كۆرۈۋاتقىنىڭىز [ ئايكون ] دېگەن خەتكۈشكە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار
يېپيېڭى يازمىلار:
ناۋادا سىز ئىلگىرى Mac OSX Lion سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ باققان بولسىڭىز، ئۇنداقتا چوقۇم Launchpad دەيدىغان بىر ئىقتىدارنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. ئىشلەتكەن چاغدا، بۇ يۇمشاق دېتال سىستېمىدىكى ئايكون لارنى iPhone / iPad نىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە ئوخشاش(iOS6 گە ئوخشايدۇ) چىرايلىق تىزىپ بېرىدۇ، مەشغۇلات قىلىشمۇ ئىنتايىن قولايلىق. گەرچە بۇ ئالمىنىڭ خاس ئىقتىدارلىرىنىڭ بىرى بولسىمۇ كېرەك يوق، …..
ھەقسىز نادىر تور بايلىقلىرىنى كۆپچىلىككە سۇنمىغىلى خېلى ئۇزۇن بوپتۇ. بۈگۈنكى بۇ يازمىدا، كۆپچىلىككە 20 يۈرۈش نەپس لايىھەلەنگەن تور بېكەت لايىھەلەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئايكون توپلىمىنى سۇنماقچى. بۇ ئايكون لار ئىچىدىن ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئايكونلارنى تېپىپ، مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئارقىلىق تور بېكەت ۋە باشقا لايىھە ئىشلىرىدا چوقۇم كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلىشىڭىزگە ئىشىنىمەن. ئايكون ياكى ماۋزۇنى چېكىش ئارقىلىق ئەسلى مەنزىلگە بېرىپ چۈشىرىۋېلىشقا …..
بۇ بولسا بىر يۈرۈش ICO فورماتىدىكى ئايكونلار بولۇپ، لايىھەلىنىشى ئىنتايىن ئوماق ۋە نەپس چىققان دېيىشكە بولىدۇ. ئېنىقلىقىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى، سېستىمىدىكى ھۆججەت قىسقۇچ ۋە پروگراممىلارنىڭ ئايكون لىرىنى ئۆزگەرتىشتە، توربېكەت fav ico n لىرىنى ئۆزگەرتىشتە ئالدىنقى تاللاش بولالايدۇ. ئەلۋەتتە، بىنەپشە رەڭنى ياخشى كۆرىدىغان رومانتىك قىزلار ئۈچۈن، سېستىمىنى بۇ خىل ئايكونلاردا بېزەپ ئىشلەتكەندە، بەلكىم كەيپىيات تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈپ …..
بۇدا يەنە بىر قىسىم نەپس ياسالغان PNG فورماتىدىكى ئايكون لارنى كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلدىم، بۇ توپلامدا جەمئىي 110 دانە ئايكون بار بولۇپ، ياسىلىشى ئالاھىدە نەپس، 32*32 چوڭلۇقتىكى رەزمېردە بولۇپ، PNG to ICO قوراللىرى ئارقىلىق ICO ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ…
بۇ بولسا بىر يۈرۈش Android پروگرامما ئايكون توپلىمى بولۇپ، جەمئىي 15 تال ئايكون دىن تەركىپ تاپقان، ھەممىسى PNG فورماتىدا، ئىنتايىن سۈزۈك ۋە نەپس لايىھە لەنگەن، ئايكون يىغىدىغان ۋە يانفون ئۇسلۇبى ياساشقا قىزىقىدىغان دوستلارنىڭ ساقلاپ قويۇشىغا ئەرزىيدۇ…
تۆۋەندىكىسى توردىن چۈشۈرۈپ يىغىپ قويغان PNG فورماتىدىكى بىر قەدەر نەپس ئىشلەنگەن 102 دانە ئايكوننىڭ توپلىمى بولۇپ، مەيلى تور بېكەت لايىھەلەش بولسۇن، ياكى ئامراق بلوگىڭىزنى بېزەشتە بولسۇن چوقۇم ئەسقاتىدۇ.
نۇرغۇن ھاللاردا بىز تور بېكەت لايىھە لەۋېتىپ، بىر قىسىم چىرايلىق ئايكون ئەندىزىلىرىگە مۇھتاج بولۇپ قالىمىز، بلوگ ياساش بولسۇن، تور بېكەت ياساش بولسۇن ۋە ياكى باشقا لايىھە ئىشلىرىدا بولسۇن، چوقۇم لازىمى بولىدۇ. بىراق بىز ئەسلىدىنلا بىر تۇغما لايىھەلىگۈچى ئەمەس، چىرايلىق ئايكون لارنى ياساپ چىقىشقا نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدىغىنى ھەممىمىزگە ئايان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە تورداشلار …..
بىر تور بېكەت ئۆزىنىڭ ئىجادى يازمىلىرى بىلەنلا ئەمەس، يەنە ئۆزگىچە بېزەلگەن سىرتقى كۆرۈنىشى بىلەن زىيارەتچىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ ۋە شۇنداقلا باشقا تور بېكەتتىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، تۆۋەندىكىسى چەتئەلدىكى ئىشتىن سىرتقى لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ ئەسەرلىرى بولۇپ، تور بېكەت لايىھەلىگۈچىلەر ۋە بېزىگۈچىلەر ئۈچۈن چوقۇم ياخشى خام ماتېرىيال بولالىغۇسى!
بۇ بولسا ياسىلىشى بىر قەدەر نەپس ۋە ئىنتايىن ئوماق لايىھەلەنگەن ئايكونلار توپلىمى ، ئاپتور تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ھەقسىز تەمىنلەنگەن بولۇپ، بولاقچە ئىچىدە كۆپ خىل رەزمېردىكى PNG فورماتىدىكى ئايكونلار تەمىنلەنگەن، لازىم بولغانلار چۈشىرىۋېلىڭلار…
بۇ بولسا بىر يۈرۈش ئىنتايىن نەپس ياسالغان iPhone پروگرامما ئايكونلىرى بولۇپ، Northstar دەپ ئاتىلىدۇ. جەمئىي 44 دانە بولۇپ، بۇ ئايكون لارنى تور بېكەت پروگراممىلىرىنى بېزەشتە ياكى باشقا ھەرقانداق پروگرامما قوللىنىشىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئايكونلارنىڭ بېزىلىشى ئالاھىدە سۈزۈك.
مەنمۇ كۆرەپ باقاي