يەر شارىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كىشى ئەقلىنى لال قىلدىغان گۈزەل ماكان
يەر شارىنىڭ ئىچكىرىسىدە تولىمۇ گۈزەل بىر مەنزىرە يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئالياسكا مېندېنھال مۇز تاغلىرى ئاستىغا يۇشۇرۇلغان مەنزىرىدۇر…
تۇنجى قېتىم بۇ كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان مەنزىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، بەلكىم ئۆزىڭىزنى «ئاۋاتار» فىلىمىدىكى فاندورا پىلانىتىغا كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ئەگەر يەر شارىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى گۈزەللىكلەر ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا دەرھال ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ يېقىندىكى بىر پارچە خەۋىرىگە ئەگىشىپ، مۇز تاغ ئاستىدىكى سىرلارنى بىرلىكتە ئاچايلى.
مېندېنھال مۇز تېغى تەخمىنەن 12 ئىنگلىز مېلى (19 كېلومېتىر) كېلىدىغان بولۇپ، ئالىم توماس كوۋان مېندېنھالنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
31 ياشلىق كېنت بولسا، بىر ئىشتىن سىرت فوتو-سۈرەت ھەۋەسكارى بولۇپ، ئۇنىڭ كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى. ئۇ ھەر يىلى مېندېنھال مۇزلۇق رايونىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى خاتىرىلەيدۇ ۋە تولىمۇ كۆركەم مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە ئالىدۇ.
كېنتنىڭ سۈرەتكە ئالغان بۇ رەسملەر ئۇشبۇ تەبىئەتنىڭ مۆجىزىسىنىڭ توختىماستىن ئېرىش، توختىماستىن قېتىش ئارقىلىق غايەت زور مۇزلۇققا ئايلىنىش جەريانىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ مۇزلۇق ئاستىدىكى مەنزىرە يەر شارىنىڭ ھېچقانداق يېرىگە ئوخشىمايدىكەن. كۆپ يىللىق سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا بۇ مۇزلۇق كېنتنىڭ قەلبىدىكى ئېتىقادى بولۇپ قالغان ئىدى، كېنت بۇ يەردە بارلىق بېسىملارنى چىقىرىپ تاشلاپ چەكسىز ئىلھامغا ئېرىشەلەيتتى.
گەرچە باشقىلار ئۇنىڭ رەسىملىرىنى CG تېخنىكىسى ۋە ياكى Photoshop دېتالى ئارقىلىق ئىشلەنگەن بولىشى مۇمكىن دەيدىغان گۇمانلىق قاراشلاردا بولسىمۇ، ئەمما بۇ سۈرەتلەر ھەقىقەتەنمۇ فوتو ئاپپاراتىدا تارتىلغان ئەسلى نۇسخا رەسىملەردۇر.
كېنت يەنە رەسىمگە تارتىشنىڭ سىرىنى ئاشكارىلاپ بەردى: قۇياش نۇرى دەل مۇزلۇق جىلغا بىلەن بىر تەكشىلىككە كەلگەن ۋاقىت سۈرەت تارتىشنىڭ ئالتۇن ۋاقتى ئىكەن. گەرچە ھازىر نۇرغۇن ساياھەت لىنىيىلىرى بۇ مۇزلۇققا يېتىپ كېلەلىسىمۇ، ئەمما مېندېنھال يەنىلا توختىماستىن ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلماقتا، شۇنداقلا چەكسىز ئۆزگىرىش مۇمكىنچىلىكىنى ئېلىپ كەلدى. بۇ دەل كېنت ئۈچۈن ئۈزۈلمەس ئىلھام بۇلىقى تەمىنلەپ بەرگەن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يېــڭــى ئىــشــلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: سۈرەت، فوتو سۈرەت، گۈزەل، مەنزىرە
- يازمــا مەنبەســى: نۇر تورى
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 10,373 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 09-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: alaska-glacier.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > موتسىكىلىت ئۆگىنىشنى بوۋاق ۋاقتىدىن باشلاش كېرەك! موتسىكىلىت مەكتىپىدىكى بۇ ساقىلارنىڭ يامانلىقىنى كۆرۈڭ!
- كېيىنكى يازما > Google كۆزئەينىكى ھەققىدىكى ھەقىقىي تەسىرات كۆرۈنۈشلىرى
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- كاللىنى ئارام ئالدۇرىدىغان بىر يۈرۈش تېزلەتمە ساياھەت مەنزىرىلىرى | دۇبەي/شاڭخەي/پارىژ/نورۋېگىيە
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- كىم جوڭئۇن كۆرۈشنى خالىمايدىغان چاۋشىيەن ساياھەت خاتىرىلىرى
- يېڭىچە مودا سۈرەتكە چۈشۈش ئۇسۇلى: پلاستېر بىلەن يۈزنى ئورىۋېتىپ ئالۋاستىغا ئوخشاپ قېلىش
- دۇنيا بويىچە ئەڭ رەتلىك سېلىنغان شەھەر
- قىز دوستىغا ئەگىشىپ دۇنيانى ئايلىنىش – قىزچاقنىڭ جامالىنى كۆرىدىغان پەيت كەلدى!
- نورۋېگىيەلىك فوتوگراف يەتتە كېچە كىرپىك قاقماي ئىشلەپ چىققان ئەسەر
راستىنلام چىرايلىق بولسا دىۋان مىنىڭ
ھەي توۋا ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن …
شىنجاڭدىمۇ بىز ئاڭلاپ باقمىغان ئاجايىپ سىرلىق گۈزەل جايلار خېلى جىق ، ئازراق ئىزدىنىپ تىما يېزىپ باقسام تەستقلامۇ ؟ ئالدى بىلەن يېزىپ باقاي ھە ، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە يوللايمە ئاللا خالىسا
ئۆزىمىزنىڭ تۇرىۋاتقان ۋەتىنىمىزنىمۇ بىر ساياھەت قىلىپ باقساق
ئىشىنىمەنكى. چۇقۇم بۇنىڭدۇن گۈزەل يەرلەر ھەقىقەتەن كۆپ
ئەڭ گۈزەل جايلار يەنىلا ئۆز يۇرتىڭىزدا.
تارتقان رەسىملەرمىكەن؟؟ CG مىكىن دەپتىمەن قاراپ، ھەجەپ چىرايلىق كۆكرەڭكەن ئاۋۇ
مۇزىكىمۇ خوش ياقتى، مانداق مۇزىكا ئارىلاش رەسىملىك تېمىلارنى بولسىمۇ جىقراق يوللايلى باللا، بۇنداق تېمىنى يوللاش تەس ئەمەسقۇ دەيمەن
ئۇز
يەرشارىدىكى ئادەم ئايىغى تەگمىگەن جايلار ئەڭ گۈزەلمىكى دەيمەن…