24 سائەتنى بىر پارچە سۈرەتكە پىرىسلاپ كىرگۈزۈش، مانا يېڭىلىق دېگەن!
سۈرەت دېگەن تىنچ ھالەتتىكى نەرسە، ئادەتتىكى كۈن چىققان ۋە پاتقاندىكى مەنزىرە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە بەكرەك تارتىدۇ، ھەمدە كىشىگە تەخمىنىي ۋاقىتنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. ئەمما بىر پارچە سۈرەتتە 24 سائەت ۋاقىتنى ئىپادىلە دېسە، سىزنىڭ كاللىڭىزغا قانداق ئوي كېلىشى مۇمكىن؟ سېنگاپورلۇق بىر فوتوگراف ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن 24 سائەتنى بىر پارچە سۈرەتكە پىرىسلاپ كىرگۈزىۋەتكەن…
فوتوگراف Fong Qi Wei ھەر سائەتتە بىر پارچە سۈرەت تارتقان، ھەمدە سۈرەتلەرنى 24 سائەتتىكى ئوخشىمىغان ۋاقىتقا بۆلۈپ، Photoshop ئارقىلىق بۇ سۈرەتلەرنى بىرىكتۈرۈپ چىققان. ئەڭ ئاخىرىدا Time is a Dimension نامىدىكى بىر يۈرۈش سۈرەتلەر پۈتۈپ چىققان. ئادەتتىكى كۆز بىلەن قارىسىڭىز بۇ سۈرەتلەرنىڭمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ھېچ بىر يېرى يوق. ئەمدى بىلمىدىم فوتوگراف كېيىنچە بىر يىلدىكى 365 كۈن ياكى 10 يىل ئىچىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى بىرەر پارچە سۈرەت قىلىپ چىقامدۇ يوق؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: سەنئەت، سۈرەت، فوتوگراف
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 12,023 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
- يازما مەنزىلى: time-is-a-dimension-fong-q-w.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > يەنە بىر تۈركۈم ئۆزگىچە يول – تاختا ئېلانلىرى(33P)
- كېيىنكى يازما > نورۋېگىيەلىك فوتوگراف يەتتە كېچە كىرپىك قاقماي ئىشلەپ چىققان ئەسەر
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- سۈرەتكە جىق چۈشىدىغان قىزلار دىققەت | سۈرەتكە چۈشىمەن دەپ جېنىدىن ئايرىلغان كىشىلەر
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- 20 پارچە ئاز ئۇچرايدىغان تارىخى سۈرەت
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا ، ھەممە ئەدەم دىۋان تالاشقان شۇ زاماندا ، مەن ئولتۇرۇپ قاپتىمە شاھانە دىۋاندا
ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئىكەن ~~~!
ماڭا رەسىمنى پۈرلىۋەتكەندەك ، قاتلىۋەتكەندەك تۇيغۇ بەردى .
ئويغۇر توربەتچىلىكىدە فوتوگىرافچىلىققا دائىر كەسپىيراق تور بەت يوق ئوخشايدۇ ھە ؟
بىرە بالا بىلوگمۇ بوسا ئېچىپ قويماي ، ھەممە ئەدەم مۇنبەرنى پىقىراپ يۈرگەن ،بىز تورخۇمارغا نىمىشقا ئامراق ؟تورخۇماردا خاسلىق با ، ئالاھىدىلىك با، شۇڭا ئامراق
~~ (ماختاپ قويدۇمغۇ :mrgreen:)
مەنمۇ شۇ قارشتا
بار،مەن بىرقېتىم كىرىپ باققان ،لىكىن ئىسىمدە قالماپتۇ ،يامان ئەسەر ئەسەرلەرمۇ باركەنتۇق،لىكىن شۇ مەنزىرە ياكى ئادەم ،ئىجادىيلىقى كەمچىل (كەسپ ئەھلى ئەمەس تۇرۇپ ئازراق كوتۇلداپ قويدۇم)
ئۈستىدىكى ئىنكاسنى ئابومجانغا يوللىماقچىتىم ،مايەرگە يوللاپ ساپتىمەن
ۋاي نىمانداق خاتا يازغاندىمەن ،‹خېلى كۆپ ئەسەرلەر باركەنتۇق›
بىر ئىشنى سىزمۇ بىرەرسى قىلغان بولسا دەيسىز ، مەنمۇ بىرەرسى قىلغان بولسا دەيمەن، ئۇ مۇ بىرەرسى قىلغان بولسا دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق توپا بىسىپ قالىمىز نۇرغۇن ئىشلاردا…
كۆك بۆرە:فوتوگىرافلىققا دائىر توربەت قۇرۇش پىلانىنى خېلى بۇرۇنلا ئويلاپ باققان ، توربەت قۇرۇلغاندىن كىيىن قانداق قىلىپ كىرىم قىلىمىز ، كىملەر بىلەن ھەمكارلىشىمىز مۇشۇ توغرۇلۇق خېلى ئىزدىنىپ باققان ، لىكىن مىنىڭ شىرىكىمنىڭ مۇنبەر قۇرغۇسى كەپقالدى ، مەنمۇ بىرتالاي ئىش بىلەن ئالدىراش بوپقېلىپ تاشلىنىپ قالدى … ئىسىت
مەن نىمانداق ھېچنىمىنى چۈشەنمەيمەنيا ماۋۇ يازمىدىن 、
ئاشۇنداق بىكەتلەر قۇرۇلغان بۇسا بەك خۇش بۇلاتتۇقدە.(خۇش بۇلدىغانلار سازنى بىسىشنى ئۇنۇتماڭ)
كەسپى ئا خەنتەك فوتوگىرافچىلىقتىن جىنىنى بىقىپ يايدىغانلار قانچىلىك . رەسىم سىزىدىغانلار بارمىكى ھەم بىلوگىمۇ بار . سۇرەت تارتىدىغانلىنىڭمۇ بار . لىكىن شۇ مەنزىرە سۇرەت ئۇ يەرنىڭ بۇ يەرنىڭ دىگەندەك . لىكىن ما خەنتەك بىرەر دىققەت قىلغۇدەكنى ئويلايدىغانلار ئازمۇ يا ئويلىغاننى قىلالمامدۇ . تاڭ جۇمۇ . (خو بارماق بىلەن بۇنىنى كۈچەپ كوچىلىغان چىراي ئىپادىسى)
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، مۇشۇ تورخۇماردا بىر يازما بولىدىغان، كىچە بىلەن كۈندۈزنى سۈرەت تارتىپ كىرىشتۈرگەن، شۇ سۈرەتلەر ئىسىمگە كىلىپ قالدى.
كىينچە ئادەمنىڭ بالىلىق،ياشلىق،قىرىلىق مەزگىللىرىنى بىرپارچە سۈرەتكە پىرىسلاپلا چىقىرىۋىتەمدۇنىمە?!