بۇ قېتىمكى ئوسكارنىڭ نامزاتى – مۇز مەلىكە(Frozen) فىلىمىنىڭ ناخشىسى: Let It Go
Disney نىڭ يېڭى كارتون فىلىمى Frozen(مۇز مەلىكە دەپ تەرجىمە قىلىپ تۇردۇم) بۇ يىلقى ئوسكاردا نادىر كارتون فىلىم ۋە نادىر فىلىم ناخشىسى مۇكاپاتىغا ئىسمى ئاتالدى. ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا قويۇلۇشقا باشلىغان بۇ كارتون فىلىم ھازىرغا قەدەر Disney نىڭ 1994-يىلى قويۇلغان شىر پادىشاھ فىلىمىدىن قالسا، بېلەت كىرىمى ئەڭ ياخشى بولغان كارتونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر فىلىم 2-ئاينىڭ 5-كۈنى دۆلىتىمىزدە قويۇلۇشقا باشلايدۇ. ئەگەر باشقا ئەھۋال يۈز بەرمىسە، بەلكىم بۇ يىل كرودس جەمەتىنى يېڭىپ ئوسكارنى ئېلىشى مۇمكىن.
فىلىمنىڭ داڭق قازىنىشىغا ئەگىشىپ، باش ناخشىسى Let It Go مۇ تورداشلارنىڭ قاتتىق ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى. شۇ سەۋەپتىن Disney شىركىتى بۇ ناخشىنىڭ 25 خىل تىلدا ئارىلاشتۇرۇپ ئېيتىلغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى. قارىغاندا ياخشى بىر ناخشىنى مەيلى قايسى تىلدا ئېيتسۇن، يەنىلا ياخشى ئاڭلىنىدىكەن.
Frozen فىلىمىنىڭ تەشۋىق فىلىمى
ئېنگلىزچە نۇسخىدىكى Let It Go
25 خىل تىلدا ئارىلاشتۇرۇپ ئېيتىلغان Let It Go
ئەگەر ھەر بىر خىل تىلدىكىنى ئايرىم تولۇق ئاڭلىماقچى بولسىڭىز، ناخشا ئىسمىنى گۇگېلغا باسسىڭىزلا چىقىدۇ. خەنچە گۇاڭدوڭچە تىللاردىكىنى قالدۇرۇپ يۈرمىدىم. سىلەر 25 خىل تىل ئىچىدە قايسىسى ياخشى چىقىپتۇ؟
- يازمىنىڭ ئـورنى: [مــۇڭ كـۈيــلــەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: MV، ئوسكار، كارتون، ناخشا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 41,313 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 27-كۈنى
- يازما مەنزىلى: let-it-go.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تىنچ رەسىمنى PS قىلىش مودىدىن قالدى، ھازىر MTV نى PS قىلىمىز!
- كېيىنكى يازما > بىز كۆرەلمەيدىغان Youtube تورى 10 ياشقا كىردى | چېكىلىشى ئەڭ كۆپ 10 ۋىدېئو
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- سەتەڭ قىزلارنىڭ ئورۇنلىشىدىكى See You Again
- سەھنە تۇيغۇسى ئاجايىپ كۈچلۈك چولپان بوۋاق
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- مۇھەببەت ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسقا فىلىم – سوۋغا
- 2015-يىللىق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىملەر | 87-قېتىملىق ئوسكار ئاكادېمىيە مۇكاپاتى مۇراسىمى
- بىز كۆرەلمەيدىغان Youtube تورى 10 ياشقا كىردى | چېكىلىشى ئەڭ كۆپ 10 ۋىدېئو
- ئەينى چاغدىكى دىسنېي كارتون ئوبرازلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى قانداق لايىھەلەنگەن؟
- گىرىم قىلىشنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇپ، ئېغىزىغا كارتون سىزىپ چىققان قىزچاق
مەنغۇ ئادەتتە كارتۇن فىلىم كۆرۈپ كەتمەيمە. شۇنداختىمۇ ما كارتون يامان ئەمەستەك تۇرىدۇ.
كارتون فىلىمىنى بەك كۆرۈپ قويىمەن، قاچانمۇ قارلۇقنىڭ كارتونلىرىنى كۆرۈش نېسىپ بولاركىن؟
بۇ كارتوننىڭ ناخشىسىمۇ ياخشى چىقىپتۇ.
25 خىل تىل نۇسخىسى؟
مۇزىكىسى بىرخىل يىقىملىق ئىكەن
مەن ھەممىدىن بەك ئۇيغۇرچىسىنى ياقتۇردۇم.
نەچچە قېتىم ئاڭلاپمۇ ئۇيغۇرچە ئېيىتقىنىنى تاپالمىدىمغۇ؟
مېنىڭچە ياپونچە ياخشى چىقىپتۇ.
مېنىڭچىمۇ ياپۇنچىسى بەك ئوماق چىقىپتۇ.
مەنمۇ كارتۇن فىلىمگە بەك ئامراق،مېنىڭچە بۇ فىلىمنىڭ ئىسمىنى مۇز تاغدىكى ئاجايىپ قىسمەت دەپ ئاتىغان ياخشى .ئۇيغۇرچە ناخشىسى بولغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى。
بولسا بىلەرمەن خۇماداشلارنىڭ بۇكىنونىڭ كۆرۈش ئادىرسى بىلەن تەمىن ئەتسىكەن دىگەن ئۇمۇتتىمەن … رەھمەت
ئانى نو ، مانا نو . مۇشۇ ئۇزكەن ، ئۇيغۇرچەسى يوقكەن قاتتىق ئىتراز بىلدۇرمىز
ئاداش ئانى نو ئەمەس ئارىنو دەڭلە
مېنىڭچە يەنىلا ئېنگلىزچىسى ياخشىكەن، كارتون فىلىم دىسە ئىزدەپ تۇرۇپ كۆرىمەنغۇ مەن. بۇنىڭمۇ تېزراق كۆرۈشكە نىسىپ بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن
يەنىلا ياپۇنچىسى ياخشى
مىنىڭچىمۇ ياپۇنچە بەك ياخشى چىقىپتۇ
ئەگەر قايىل بولمىساڭلە ئېنگىلىسچىسنى ياپۇنچىسنى ئۇبدانراق تىڭشاپ بېقىڭلە
disney مۇ ئادەم ئالدايدىغان بوپ كىتىپتۇ ئۇزۇن چاچ مەلىكە دىگەن كارتوندىكى ئوبرازلارنى ئازراق ئۆزگەرتىپلا يىڭى كارتون قىلىپ ئىشلەپتۇ……
ماڭىمۇ ياپونچىسى يېقىملىق ئاڭلاندى
گۇردۇس جەمەتى دىگەن كارتوندىن ئۈتۈپ كىتەلمەسمىكىن…مەنغۇ بۇ يىل ئىچىدە ئەڭ ياختۇرۇپ كۆرگەن كارتون فىلىم رەزىل مەن 2 ، گىرۇدوس جەمەتى دىگەن فىلىم بولدى ، ھەقىيقەتەن ئىسىل ئىشلەپ قويغان كارتونلار..
بەك مۇڭلۇقكەن….
تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ… ئىمتىھان ھەلەكچىلىكى بىلەن 1 ئايغا يېقىن تورخۇمارغا چىقالمىغانتىم، 1 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تورخۇماردا يۈرۈپ ، 1 ئاي كىرەلمەي قالغىنىمغا باش سۈرىتىم يوق بوپ كېتىپتۇ … نېمە ئىشتۇ بۇ؟؟ ماتېرىيالىمدا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرمىگەندۇ؟؟ ياكى بولمىسا 1 ئاي ئىچىدە تور بەتنىڭ ئارقا بۆلۈمىدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟؟؟
ھەقىيقەتەن يېقىملىق ناخشىكەن، ياقتۇردۇم…
مەن بۇ كىنونى كۆرۈپ ئوپېرا كۆرگەندەكلا ھېس قىلىپ قالدىم. گەپنىڭ تولىسىنى ناخشا بىلەن ئىپادىلەيدىكەن. مەن بەك ياقتۇرۇپمۇ كەتمىدىم.
ھەقىقەتەن تۇنۇش چىرايلار.
http://kickass.to/frozen-2013-dvdscr-xvid-sam-etrg-t8517377.html
بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ.
بۇ ھەقىقەتەن بىر كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك فىلىم ئىكەن .
مەن دەيمەن يۇقارقى ناخشىنى بىرلا ئادەم ئىيىتقانمىدۇ ياكى كىرىشتۈرگەنمىدۇ،
بەلكىم كىرىشتۇرمىدۇ
يوۋكۇدىن يوقىرىدىكى ناخشا نامىدا ياكى بوغلان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىچە)دەپ ئىزدىسەڭلار 1080پ ئۆلچەمدىكى ئۇيغۇرچە خەتلىكىنى كۆرەلەيسىلەر
مۇشۇ تېمىدا كۆرەلەيسىز
http://v.youku.com/v_show/id_XNjc0MzI5Mzg4.html
ئارېنو ،مامانو
ئاقبۈركۈت تە ئۇيغۇرچە خەتلىك سۈزۈك نۇسخىسى با، ياكى مەن بىلەن ئالاقىلشىڭ چچ 1549830300
ئاداش دۇنيادىكى تىللانىڭ ئارسىدا ئەڭ چىرايلىك يېقىملىق ئاڭلىندىغنى يەنىلا ئۇيغۇرچە ئۇنىڭدىن قالسىلا ياپۇنچە
بۇ ناخشا ھەقىقەتەن يىقىملىخكەن . مەيلى قايسى تىلدا ئىيتىلغان بولسۇن ئادەمگە ئوزگىچە ھوزۇر بىردىكەن . ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇيغۇرچە ئىيتىلغىننى تاپالمىدىم.
بەختىيار ئەپەندى،بۇكارتون فىلىم ئۇزۇن چاچ مەلىكىگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ،بۇ كارتون فىلىمدىكى ئېلىسا(مۇزمەلىكە)كارتون فىلىم دۇنياسىدىكى بىرىنچى گۈزەل بولۇپ باھانغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزمۇنى ئالاھىدە،«ئۇزۇن چاچ مەلىكە»نىڭ بىلەت كىرىمى 500مېلىيون ئامىرىكا دوللىرى،«مۇزمەلىكە»نىڭ 1مېلىياردتىن ئاشىدۇ «ئامېرىكا كاپىتانى2»نىڭكىدىنمۇ يۇقىرى،86-قېتىملىق ئوسكار ئەڭ ياخشى كارتون مۇكاپاتى ۋە ئەڭ ياخشى ناخشا ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2016.8.9
كىرودىس جەمەتىمۇ «مۇزمەلىكە»نىڭ خېلى ئارقىدا قالدى،ئىككىنچى بۆلۈمى 2018-يىلىنىڭ بېشىدا چىقىدۇ،ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن.