ئاق ئالما كىتاب ئوقۇغۇچىسى – يانفوندا ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇش ئەمدى ھەرگىزمۇ تەس ئەمەس!
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇش، تور بېكەت كۆرۈش قاتارلىقلار ھازىر ئاللىقاچان ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى. بىراق، يەنە خېلى كۆپ قىسىم ساندىكى ئەقلىيفون ئېلىشقا قۇربى يەتمىگەن ياكى يۇمشاق دېتال قاچىلاپ كېڭەيتىشنى قوللىمايدىغان يانفون ئىشلىتىۋاتقانلار ئۈچۈن، ئامراق يانفونىدا ئۇيغۇرچە كىتاب كۆرۈش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى…
ئاق-ئالما ئوقۇغۇچ بولسا، بىر خىل يانفوندا ئۇيغۇرچە تېكىستلەر ساقلانغان txt ھۆججىتىنى بىمالال ئوقۇغۇلى بولىدىغان كىتاپ ئوقۇش قورالى بولۇپ، سىزنىڭ يانفونىڭىز پەقەتلا بەك ناچار يانفون بولمىسىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ .پەقەت Java قوللايدىغان يانفون بولسىلا، يانفونغا ھېچقانداق ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلانمىغان ئەھۋالدىمۇ، بىۋاستە ئۇيغۇرچە txt شەكلىدىكى كىتابلارنى ئوقۇش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز. .مەسىلەن : NOKIA ، Samsung ، Motorola قاتارلىق ماركىدىكى يانفونلاردا ساق ئىشلەيدۇ .
بۇ دىتال 2009-يىلى 6-ئايدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، 2010-يىلى 11-ئايدا ئىككىنچى نەشىرى كەڭ تورداشلارغا ھەقسىز سۇنۇلدى . بۇيەردە بۇ دىتالنىڭ ئاساسچىسى بىرۇسقا(Bruce)ۋە ئۆزگەرتىپ ياسىغۇچى چىلبۆرىگە (Qilbore) رەھمەت ئېيىتماي تۇرالمايمىز!
ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
كومپۇتىرىڭىزغا چۈشۈرگەندىن كىيىن ، يىشىپ ،ئاۋال AkalmaReader.jar نىلا تىلىفۇنىڭىزغا قاچىلاپ قۇراشتۇرىسىز. ئاندىن باشقا txt ھۆججەتلەرنى قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ . شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى ، txt شەكلىدىكى ھۆججەت چوقۇم unicode شەكلىدە بولىشى لازىم .
ھۆججەت تەپسىلاتى:
ھۆججەت نامى: ئاق ئالما يانفون كىتاب ئوقۇغۇچىسى
نەشىرى: 2.0
ئورگان تور بېتى: http://www.akalma.com
چۈشۈرۈش مەنزىلى:
ئاق ئالما ئوقۇغۇچ(ئىچىدە txt شەكلىدىكى كىتابلار تەمىنلەنگەن) | مەنبە: torhumar.com
- يازمىنىڭ ئـورنى: [رەقەملىك دۇنيا]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇيغۇرچە,كىتاب,يانفون
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 658 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى
- يازما مەنزىلى: akalma-reader.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە ئېلان قىلسىڭىز، مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىڭ.)
- ئالدىنقى يازما > پەرزەنتلەرنى مۇنداق تەربىيلىمەيلى! ياخشى ئاتا-ئاتا تەربىيلەشنىڭ بىر قىسىم ھېكمەتلىرى…
- كېيىنكى يازما > سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم غەلىتە ئىشلار، ئىشىنىمەنكى ئاغزىڭىز ئېچىلىپلا قالىدۇ!
دىۋان مېنىڭ ! ئەسسالام تورخۇمارلار يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ! يېڭى يىلدا دوللار يانچۇقۇڭلارغا توشسۇن
ما دولقۇنجان نەدە مارىلاپ يۈرگەن بولغىيتى…تەدبىركارنىڭ،تورخۇمارنىڭ يىڭى يىلىغا مۇبارەك، ئويۇن بولسا يوللايلى ماندا،رىكورىت چۇۋۇيمەنغۇ
قالتىس بالىدە زادى بۆرىجان!…
ئاۋال يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسان! قېنى مەن چۈشۈرۈپ سىناپ بېقىپ ئاندىن جاۋابىنى تەسىراتىمنى سۆزلەي.
ئۇيغۇرچە txt شەكلىدىكى كىتابلارنى ئوقۇش مەقسىدىگە يېتەلەيسىز دەيسىز مەن txt ئۇيغۇرچە تۇنىتالمايمەنغۇ ، باشقا تەڭشەش بارمۇ يا ؟
قالتىس ياخشىكەن
ھەي مەن دوسلارنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلاشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەنغۇ ،يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ! بىزلەرنىڭكىگىمۇ ئۇتۇپ قۇيۇڭلار ھە ~~~ ئالتۇن كېسەك بار ھاھاھ
بۇمۇ ياخشى تەرەققىيات يۈزلىنىشى بوپتۇ …
ھەممىڭلارنىڭ يېشىغا بىرياش ئەقلىگە ئەقىل قوشۇلغىنىنى تەبىرىكلەيمەن ….
لىكىن كۇنۇپكىسى يوق سىزىمچان ئىكرانلىق تىلىفۇنلاردا ئىشلىمەيدىكەن، ئۇستازلارنىڭ مۇشۇ توغۇرلۇق ئىزدىنىپ بىقىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن،
مەن NOKIA 5230 دە سىناپ باقتىم. مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسى قاچىلىغان بولسىڭىز ياكى سېستىما ئۆزى تەمىنلىگەن مەۋھۇم كۇنۇپكا تاختىسى ئىشلەتسىڭىز، نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولمىسۇن !ما ئادەملەرنىڭ ئىشىنى كۆرمەمدىغان يىڭى تىما بارمىدۇ دەپ كىرسەم . . .
ما ئىنكاسنىiphone4 دا يازدىم جۇمۇ .
سىزىمچان ئىكرانلىقتا بولمامدۇ … ئىنىق بىر جاۋاپ بولسا بولاتتى …
ئۈستىدىكى ئىنكاسلارنى ئەستايىدىل ئۇقۇپ چىقىڭ!
يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن . يىڭى يىلدا ئىشلىرىڭلارنى يىپيىڭى بولىشىغا تىلەكداشمەن …
ئالدىراپ سالام بەمەيلا كەپ قالدىم …
lenovo ماركىلىق تىلفۇندىمۇ ئىشلەمدۇ ؟
قالتىس ئىشكەن يەنە بىر قالتىس ئىش
http://www.bilgiyar.com/ بىلىگيار لار تۇرگەن ئۇيغۇر چىلاشتۇرغۇچ، ھەرقانداق بىرخەنچە بولغان دېتالنى بىركۇنۇپكىنى باسسىڭىز ئىشنى تاماما قىلدىكەن ھەممە يېرى ئۇيغۇرچە بولدىكەن، بۇنى بىر تورخۇماردا ئېلان قىلۋېتىڭ مەن بىلىگيارلار دىن مەمنۇن ولۋاتىمەن
يېڭى يىل مۇبارەك بولسۇن!
مۇنداق ئىسىل ھۈنەرلەر بولسا ئۆگىنىپ قويغۇلۇق زادى،رەھمەت!
تەدبىركار ئەپەندىنىڭ ئىككى بلوگىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ‹‹2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ›› بولۇپ باھالانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! يېڭى يىلدا يېڭى يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەيسىز!
مېنىڭ ماۋۇ HUAWEI T2211 تېلفونىمدىمۇ ئۇيغۇرچە ۋەھشى پىچەت چىقتى! يۇنىكود سېستىم خەت نۇسخىسىدەك قىلىدۇ، بارىكاللا! رەھمەت!