پارىس شاھزادىسى ئائىلىسىدىكى نادىر 3D ئويۇن – قاتىل ئەقىدىسى2
قاتىل ئەقىدىسى2(لاتىنچە نامى: Assassin’s Creed 2) بولسا، بىر تۈرلۈك ئىنتايىن قالتىس ئويۇننىڭ بىرى. تۆۋەندە تەمىنلەنگىنى بولسا، PC نۇسخىسى. ناۋادا كۆپچىلىككە نىسبەتەن بۇ ئويۇن ناتونۇش بىلىنگەن بولسا، قاتىل ئەقىدىسى1 توغرىسىدىكى يازمىنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ، ئىنتايىن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن.
ئويۇندىن بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر:
ئويۇننىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىۋى:
2.6GHz تىن يۇقىرى بولغان قوش يادرولۇق CPU ھەمدە 2GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ؛ Shader Model 3.0 نى قوللايدىغان سىنكارتا(显卡) سەپلەنگەن بولۇشى كېرەك.
قاچىلاش باسقۇچلىرى:
مەشغۇلات سېستىمىسىغا ئەڭ ياخشى تولۇق قاچىلانغان Windows XP SP3 تەييارلانغان بولسۇن.
پرىستېن يېشىمىز، تەخمىنەن 8G ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.
setup.bat ھۆججىتى ئارقىلىق قاچىلاشنى باشلايمىز، قاچىلىغاندىن كېيىن تەخمىنەن 5.5G ئورۇن ئىگىلەيدۇ.
يېشىش يامىقىنى چۈشۈرىمىز ھەمدە ئويۇن قاچىلانغان ھۆججەتدان ئىچىدىكى offlineserver\values.db نىڭ ئۈستىگە قاپلىۋېتىمىز.
كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز، ئامال بار باشقا ئارتۇق پروگراممىلار، مەسىلەن ۋىرۇسخور، 360، QQ دېگەندەكلەرنى تاقىۋېتىپ تۇرۇپ ئويۇنغا كىرىشنى باشلىساق بولىدۇ.
چۈشۈرۈش مەنزىللىرى(迅雷دا چۈشۈرۈڭ):
قاتىل ئەقىدىسى2 نى چۈشۈرۈش | مەنبەسى: torhumar.com | يېشىش يامىقى | قاتىل ئەقىدىسى1 خەنچە نەشىرى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [نـادىـر ئـويـۇنـلار]
- ھالقىلىق ســــۆز: 3D,ئويۇن,سىن
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 576 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 09-ئاينىڭ 01-كۈنى
- يازما مەنزىلى: assassins-creed-2.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك كلاسسىك ئويۇنلارنىڭ بىرى – Call Of Duty4(ھازىرقى زامان ئۇرۇشى)
- كېيىنكى يازما > ئاجايىپ قالتىس ئىشلەنگەن قىسقا فىلىم – تۆمۈر بوۋاق پالۋان(Iron Baby)
پارس ئەمەس پىرىسىيە شاھزادىسىدۇ ؟ مەن بۇ پىرىسىيە شاھزادىسى دىگەن ئويۇنغا بەكلا قىزىقمەن . شۇڭا ئۇنىڭ 3 نۇسخىسىنىڭ ھەممسىنى تۈگتىپ بولدۇم . ماۋۇ قاتىل ئەقدىسى دىگەن ئويۇننىڭ داڭقىنى ئاڭلىغىلى خېلى بولدى ئەمما كومپىيوتىر سەپلىمىسى يىتەشمەسلىك سەۋەبىدىن ئويناشقا مۇمكىن بولمىدى . ئۆتكەندە قىزىل بايراقتىن ماس كېلىدۇ دەپ مۇشۇ ئويۇننى ئالسام باشقا ئويۇن قاچىلاغلىقكەن ئىچىگە. ئەمما مۇشۇنداق كاللا ئىشلىتىشنى بەك تەلەپ قىلدىغان ، باشقۇرۇشمۇ ئۆزگىچە ئۈنۈممۇ قالتىس ئويۇنلار كىشىنى ھەقىقەتەن جەلپ قىلىدۇ .
پىرسىيە شاھزادىسىنىڭ كومپيۇتېر نۇسخىسى جەمئىي بەش خىل. قاتىلنىڭ ئىتىقادى بىلەن پىرسىيە شاھزادىسى گەرچە بىر شىركەتنىڭ ئويۇنى بولسىمۇ ئىككىسى ھەرگىز بىر ئائىلە ئەمەس. بىرسىنى كانادادىكى تارماق ستۇدىيەسى چىقارغان، يەنە بىرسىنى فىرانسىيەدىكى تارمىقى چىقارغان. مەن قاتىلنىڭ ئىتىقادى 2-بۆلۈمنى تۈگىتىپ بولالمايلا بەك ئالدىراش بوپ كېتىپ قالدىم…