سىستېمىڭىزنى ئاجايىپ كۆركەم قىلىپ بېرىدىغان بىر ياخشى قورال – XLaunchpad
ناۋادا سىز ئىلگىرى Mac OSX Lion سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز، ئۇنداقتا چوقۇم Launchpad دەيدىغان بىر ئىقتىدارنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. ئىشلەتكەن چاغدا، بۇ يۇمشاق دېتال سىستېمىدىكى ئايكونلارنى iPhone/iPad نىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە ئوخشاش(iOS6 گە ئوخشايدۇ) چىرايلىق تىزىپ بېرىدۇ، مەشغۇلات قىلىشمۇ ئىنتايىن قولايلىق.
گەرچە بۇ ئالمىنىڭ خاس ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ كېرەك يوق، ھازىر بۇ ئىقتىدارنى windows تىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز Xlaunchpad ناملىق يۇمشاق دېتالنى قاچىلايمىز.
ئالما سىستېمىسىدىكى Launchpad
مەلۇم بىر ھۆججەت قىسقۇچ ياكى يۇمشاق دېتالنى ئاچماقچى بولغىنىڭىزدا، مائۇسنى ئېكراننىڭ سول ئۈستىگە ئاپارسىڭىزلا(ياكى F12 كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇنى ئۆزىڭىز تەڭشىۋالالايسىز) Xlaunchpad ئاپتوماتىك قوزغىلىدۇ. ئىشلەتكەنسىرى بۇ خىل ھالەتكە ئامراق بولۇپ قالىسىز، بولۇپمۇ ئېكرانىدا بىر دۆۋە ھۆججەتلەر تۇرىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن بۇ يۇمشاق دېتال بەك ئەسقاتىدۇ. Xlaunchpad توغرىلىق تېخىمۇ كونكېرت چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، بىر سىن كۆرۈۋېتەيلى
Xlaunchpad مەشغۇلات كۆرۈنۈشلىرى
XLaunchPad نى قاچىلاشمۇ ھاجەتسىز، چۈشۈرۈپ پرىستىن يېيىپ قوزغاتساقلا بولدى. XLaunchPad خىزمەت قىلىدىغان مۇھىتمۇ خېلى كۆپ. Windows XP دىن باشلاپ ئەڭ يېڭى Win8 غىچە تولۇق قوللايدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىلى
XLaunchPad نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [يۇمشاق دېتاللار]
- ھالقىلىق ســــۆز: windows، ئايكون، يۇمشاق دېتال
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 18,045 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 22-كۈنى
- يازما مەنزىلى: xlaunchpad.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > Adobe Photoshop CC رەسمى نەشىرى(官方简体中文正式原版) ئېلان قىلىندى!
- كېيىنكى يازما >
- بۇ يىل يازدا ھەقسىز Windows 10 سوۋغا قىلىنىدۇ، 3D كۆزەينەكنى پۇلغا ئالىسىز
- ئوچۇق كود توغرىسىدا بىر قىسىم ئوي-خىياللىرىم
- Adobe Photoshop CC رەسمى نەشىرى(官方简体中文正式原版) ئېلان قىلىندى!
- زېرىكىشلىك كۈنلەردە مائۇسنىڭ ئىزىنى خاتىرىلەپ قويسىڭىزمۇ خېلى زېرىكىپ قالىسىز
- Win8 موھىتىدا 红警2 نى نورمال ئويناش ۋە لەپتوپ (笔记本) دا ئويۇننىڭ پۈتۈن ئېكران بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش
- [ئەمدى سورىماڭ!] 32بىت ۋە 64بىتلىق سىستېمىنىڭ پەرقى ۋە ئالاھىدىلىكى
- Adobe CS2 رەسمىي نەشىرى يۈرۈشلۈكلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز | Photoshop/Illustrator/Acrobat/Premiere
- Windows 7 SP1 نىڭ MSDN ئەسلى ھەقىقى خەنچە نەشىرى(تەۋسىيە)
- مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس(Bill Gates) نىڭ ھاياتىغا قىززىقامسىز؟
- ھەقسىز سېستىما ئەخلەتلىرىنى تازىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش قورالى – CCleaner
راسمۇ يا؟ تاساددىپىي دىۋانغا چىقىپ قالدىممۇ نىمە
ياخشى دىتالدەك قىلىدۇ .ساقلاپ قويۇپ كومپىيوتىر ئالغاندە ئىشلىتەرمىز.
ماڭا ئوخشاش ئىكرانغا بىر دۆۋە نەرسە تىزىپ قويىدىغانلار ئۈچۈنلا ياسالغان دىتالكەن بۇ …
بۇنداق يۇمشاق دېتاللار خېلى كۆپقۇ ،ئوخشاش تۈردىكى باشقا دېتاللاردىن ئارتۇق يىرى قايسىكەن؟توركۆرگۈمدىن مەسلە چىقىپ ئاۋۇ سىننى كۆرەلمەي قالدىم
تۈززۈك ئىشلەتكىلى بولمىدى …..
مەن ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بوپ كەتتى بۇنى، ئشقىلىپ مەن ياقتۇرىمەن!
مەن ھازىىرقى ۋىندوۋىسنىڭ 8.1 نۇسخىسنى ئىشلىتىۋىرەي
win8نىڭ باشلاش ئىكرانىغا ئوخشاش كەنغۇ
3-ئايدا سىتىلىشقا باشلايدىكەن
تورخۇمار ئەپەندىنىڭ ھېلىقىدەك رەسىملەر 4930-قەۋەتىكى رەسىمنى ياقۇرغانلا سازكەن نى بىسىڭلا .. شىپپىدە ئۆتكەن ماركىسغا دىققەت قىلدىڭلامۇ .. ئىزدەپ باقتىم ،
Virtuix Omni سىن ئىزدىسەڭلا مۇشۇ شۇكەن ئىسمى . بەك دەششەتكەن .. بوسا ئالاتتىم … ئوخشاش ھىسياتتىكلە بامۇ بۇرادەرلە .. سىننى كۈرەپ قىنىڭلا قىززىدى ھەقچان ..
\ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بوپ قالدى كەچرۈڭلا .. بۇمۇ ياخشى دىتالكەن ..
بىر مىليون دوللار دەمدۇ نىمە بىر سىننى كۆرسەم. باھاسى نەچچىكەن؟
ھازىر زاكاس قوبۇل قىلىشنى باشلاپتۇ 499 دوللاركەن .تەخمىنەن3057يۇەن
ياق ، ئۇنچە قىممەت ئەمەسكەن .تاق كىشلىكى 499 دوللار، كۆپ كىشلىكى 1018 دوللار كەن . بولدىكەن ھە، چۇقۇم ئالمە …..
بۇ 酷鱼桌面最新版安装包.exe ئىكەنغۇ ،يەنە قاچلاشقا توغرا كىلدىكەن ،سىز قاچلىمسىمۇ بولدۇ دەۋاتاتتىڭىز.يەنە تېخى ھۆججەت قىسقۇق قويغىلى بولمايدىكەن
چۈشۈرۈش ئادرېسىنى يېڭىلاپ قويدۇم. قايتا چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىڭ.
مەنچە Virtuix Omni دىگەن نەسىدىن ئادەم ئاسانلا چىقىپ قالغۇدەك نىمدىگەن جاپا ئۇ بىردەم ئوينسىلا ھىرىپ قالدۇ ئادەم ئۇنۇڭدىن باللا ئادەتتىكى ئويۇن ئويناش شەكلى ئەقىلگە ئەڭ مۇۋاپىق ئۇپەقەتلا بىردەملىك قىزقىش
بەكمۇ ئاددى ئويلايدىكەنسىلەر ھەم ھۇرۇنلىقنىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ گەپلەردىن، ئاشۇنداق بولغاندىلا ئويۇننىڭ چىنلىقى ئەڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، ئىككىنجىدىن تەنھەركەت بولۇپ بەدەنگە ئىنتايىن پايدىلىق. ئويۇنمۇ ئوينايمىز بەدەنمۇ چېنىقىپ قالىدۇ. ھازىرقى ئويۇن ئوينايمەن دەپ قوڭىنى بىر قويىۋالسا سائەت-سائەتلەپ ئويناپ كىسەل بولۇپ كەتكەنلەر كۆز ئالدىمىزدىلا ئۇچراپ تۇرىدۇ. Wii مۇ ياخشى چىققان مەھسۇلاد. ھەرىكەت قىلدۇرىدىغان ئويۇنلىرى كۆپ. ئاز بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ رولنى تېلۋىزور ئېكرانىغا كۈچەپرەك سىلكىپ سېلىپ ئېكرانىنى چېقىۋالمىغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا…..
تاماشىبىن نىڭ گىپنى ئوغۇتلايمە .. دەششەت قىزقىمەجۇما ئاممالىكىن ئاشتا ئىېتشىدغان ئۇيۇنلاغا …. (رەسىم چىقرىتىم ما يەگە ئەسلى ئەستا …..)
بۇلىدىغاندەك قىلىدۇ، كومپىيوتىرىمغا چۈشۈرۈپ باقسام بولغۇدەك