Adobe Photoshop CC رەسمى نەشىرى(官方简体中文正式原版) ئېلان قىلىندى!
تەخمىنەن 10 كۈننىڭ ئالدىدا، Adobe شىركىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى Creative Cloud(قىسقىچە CC) ئائىلىسىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئېلان قىلدى! سىز Creative Cloud يۈرۈشلۈك نۇسخىسىنى، ياكى بۇ يۈرۈشنىڭ ئىچىدىكى، مەسىلەن، Photoshop CC، Indesign CC قاتارلىقلارنى ئايرىم تاللاپ چۈشۈرەلەيسىز.
Photoshop نىڭ نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقى، ئالاھىدىلىكى، ئىقتىدارى دېگەننى سۆزلەپ ئولتۇرۇش مەنچە ھاجەتسىز. سىز ئورگان تور بېكىتىدىن Adobe چۈشۈرگۈچىسى ئارقىلىق Adobe photoshop CC نى چۈشۈرسىڭىزمۇ، ياكى تورداشلار چىقىرىپ قويغان تور دېسكىسى(بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ)دىن چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىۋرىدۇ. سىناپ بېقىشىمچە، Adobe نىڭ ئۆزىنىڭ چۈشۈرگۈچىمۇ خېلى تېز چۈشۈرىدىكەن، بىراق شۇ مەشغۇلات جەريانى سەل ئاۋارىچىلىقتەك بىلىندى.
ئەلۋەتتە، Adobe ئائىلىسىدە Photoshop تىن باشقا يەنە نۇرغۇن نادىر يۇمشاق دېتاللار بار، مەسىلەن، فىلىم كىرىشتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان Adobe Premiere، كىنو ئۈنۈمى قوشۇشقا After Effects، تور بېكەت لايىھەلەشكە Dreamweaver دېگەندەك…باشقا يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياجلىقلار توردىن ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ. كەسپىي يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىدىغانلار ئۈچۈن بۇ ئانچە تەسمۇ ئەمەس.
ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپتىمەن. مەزكۇر نەشىرىدىن باشلاپ، بۇ يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلار CC نامىدا قوللىنىلىدىغان بولۇپ، CS نامىغا رەسمىي خاتىمە بېرىلگەن. يەنى بۇندىن كېيىن Adobe نىڭ يۇمشاق دېتاللىرىنى كەينىگە CC نى قوشۇپ ئاتايدىغان ئوخشايمىز.
Adobe Photoshop CC نىڭ قاچىلاش ۋە يېشىش ئۇسۇلى Adobe Photoshop CS6 بىلەن ئوخشاش، يەنى يېشىۋېتىلگەن amtlib.dll ھۆججىتىنى قاپلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىكەن. ئەلۋەتتە، يېشىش يامىقىنى قاپلاشتىن بۇرۇن، Photoshop CC نىڭ ئۆزىنى چوقۇم قاچىلايسىز.
Adobe Photoshop CC نى چۈشۈرۈش:
Adobe چۈشۈرگۈچىسى ئارقىلىق چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | تور دېسكىدىن چۈشۈرۈش
Adobe Photoshop CC يېشىش يامىقىنى چۈشۈرۈش:
32 بىت نۇسخىسى | مەنبە: تورخۇمار | 64 بىت نۇسخىسى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: photoshop، ps، يۇمشاق دېتال
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 17,073 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: photoshop-cc.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > زېرىكىشلىك كۈنلەردە مائۇسنىڭ ئىزىنى خاتىرىلەپ قويسىڭىزمۇ خېلى زېرىكىپ قالىسىز
- كېيىنكى يازما > سىستېمىڭىزنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىپ بېرىدىغان بىر ياخشى قورال – XLaunchpad
- تىنچ رەسىمنى PS قىلىش مودىدىن قالدى، ھازىر MTV نى PS قىلىمىز!
- سىستېمىڭىزنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىپ بېرىدىغان بىر ياخشى قورال – XLaunchpad
- «Desperado» فىلىمىدىكى باش پېرسوناژنىڭ كومپيۇتېردا سىزىلىش جەريانى ۋە پۈتكەن ئەسەر
- زېرىكىشلىك كۈنلەردە مائۇسنىڭ ئىزىنى خاتىرىلەپ قويسىڭىزمۇ خېلى زېرىكىپ قالىسىز
- ئاپتوبۇس بېكىتىدىكى Photoshop؟ بۇنداق تەشۋىقات ئۈنۈمىنىڭ رولى قالتىس بولغۇدەك!
- ئاياللار گۈزەللىكى چىش بىلەن | بىر قىسىم چولپانلارنىڭ چىشى پۈتۈنلەي چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن …
- 美图秀秀 نى تاشلاڭ ئەمدى، PhotoShop مۇ يانفۇنغا كۆچتى | كۆچمە نۇسخىدىكى PhotoShop Touch
- Adobe CS2 رەسمىي نەشىرى يۈرۈشلۈكلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز | Photoshop/Illustrator/Acrobat/Premiere
- چىم ئاستىغا يوشۇرۇنغان ئاشۇ ئاجايىپ ئۆزگىچە ئىمارەتلەر
- Photoshop CS6 رەسمى نەشىرى(官方简体中文正式原版) ئېلان قىلىندى! ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە يازغىلى بولىدۇ!!!
پوتوشۇپ ھەقىقەتەن نوچى دېتال جىمۇ ! بىلىمنى باغلاپ ئۈگەنسەم بولاتتى .
Ps: ماۋۇ قەۋەت ئېجارە بېرىلىدۇ.
ئەمدى CC نى ئىشلىتىپ باقايلى، كىيىنكى يازمىدا تەدبىركارنىڭ CC ئىشلىتىش تەسىراتىنى ئوقۇيمىز ھەقىچان؟
خەنچە نۇسقىسىمۇ ؟
ئىشلىتىپ باققانلار تەسىراتىڭلارنىڭ سوزلەپ باقمامسىلەر …
ئاۋۇ «Cloud» دېگنىنىگە قارىغاندا ھازىر مودا بولۇۋاتقان بۇلۇت تېخنىكىسى قوللىنىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. بىر ئىشلىتىپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك بۇ !
فوتوشوپنى ئەركىلىتىپ قوتوشوپ دەپ قۇيىمىز
لىكىن ئوبدان نىمىدە بۇ
20پىرسەنت ئىشلىتىشنى بىلگەن كىشى سۈرەتخانىدا ئىشلىيەلەيدۇ،ئەگەر ئازراق تەسەۋۋۇرى بولسا ۋىۋىسكا،ئىسىم كارتۇچكىسى لاھىيەلەيدىغان ئورۇندا ئىشلەشكە قۇربى يېتىدۇ)
يىشىش يامىقىنى نەگە يامايدا ؟ \
بۇ دىتال تەسەۋۋۇرڭىز بولسا ، كارامات ئىجادىيەتنى بارلىققا كەلتۇرەلەيسىز ؟!
ئاۋۇ چۈشۈرگۈچىسى بىلەن بۇ فوتوشوپنىغۇ چۈشۈردۈم،يەشتىم.ئەمدى گەپ چۈشۈرگۈچنى ئۆچۈرىۋىتىش كېرەكمۇ ئەمەس؟ئاساسىي دېسكىدىكى host ھۆججەتلىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەكمۇ؟(بولمىغاندا ئورگان بېتىنىڭ ئۇچۇرلىرى كومپىيۇتېرغا چۈشسە،ياماق قاچىلا دەپ تۇرىۋىلىپ،يەنە ئىش بۇزامدىغاندۇ دەيمەن)
بۇنى چۈشۈرگىلى بولمىدىغۇ مەيلىلا