نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > نـادىـر ئـويـۇنـلار > يازما مەزمۇنى

ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇننىڭ 4-نەشىرى: قاملاشمىغان تەنھەرىكەت يىغىنى

ھېلىقى قاملاشمىغان ماز ئويۇن يېڭىلىنىشتىن تېخى توختاپ قالغاندەك ئەمەس. بۇدا 4-نەشىرى – قاملاشمىغان تەنھەرىكەت يىغىنى چىقىپتۇ. باشلىنىش مۇراسىمىدىن تارتىپ ئاخىرلاشقۇچە يەنىلا شۇنداق ماز.

Trollface-Quest-4

مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما: قاملاشمىغان ماز ئويۇن 1-ئەۋلاد     |     قاملاشمىغان ماز ئويۇن 2-ئەۋلاد   |    قاملاشمىغان ماز ئويۇن 3-ئەۋلاد

تورداشلارغا ئوخشاشلا، مەنمۇ ئىلگىرىكى ئىككى نەشىرىنى ئويناپ باققان، شۇڭا مەزكۇر نەشىرىگە نىسبەتەن ئىدىيە جەھەتتىنمۇ ئانچە-مۇنچە تەييارلىق بار. گەرچە ئويۇن تېتىقسىزراق بولغىنى بىلەن، ئەمما يەنىلا تېخنىكا تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەردە كۆپچىلىككە يەنە شۇنى تەكىتلەيمەنكى:

  1. ئادەتتىكى نورمال تەپەككۇر بىلەن بۇ ئويۇنغا تۇتۇش قىلماڭ، ئۆزگىچە، ئويلىمىغان پىكىرلىرىڭىزنى چىقىرىڭ؛
  2. Flash ئويۇنلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىڭ، يەنى بېسىلىدىغان ئېلىمېنتنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئېلىپ كەلگەندە، مائۇس ئىسترېلكىسى كىچىك قولغا ئۆزگىرىدۇ.
  3. مابەت ياكى خوتۇن بىلەن ئويناپ سالماڭ! بولۇپمۇ سىز ئويۇنغا ئۇستا، ئۇياق ئانچە ئويناشنى ئۇقمايدىغان ئەھۋالدا! ئېسىڭىزدە مەھكەم تۇتۇڭ!

 



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. بەختىم 2014.08.26 , 15:08 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھېلىقىدەك ئويناشنى باشلاي ئەمسە:mrgreen:

  2. Forever 2014.08.26 , 15:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارنىڭ ئاستى ، ئۈستى ، يان تەرەپلەردىكى ئېلانلارنى چىكىۋەتسەڭلار ئويۇننىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئاسانلىشىدىكەن … ئىشەنمىسەڭلار سىناپ بېقىڭلار …

  3. ھەۋەسكار 2014.08.26 , 16:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سەت مازلىق بىلەن ھەممە ئۆتكەللىرىنى پۈتتۈرۋەتتىم

  4. مەنشۇ 2014.08.26 , 16:32 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن 20- ئۆتكەلدىن پەقەت ئۆتەلمىدىم:shock:

  5. مەنشۇ 2014.08.26 , 16:35 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاخىرى ئۆتتۇم ئەڭ ئاخىردا ئاۋۇ ماز قېرىپ ھاراقكەش بولۇپ كەتتى ئەينا:mrgreen:

  6. مەنشۇ 2014.08.26 , 16:45 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تور خۇماردىكى ئېلانلارنى قەيەردە قانچە قىتىم كۆرشۇڭلاردىن قەتئى نەزەر دەسسەپ يەنچىپ پىتىغدىۋىتىڭلا خۇماداشلا بۇمۇ بىزنىڭ مۇشۇ تورخۇمارغا قوشقان ئازراق ھەسسىمىز بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ناھايىتى 5 سىكىنۇت ۋاقىت كىتىدۇ خالىغان ئېلانلارنى بىرقىتىم دەسسىۋىتىپلا ئۆچۈرۋەتسەڭلا كۇپايە

  7. ئو.تۇرپان 2014.08.26 , 16:55 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    1. چاقماق سوقتۇرۇڭ.
    2. نۇقتا تاقتىسىنى ئالدىغىراق سۈرۈپ ئېتىڭ.
    3. ھاۋانى ئېچىلدۇرۇڭ.
    4. كىچىك ئادەمنى توختىماي بېسىڭ.
    5. بالىت ئويناۋاتقان ئادەمنى بېسىڭ.
    6. تېيلىغۇچىنى بېسىپ تۇرۇڭ.
    7. يۈگۈرگۈچى ماھىرنى بېسىپ ئالدىغىراق سۆرەپ، ئىككىنجى قېتىم بېسىپ تۇرۇپ ئاخىرقى نۇقتىغا تاشلاڭ.
    8. ئاۋال CD قويغۇچنىڭ قېپىنى ئېچىپ، قولىدىكى دېسكىنى تاشلىۋېتىپ، CD پىلاستىنكىسىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ ئاندىن باشلاڭ.
    9. پوكەينىڭ ئەتراپىدا، قۇتىلارنىڭ ئۈستىدە، ۋىۋىسكىدا… قاتارلىق جايلاردا كومىلاچ دورا بار، ھەممىنى يىدۈرۈپ بولۇپ، غەلىتە مەخلۇقنى بېسىڭ.
    10. مەيداننىڭ سول تەرەىدىكى ئېكراننىڭ ئۈستىدە بىر دانە دامكىرات بار، ئېگىزرەك تۇرۇپ سەكرەڭ.
    11. بىردە تاماشىبىننى، بىردە سەكچىگۈچى ماھىرنى ئارقىمۇ ئارقا ئۈچ قېتىم بېسىڭ.
    12. ئاۋال ۋاقىت سانىغۇچنى بېسىپ، ئاندىن كەينىدە تۇرغان ئادەمنى بېسىڭ.
    13. ئاۋال پىلاكاتنى بېسىڭ، ئاندىن ئوتتۇرىدا تۇرغان كۆزەينەكلىك كىشىنى بېسىڭ.
    14. ئوڭ ئاستى بۇرجەكتىكى يۇلتۇزنى بېسىڭ.
    15. دۈمبىسىدىكى ئۈسكۈنىنى بېسىڭ.
    16. ئالدىدا تۇرغان كېمىلەرنىڭ يەلكىنىنى سۇندۇرىۋېتىڭ.
    17. ئىككىنجى خوتتا مېڭىڭ.
    18. IIIنىڭ ئىچىدىكى Iھەرىپىنىڭ 3-سىنى، ئاندىن 1-سىنى بېسىڭ.
    19. تۆپىلىكتىكى يۇقىرىدىن بىرىنجى يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ياغاچنى ئېلىپ، مەشئەلدىن ئوت تۇتاشتۇرۇپ، ماھىرغا يېقىڭ.
    20. ئوڭ تەرەپتىكى كىشىنىڭ بېشىدىكى پەي بىلەن ئۇنىڭ بۇرنىنى غىدىقلاڭ.

  8. خاككىر 2014.08.26 , 17:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاخىر تۈگەتتىم بۇ ئويۇننى بەك ماز ھە

  9. ئاۋاتار 2014.08.26 , 19:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ مەن 8 قولدا پەقەت دىسكىنى تاشلاتقۇزالمىدىم يا نەگە تاشلا بولغايتىم

  10. سەيياھمەن 2014.08.26 , 19:43 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    19-سى ھەممىدىن مازكەن.:mrgreen:
    机械迷城پەچەت ھە.ئاخىرىغىچە ئويناپ باققانلار بارمۇ؟

  11. ئەنجانباي 2014.08.26 , 21:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بەكلا ماز ئويۇنكەن بۇ 11.مەيداندىن زادى ئۆتەلمىدىم،ئو.تۇرپاننىڭ دىگىنىدەك قىلغان ئىدىم بولمىسە
    بولدىلا ئىچىم بەكلا سىقىلىپ كەتتى ئوينىماي

  12. qamcha 2014.08.26 , 22:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەجەپ پىچەت بولدى ، زادى مۇشۇنى ساقلاۋاتقانتىم ، قېنى بىر ئوينىۋالاي

  13. تەلقىن 2014.08.27 , 00:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    11مەيداندا تاماشىبىنلارنى بىر بىسىپ مەمەنى بىر باسىسىز ئاندىن تاماشىبىننى بىسىپ مەمەنى بىر باسىسىز يەنە تاماشىبىننى بىسىپ مەمە نى باسسىڭىز ئالامەت سەكرەيدۇ :mrgreen:
    8قولدا ئاۋال كىچىك سومكىنى ئاچىسىز ئاندىن يوغان دىسكىنى سولغا تارتىپ ئاندىن كىچىك دىسكىنى قولىغاتۇتقۇزۇپ پىر قىپ ئاتىسىز :grin: جىق سۆزلىۋەتتىممۇ نىمە :lol:

  14. مىرزا 2014.08.27 , 12:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    18 مەيداندىن پەقەت چىقالمىدىم.

  15. نۇرلۇق 2014.08.27 , 23:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باللا 2 جىسىدىن ئۆتەلمىدىم قانداق ئۆتىمىز قەيەنى چەكسەم يەنىلام شۇ ئۈچ پاي ئوق ئۈچ تەرەپكە تىگىۋاتىدۇ

  16. نۇرلۇق 2014.08.28 , 01:07 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    18جى مەيداندىن پەقەت ئۆتەلمىدىميا باللا نم بوپ كەتيكىنى بۇ يانتاق قىستۇرۋالغان ئىشەكتەك سەكرەپلا تۇردۇ

  17. Eva 2014.08.28 , 13:06 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    8-چىسىدىن ئۆتكىچە قىينالمىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا .. ئىشقىپ ئويناپ بولدۇم :mrgreen::mrgreen:

  18. ئەسكى 2014.08.28 , 15:12 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راسلا قاملاشمىغان نىمىكەن بۇ، شۇندا بۇسىمۇ ئاخرىنى چىقىرۋەتتۇق.:mrgreen::mrgreen:

  19. شابان 2014.08.31 , 19:48 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    18 مەيداندىن ئەجەپ تەستە ئۆتۈم.:twisted::twisted::twisted: ئاۋۇ كىچىك ئادامنىڭ لاتىنچە 3 ھەرپىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكنى باسساق لاتىنچە ھەرىپ 2 كىگە ئۆزگىردىكەن. 2 ھەرپىنىڭ سول دىكىنى باسساق بىرنجى بولدىكەن .

  20. شابان 2014.08.31 , 19:59 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمارغا پات-پات يىڭى تىمىلارنىڭ يولىنىپ تۇرشىنى ئۆمۈت قىلمەن.

  21. سۈرئەت 2014.08.31 , 23:00 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن بەك خۇشال مۇشۇنداق تورخۇماردەك بىر توربەتنى قۇرۇپ ناھايىتى مول مەزمۇنلۇق ئىلان كىنو تەشۋىقاتى ھەرخىل ئويۇنلارنى ئىشقىلىپ بۇ تورخۇمار تۇر بىكىتىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى پايدىلىق مەزمۇنلۇق تەسەۋۋۇرلۇق باي نەرسىلەر ئىكەن مەن تورخۇمار ئاكىمىزغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ـ

  22. گۇزەل يېڭسار 2014.09.04 , 19:52 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئۇف ئاخىرى تاماملىدىم:lol:

  23. مۈھتىرەم 2015.01.17 , 17:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    9-مەيدان دىنقاندا ئۈتىدۇ

  24. نوچى000 2015.02.15 , 01:27 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باللا 2 جىسىدىن ئۆتەلمىدىم قانداق ئۆتىمىز قەيەنى چەكسەم يەنىلام شۇ ئۈچ پاي ئوق ئۈچ تەرەپكە تىگىۋاتىدۇ

  25. نوچى000 2015.02.20 , 11:22 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باللا 6 جىسىدىن ئۆتەلمىدىم قانداق ئۆتىمى

  26. دىلمۇرات 2015.12.25 , 13:25 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    باللا مەنمۇ ئويناي دىگەن قانداق چۈشۇرىمەن

باھا بېتى: 1 2
         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量