نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > يېــڭــى ئىــشــلار > يازما مەزمۇنى

مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار

يېقىندا مىكروسوفت «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى How-Old.net نى چىقاردى. بۇ مىكروسوفتنىڭ مېخانىك تېخنىكا گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ يېڭى تەتقىقاتى بولۇپ، سۈرەت ئارقىلىق چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ۋە ئانالز ئارقىلىق، سۈرەتتىكى كىشىنىڭ جىنسى ۋە يېشىنى تېپىپ بېرەلەيدىغان تور بېكەت ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ئادەمنىڭ چىرايىنى تونۇپ بېرەلەيدىكەن.

ھازىر توردا بۇ تور بېكەتنى ئويناش خېلىلا مودا بولۇپ قالغان چېغى. تورخۇماردىكىلەرمۇ بۇ خەۋەردىن قۇرۇق قالمىسۇن.

تور ئادرېسى: how-old.net

تور بېكەتنى ئاچقاندىن كېيىن، ئاستىدىكى Use your own photo كۇنۇپكىسىنى بېسىپ رەسىمنى چىقارساقلا بولىدۇ، ئامال بار بىر قەدەر سۈزۈك چۈشكەن، كۆرۈش نۇقتىسى ئېنىق سۈرەتلەرنى چىقىرىپ سىنىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.

بۇ بۇ…..

ھاھا، سۈرەت ئوچۇق بولمىسا زادى بىر يېرى بىر قانداق بولىدۇ بۇنداق نەرسىلەرنىڭ. ياخشى يېرى شۇكى، بۇ تور بېكەتنى يانفوندىمۇ ئوخشاشلا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، زېرىككەندە كۆڭۈل خوشى ئويناپ قويساڭلار بولغۇدەك.

تور بېكەت مەنزىلى

How-Old تور بېكىتىنى ئېچىش



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. راسكەن 2015.05.11 , 12:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاھ دىۋان………………….:se:

  2. راسكەن 2015.05.11 , 12:41 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھا ھا ھا ھا ..توغۇرمۇ ئۇلارنىڭ يېشى مەنغۇ بىلمەيدىكەنمەن:neutral:

  3. ئابدۇغىنىجان 2015.05.11 , 12:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ 3- بوپتىمەنغۇ … راس توغرا چىقىرالارمۇ. .. توغۇرلىقى قانچە پىرسەنت چىقار بۇنىڭ .

  4. راسكەن 2015.05.11 , 12:46 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ۋاي ئاللا ، دىگەندەك تاپالمايدىكەنغۇ 18 ياشنى 25 ياش دەيدۇ :mad: لىكىن جىنسىنى تاپالدى :grin:

  5. ۋاپاسىز 2015.05.11 , 14:49 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    24ياشنى 32 ياش قىلىپ چىقىرىپ بەردى

  6. خالىت 2015.05.11 , 15:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆزۇمنىڭ چىرايىدىن قورقۇپ قىلىۋاتىمەن يا. مەن بۇيىل 17 گە كىردىن لىكىن مانەرسە بىرنى 23 يانا بىرنى 31 چىقىرىپ بىرىۋاتىدا.

  7. miskin08 2015.05.11 , 15:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ شاۋمى 3 نىڭ كامىراسىمۇ خېلى توغرا تاپالايدۇ.

  8. ئەركە 2015.05.11 , 17:38 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن باشقىچە كۆرنۇپ قالدىممۇ نىمە بۇ ماشىنىغا…27 ياش دەيدا …
    ئەمدى 19غا كىرسەم

  9. ۋاپاسىز 2015.05.12 , 00:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ماۋۇ بۇرۇت ساقال دىگەن ئوقەتنى ئىلىۋىتىپ
    ئاندىن سىناپ باقسا ياشراق چىقىدىغان چىغى
    ئەمما ئاياللار قانداق قىلسا ياش كۆرنەكىن ماۋۇ توردا:mrgreen:

  10. يولۇچى 2015.05.12 , 01:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قېرىتىپ چىقىرىدىكەن ئاساسەن. قەلبىنۇر ئوتتۇزغا ئامدىلەتىن دەسسىگەن. زۇلپىقارمۇ جىق بولسا ئەمدى ئوتتۇزدىن ئاشتى. ئابدۇكېرەم 70نىڭ. ئون ياش چوڭايتىۋېتىپتۇ.

  11. نەش 2015.05.12 , 07:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەمدى 21 ياشقا كىرگەنتىم،مىنى 19 ياش دەيدا.

  12. مىسران 2015.05.12 , 11:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا، ئايالىمنىڭ رەسىمىنى شۇنداقلا سالسام يېشىنى توپتوغرا چىقىرىپ بېرىۋاتىدىيا؟؟؟؟ مېنى 47 ياش چىقىرىپ قويغان بولسىمۇ غورۇرۇمغا تەگمىدى :mrgreen::mrgreen:

  13. ئېھسان 2015.05.12 , 11:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ ئاران19 ياش ئىدىم مەن سەل ساقال بۇرۇتلۇق بالا بولغاشقىمىكىن مىنى مائوقەت خىجىل بولماي 34 ياش دەيدۇ :arrow:

  14. بايتاش 2015.05.12 , 16:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مېنى ئىككى ياش چوڭ قىلىپ چىقاردى

  15. تەپەككۇر 2015.05.12 , 16:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خې خې مىنى توغرا تېپتۇ

  16. بەھرام 2015.05.13 , 01:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مىنىڭ يېشىمنى ساق ئون ياش چوڭ ھېسابلاب بەدى…

  17. قىسمەت 2015.05.13 , 08:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    خېلى بۇلىدىكەن بۇ دىتال
    مەنچە بۇدىتال كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ياشنى تاپىدىغان ئوخشايدۇ
    مەنغو 22 گە كىرگەن لىكىن ماۋۇ ئوقەت مىنى 13 ياش دەپ چىقاردى.
    :roll::roll::roll::idea:

  18. قىسمەت 2015.05.13 , 08:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولمىسىغو بۇرۇت بىلەن ساقالمۇ باتتى خېلى………….

  19. rock 2015.05.13 , 12:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چەتنىڭ تور بېتىنى ئاچساملا http://www.cjb.net ما مەرەز بەت چىقىۋالدى، قانداق ئوڭشايدۇ بۇنى.

  20. eva 2015.05.13 , 12:01 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    :mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen: بەك قىزىقكەن بۇ دىتال

  21. قادىخان 2015.05.13 , 22:15 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توغۇرلۇق نىسپىتى سەل تۈۋەنكەن جىنسىنى تىپىۋىتىدىكەن بۇ گۇي ھې ھې ھې بىر خىل پەيزىكەن ھە دوسلا مىنىڭ شاۋمى4مۇ خلى توغرا تاپىدۇ:mrgreen::mrgreen:

  22. ئىلتەبىر 2015.05.14 , 18:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن كومپىيۇتىرىمىدىن پەقەتلا رەسىم چىقىرالمىدىم.بۇ يۇمشاق دېتال سېستىما تاللامدۇ-يا؟ مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم ۋىندوۋس8.1 مەشخۇلات سېستىمىسى ئىدى.

  23. way way 2015.05.15 , 21:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كاللىڭىزنىڭ دەردى بامۇ سىستىما تاللىمايدۇ ،رەسىم تاللايدۇ

  24. تەپەككۇراخۇن 2015.05.24 , 08:54 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺷﺎﯞﻣﻰ5 ﻣﯘ ﺧﻠﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ (ھە داۋاملىق)

  25. تۇرغۇنجان 2015.06.29 , 13:57 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    xiaomi4 تېلفۇنىدا باردەك كۆرگەن بۇ ئىقتىدارنى

  26. ئۇيغۇرۇم131 2015.07.08 , 02:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بولىدىغان توربەتتەك قىلامدۇ نىمە…….

  27. سەردار 2015.08.10 , 17:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن كومپىيوتېردىكى رەسىمنى چىقىرالمىدىم:wink:

  28. mahluk 2016.05.18 , 12:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاڭلاشقا بۇلىدىغاندەك قىلىدۇ ئەمما، مەن رەسىمەمنى چىقىرالمىدىم،

  29. مەۋلانجان 2016.05.18 , 12:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇنىڭ ئەپ دىتالى بارمۇ ،بولسا ماڭا يوللاپ بەرسەڭلا،
    كوت كوت نۇمۇرۇم:2155503282
    2036660753
    2794181242

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量