كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
فوتوگراف Eric Lafforgue قاپيۈرەكلىك بىلەن چاۋشىيەن چېگرىسى ئىچىگە 6 قېتىم كىرىپ، ئوغرىلىقچە تارتقان فوتو-سۈرەتلەرنى بۇ كوممۇنىتستىك دۆلەتتىن ئاستىغىنە ئېلىپ چىقتى. ئۇ بۇ سۈرەتلەر ئارقىلىق چاۋشىيەن خەلقىنىڭ ماشىنا ئەمەس، بەلكى جاپاكەش خەلق ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى.
زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، Eric Lafforgue چاۋشىيەنگە ئالاقىدار سۈرەتلەرنى ئالدىنقى قېتىم 2012-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇ سۈرەتلەرنى چاۋشىيەن ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرۈپ نارازى بولغانلىقى ھەمدە ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىراق ئۆزىنىڭ رەت قىلغانلىقى ۋە بۇ سۈرەتلەر ئارقىلىق بىر دۆلەتنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى دۇنيا خەلقىگە بىلدۈرمىسە ئادىل بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
Eric يەنە مۇنداق دەيدۇ: پايتەخت پىيوڭياڭ ۋە بىر قانچە چوڭ شەھەردىن باشقا جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن جاپالىق، نۇرغۇن جايلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى غەرپنىڭ ئۆلچىمىدىن كۆپ تۆۋەن. مەلۇم كىچىك كەنتكە ئۇ كۆپ قېتىم بارغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنى ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە كۈتىۋالغان، بۇ كىچىك كەنت سىرتقى دۇنيادىن شۇنچىلىك ئايرىۋېتىلگەنكى، ھەتتا يەرلىك كىشىلەر ئەزەلدىن يانفون دېگەن ئوقەتنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن، يەرلىك كىشىلەر بېلىقچىلىق ۋە دېڭىز يۈسۈنى تۇتۇپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. گەرچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى شۇنچە جاپالىق، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك شۇنچە قىس بولسىمۇ، يەنىلا ئىخلاسمەنلىك بىلەن «ھۆرمەتلىك رەئىس» نى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىكەن.
تۆۋەندىكىلىرى Eric Lafforgue تارتقان «ھەقىقىي چاۋشىيەن» سۈرەتلىرى، بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدۇ.
دالىدا ئۇخلاۋاتقان ئەسكەر
بىر توپ ئەسكەرنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ئايال. بۇنداق ھەربىي قوشۇننىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىدىغان سۈرەتنى ھۆكۈمەت ھەرگىز تارتىشقا يول قويمايدۇ
چاۋشىيەنلىك ئەسكەرلەر دائىم دېھقانلارغا ياردەملىشىدۇ
دەريا بويىدا يۇيۇنۇش. شەھەر رايونىدىن باشقا جايلاردا بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ
پىيوڭياڭنىڭ يەر ئاستى پويىز سىستېمىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭقۇر يەر ئاستىغا جايلاشقان، چۈنكى بۇ جاينىڭ يەنە ھاۋا ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش رولى بار.
چاۋشىيەندە نامراتلارنىڭ سۈرىتىنى تارتىش چەكلەنگەن.
ئېتىزلىقتىكى بالىلار
گەرچە ھۆكۈمەتتىن بۇنداق قاراڭغۇ بازارلارنى چەكلەپ تۇرسىمۇ، ئەمما تاماكا كەمپۈت ساتىدىغان تەنزىكەشلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ.
يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان كىم جوڭئېل مەدھىيە بايرىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نەچچە مىڭلىغان چاۋشىيەنلىك ئۆچرەت تۇرماقتا.
پىيوڭياڭ چاۋشىيەننىڭ دەرىزىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇرۇلۇشلارنىڭ سىرتقى قىسمى ئىنتايىن ئاسرىلىپ پاكىز ساقلىنىدۇ، ئەمما فوتوگراف پۇرسەت تېپىپ ئىمارەتنىڭ كەينىگە ئۆتكەندە ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئىنتايىن چاتاقلىقىنى بايقىدى.
پىيوڭياڭدا ئاپتوموبېللارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دېھقانلار بۇ يېڭى شەيئىگە بارا-بارا كۆنمەكتە. سۈرەتتە چوڭ يولدا ئويناۋاتقان بالىلار كېلىۋاتقان ماشىنىغا پەرۋاسىز ھالدا ئوينىماقتا.
بىر كۈنى مېھمانىغا قايتىۋاتقان فوتوگراف بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر يولدىن مېڭىپ قالىدۇ ۋە بىر كونا ئىمارەتنى كۆرۈپ سۈرەتكە تارتماقچى بولىدۇ، بۇ چاغدا ساياھەت يېتەكچىسى ئۇنىڭغا ئاپېراتنىڭ چاقماق لامپىسىنى ئېتىۋېتىشنى، بوممىسا ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ قورقۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
مېھمانخانىلارنىڭ مۇنچىلىرى
شەھەرلەر ئارىسىدا ئاساسەن قاتناش يوق، پۇقرالارنىڭ بىر جايدىن يەنە بىر جايغا خالىغانچە يۆتكىلىشىگىمۇ بولمايدۇ. سۈرەتتىكىسى، چوڭ يولدا ماشىنا توسۇۋاتقان ئەسكەر.
چاۋشىيەندە نامراتلارنىڭ ئاشكارىلاش چەكلىنىپلا قالماستىن، بايلارنىمۇ كۆز-كۆز قىلىشقا بولمايدۇ. فوتوگراف بىر باغچىدا بۇ بېنز ماركىلىق پىكاپنى ئۇچراتتى، بۇ پىكاپنىڭ ئىگىسى بىر قاقلىما كاۋاپ دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ئىدى.
تەققى تۇرقى جايىدا ئەمەس ئەسكەرلەرنى سۈرەتكە تارتىشمۇ چەكلىنىدۇ.
ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن ئەسكەرلەرنى تارتىشمۇ مەنئىي قىلىنغان.
پىيوڭياڭدىكى ئىككى تاللا بازىرىدا ھەرخىل يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەر بار، بۇ جايدا ياۋرو ۋە چاۋشىيەن ۋونى بىرلىك ھېسابات قىلىنىدىغان بولۇپ، پەقەت بايلارلا بۇنداق جايلاردا ئىستېمال ئېلىپ بارالايدۇ.
بۇ سېرىكچىلىك ئەمەس. چاۋشىيەن قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەلەپ ئۆلچىمى بەك تۆۋەن.
ئاز كۆرۈلىدىغان مەنزىرە: كىم ئېرسېننىڭ ھەيكىلى ئاستىدا سۈپۈرگە تۇرىدۇ.
چاۋشىيەننىڭ غەربىي قىسمىدا دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان مەنزىرە، باغچىدا ئوت چۆپ تېرىۋاتقان بوۋاي. بۇلارنى ساياھەت يېتەكچىسى كۆرسە قۇيقا چېچى تىك تۇرىشى ئېنىق.
چاۋشىيەندىكى ئائىلىلىكلەرنى زىيارەت قىلغاندا بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ئويناۋاتقان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن سۈرەت. ئەمما ساياھەت يېتەكچىسى كومپيۇتېرلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ توكقا ئۇلانمىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، سۈرەتلەرنى ئۆچۈرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.
رەھبەرلەرنىڭ ھەيكىلىنى كەينى تەرەپتىن تارتىش ئىنتايىن چوڭ گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتوبۇس بېكىتىدە ئۆچرەت تۇرىۋاتقان چاۋشىيەنلىكلەر.
بۇزۇلغان ئاپتوبۇس
پىيوڭياڭدىكى سەنئەت مەركىزىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىۋاتقاندا توك توختاپ كەتتى. بۇنداق ئىشلار دائىم يۈز بېرىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىم توك توختىغاندا خىزمەتچى خادىملار توك توختاشنىڭ سەۋەبى، ئامېرىكىنىڭ چەكلىمە قۇلۇپى ئىكەنلىگى ھەققىدە چۈشەندۈرەتتى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: دۇنيا، ساياھەت، فوتو سۈرەت، فوتوگراف
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 25,395 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 05-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: photos-north-korea.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > توخۇ پاچىقىدىنمۇ تەملىك كېسەكمىدۇ؟ ھىندىستانلىق ئەر كۈنىگە ئۈچ كىلو خام كېسەك يەيدىكەن
- كېيىنكى يازما > «چوشقا-قوي»نىڭ سىرى
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- كاللىنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىر يۈرۈش تېزلەتمە ساياھەت مەنزىرىلىرى | دۇبەي/شاڭخەي/پارىژ/نورۋېگىيە
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- ئىرانلىق فوتوگرافنىڭ كامېراسىدىكى ئىران: رەھىمسىز دۇنيانىڭ يەنە بىر خىل قىياپىتى
- قىز دوستىغا ئەگىشىپ دۇنيانى ئايلىنىش – قىزچاقنىڭ جامالىنى كۆرىدىغان پەيت كەلدى!
- نورۋېگىيەلىك فوتوگراف يەتتە كېچە كىرپىك قاقماي ئىشلەپ چىققان ئەسەر
- ھايۋاناتلار ھەققىدە سىز ئاڭلاپ باقمىغان قىزىقارلىق 10 ئىش
- 24 سائەتنى بىر پارچە سۈرەتكە پىرىسلاپ كىرگۈزۈش، مانا يېڭىلىق دېگەن!
- 2013-يىللىق دۆلەت جۇغراپىيەسى فوتو-سۈرەت مۇسابىقىسىدىكى نادىر تاللانمىلار
- يەر شارىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كىشى ئەقلىنى لال قىلدىغان گۈزەل ماكان
بۇلارنى كۆرسەم دۆلىتىمىزنىڭ 80 يىللىرىنى كۆرگەندەك بولىمەن ( گەرچە ئۆزۈم 90 نىڭ بالىسى بولساممۇ )
مېھمانخانىلارنىڭ مۇنچىسىدا باسما قۇدۇق ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم …
سىز ھەيران قالماڭ ، سىز بەلكىم شەھەر رايونىدىنسىز ، يېزىلاردا ئۇنداق باسما قۇدۇق تېخى ئىلغار قۇرۇلۇش ھىسابلىنىدۇ . بەزى رايونلاردا ھېلىھەم كۆل سۈيى ئىچىدۇ ، بۇنداق دىسەم كۆڭلۇڭلىگە كەپ كەتمىسۇن ، بىزنىڭ مىللىتىمىز تېخى پۇتۇنلەي زامانىۋىلاشقىنى يوق . . .
ئاۋۇ كوچىدىكى جىپ ماشىننىڭ زاپاس چاقى تويوتا.
ياغاچ كۆتۈرۈۋالغان سوقچى كىمگە ئوخشايدىكەن باللا؟ مەن لوست تىكى خەنسوغا ئوخشاتتىمغۇ.
سەل ئوخشاپ قالدىكەن راس ..
مېنىڭ كىچىكىمدىن بىر ئارزۇيۇم بار ئىدى ، ئۇ بولسىمۇ مۇشۇنداق سۈرەتلىك ھىكايە يازىدىغان فوتوگىراف بولۇش . ھازىر ئىشلىرىم بىر قۇر رەتكە سېلىنغاچقا بۇ ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىردانە ئاپپارات سېتىۋالماقچى بولىۋاتىمەن ، مۇشۇ سىفىرلىك ئۈسكۈنە ، ئاپپارات (单反相机 ) دىگەنلەردىن خەۋىرى بارلار بولسا مەسلىھەت بەرسەڭلار ، سۈپىتى ياخشىراق ، مۇۋاپىقدىن ئالاي دەپ بىر ئايدىن بېرى توردىن ماتېرىيال كۆرۈپ ھازىرچە كانون 700D دا توختۇتۇم …. 4000 كويلار ئەتىراپىدىكى يەنە قايسى تىپتىكىلىرى ياخشىراقتۇ ؟ مەسلىھەت بەرسەڭلار ، كوت كوت : 969672937
( ئەسلى بۇنى كادىروغا يازاي دەپ ئويلىغانتىم لېكىن ئۇ يەرگە كۆپ ئادەم كىرمىگەچ مۇشۇ يەرگە يېزىشقا مەجبۇر بوپ قالدىم، توغرا چۈشەنگەيسىلەر )
مەن باغۇ تويدىن بۇرۇن ئېلىۋالمىغىنىمما ئەدەسسىز پۇشمان قىلمەن، مانا ئەمدى ئالاي دېسەم ئايلىق چىقىدۇ، ئۇ ئىش چىقىدۇ، مۇكاپات بېرىدۇ، بۇ ئىش چىقىدۇ. ھېچ قانداق ئىش چىقمىغاندا ئۆزەمنىڭ پۇلغا ئىچىم ئاغرىپ ئالغۇم كەلمەيدۇ.
رەسىم تارتىشتا ئاپپارات (单反相机 ) مۇھىم ئۈسكىنىنىڭ بىرى بولسىمۇ، بىراق ئاپپارات بېشىغا بولغان تەلەپ بەك يۇقىرى ئەمەس. ئاپپارات لېنزىسى ناھايىتى مۇھىم ھەم ئەڭ پۇل خورىتىدىغان ئۈسكىنە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا لېنزىسى ئۆزى بىلەن بىللە، ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان، باھاسىمۇ مۇۋاپىق ئاپپارات ئېلىڭ. مەسىلەن، COOLPIX P600، PowerShot SX50، PowerShot G16، PowerShot G1 دىگەندەك.
نوكىيا 1020 ئېلىڭە ، مەن قايسى كۈنى بىرنى ئالغان ئاپاراتىدىن بەكلا رازى بولدۇم ،
1020 نىڭ ئاپپاراتى ھەقىقەتەن نوچى، لېكىن بۇ بەرىبىر تېلفۇندە، يەنىلا كەسپىيرەك بولغان ئاپپاراتقا يەتمەيدۇ.
ھاۋا ھۇجۇمىدىن ئاشتا ساقلىنامدا
ئەمما تورخۇماردىكى ئىككىنجى دىۋانسىز باشلانغان تېما بوپتۇ ماۋۇ ھە! خاخا………
دىۋاندا ئولتۇرغان Forever دىگەن بالا ئەدەسسىز ئوڭلۇق، ئەخلاقلىق، ئېسىل، كادىر سۈپەت ، دىۋاندا تولا ئولتۇرۇپ كاسىسى ئۇپراپ قالمىغىلى ئارانلا تۇرغان بالىچۇ ئۇ، ئۇندا چۈپەيلىك قىلمايدۇ ئۇ. شۇڭا ماۋۇ تېما ئاشۇندا تېما بولغان ئاشۇندا تېمىنىڭ ئاشۇندا ئىككىنجىسى بولالىغان.
ئاۋو مېھمانخانىنىڭ مۇنچىسىدىكى باسماقۇدۇقنى كۆرۈپ ئاجايىپ ھەيران قالدىم
ھەيران قالماڭ ، سىز بەلكىم شەھەر رايونىدىنسىز ، يېزىلاردا ئۇنداق باسما قۇدۇق تېخى ئىلغار قۇرۇلۇش ھىسابلىنىدۇ . بەزى رايونلاردا ھېلىھەم كۆل سۈيى ئىچىدۇ ، بۇنداق دىسەم كۆڭلۇڭلىگە كەپ كەتمىسۇن ، بىزنىڭ مىللىتىمىز تېخى پۇتۇنلەي زامانىۋىلاشقىنى يوق . . .
كۆز بەك رۇشەنيا
بۇلارنىڭ تۇرمىشى دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرپى بولسا كىرەك ،مىنىڭچە چاۋشەن سىرتىدا كومىنىستىك پارتىيە دىسىمۇ ئىچىدە پادىشاھلىق تۇزۇمدىكى دۆلەتتەك ياشايدىكەن
ئاۋۇ قاراڭغۇ بازاردا كەمپۇت سېتىۋاتقان ئايالنى رەسىمگە تارتىپ چاتاق قىپتۇ.ئەمدى ئۇ ئايالنى بۇرژازىيە دەپ جازالامۇ؟
بۇلار نېمە دىېگەن بىچارە-ھە! مىھمانخانىنىڭ ئىچىدە باسما قۇدۇق تۇرىدۇ.
ھەيران قالماڭ ، سىز بەلكىم شەھەر رايونىدىنسىز ، يېزىلاردا ئۇنداق باسما قۇدۇق تېخى ئىلغار قۇرۇلۇش ھىسابلىنىدۇ . بەزى رايونلاردا ھېلىھەم كۆل سۈيى ئىچىدۇ ، بۇنداق دىسەم كۆڭلۇڭلىگە كەپ كەتمىسۇن ، بىزنىڭ مىللىتىمىز تېخى پۇتۇنلەي زامانىۋىلاشقىنى يوق . . .
مەنمۇ شۇنداق يەردىكىلەرنىڭ بىرسى….
بۇ بىر ئەۋلات كىم پوداقلار خەلقىنىڭ قېنىنى بولىشىغا شورىغان پوداقلار بۇ…
ئۈزەمنىڭ ئۇيغۇريەدە ياشاۋاتقىنىمغا مىڭ شۈكرى خۇداھىم .،..
شۈكرى خۇدايىم
چاۋشەن بىلەن كورىيە لىكلىەر بىر مىللەت ! لېكىن ئىككى دۇنيا !
كىتىاتقان جىپنىڭ زاپاس چاقى تويۇتا ئىكەن يەنە مونچىنىڭ ئىچىگە باسما قۇدۇق ئىشلىتىپتۇ. ۋاھ بۇ كاساپەتلەر بۇلاقنىڭ سۈيىدە يۇيىنىدىكەندە
بۇلارنىڭ نامرات خەلقى بەك جاپادا قاپتۇ، ئەمما ئەخلاق ساپاسى مەيەدىكىدىن خېلى يۇقىرىكەن.
تەخىتنى كىم ئىرسىندىن كىم زىڭئىلغا ئۇنىڭدىن كىم پاڭزىغا ئاتا مىراس قالدۇرۇپ خەلقىنى بەكلا نادان قالدۇرۋاتىدىغۇ،كىم پاڭزا ئۆزى ياۋروپانى ئوقۇپ كەلدى يەنىلا دادىسىنىڭ ئىزىدا مېڭىپ داۋاملىق نادانلاشتۇرۋاتىدۇ،چاۋشەنلىكلەردىن سورىسىڭىز كىچىك بالىلاردىن تارتىپ بوۋايلارغىچە ‹‹چاۋشەن دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار دۆلەت›› دەپ قارايدىكەن،سىرتقى دۇنيادىن شۇنچىلىك خەۋەرسىز ئىلىتىۋاتقان رەڭسىز تېلۋىزورى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېلۋىزور دەپ قارايدىكەن، ئاۋۇ ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەن بالىغا قاراپ تارىخ مۇئەللىمنىڭ‹‹ چاۋشەندە ئايلىق گۆش تەقلىملىنىپ بىرىلدۇ، ئارتۇق گۆشتىن ئارتۇق گۆش يىگەنلەرنىڭ جازاسى شۇنچىلىك قاتتىق دىگەن گىپىنى ئەسلىتىپ قويدى…
ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن كۈنىگە مىڭ قەتلە شۈكرى!
ئامرىكىنىڭ چەكمە قۇلۇبى دىگەننى بىر چۈشەندۈرۋىتىڭلار باللا…. چاۋشىيەن دىگەن سىرتقا ئېچۋىتلمىگەن دۆلەت تۇرسا قانداق بۇلۇپ ئامرىكىنىڭ چەكمە قۇلۇپ تەسىرگە ئۇچرايدۇ
ئاللا ئاللا مۇنداقمۇ ئىش بادە جاھاندا توۋا
كىم پوداق سەت قاملىشىپتۇ ماۋۇ لەقەم خەنچىدىن تەرجىمىسى %100بوپتۇ.
مەنمۇ يازسام بولامۇ …..؟
قۇدۇقنى كۆرۈپ ھەيران بولدۇم،،،،،
ئىچكى قىسىمدىكى پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر بېرىدىغان مۇشۇنداق قاپ يۈرەك فوتوگرافتىن جوڭگۇدىمۇ بىرسى چىقسا بولاتتى.
بەك ياخشى تىما بوپتۇ بۇ
مۇشۇنداق .پوتوگىراپتىن.بىرسى.جۇڭگودا بىرسى بولسا بولاتتى