نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

ئەقلىي قابىلىيەت(IQ)نى سىنايدىغان ئويۇنلار، قانچىسىدىن ئۆتەلەيسىز؟

تۆۋەندىكى بىر قىسىم ئويۇنلارنى ئىلگىرى بەلكىم ئويناپ باققان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، ئەمما ھەممىسىنى ئويناپ باققانلار كۆپ ئەمەس. ھەممىسىنى ئويناپ باققان ھەم ھەممىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلەرغۇ يوقتۇ؟ ناۋادا ئۆزىڭىز يالغۇز ئويناپ ھەممىسىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسىڭىز، ئۇنداقتا IQ رىڭىز خېلى يۇقىرىكەن. قېنى ئۆزىڭىزنى بىر سىناپ بېقىڭ. قانچىسىدىن ئۆتەلەيسىزكىن؟

mind-games-01

بىرىنچى ئۆتكەل

كاللەكبەسەي، قوي، بۆرىنى قارشى قىرغاققا ئۆتكۈزۈش. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئادەم يوق چاغدا، قوي كاللەكبەسەينى، بۆرە قوينى يەۋىتىدۇ(بۇنى ئويناپ باققانلار خېلى كۆپقۇ دەيمەن(

ئىككىنچى ئۆتكەل

ئۈچ ئادەم ئۈچ ئالۋاستىنى قارشى قىرغاققا ئۆتكۈزۈش. ھەر قانداق بىر تەرەپتىكى ئالۋاستىنىڭ سانى ئادەمنىڭ كۆپ بولماسلىقى كېرەك، بولمىسا ئالۋاستى ئادەمنى يەۋىتىدۇ.

ئۈچىنچى ئۆتكەل

ئەپچىللىك بىلەن دەريادىن ئۆتۈش. بىر ئائىلە كىشىلىرى كەچتە بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتمەكچى. ئەمما ئۇلاردا بىرلا چىراق بار، بۇ چىراقنىڭ يېنىش ۋاقتى پەقەت 30 سكونت. چوقۇم چىراق ئۆچۈپ قېلىشتىن بۇرۇن كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋېلىش كېرەك. بۇ بىر ئائىلىدىكى بەش ئادەمنىڭ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش سۈرئىتىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئورۇق 1 سكونتتا، بودەك 3 سكونتتا، قىزچاق 6 سكونتتا، سېمىز 8 سكونتتا، توكۇر 12 سكونتتا ئۆتەلەيدۇ. ھەر قېتىمدا پەقەت ئىككى ئادەمنى ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن قارشى قىرغاقتىكى بىرەيلەن يەنە چىراقنى ياندۇرۇپ كېلىشى كېرەك.

تۆتىنچى ئۆتكەل

چەۋەندازنى يېشىل قەلئەدىن كۆك قەلئەگە ئۆتكۈزىمىز. سەكرىگەندە، شاھمات تاختىسىدىكى ئاتنىڭ يەتتە شەكىللىك مېڭىش ئۇسۇلىغا ئوخشاشلا مېڭىشقا بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا مېڭىشنى باشلىغان جايغا سەكرەپ كېلەلىسەك ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ.

بەشىنچى ئۆتكەل

بەش لېفىتتىكى ھەممەيلەن چوقۇم لېفىتقا ئولتۇرۇشى كېرەك، ئەمما بۇ بەش لېفىتنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشىكى پەقەت 21-قەۋەت بىلەن 25-قەۋەتنىڭ ئارىلىقىدا ئېچىلىدۇ. لېفىتنىڭ بولسا پەقەت ئىككى خىللا چىقىپ چۈشۈش ئۇسۇلى بار. بىرىنچىسى، خالىغان ئىككى لېفىتنى 8 قەۋەت ئۆرلىتىشىكە بولىدۇ، ئىككىنچىسى، خالىغان ئىككى لېفىتنى 13 قەۋەت تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ.

ئالتىنچى ئۆتكەل

يۇقىرى IQ بىلەن دەريادىن ئۆتۈش. بىر ئائىلىدىكى ئالتە كىشى، ئاپىسى، دادىسى، ئىككى قىزى ھەم ئىككى ئوغلى، ئۇنىڭدىن باشقا بىر ساقچى ھەم تۇتۇۋېلىنغان بىر جىنايەتچى. بۇلارنىڭ ھەممىسى دەريادىن ئۆتمەكچى. دەريادىن ئۆتىدىغان قاتناش قورالى پەقەت بىر تال كېمە.
پەقەت دادىسى، ئاپىسى ۋە ساقچىلا كېمىنى كونترول قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەيلى قۇرامىغا يەتكەنلەر ياكى كىچىك بالىلار بولسۇن، كېمىگە بىر قېتىمدا پەقەت 2 لا ئادەم سېلىشقا بولىدۇ. دەريادىن ئۆتۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك:

ساقچى بىلەن جىنايەتچى ئايرىپ كەتكەندە، جىنايەتچى بىر ئائىلە كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ
دادىسى، ئاپىسىنىڭ قىزىدىن ئايرىلغىنىنى كۆرگەندە قىزىغا تەربىيە قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ
ئاپىسى، دادىسىنىڭ ئوغلىدىن ئايرىلغىنىنى كۆرگەندە ئوغلىغا تەربىيە قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
  • ھالقىلىق ســــۆز:
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: 50,417 ئادەم ئولىشىپ بولدى
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: mind-games-01.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. ھەۋەسكار 2014.12.18 , 13:47 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىرىنچىسىدىن ئوڭايلا ئۆتۈپ كەتتىم، ھەم بۇرۇن ئويناپ باققان ئويۇنكەن. باشقىلىرى سەل تەستەك تۇرىدۇ. قېنى ئويناپ باقاي.

  2. X_man 2014.12.18 , 15:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بىر بىردىن تەس ئويۇنلاركەنگۇ بۇ…:dizzy:

  3. MiniTriangle 2014.12.18 , 18:16 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئالدىنقى بەشى خىلى ئاسان ئىكەن ، ئالتىنجىسىدىن پەقەت ئۆتەلمەيۋاتىمەن !

  4. ئىلھام 2014.12.19 , 00:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن دۇنيادىكى بەك دوت ئۇخشايمەن بىردىنمۇ ئۇتەلمىدىم دىسە ….دەپ بىرىڭلار مەن بى ئۇتەپ باقاي …..

  5. راسكەن 2014.12.19 , 12:19 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باشتىكىسىدىن ئوتتۇم باشقىلىرىدىن ئوتەلمىدىم:dizzy:

  6. ۋاپاسىز 2014.12.19 , 19:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن لىفىتقا چىقىدغاندىن باشقا، ھەممىدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتتۈم:smile:

  7. ئىلھام 2014.12.19 , 20:14 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇ ۋاپاسىزنىڭ كاللىسى يامان ئىشلەيدۇ دە لىكىن ..مەن قايىل ما ئاداشقا ھى ھى

  8. ئىلھام 2014.12.19 , 20:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن باشتىكى ئىككىستىن ئاران ئۆتتۇم ….

  9. تورخۇمار 2014.12.19 , 22:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۆتكەنلەر قايسىدىن قانداق ئۆتتۈڭلار، تەپسىلىيراق توختالمامسىلەر؟

    • ۋاپاسىز 2014.12.19 , 23:52

      خەتنى تىز باسالمايمەن ،ئويناپ ئۆتمەك ئاسان بولغان بىلەن .خەت قىلىپ يازساق بىرەر ئىككى بەتلىك ماقالە بوپ كىتەرمىكىن

  10. ۋاپاسىز 2014.12.20 , 01:29 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    1-ئالدى بىلەن قوينى ئاندىن بۆرىنى ئاپىرىپ قوينى قايتۇرۇپ كىلىپ ئاندىن يىسۋىلەكنى ئاپىرىپ ئاندىن قايتىپ كىلىپ قوينى ئۆتكۈزدۇ
    2-ئالدى بىلەن ئىككى ئالۋاستى ئۆتىدۇ بىرى قايتىپ كىلىپ يەنە بىر ئالۋاستىنى ئۆتكۈزدۇ ،بىرى قايتىپ كىلىپ كىمىنى ئىكى پوپقا بىردۇ،بىر پوپ قارشى قىرغاقتا قىپ بىر ئالۋاستىنى سىلىپ كەينىگە ياندۇ، ئاندىن ئالۋاستىنى قارشى قىرغاقتا قالدۇرۇپ يەنە بىر پوپنى كىمىگە چىقىرىپ، ئەمدى كىمىدە بىر پوپ بىر ئالۋاستى ئىككى قىرغاقتا بىردىن پوپ بىردىن ئالۋاستى بولدى.قايتىپ كىلىپ ئالۋاستىنى قالدۇرۇپ يەنە بىر پوپنى ئىلىپ دەيادىن ئۆتىدۇ.ئەمدى ئۈچىلى پوپ ئۆتۈپ بولدى بىر ئالۋاستى كىمىنى قايتۇۇپ ئاپىرىپ قالغان ئالۋاستەلارنى توشويدۇ
    3-ئالدى بىلەن ئۈچ سىونىت لىق بالا بىلەن بىر سىكونىت لىق بالا بىللە ئۆتىدۇ .ئاندىن بىر سوكونىتلىق قايتىپ كىلىپ چىرەقنى 8سىكونىت لىق بىلەن 12 سىكونىتلىققا بىردۇ.
    ئاندىن قارشى قىرغاقتىكى 3سىكونىتلۇق چىراقنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ 6سىكونىت لىق بىلەن 1سىكونىت لىققا بىردۇ،ئۇلار ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن 1سىكونىتلۇق چىراقنى قايتۇرۇپ كىلىپ 3سىكونىت لىق بىلەن بىللە ئۆتىدۇ 1سىكونىت ۋاقىت ئاشىدۇتىخى:mrgreen:
    4-ئالدى تەرەپ ئوڭ بۇرجەككە سەكرەيسىز: ئاندىن سول تەرەپ بىرقىتىم ئوڭ تەرەپ بىرقىتىم سول تەرەپ 2قىتىم ئوڭ تەرەپ 2قىتىم سول تەرەپ بىر ئوڭ تەرەپ بىر سەكرەيسىز قالغان ئىشلا ئاسان
    5-ئۆتكەل مەنمۇ ئۆتۈپ باقمىدىم
    6-ئالدى بىلەن ساخچى بىلەن جىنايەتچى ئۆتىدۇ جىناياتچى قىلىپ قىلىپ ساخچى كىمىنى ھەيدەپ قايتىپ كىلدۇ ئاندىن كىچىك ئوغولدىن بىرنى ئىلىپ قاشى قىرغاققا ئۆتكۈزۈپ قويۇپ جىنايەتچىنى ئىلىپ قايتىپ كىلدۇ ،ئاندىن دادا يەنە بىر ئوغولنى ئىلىپ قارشى قىرغاققا ئۆتۈپ ئوغولنى قويۇپ قايتىپ كىلدۇ(ئىككى ئوغول ئۆتۈپ بولدى)
    ئەمدى دادا قايتىپ كىلىپ (ئاپا ) نى ئىلىپ قارشى قىرغاققا ئۆتۈپ ئۈزى قىلىپ (ئاپا )كىمىنى قايتۇرۇپ كىلدۇ ئاندىن ساخچى جىنايەتچىنى ئىلىپ قارشى قىرغاققا ئۆتىدۇ ئەمدى دادا قايتىپ كىلىپ (ئاپانى) ئىلىپ قايتىدۇ ئاندىن دادا قىلىپ (ئاپا )قايتىپ كىلىپ بىرقىزنى ئۆتكۈزدۇ ئاندىن ساخچى جىنايەتچىنى ئىلىپ قايتىپ كىلىپ يەنە بىر قىزنى ئۆتكۇزدۇ ئاندىن قايتىپ كىلىپ جىنايىتچىنى ئۆتكۈزدۇ
    خەت ياماقنىڭ تەسلىگىدە ئەڭ ئاز بولغان خەت بىلەن ماۋۇ (ماقالە)نى قۇراشتۇرۇپ چىقتىم ئوماچ بوپ كەتمىگەندۇ؟

  11. ئىستىقلال 2014.12.20 , 21:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا مۇشۇ دۆتلىكىمدە ھەممىسىدىن ئۆتتۇم دىسەم

  12. ئىستىقلال 2014.12.20 , 21:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    IQ دىگەن نىمە ئۇ

  13. ئىلھام 2014.12.20 , 23:17 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    IQ دىگەن ئەقلى ئىقتىدارنىڭ دەرىجە سۇز مەسلەن ئەمىركا دوللىرنى دوللار جۇڭگۇ پولنى خەلىق پولى دىگەنگە ئۇخشاش …ئىنىشتىيننىڭ IQ سى 100 دەپ قارلىپ كەلمەكتە ….مىنىڭكى 70 چىقتى سىناپ باقسام :mrgreen::mrgreen::mrgreen:

    • ھاجىم1230 2014.12.26 , 13:03

      قانداق تەكشۈرىمىز ئەقلى ئىقتىدارىنى؟

  14. ئىلھام 2014.12.20 , 23:20 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ما ۋاپاسىز ئاداشقا تەڭگە پول بولسا بىرە مىليۇن سۇغا قىلساق بولتى …بىزگە بەك ئىنىق چۇشەندۇرۇپ بىرىپتۇ ……:mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen::mrgreen:

  15. ئارمان1115 2014.12.22 , 02:31 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    5-ئۆتكەلدىن ئۆتۇپ كەتتىمغۇ….:mrgreen:

  16. ئارمان1115 2014.12.22 , 03:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    1- ئۆتكەلنى 7 سېكۇنت 826 دەقىقىدە تۈگىتىۋەتتىمغۇ….. :idea::mrgreen: يېڭىلالايدىغانلار بارمۇ ؟……:lol:

  17. ئوۋچى 2014.12.23 , 02:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئىشىنەمسىلەر مەن ھەممىدىن ئۆتۈپ كەتتىم . ھەممىسىنىڭ ئوزىگە خاس قانۇنىيىتى بار شۇ قانۇنىيەتنى چۈشنۈپ پايدىلىنالىساڭلالام بولدىن مەلۈم ئۆزەڭلانىڭ قائىدىسىگە سالساڭلا ھەرگىز ئۆتەلمەيىسىلەر . ئوزىنىڭ يېغىدا ئۆزىنى قورۇش دىگەننى چۈشنۈپ قىلالىساڭلالام بولدى. بەكلام ئاسانكەن يانا بارمۇ بۇنىڭدىن مۇرەككىپى مەن ئۆزەمنى سىناپ باققۇم، بار. :idea:

  18. ئوۋچى 2014.12.23 , 02:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راستىنلا ھەممىسىدىن ئاسانلا م ئۆتۈپ كەتتىم ئىشەنمىسەڭلا بۇنىڭدىنمۇ مۇرەككىپى بولسا ئۆتۈپ بېرەي.

  19. ئوۋچى 2014.12.23 , 02:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    5- ئۆتكەلدىن ھەرخىل ئۇسۇلدا ئۆتكىلى بولىدىكەن. قائىدىلىك ئەقىللىق ئادەم ئۆتەلمەيدۇ. بەلكىم 5- سىدىن دۆترەك ئادەم ئاسان ئۆتۈپ كىتىشى مۇمكىن…

  20. ئوۋچى 2014.12.23 , 02:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    چۈنكى مىنىڭ ماتىماتىكىنى كۆرسەملا كۆزۈم تورلىشىپ ھېساپلاپ بولالمايتىم قارىسام پەرىق پەقەتلام 5 ئىكەن يەنى 5=8-13 تۇردۇ. 5 نىلام بىلسەملام بولىدىكەن ئاماسسمۇ . شۇ قەدەر ئاددىيى :mrgreen::mrgreen::mrgreen::razz:

  21. ئوۋچى 2014.12.23 , 02:33 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي راسىت ئادەمنىڭ IQ سىنى قانداق سىنايدۇ. تورداش ئىلھام ماڭا تەپسىلىي دەپ بەرسىڭىز بولامدۇ ؟؟؟ مەنمۇ ئۆزەمنىڭ IQ سىنى سىناپ كۆرۈپ باقاي ئېينىشتىيىندىن يەنە نەچچە نۇمۇر كەمكىن. …؟؟؟

  22. يۇيغۇ 2014.12.23 , 16:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تۈۋەندە IQ سىنايدىغان توربەت بار. ئەمما مەنچە بىر نەچچە قېتىملىق سىناق ھەممىنى بەلگىلىيەلمەدۇ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ.
    http://www.tuyitu.com/iqtext/
    http://www.xinli001.com/ceshi/1016/

  23. ئوۋچى 2014.12.23 , 19:58 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھە بولىدۇ

  24. سالاھىدىن 2014.12.24 , 16:10 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنمۇ بىر نەچچىسىدىن ئۈتەلمىدىم بولۇپمۇ 5-سىدىن مەن بەك ئەقىللىق ئوخشايمە 5-سىدىن ئۆتەلمىدىم. دۆت ئادەملا بولسا ئىتتىك ئۆتۈپ كىتىدۇ دەۋاتىتى ئوۋچى

  25. ئوۋچى 2014.12.24 , 20:02 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەك ئەمەسكەنسىز پەقەتلام باشقىلاردىن ئازراق….:oops:

  26. ئوغرى 2015.01.19 , 19:03 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    جاھانغا يۈك ئاپەتنىڭ يىلتىزى:mad::mad::mad::mad::mad:

  27. ئەقىل ماشىنىسى 2016.02.25 , 00:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    لىفىتنى ئالىتاغىل ئويناپ ئۆتەپ كەتتىم ، قالغىنىغا زىھنىمىم كەتتى !

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量