تىنچ رەسىمنى PS قىلىش مودىدىن قالدى، ھازىر MTV نى PS قىلىمىز!
ئۇزۇن بوپتۇ تۈزۈك ناخشا ياكى MV يوللاپ باقمىغىلى. ۋېنگرىيە Boggie مۇزىكا ئەترىتىنىڭ يېڭى ناخشىسى Nouveau Parfum. رېژىسور Nándor Lőrincz ۋە Bálint Nagy. بۇ MV نىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى شۇكى، MV دىكى ناخشىچى قىز ئەڭ باشتىكى گىرىمسىز ھالەتتىن ئاخىرىدا تولۇق گىرىملەنگەن ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ. بۇ جەريانلار خۇددى Photoshop تا رەسىم تۈزىگەنگە ئوخشاشلا، ئاجايىپ قالتىس!
Live ps
- يازمىنىڭ ئـورنى: [مــۇڭ كـۈيــلــەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: MV، ps
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 6,456 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: live-ps.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 49 ئادەم بىرمۇ كۆرۈنۈش ئالماشتۇرماي ئىشلەپ چىققان قالتىس MV! بۇنىڭدىنمۇ قالتىس بولامدۇ؟!
- كېيىنكى يازما > بۇ قېتىمكى ئوسكارنىڭ نامزاتى – مۇز مەلىكە(Frozen) فىلىمىنىڭ ناخشىسى: Let It Go
- 14 دانە ئالما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاجايىپ قالتىس مۇزىكىلىق MV
- بىز كۆرەلمەيدىغان Youtube تورى 10 ياشقا كىردى | چېكىلىشى ئەڭ كۆپ 10 ۋىدېئو
- بۇ قېتىمكى ئوسكارنىڭ نامزاتى – مۇز مەلىكە(Frozen) فىلىمىنىڭ ناخشىسى: Let It Go
- 49 ئادەم بىرمۇ كۆرۈنۈش ئالماشتۇرماي ئىشلەپ چىققان قالتىس MV! بۇنىڭدىنمۇ قالتىس بولامدۇ؟!
- فەچەت ناخشىلار بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن يەنە بىر يۈرۈش فەچەت كىنو پارچىلىرى!
- بور بىلەن سىزىپ ئىشلەنگەن ئۆزگىچە كارتون – خاسىيەتلىك ئادەم VS تىيىن دىۋە
- Adobe Photoshop CC رەسمى نەشىرى(官方简体中文正式原版) ئېلان قىلىندى!
- 10 مىنۇتلۇق ناخشا & كارتون كىرىشتۈرۈلمە | ئۆزبېكچە كۈيلەر كارتون ئوبرازلار ئارىسىدا مودا بولغاندا…
- ئاپتوبۇس بېكىتىدىكى Photoshop؟ بۇنداق تەشۋىقات ئۈنۈمىنىڭ رولى قالتىس بولغۇدەك!
- 21-ئەسىردىكى خاسىيەتلىك پالۋانلار – يەنە بىر يۈرۈش قاننى ئۇرغۇتىدىغان كىرىشتۈرمە فىلىم
ناخشا پاخشىغا ئانچە رايىم بولمىسىمۇ لىكىن قوتوشوپ(فوتوشوپ)قا رايىم بولغاچقا كۆزەينىكىمنى ئېكرانغا تاقاپ تۇرۇپ كۈرىۋەتتىم
ps:ئاخىرىدا قىلىپ قويغان چاچ پاسونىنى ياقتۇرمىدىم
مۇشۇ خەقىنڭ چىرايىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ دىسە
قايسى يۇمشاق دېتالدۇ بۇ؟
نىم بۇپ كىتۋاتىدۇ بۇ جاھان….
Photoshop قا خېلى پىششىق بولساممۇ لىكىن بۇنىڭ قايسى دىتال ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم ، بىلدىغان ساۋاقداشلار بىرنەرسە دەپ باقمامسىلەر، بىزلەرمۇ ئۈگىنۋالساق توي سۈرەتكە ئالساق سەترەك كىلىنچەكلەرنى مۇشۇ دىتالدا تۈزەشتۈرۈپ ساھىبجامال قىلۋەتمەمدۇق ، ھې ھې ھې
PS دە ئىشلەۋاتقاندەك ھالەتتە تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان MV بۇ، تورخۇمارمۇ دەپتىغۇ ‹‹خۇددى Photoshop تا رەسىم تۈزىگەنگە ئوخشاشلا›› بۇنداق نوچى دىتال چىقسا خەۋەر تاپماي قالامدۇق ھازىرقى تور دەۋرىدە……
ما ئۈچ ئۆلچەملىك قوچاقنى قىغانمۇ يا . ناخشىنى باشتىن ئاخىرى ئوقىمىدى ، تىخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلسىمۇ قاچان بىر ۋاقىتتا ياپۇنلۇق ساراڭلار شۇنداق قويىلىۋاتقان فىلىمنى گۈزەللەشتۇرىدىغان دىتالنىڭ فىلىمىنى يوللىغانغۇ دەيمەن . لىكىن مىنۇتلۇق فىلىمنى نەچچە كۈندە ئاندىن تۇرغۇزۇپ قىلىدۇ دەتىتى . بۇنى تىزلام بىر تەرەپ قىلىۋەتتى .
AE دا قىلىۋەتكىلى بولىدۇ، ئوپراتور بىلەن رېژېسسور، مۇنتاژ چوقۇم يامان بولىشى كېرەك
خولى شېت!
ۋاي ۋۇي ئۇلارنىڭ يۇزى نىمانداق پارقىراپلا تۇرىدىكەن دىسەم ، ئەسلى مۇنداقكەندە
دەششەت كەنغۇ!…
ما ما ،يامان تېخنىكىكەن ماۋۇ~
بۇ ھەققي ئادەمدەك قىلمايدۇ 3 ئولچەم دىتالىدا ياسىغان مودىل بولۇشى مۇمكىن تەپسىلى قاراڭلار
ھازىرقى كىنولاردا ئىشلىتىلىۋاتقان تېخنىكىدۇ شۇ ، ھېلىقى« تۆمۇر پالۋان 3 « دە ، زوڭتوڭنىڭ ئايروپىلانغا چىقىپ كىتىدىغان يىرىدىكى يوق بىر ئايروپىلاننى ، كىنو سىنغا ئېلىنىپ بولغاندىن كىيىن پەيدا قىلىدىكەن ، بۇنىڭغا بەك كۆپ مەبلەغ كىتىدىكەن ….
بۇ فوتۇشوپقا قارغاندا ئۆگىنىش ئاسان يۇمشاق دىتالمۇ قانداق؟
ئالما تىلفۇندىمۇ شۇنداق لاھىلىگىلى بولامۇ
پوۋېرپوينت ياكى ۋوردتا قىلغان بولۇشى مۇمكىن
مەن ئويلايمەن مىنىڭچە تىكىسىت ھۆجىتىدە قىلغاندەك تۇرىدۇ ياكى ئىكىسئېلدا قىلدىمىكىن دەيمەن ھاھاھا
ئاپىراتسىيەگە ئۇستا ئىكەن بۇ ئادەم
ۋاي ئاپام، نېمانداق قورقۇنۇچلۇق… مۇنۇ قىزنىڭ بوينىنى ئەجەب بىر بېسىپلا كىچىكلىتىۋەتتى دېسە… بولدى مەن Photoshopنى يۇيىۋېتىشىم كېرەككەن….
مۇنداق ئىشلارمۇ بار دەيلى
ئوچۇقلا AE تۇرمامدۇ ؟ ئىشقىلىپ AEبىلەن PRنىڭ بىرىكمىسى.
ئاجايىپ ھۈنەر دىسە …
كاساپەت مەن ئا قىزغا كۆيەپ قالدىم دىسە ۋاي ۋاي ئۇنداق ئەمەس ئا ناخشىغا دىمەكچىتىم …ئەمىليەتتە ئا قىزغا
نىمە بۇ؟