ھەممە ئىش شۇنىڭ بىلەن باشلاندى.
ھەممىسىنى يوللاپ يۈرمىدىم، قىززىققۇچىلار توردىن ھالقىلىق سۆز بىلەن ئىزدەپ كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ. قوشۇمچە: بۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ، ئۇيغۇر فوتوگرافلىرىمىزمۇ بىرنى تارتىپ بېقىپتۇ. مۇنداقلا قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەي.
دىققەتنى بۇرىماي. ئەمدى گەپكە كەلسەك، بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەر ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا زور تەسىر قوزغىغان، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭغا ئەگىشىپ، بۇ سۈرەتلەر يەنە Google نىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان. گۇگېلدىكىلەر Murad Osmann ۋە قىز دوستى Nataly Zakharova نى ئىزدەپ كۆرۈشكەندىن كېيىن گۇگېل خەرىتىسى، ئىزدەش، ئىجتىمائىي ئالاقە توپى قاتارلىقلار بىرلەشتۈرۈلگەن تۆۋەندىكى بىر مىنۇتلۇق تەشۋىق ئېلاننى سۈرەتكە ئېلىپ چىققان.
شۇڭا دەيمەن. باشقىسى مۇھىم ئەمەس، پەقەت كېلىشكەن قەددى قامەت ۋە چىرايلىق بولسىڭىز ھەمدە ئازراق كاللا ئىشلەتسىڭىز، چوقۇم پۇل تېپىش پۇرسىتى چىقىپ قالىدۇ. ئاخىرىدا بۇ ئىزچىل دۈمبىسىنى قىلىپ تۇرغان قىزچاقنىڭ ئۇدۇل سۈرىتىدىن بىر پارچە قالدۇرۇپ قوياي.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ساياھەت، فوتو سۈرەت، فوتوگراف، قىزلار
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 33,063 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: murad-osmann-follow-me.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 18 پارچە رەسىم سىزگە شەرق ۋە غەرپ ئەللىرىدىكى مەدەنىيەت پەرقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ
- كېيىنكى يازما > دۇنيا بويىچە ئەڭ رەتلىك سېلىنغان شەھەر
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- كاللىنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىر يۈرۈش تېزلەتمە ساياھەت مەنزىرىلىرى | دۇبەي/شاڭخەي/پارىژ/نورۋېگىيە
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مەزگىلىدىكى قىز-ئوغۇللار پائالىيەت قوللانمىسى
- كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
- ئىرانلىق فوتوگرافنىڭ كامېراسىدىكى ئىران: رەھىمسىز دۇنيانىڭ يەنە بىر خىل قىياپىتى
- نورۋېگىيەلىك فوتوگراف يەتتە كېچە كىرپىك قاقماي ئىشلەپ چىققان ئەسەر
- يىگىتىڭىز ياكى يولدىشىڭىزنىڭ نېمىشقا دائىم يالغان سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
پەگا مەن كەلدىم
ئەمدى بۇنداق رەسىمگە چۈشۈش مودا بولىدىكەندە..
دومبىسىنى كۆرۈپلا چىرايىنى پەرەز قىپبولغان بۇنىڭ
تەسەۋۋۇرغا خېلى بايكەنلا ئۇندا بوسا …
خەڭسۇلاردا بىژگەپ بۇلىدىغان دۈمبە قاتىل 背影杀手دەيدىغان … بەزى قىزلار با كىيىنىشى شۇنداق ئىسىل ،فىگور پىگور دىگەنلە كىلولاپ با ، يىراقتىن كۈرۈپ شۇنچە ئويلايسىز قانداراق قىز بالىدۇ دەپ ، قوغلاپ بېرىپ چاندۇرماي چىرايىغا بىر قارايسىز بولدى ئەتىگەن يىگەن لەغمەننى پولو قىپ قۇسقىدەك ، شۇنىڭ بىلەن بۇنداق قىزلانى دۈمبىسى بىلەن ئادەم ئۆلتۈردىغانلا دەپ قۇيىدۇ …
شۇڭا بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق قاتىل قىزلانى كۆگەندە ھىم دەپ قويساقلا بولدى ، بىلىسىزغۇ رىئاللىق بىلەن خىيال تۇلا ئەھۋالدا قارىمۇ قارشى چىقىپ قالىدۇ …
ياپاناھ نىمە دىگەن گەپ ئۇزى رەسىمگە چۇششىمۇ بۇلامدۇ نىمە
مەن سېنىڭ دۇمبەڭنى ئوغشاتتىم ئېتىزلىققا ، بۇدۇرە چېچىڭنى بىدىگە
بۇ رەسىمنى توردا دەسلەپ كۆرگەندىلا قىززىقىپ قېلىپ بىزمۇ سىناپ 5-6 پارچە تارتىپ قويغان ئىدۇق
ئەسلى مۇشۇنى دوراپتىكەنسىلەدە….
ھەجەپ ئىچىمنى قايناتتى ما نايناقلا بويتاقلىقنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقاندا ….
توغرا دەيدۇ . چىرايىنى كۆرسەتمىگەن نەرسە ھەممە ئادەمنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ . خۇددى توردا چىرايىنى كۆرۈپ باقمىغان بىرسىگە مەجنۇنلارچە ئاشىق بولغاندەك ….
ماڭا ياقمىدى ، قىزبالىلار ئۇغۇل بالىلارنى باشلاپ ماڭغان ، تۈفى شۇ ئەركەككە ، ئەرلىكىنى ئىت يەپكەتكەنلەر
بۇ يولداشقا نىمە بولغاندۇ ئەمدى…
ساقتۇ ؟
ئەرلىكىنى ئىت يەپ كەتسە ، ئۇ قىزبالا قولدىن يىتىلمەس
ۋۇ قېلىن … ھا ھا
ئاۋۇ ئۇغۇر قىزچاقنىڭمۇ ئودۇلدىن تارتىلغان رەسىمىدىن بىرە پارچە قالدۇرۇپ قويماپسىز..
قارىكو … ياغاچ قۇلاقلىمىكى دىسەم كۆزلىرىمۇ ياغاچ كۆز ئوخشىمامدا ؟ ئىۋۇ ئاستىغا يۇغۇن قىلىپ چاپلاپ قۇيۇپتىيا ئەينا
گەپ دېگەن بەتلەكلىكلا ھە
ئاۋۇ ئۇيغۇر قىزچاقنىڭمۇ دىمەكچىغۇ سىز؟ ئۇغۇر دەپ
باللا ،ئېۋۇ ئۇيغۇر قىزچاقنى رەسىمىدىكى قىزبالىنىڭ ئوڭ قولىغا قاراڭلار، ئەكىشىنىڭ قولىدەكلا،ۋوجۇن
http://ww2.sinaimg.cn/mw1024/c766ecdejw1e757j45a2sj20ec0zowq3.jpg
ئاۋۇ ئۇيغۇر قىزنىڭ رەسىمى مۇشۇ ئوخشايدۇ.
مۇشۇ مۇ شۇ ئوخشايدۇ.
http://ww1.sinaimg.cn/mw1024/c766ecdejw1e7bufswrwwj20ec0rjtfn.jpg
باللا ياماندا ، بىردەمدە ئىز بېسىپ قوغلاپ رەسىمىنىمۇ تېپىپ بولغىنىنى …
بۇ تېما خېلى قىزىپتىغۇ ،.
شۇنداق مەنىلىك چىقىپتۇ ، بىر قاراشقىلا ئادەمنىڭ مەسلىكى كەلگۇدەك .
بۇلۇپمۇ ھەممىمىز قىزىقىدىغان ئىمكان بولسىلا قىلىدىغان ساياھەت ، يەنە كىلىپ كېيىنكى تۇرمۇشىنى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىچە ئۆتكۇزدىغان ئادىمى بىلەن شۇنداق رومانتىك ھېسلارغا ئەكىلىپ قويىۋاتىدۇ مېنى .
كەينىدىن قارىسام چىرايلىق بولغاندىكىن ئىزدەپ باقسام ئالدىدىنمۇ چىرايلىقكەن..
ئەمدى بىزنىڭ بۇيەردىكىلەرگە بوپ بېرىدىكەندە…..نەگە بارسا ، قىزلار ئوغۇللارنى قولىدىن يېتىلەپ سۆرەپلا يۈرگەن…
بۇنى دوراپ سۈرەتكە چۈشىمەن دىمەي، يۇقارقى سۈرەتنىڭ ئەكسىچە ئوغامباللا قىز مەبىتىڭلارنىڭ قولىدىن سۆرۈپ تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈپ تورغا يوللىساڭلار بىردەمدە نامىڭلار چىقىدۇ دەيمە! (ھەقچان مەبىتىڭلەرنىڭ قولىدىكى يانغۇننىڭ كۆزى كەم دىگەندىمۇ بەش-ئالتە يۈز تۈمەن پىكسىلدىن تۆۋەن ئەمەس)
بۇلارنىڭ رەسىمگە چۈشۈش ئۇسۇلى ئۆزگىچە ئىكەن.مانا ئاخىرى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپتۇ.
ئادەم دىگەننىڭ شۇنداق گۈزەل يارى بولسا ، داڭلىق جايلارنى ساياھەت قىلىپ تۇرسا ، پاھ پاھ، بۇنىڭدىنمۇ راھەت ئىش بارمۇ جاھاندا …
ئەڭ تەس ئىش ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان سەت خوتۇن بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشمىكىن دەيمەن.
چىرانى ئۆچۇرگەندىن كېين سەتلىكى بىلىنمەيدۇ ، ئوغشاش
ئەستاخ ……. ما گەپنى دەيمە ..
سەت ئادەممۇ ئاپراتقا چىرايللق چىقىدۇ سەتلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ
دىمەك فوتوگراف رۇسسىيەلىك مۇراد ئوسمان ئىكەندە؟
ئىلاندىكى قىزچاق بىلەن ئاستىدىكى سۈرەتتىكى قىز بىر ئەمەسكەن ھە
ئاۋۇ ئۇيغۇر سۈرەتچىمىز تارتقان رەسىم بەكلا پەيزى چىقىپتۇ. مىكرو بىلوگىغا ئەگىشىپ قويدۇم.
تورخۇمار، تەدبىركار، mr.teddy ئەپەندىلەر مەبەتلىرىنى ئىلىپ رەسىمگە چۈشكىلى كەتتىمۇ؟ يىڭىلانمايدىغۇ تىمىلار؟
مۇشۇ گەپنى يازاي دەپ كىرگەنتىم ما تېمىغا
قارىغاندا تورخۇمارنىڭ يانفۇن نۇسخىسىنى يېڭىلىغان ئوخشايدۇ،يېڭى نۇسخىدىكى يانفۇن نۇسخىسىدا بەت رازمىرى بىردەم ئكران پۈتۈن توشىدۇ،بىردەم ئۈستى تەرىپى توشمايدۇ ، بولمىسا ئىشلىتىۋاتقىنىم تۈرمىدىن قاچۇرۇلمىغان ئايفون 5 ئىدى . ئىلگىرى نورمال چىقاتتى بولمىسا ، ھازىر خۇددى s4 ئىكرانىنىڭ رازمېرىدىكى ئەپلەرگە ئوخشاپ قاپتۇ ، ئۈستى بىلەن ئاستى توشمايدىغان. تورخۇمار ئەپەندىم ، كۈرۈپ بېقىڭ ،بەلكىم بەكمۇ مۇكەممەل ئويلاپ كەتكەندىمەن .
تورخۇمار يامان ئۇزۇن يېڭىلانماي كەتتى جۇمۇ!!!!
ما تېما يوللانغىلى 12 كۈن بوپتۇ، قېنە ئا تەدى دېگەن گاداي. يا بىرمە يازمىغان، يا ھېلىقىدەك رىسىملەرنى ۋاقتى ۋاقتىدا تەستىقلىمىغان.
بۇ قىزمۇ چىرايلىقكەن – ھە، ئىشقىلىپ بۇرۇن بىلىدىغىنىم كىيىملىرى بەكلا چىرايلىقتى بۇ قىزنىڭ… مۇنۇ ئۈستىدىكى سۆسۈن رەڭلىك كۆڭلىكىگە بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدىم دېگەندەك…
تورخۇمار يامان ئۇزۇن يېڭىلانماي كەتتى جۇمۇ!!!!