بولدى مېنى توسىماڭلار، خەير-خوش كۆپچىلىك، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم!
كىچىكىمدىن ئانچە-مۇنچە رەسىم سىزىپ قويىدىغىنىم راست. بىراق ھازىر ئاساسەن تاشلىۋەتتىم دېسەممۇ بولىدۇ. كىچىكىمدە تېخى چوڭ بولسام رەسسام بولىمەن دەيدىغان ئارزۇلىرىممۇ بار ئىدى. بىراق كېيىن ئەتراپىمدىكى رەسىم سىزىدىغانلارنىڭ ھال-كۈنىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى بايقاپ بۇ ئارزۇيۇمدىن بالدۇرلا ۋاز كەچكەن ئىدىم، ئەپسۇس…
گەپكە كەلسەك، كېلەركى ئايدا «نامسىز» (Untitled) تېمىسىدىكى بىر پارچە ماي بوياق رەسىم نىيۇيوركتا تالاشتۇرۇپ سېتىلىدىغان بولۇپ، باھاسى بەلكىم 90 مىليون، ھەتتا 920 مىليون خەلق پۇلىغا توغرا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇنچە پۇلغا يارايدىغان بۇ بىر پارچە رەسىمنىڭ قانداقلىقىنى بىلگۈڭىز كەلدىغۇ دەيمەن؟ تۆۋەندىكىسى دەل شۇ رەسىم.
كىمىسىنى ئاخماق قىلىدىغاندۇ؟ ئاناڭنى…
ھالبۇكى، رەسساملىق سەنئەت تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ خىل «نامسىز» ئۇسلۇبىدىكى رەسىملەر خېلىلا كۆپ كۆزگە چېلىقىدۇ.
تېمىسى: Blood Red Mirror
ئاپتورى: Gerhard Richter
باھاسى: 1 مىليون 314 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى
سودا پۈتكەن يىل: 2009
تېمىسى: Green White
ئاپتورى: Ellsworth Kelly
باھاسى: 1 مىليون 650 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى
سودا پۈتكەن يىل: 2008
ماۋزۇسى: Untiled (يەنە بىر نامسىز…)
ئاپتورى: Blinky Palermo
باھاسى: 1 مىليون 700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى
سودا پۈتكەن ۋاقىت: 2010
تېمىسى: Peinture (Le Chien)
ئاپتورى: Joan Miro
باھاسى: 2 مىليون 210 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى
سودا پۈتكەن ۋاقىت: 2010
تېمىسى: White Fire
ئاپتورى: Barnett Newman
باھاسى: 3 مىليون 589 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى
سودا پۈتكەن ۋاقىت: 2002
تېمىسى: Concetto spaziale, Attese
ئاپتورى؛ Lucio Fontana
باھاسى: 4 مىليون 416 مىڭ 976 ئامېرىكا دوللىرى
سودا پۈتكەن ۋاقىت: 2010
تېمىسى: Blue Fool
ئاپتورى: Christopher Wool
باھاسى: 5 مىليون 10 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى
سودا پۈتكەن يىل: 2010
تېمىسى: Snow Flurry
ئاپتورى: Alexander Calder
باھاسى: 10 مىليون 386 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى
سودا پۈتكەن يىل: 2012
تېمىسى: Untitled ( يەنە بىر نامسىز…)
ئاپتورى: Franz Klein
باھاسى: 40 مىليون 402 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى
سودا پۈتكەن يىل: 2012
تېمىسى: Orange, Red, Yellow
ئاپتورى: Mark Rothko
باھاسى: 86 مىليون 880 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى
سودا پۈتكەن يىل: 2012
تېمىسى: Number 8
ئاپتورى: Jackson Pollock
باھاسى: 140 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
سودا پۈتكەن يىل: 206
تېمىسى: Woman III
ئاپتورى: Willem De Kooning
باھاسى: 149 مىليون ئامېرىكا دوللىرى
سودا پۈتكەن يىل: 2006
بولدى مېنى توسماڭلار، مەن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگىلى ماڭدىم، خەير-خوش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نادىر لايىھەلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: پۇل، رەسسام، رەسىم، سەنئەت
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,173 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: pulluq-resimler.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
- كېيىنكى يازما > ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- Google دىن چىققان ئەڭ يېڭى VR رەسىم سىزىش قورالى – Tilt Brush
- سىزما ھايات – فوتو-سۈرەت ۋە سىزما رەسىمنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
- پۇل خەجلەپمۇ ھۆرمەت تاپالمايدىغان 12 ئىش
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- 8 تال رەسىم سىزگە بۈگۈن قانچىلىك سوغۇق بولغانلىقىنى دەپ بېرىدۇ
- باشقىلار ماشىنىسىنىڭ ئەينىكى توپا بولۇپ كەتسە قانداق قىلىدىكەن، ئوبدان كۆرۈڭ
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- ھەقىقىي مەنزىرىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ئاجايىپ قالتىس كومىك رەسىملەر
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
پاھ پاھ پاھ … ھەقىقەتەن بىباھا ئەسەرلەركەن …
كۆرۈۋاتقان شۇ دەملەردىن تاس قالدىم ھوشۇمدىن كەتكىلى … بولۇپمۇ ئۈستىدىكى 4 پارچىسىنى …
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورخۇمار… ئاھ… ۋىسالىڭنى كۆرگۈدەك كۈنلەرمۇ كېلىدىكەن…
مەنمۇ رەسىم سىزىم بېيىسام بولغۇدەك رەسساملىقنى چۈشىنىدىغانلار ئاۋۇ ئۈستىدىكى رەسىمنىڭ نىمە مەنىسى بار چۈشەندۈرۈپ قويساڭلا قارىسام مەن كىچىك ۋاختىمدا سىزىپ ئوينايدىغان رەسىم چىراي تۇردىدىيا
ئەمدى بۇلارنى ساراڭ دەي دىسەم،ئاراڭلاردىن مىنى رەسىمنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنمەيدىغان تەسسەۋۋۇرى كەمتۈك دەيدىغانلارنىڭ چىقىشى تۇرغانلا گەپ،Snow Flurry ماۋۇ رەسىمنى شۇنچە جىق پۇلغا ئالغان بولسا مەيلى دىسەك قالغانلىرىنى قايسى مىڭىسىنىڭ پىيى تاتىشىپ قالغانلار ئالغاندۇ؟ماڭا بىر پارچىغا 100كوي بەرسە كۈندە 500پارچە سىزىپ بېرەتتىم بۇنىڭدىن چىرايلىق رەسىملەرنى،شۇ رەسىملەرنىڭ ئاستىغا كىمنىڭ قايسى دۆلەتتىن نىمىش قىلىدىغان ئادەمنىڭ سىتۋالغانلىقىنى يىزىپ قويغان بولساڭلار بەلەن بۇلاتتىكەنتۇق …
بۇ رەسىملەردىن ھوزۇر ئالغۇچە ئاۋۇ ئاستىدىكى رەسىمنىڭ باھاسىدىن ھوزۇر ئالغان ياخشىكەن.
يۇقارقى رەسىملەرگە كەلسەك، كۆپىنچىمىزگە ھېچقانداق ھوزۇر ياكى ئىستىتىك زوق ئاتا قىلالماسلىقى مۇمكىن، لىكىن بەزىدە بىزنىڭ كۆزىمىزگە سەت، ئاددىي، قوپال كۆرۈندىغان نەرسىلەر بەزىلەرنىڭ كۆزىگە ئوت كۆرۈنىشى تۇرغانلا گەپ.
مەسىلەن: كىيىم-كېچەك شەھەرچىسىدىكى بەزى كىيىملەرنى بىز (شۇنداقلا مەن) گە پۇلى بىلەن قوشۇپ بەرسىمۇ ئالماسلىقىم تۇرغانلا گەپ، لىكىن شۇ سەت كىيىملەرنى بەزەنلەرگە چىرايلىق كۆرنۈپ خېلى كۆپ پۇلغا سېتىۋىلىپ كىيىۋالدىكەنغۇ.
كىيىنچە بالام بولغاندا بالامنى رەڭگە چالاپ ئاق قەغەزنىڭ ئۈستىدە قويۇپ قويسام بولغۇدەك
نىمە دىگەن قالايمىقان چۈشىنىكسىز رەسىملە مىنىڭ5ياشلىق بۇنىڭدىن چىرايلڭى سىزىدۇ
ماڭدىم مەن
ۋىروس تەخەللۇسلۇق بىر ئاپتورىمىز بۇلىدىغان كۇلۇبتا ،ئۇزۇن بولدى كۆرۈنمەيدىغۇ
بەزەللىرى رەسىم ئەمەس بوياپ قويغان رەڭكەنغۇ ؟
نىم دەي ئەمدى ، ۋاي رەسىم بۇلا ئاشتاق بۇلا ، ئەمما ئاۋۇ رەسىمنى سىزغان ئادەمنى ئادەم دىمىسىمۇ بولغۇدەك جۇما ، ققەتتتى ئامال يوق ~~ ساقايمايدۇ ، ئۇرەسىمنى سېتىۋالغان ئادەمگە گەپ كەتمىگۈدەك
مېنىڭ كومپىيۇتېرىم بىر ھەپتىدەك بوپ قالدى تورخۇمارغا چىقماي بۈگۈن ئاران تەس چىقتى ، بۇ نېمە ئىشتۇ ، تېمىدىن چەت بوسىمۇ سوراپ باقتىم ، چۈشەندۈرۈش بەرسەڭلا ،
ئاخىرى نورمال ئېچىلىدىغان بوپتۇ . بۇ يىل تورخۇماركۇلۇبىغا ۋە تورخۇمارغا ئەڭ كۆپ كىسەل تەككەن بىر يىل بولۇپتۇ
تور خۇمار سەل كىچىكپ قالدىمۇ مەجبۇريەت چاقىرقى 11 چىقىپ بولدى
تورخۇمارمۇ يا ماۋۇ؟ ئەجەب كۆزۈمگە ئىشەنمەيۋاتىمىنا؟ نىمە بولغانسەن تورخۇمار؟
تورخۇمارنى ماڭا ئۆتكۈزۈڭلار، سىلەردىن ياخشى باشقۇرىمەن…
تورخۇمار ،تورخۇمار ،تورخۇمارغا مەن خۇمار
كەچلىرىمگە چۈشۈمگە ھەمرا بولغىن تورخۇمار
تورخۇمارغا چىقىسامەن كۈنۈم بولدى خۇشپۇراق…..نىمىتى ئاخىرى ھېلىقى مۆمىنجاننىڭ باللىرى ئوقۇيدىغان ناىشىنىڭ ئاخرى سىلە چۈرىۋېتىڭلا ئاخىرىنى
‹تورخۇمار ئۇيغۇرلار كۆڭۈل ئېچىش بىلوگى›
ئوھوي ئالامەت رەسىملەركەنغۇ بۇ