مازلىقىدىن ئادەمنى بوغۇلدۇرۇپ قويىدىغان Flash ئويۇن – Psychout
بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ تۇيۇقسىز ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغاپ ئېتىلدۇرىۋېتىدىغان بىر كىچىك Flash ئويۇننى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئويۇننى ئويناش جەريانىدىكى ھېسسىياتىمنى قەلەم بىلەن ئىپادىلەشكە ئامالسىزمەن، ئىشقىلىپ بىر تال مەمە بىلەن ئىپادىلىسەم، كەيپىياتىم تۆۋەندىكىدىدەك:
ئويۇن توغرىسىدا ئەمدى كاپشىماي نەق گەپكە كېلەيلى: خۇددى موگو ئويۇنىدىكى ۋەقەلىكتەك، باش پېرسوناژ ئۆزىنىڭ مەلىكىسىنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىدۇ ۋە ئاچقۇچنى ئېلىپ ھەربىر ئۆتكەلگە بىردىن بىردىن كىرىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھېكايە ئاخىرلىشىدۇ. ئاڭلىماققا زېرىكىشلىكمىكەن؟ ئەمما سىز ئويناۋاتقان چېغىڭىزدا ھەرگىز بۇنداق ھېس قىلمايسىز، كىشىنىڭ ئىچىنى سىقىپ قويىدىغان بۇ ئويۇننى يالغۇز مەنلا ئوينىماي، قېنى تورخۇمارلارمۇ ئويناپ باقسۇن. يەنە بىر گەپنى ئەسكەرتسەم، ئويۇننى ساقلاپ قويۇپ كەلگەن جايدىن ئوينىغىلى بولمايدۇ، يەنە ئاۋارە بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش كۇنۇپكىسىنىمۇ ئىزدەپ يۈرمەڭ…
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: Flash ئويۇن، قىزىقارلىق
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 27,956 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى
- يازما مەنزىلى: psychout-flash-game.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مەجبۇرىيەت چاقىرىقى9 | 使命召唤9:黑色行动2 رەسمىي ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما > قاتىل ئەقىدىسى3(Assassin’s Creed) خەنچە رەسمىي نەشىرى | يىل ئاخىرىدىكى ئەڭ نادىر ئويۇننىڭ بىرى
- ماشىنا رېمونتخانىسىدىكى سېرىكچىلەر [V]
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- مارىيونىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلىسىلا «كېسىلى» تۇتۇپ قالىدىغان مۈشۈك
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- يېقىندا توردا Duang(دۇاڭ) دېگەن گەپ قاتتىق مودا بوپتۇمىشلەر
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- نەشە كۆيدۈرىۋاتقان نەقمەيداندىن خەۋەر بېرىۋېتىپ ئۆزى كەيىپ بولۇپ قالغان مۇخبىر
- باشقىلارنىڭ ساغرىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈشكە ئاشىق بولغان ئەر
- ئەقلىي قابىلىيەت(IQ)نى سىنايدىغان ئويۇنلار، قانچىسىدىن ئۆتەلەيسىز؟
ۋاي توۋا !!!
ۋاي دېۋان! ھېچكىم دېمەپتا تېخى… ما ئويۇننىڭ مازلىقى يامان ئەمەسكەن
چۈشمەيدىغۇ پەسكەت بۇ پالتاخۇن.
ۋا~ھا~ھا~ھا بەك قىززىقكەن !
راس بەك مازكەن
بۇ مۇ جەۋلانى بىلوگى دا ئىلان قىلىنغان بىمەنە ناملىق ئۇياندىنمۇ لاۋزىراقكەن :
لاۋزىلىقتا بوپ قالىدىكەن بۇ ئويان . جىلە بولۇپ بىريەگە بادىم مەن .
قىزىقكەن، بىراق ماز ئەمەسكەن، خېلى مەيدانلاردىن ئاشالىدىم
نىمانداق تۈگىمەيدۇ؟ ئاخىرى يوقمىكەن ھوي… كىچىك بولغان بىلەن خېلى ساز ئويۇنكەنغۇ، تۇرخۇماردا تولا ئادەم تەتۈر گەپ قىلىدىغان بولۇپ چىقكىتىدۇ….
ۋاي بولدى \
ئۇيان ھەرقانچە لاۋزا بوسا مۇشۇندا بۇلا ئويناپ خېلى بىر يەگە كەگەندە بىر نەسىنى قوزغاتسام ئىككى ماز چىقىدىكەن بىر بىرى بىلەن تىپىشىپ ماڭىدىغان ،شۇيەدىن پەقەت ئۈتەممىدىم
يېڭى پەيدا بولغان مازنى ئۈستىدىكى ئاۋۇ نايزىدىن سەكرىتىپ ئۆتكۈزىۋىلىپ ئاچقۇچنى ئالىسىز، ئاندىن قايتاشىدىمۇ شۇنداق قايتىپ كىلىپ، ئۇ مازنى ئۆچۈرۋىتىسىز، شۇنىڭ بىلەن سەكرەپ ئۆتۈپ كەتسىڭىزلا بولىدۇ…
شۇڭا ساراڭنىڭ كىيىمىنى كەيدۈرۈپ قويۇپتىكەن ئاۋۇ « باش قەھرىمان » غا ……
ھەجەپ ئىچىمنى پۇشۇرۋاتتى
17 مىنۇت 24 سېكونت تا ئاخىرىغا چىقىتىم. ئاخىرىدا ئۆزىدىنمۇ سەت بىر قىزنى قۇتۇلتۇرۇپ تۈگەيدىكەن
تاس قاپتىمەن ئاپىرىپ تەرجىمە قىلىپ ئوينىغىنى
ئۇف ئاخىرى تۈگەتتىم بۇ ماز ئويۇننى… پەيزىكەن لېكىن….
ئەڭ ئاخرىدىكى ئۆتكەلدىن مىڭ تەستە ئۆتۈپ، قانداق بىر نوچى مەنزىرە چىقاركىن دېسەم، دەھشەت سەت بىر مازنىڭ قىشىغا كىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ تۈگەيدىكەن ئەمەسمۇ، بېشىغا تاج تاقىۋاپتۇ تېخى…
ۋاي توۋا ماۋۇ ئويۇننى، دەششەتكەن دىسە، ئۆلىدىغان يەردە ئۆلمەي، ئۆلمەيدىغان يەردە ئۆلىدىغان نىمىكەن ئاۋۇ پاينەكباش، جىلە بوپ تاس قالدىم كۇنۇپكا تاختىسىنى چېقىۋەتكىلى ئويناپ بىر يەرگە كەلگەندە ئىككى تاز چىقىۋالدى، چوڭ تاز نىمە قىلسا، كىچىك تاز شۇنى قىلىدىكەن، ئەمما مۇشۇ يەرگە كەلگەندە نەچچە ئويناپ ساراڭ بوپ قالاي دىدىم لىكىن بىر خىل پەيزىكەن
ئۇف ئاخىرى تۈگەتتىم….ئەمما جىلە بولۇپ تاسلا قالدىم جۇمۇ
داۋاملىق پەچەتنى ئوينىماي مازلىرىنىمۇ ئويناپ باقتۇق مانا !
مىجىقىمنى چىقىرۋەتتى ، شۇ يەردىن ئۆتەلمىدىم !
ئاھ خۇدا ، ئويۇن بولا مۇشۇنداق بولا، دۇنيا ماز ئويۇنلار مۇسابىقىسىدە چىمپىيۇننىڭ چىمپىيۇنى بولغىدەك ئويۇنكەن بۇ،
ئۇف،،،،
3جى ئىشىككە كەلگەندە قەتتىلا ئۆتەلمىدىم تولا چۇشۇپ كىتىپ.
فىلاش ئويۇننىڭ ئادەمنى ساراڭ قىلىدىغىمۇ بار ئىكەن ..
كىچىك ئويۇن دىگەن بىلەن خىلى تەسكەن ..
بەكلا ئاددىيكەن ، دوزاقتىن قېچىش دەپ يەنە بىر ئويۇن بولىدىغان ئاشۇنىڭ 10%گىمۇ تەڭ كەلمەيدىكەن بۇ…
سەت تېتىكسڭزكەن،ئادەم چالىدىغانلا ئۇيۇنكەن بۇ
دەھشەت لاۋزا بىر ئاداش ياسىغان ئويۇنكەن ! لىكىن كاللىسى ئىشلەيدىكەن!
يامان ماز ئۇيۇنكەن راسىت
يامان ماز ئويۇنمۇ نېمە ئاخىرى يوق
سازايىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىى
ئۇ تۆشۈكتىن كىرىپ بۇ تۆشۈكتىن چىقىپ ئوڭ تەتۈر مىڭىۋىردىكەن خېلى بىر يەرگىچە ئويناپ باقتىم ، ئاخىرنى ئويناشقا تاقىتى قالمايدىكەن ئادەمنىڭ ، بۇنىڭدىن موگو ئويۇنى 100 مىڭ ھەسسە كۆڭۈللۈككەن
مەن ياختۇردۇم…خىلى پەچەتكەنخۇ….
توۋا يامان ماز ئۇيۇنكەن
مەن ھەممىسىدىن ئۆتەلىدىم!!
دەششەت مازلا نىڭ سەركىسكەن ماخما ما ئۇيان..
ئاخىرقى مەيدانى ھەقىقەتەن بوغۇلدۇرۇپ قۇيىدىكەن، مازلىقىدىن…..
تۈگىتىۋەتتمغۇ ،بۇ بايقۇشنى مۇرادىغا يەتكۈززۈپ قويدۇم
مەن ھەممىسىدىن ئۆتەلىدىم