قاتىل ئەقىدىسى3(Assassin’s Creed) خەنچە رەسمىي نەشىرى | يىل ئاخىرىدىكى ئەڭ نادىر ئويۇننىڭ بىرى
«قاتىل ئەقىدىسى3» (Assassin’s Creed III) بولسا فرانسىيە Ubisoft شىركىتى چىقارغان بىر تۈرلۈك 3D ھەرىكەتلىك تەۋەككۈل تىپىدىكى ئويۇننىڭ ئۈچىنچى قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «قاتىل ئەقىدىسى3» ئويۇن مەستانىلىرى ئۈچۈن يىل ئاخىرىدىكى ئەڭ ياخشى سوۋغا بولۇپلا قالماستىن، يەنە نۆۋەتتە كۆرۈنمە يۈزى ئەڭ ياخشى ئويۇنلارنىڭ بىرى، يەنى ئويۇنغا ئىشلىتىلگەن موتورى يېڭى AnvilNext قا ئالماشتۇرۇلغان بولغاچ، ئويۇننىڭ كۆرۈنمە يۈز جەھەتتىكى ئىپادىسى ئالدىنقى نەشىرلىرىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
«قاتىل ئەقىدىسى3» نىڭ ۋەقەلىكى 1753-يىلىدىن 1783-يىلىغا بولغان ئارىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئورۇن ئاساسلىق نيۇيورك ۋە بوستونغا بېكىتىلگەن. باش پېرسوناژ Conner ئىسىملىك ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ئارىلاش قان سىستېمىسىغا تەۋە بىر بالا بولۇپ، Conner نىڭ ئاتىسى ئەنگلىيەلىك، ئانىسى ئامېرىكىدا ئولتۇراقلاشقان پۇقرا ئىدى. «قاتىل ئەقىدىسى3» نىڭ مۇقەددىمە بۆلىكىدە، ئوينىغۇچىلار Conner نىڭ ئاتىسىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ، تۆتىنچى بابتىن باشلاپ ئاندىن Conner نىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلىنىدۇ، ئەينى چاغدا ئۇنى موخاۋكلار(ئەسلى نيۇيورك شىتاتىدىكى ئىندىئانلار) بېقىپ چوڭ قىلىدۇ. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى Conner نىڭ كەنتىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا مۇستەبىتلىككە قارشى(تىنچلىقپەرۋەر چەۋەنداز) يولغا قاراپ ماڭىدۇ. مەزكۇر بۆلۈمنىڭ ھېكايىسى يەنىلا قاتىللار گۇرۇھى ۋە تىنچلىقپەرۋەر چەۋەندازلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى ئاساسى يول قىلىپ سۆزلىنىدۇ.
ھېكايە ۋەقەلىكى ئامېرىكا مۇستەققىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، باش پېرسوناژ ئويۇندا يەنە نۇرغۇن تارىختىكى مەشھۇر شەخىسلەرگە يولۇقىدۇ. مەسىلەن، جورج ۋاشىڭتون، بېنجىمن فرانكىلىن، چارلىس لى قاتارلىقلار ھەممىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا، باش پېرسوناژ بىلەن ۋاشىڭتوننىڭ مۇناسىۋىتى يادرولۇق مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، فرانكىلىننىڭ رولى بولسا، ئويۇننىڭ ئالدىنقى بۆلۈملىرىدىكى داۋىنچىغا ئوخشىشىپ قالىدۇ(باش پېرسوناژغا يېڭى كەشپىيات ۋە قورال-ياراقلارنى تەمىنلەش)، چارلىس لىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئويۇندا ئالغان رولى نۆۋەتتە تېخى ئېنىق ئەمەس.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ، ئوينىغۇچىلار «قاتىل ئەقىدىسى3» نى ئويناش جەريانىدا، ئامېرىكا مۇستەققىللىق ئۇرۇشىغا بولغان جەريانلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، گەرچە ئويۇندا تارىخ بۇرمىلانغان بىر قىسىم تەپسىلاتلار بولسىمۇ، ئەمما ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى، ئوينىغۇچىلار يەنە بۇ جەرياندا نۇرغۇن تارىخى بىلىملەردىن خەۋەردار بولالايدۇ، بۇمۇ مەزكۇر بۆلۈمنىڭ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. ئويۇننىڭ ئەركىنلىك دەرىجىسى يۇقىرى، كۆرۈنمە يۈزى قالتىس، ھەرىكەت ئېلىمېنتلىرى كۆپ بولۇشتىن باشقا، بۇ بۆلۈم مۇشۇنداق مول بولغان مەزمۇن ۋە ۋەقەلىككە ئىگە.
قاچىلاش باسقۇچلىرى:
1. پۈتۈنلەي ئېنگلىزچە ھەرپتىن تۈزۈلگەن مەنزىلگە پرىستېن يېشىپ بېرىمىز؛
2. setup.bat ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلايمىز، 10 مىنۇتتا قاچىلاپ بولىدۇ، 12G بوشلۇقنى ئىگىلەيدۇ؛
3. ئېكراندىكى تېزلەتمە ئايكون ئارقىلىق باشلاپ كەتسەك بولدى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار: قاتىل ئەقىدىسى2 | قاتىل ئەقىدىسى: ۋەھىي
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
قاتىل ئەقىدىسى3 نى چۈشۈرۈش | مەنبە: تورخۇمار | تېخىمۇ كۆپ ئويۇنلار
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D ئويۇن، ACT، ئويۇن، جەڭ
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 14,290 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: assassins-creed-3.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > مازلىقىدىن ئادەمنى بوغۇلدۇرۇپ قويىدىغان Flash ئويۇن – Psychout
- كېيىنكى يازما > كلاسسىك ئويۇن 魂斗罗 قايتىدىن ياسىلىپ يېڭى يىل بېشىدا iOS/Android سۇپىلىرىدا تەڭلا ئېلان قىلىنماقچىكەن
- [تەۋسىيە] يېڭى مودا بولغان كونا ئويۇن – جان ساقلاش
- كىچىك ئوغرى(Tiny Thief) – ئاجايىپ نەپس ياسالغان تەۋەككۈل تىپىدىكى يانفون ئويۇنى (iOS/Android)
- قاتىل ئەقىدىسى تارىخ قىسمى : جۇڭگو
- بۇ يىللىق قاتىل ئويۇننىڭ بىرى: GTA 5 نىڭ PC نەشىرى(يېشىۋېتىلگەن 简体中文 نۇسخىسى)
- 9.5 نومۇرلۇق تەۋسىيەلىك ئويۇن – قەيسەر يۈرەك: دۇنيا ئۇرۇشى(iOS/Android نەشىرى قوشۇلدى)
- قاتىل ئەقىدىسى – ئىنقىلاب
- ناۋادا مەخسۇس فوتوگراف «مەجبۇرىيەت چاقىرىقى» نەقمەيدانىنى سۈرەتكە ئالسا…
- تەتقىقاتچىلار ۋاسكېتبولنى مۇنداق ئوينايدىكەن، نىمدىگەن كەپسىزلىك بۇ
- يەنە پاركور – قاتىل ئەقىدىسى : چوڭ ئىنقىلاب
- [ئويۇن] مەكس: قېرىنداشنىڭ قاغىشى
ۋۇييۇ، نادىر ئۇيۇندىن بىرنى يوللاپسىزغۇ،
خەپ بەلنىستىنمۇ چىقامە …. ويۇن دىگەن ويناپ، كىنو دىگەننى كۆرەپ ، تورخۇمار دىگەننى كۈندە بەش رەت يىڭىلاپ تاشلىمايدىغان بولسام ۋىروس بولماي باكتىرىيە بوپ كىتەي 。。。
ۋىرۇس ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ،2-دوختۇرخانىغا كىرىپ قاپتۇ…
2-دوختۇرخانىمۇ ياكى 4 مۇ ،
چاق چاق جۇمۇ ، كېچىچە يىغلىماي ئەمدى
مەن تورخۇماردا نۇرغۇن ئويۇنلارنىڭ قاتىلىنى كۆردۇم لىكىن ھەممىسى WIN7 دەيدىكەن
ئويۇننىڭ ئونۋىرسال چۈشۈرۈش ئادىرسىنى قالدۇرساڭلار مەخسۇس شۇنلىنىڭكىدە چۈشۈش سۈر ئىتى بەك ئاستىكەن 1-2 kbدىن چۈشۈدۇ تور 4mb لىق بولمىسا :
迅雷 دە چۈشۈرۈڭ
迅雷大全نىڭ سۈرئىتى بەك ياخشىكەن بولسا شۇنىڭدا چۈشىرىڭلار!
سىزVery Important Personبولسىڭىز ئاندىن 4mbدىن چۈشۈرۈلايسىز…..
مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئۇيۇننىڭ بىرسى ، بىرىنچى قىسىمى باشلانغاندا قانچىلىك ئەجىر قىلىپ ئوينىغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئۇچۇپ دىگەندەك …
ھازىر ۋىن 7 ئەمەس بەلكى WIN8 ئىشلىتىۋاتىمىز قېرىندىشىم، سىز نەدە بىز نەدە ئۇندا xp سېستىمىسدا بۇنداق ئويۇنلارنى ئوينىغىلى بولمايدۇ دەيمەن
مەسىلە XPدا ئەمەس،بەلكى شۇ ئويۇننىڭ كومپىيۇتىر مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى،ئىچكى ساقلىغۇچىسى ۋە سىن كارتىسى(CPU,VideoCard,MemoryCard ) بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ! قانداق قارايسىز؟
WIN8 بىرئادەم سىتىۋالسا كۆپ ئادەم ئورتاق ئىشلەتسە بولامدۇ
بولمايدۇ
بۇ ئۇيۇننىڭandroid يان تېلېفۇن نۇسخىسى بارمىدۇ؟
دەل مۇشۇ ئويۇننى دېسىڭىز يوق، لېكىن 刺客信条2بىلەن 刺客信条2:兄弟会 نىڭ ئوتتۇرىلىقىدىكى ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن 刺客信条2:探索 دەپ بىرسى بار… بۇ نۇسخىسىنى مۇشۇ ئويۇننىڭ ۋەقەلىكىنى باشتىن ئاخىرى چۈشىنىشنى خالايدىغانلار بولسا ئوينىساڭلار بولىدۇ. مەنغۇ تۇغقىنىمدەكلا تەھلىل قىلىمەن بۇ ئويۇننى… 5 يىل بوپتۇ 1-سىدىن باشلاپ ئويناۋاتقىلى مانا…
ئويۇننى قاچلاش ئۇسۇلنى تەپسىلىرەك چۈشەندۇرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن
xp مۇ قوللاۋىردىغاندۇ بۇ ئويۇننى
ئويۇننى قاچلاش ئۇسۇلنى تەپسىلىرەك چۈشەندۇرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن
ھازىرقى يېڭى چىققان كۆپ قىسىم ئويۇنلارنى ئاساسەن XP دا ئوينىغىلى بولمايدۇ. مەزكۇر ئويۇنمۇ شۇنداق. Windows Vista/WIN7/WIN8 دىلا ئوينىغىلى بولىدۇ. قاچىلاش باسقۇچلىرىنى تەپسىلىي يېزىپ قويدۇم. ئىنتايىن ئاددى ئۇسۇلدىلا قاچىلاش ئېلىپ بارالايسىز.
xp سىستىمىسىدىمۇ ئوينىغىلى بولدىغاندۇ ؟
ياكى چوقۇم ۋىن 7 قاچلاپ ئويناش كىرەكمۇ ؟
جاۋاب بېرىپ بولغان سوئالنى ساراڭدەك سوراۋېرىدىكەنسىلە… ئۈستىدە دەپ تۇرسا يەنە…. سىناپ باقمامسىلە ئۇنداق بولسا…
رەھمەت ! چۈشەنمىگەننى چوقۇم سوراش كېرەك
مەن بىرنى چۈشۈرۈپ ئويناي دېسەم، UplayInstaller دەيدىغان دىتالمۇ قوشۇقلۇق ئىكەن. قارىسام ئۇ ئورگان تەرەپنىڭ ئويۇننىڭ ئاچقۇچى(cd key) نى ساتىدىغان دىتال ئوخشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تورخۇماردىكىنى چۈشۈرەي دەپ چاقماق(迅雷) نى ئېچىپ قويغىلى يېرىم كۈن بولدى %0.01 مېڭىپ توختاپ قالدى. تېزراق چۈشىدىغان ياكى باشقا ئامال بولسا تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار‹
بۇتوردىكى ئۇيۇنلار ياخشىكە
ئويۇندەكلا ئويۇنكەن بۇ ، ئوينىمىغانلار ئارماندا
پەيزىدە لىكن ،مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئۇيۇننىڭ بىرسى .يەنەبىر ئويۇن بولدىغان خەنچە(鬼气) دەيدىغان ئۇيغۇرچە نمدەيدۇ بىلمەيدىكەنمەن، شۇ ئۇيۇنمۇ بوپ قۇيدۇ . ئۇ ئۇيۇنمۇ 4 بۈلۈم چىقپ بولدى.5 -بۈلمى كىلەر يىلى چىقدىكەن.ئويناپ بىقىڭلا ، ئۇ ئۇيۇنمۇ كونازاماندىن تەدرىجى تەرەققى قىلىپ ھازىرقى زامانغىچە كىلدۇ. يەنە بىر ئۇيۇن تەۋسىيە قىلاي ، (پىرىتسىيە شاھزادىسى) خەنچە (波斯王子) دەيدۇ… بۇ ئۇيۇنلانىڭ ھەممىسنى سەت ئويناپ قۇيمەن. شۇڭا كۆپچىلككە تەۋسىيە قىلدىم.
( 鬼气 )ئەمەس ، ( 鬼泣)دىگەن ئويۇندۇ، مەن بۇ ئويۇننى ئوينىغان ،بەك قالتىس ئويۇن جۇمۇ بۇ…
5-بولىمى تىزراق چىقسا بولاتتى ، بەك تەقەززار بولۇپ كىتپ بارىمەن…
مەن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ تىزلەتمە ئايكون ئارقىلىق كىرسەم بۇ ئويۇننىڭ تەرجىمىلىرىنى بۇ گۇرپپا قىلغان دەپ خەنچە ئىككى قۇر گەپ قىلىپ قاراپلا تۇرىدۇ بۇ نىمە ئىشتۇ ،.
كومپىيۇتىرىمنىڭ سەپلىمىسى : Intel i5 , 4g ساقلىغۇچ ، كۆرسەتمە كارتىسى 2گ 独显 Nvidia 650m
ئويۇندەكلا ئويۇنكەن
Assassin’s Creed نىڭ بىرىنچىسى بىلەن Assassin’s Creed Brotherhoodنى ئوينىدىم لېكىن بۇ Assassin’s Creed 3قىسمىنى ئويناپ باقماپتىمەن.
مەن ئويناپ خېلى ئويناپ 32% بوپتۇ بىلمىدىم ئويۇن ئاىخىرلاشتىمۇ كىنو تۇككەندە چىققان خەتتەك كۆرنۇش چىقىۋاتىدۇ ؟ ئوناپ تۇگۇتۇپ بولغانلا بولسا دەپ بىرىڭلا؟ 32% بوپتۇ بولمىسا؟
چۈشۈرۈش ئادرىسى قۇرۇقدىلىپ قاپتىغۇ