نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > تاغدىن-باغدىن > يازما مەزمۇنى

يانفون سېتىۋېلىشتىكى كۆرسەتكۈچلەر – يانفون سېتىۋالغۇچىلار دىققىتىگە

يانفون سېتىۋېلىشتىكى كۆرسەتكۈچلەر - يانفون سېتىۋالغۇچىلار دىققىتىگە

20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىياتلارنىڭ بىرى بولغان يانفون – ھازىر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا خېلى سىڭىپ كىردى، يانفون ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ يانفون مەھسۇلاتىغا بولغان ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشى نەتىجىسىدە بازاردا خىلمۇ-خىل تىپتىكى يانفونلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ئەلۋەتتە ھازىر بازاردا ساختا مال كۈنسىرى ئاۋۇپ كېتىۋاتقان كۈندە، يانفون سېتىۋېلىشتا چوقۇم تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش زۆرۈر…

يانفون سېتىۋالىدىغان دوستلار ئادەتتە بۇ سۆزلەرگە دىققەت قىلىشى مۇمكىن، ھازىرقى كىشلىرىمىزگە بۇ سۆزلەر يات بولمىسا كىرەك!
بۇ توغرسىدا چۈشەنچەمنى سۆزلەپ بېرەي ھە…
1. 行货
بىز ئادەتتە كۆپ ئاڭلايدىغان بۇ سۆز دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتنىڭ ئىجازىتىدىن ئۆتكەن، مەلۇم ساتقۇچى ۋەكالىتەن سېتىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن، ياكى شۇ ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتنىڭ تارماقلىرى مەلۇم رايون، مەلۇم دائىرىدە سېتىپ چىقارغان مەھسۇلاتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىلدىكى مالنىڭ باھاسى ئاساسەن قىممەت،لىكىن ساتقۇچى ئورۇن مالنىڭ سۈپىتى، رىمنۇت قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
رىمىنۇت قىلىش، ئاسىراش مەركەزلىرنىڭ تەمىنلىگەن مۇلازىمىتى بۇيىچە:
خاتىرجەم سېتىۋېلىش كۆرسەتمىسى : 9
2. 串货
بۇمۇ يۇقىردىكىنىڭ بىر تۈرى، كەسىپ ئىگىلىرى بۇنى 炒货 دەپمۇ ئاتايدۇ. ھەر قانداق دۆلەت، ھەر قانداق رايۇندا بۇ خىلدىكى مەھسۇلات مەۋجۇت.
行货 مەھسۇلاتقا ئادەتتە نۇرغۇن باج تۈلەيدىغانلىغى ئۈچۈن باھاسى مۇقەررەر قىممەت بۇلىدۇ. ھەر قايسى رايۇننىڭ ئىستىمال سەۋيىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىغى串货 مەھسۇلاتنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
خاتىرجەم سېتىۋېلىش كۆرسەتمىسى : 8
سېتىشتىن كىيىنكى كاپالىتى بار، ئادەتتە 行货 دىن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ.
串货 ئادەتتە قولدىن قولغا ئۈتۈپ تۇردۇ، بەلكىم行货بىلەن بىر قاتاردا تۇرالماسلىغى مۇمكىن.
3. 水货
بۇ خىلدىكى مەھسۇلات باشقا رايۇن ، دۆلەتلەردىن ئوغۇرلۇقچە يۈتكەپ كىلىنگەن، تامۇژىنىنىڭ تەكشۈردىن ئۆتمىگەن، ئەتكەس ماللار ھىساپلىندۇ. مەسلەن: دۆلىتىمىزدىكى ياخشى مەھسۇلاتنى ئوغۇرلۇقچە ئامىرىكىغا يۆتكەپ ساتساق ئامىرىكىدا بۇ مەھسۇلات 水货دەپ ئاتىلدۇ دىگەندەك…
بۇ خىلدىكى ئاتاشنىڭ دائىرىسى كەڭ بۇلۇپ港行،欧版،串货،充新机،克隆،翻新قاتارلىقلار.
خاتىرجەم سېتىۋېلىش كۆرسەتمىسى : بىر نىمە دىمەك تەس.
بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتنىڭ ئادەتتە رىمۇنۇت ۋە سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتى يوق.
4. 港行
بۇ خىل ئاتاش ئادەتتە شىياڭگاڭ ماللىرىغا قارىتىلغان. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەھسۇلات بىلەن ئوخشاش، سۈپىتى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتتىن ياخشى. لىكىن خەت شەكىلى، ۋە بەزى ئىشلىتىش جەھەتتىكى قۇلايسىزلىقلار تۈپەيلى سېستىمىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كىلىدۇ، بۇنىڭدا مەھسۇلات مەلۇم دەرىجىدە زىيانغا ئۇچىرايدۇ. شىياڭگاڭ ماللىرى دۆلەت ئىچىدە ئادەتتە كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ. بۇزۇلسا يېڭىدىن بىرنى سېتۋالسىز ياكى يانچۇقتىن ئاقچا چىقىرىپ رېمىنۇت قىلدۇرسىز.
سۈپەت جەھەتتە行货 بىلەن ئوخشاش.
خاتىرجەم سېتىۋېلىش كۆرسەتمىسى : 7
5. 欧版
مانا مانى رەسمى 水货 دىسەك بۇلىدۇ.
يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك باجدىن قاچقان مەھسۇلات دە بۇ…
بۇمۇ شۇ باشقا بىر دۆلەتنىڭ 行货 سى دىمەكتۇر. پەقەت سىرتتىن ئوغۇرلىقچە مانداق…مانداقلا كىرگەن يىرى بار. بۇنىمۇ 港行غا ئوخشاش سېستىما ئۆزگەرتىش … دىگەندەكلەرنى قىلمىسىڭىز ئاۋارچىلىق، كۈنەلمەيسىز. ئۆزگەرتىش جەريانىدا مەھسۇلات مەلۇم دەرجىدە زىيانغا ئۇچىرشى مۇمكىن.بۇزۇلسا ئۆزىڭىز ئىگە،…
ئەممە لىكىنزە سۈپەت جەھەتتە دۆلەت ئىچىدىكى ۋە سىياڭگاڭ مېلى 港行 دىن ياخشى.
خاتىرجەم سېتىۋېلىش كۆرسەتمىسى : 7
6. 翻新机
بۇنى قانداق مەھسۇلاتكىن دەپ قالماڭلار. بۇ كونا مەھسۇلاتنى يۇيۇپ، ئېيتىپ پاقىرتىپ،دەزماللاپ ، يېڭىدىن قاپلاپلا بىرەر ساختا نەرسىلەرنى قۇشۇپلا يېڭىلاپ ساتقان مەھسۇلاتنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەتتە بۇنداق مەھسۇلات جۇڭىخۋا خەلىق جۇمھۇريىتىدىن سىرىتقا كۆپلەپ ئۇچۇپ چىقىدۇ.
بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتنى ھايانكەش مۇناپىقلار يۈزىنى داپتەك قىلىپ سىزنى ئالداپ ساتىدۇ.
خاتىرجەم سېتىۋېلىش كۆرسەتمىسى : 2
7. 充新机
بۇ خىلدىكىسى كاللىسى ئىشلەيدىغان بىر قىسىم كەسىپ ئەھلى،چەتئەللەردىكى ئۆمىرمىزدە كۈرۈپ باقمىغان غەلىتە يانفۇن ،شۇنداقلا ئاساسەن يېڭى بىر قىسم يانغۇننى بىرلەشتۈرۈپ، يىپ-يېڭى بىر مەھسۇلات قىلىپ ياساپ چىققاننى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن : 萨基姆ماركىلىق يانغۇندەك…
بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتنى ئىككىنچى قول港行 دىيىشكە بۇلىدۇ.
خاتىرجەم سېتىۋېلىش كۆرسەتمىسى : 5
8. 板机
ماۋۇ خىلدىكىسى بەك ئېچىنىشلىق. كونا يانفۇن، رېمنۇتقا چۈشكەن يانغۇن، يەنە بىر قىسىم ئەبجەق دىتاللارنى غەلۋىردە تاسقاپ لازىملىقلىرنى ئېلىپ ئۇستىلىق بىلەن قۇراشتۇرۇپ پىچەت ئىشلەنگەن مەھسۇلات.
سىرتىغا يېڭى قاپ ئورنىتىپ، ماي، نائۇشنىك دىگەنلەرنى قۇشۇپ سېتىۋىردۇ. مانا بۇ板机 .
خاتىرجەم سېتىۋېلىش كۆرسەتمىسى : 0
ما خىلدىكى مەھسۇلاتنى ئىشلىتىپ پارتىلاپ كەتسىڭىز ھىچكىم ئىگە بولمايدۇ. (چاقچاق ئەمەس جۇمۇ!)
9. 克隆机
ئىسمىدىن بىر نىمنى چۈشەنگەندەك بۇلىدۇ كىشى. بۇ خىلدىكى مەھسۇلات行货 دىن يانفۇنID نۇمۇرى قاتارلىقلارنى كۈچۈرۈپ كىلىپ باشقا بىر يانغۇنغا چاپلايدۇ. ئەمىليەتتە بۇ يانغۇن سۈپەت جەھەتتە يۈزدە-ئونمىڭلا行货يانفۇندىن ناچار بۇلىدۇ.
ھازىرقى克隆يانغۇنلارنىڭ ساختىلىغىدىن ھەتتا يانفۇن رېمنۇت قىلدىغان ئۇستاملارمۇ راس-ساختىلىغىنى بىلەلمەي جىددىلىشىپ قالىدۇ.
خاتىرجەم سېتىۋېلىش كۆرسەتمىسى : نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم.
چۈنكى ئىنساپلىقلىرى水货،港行نى ئۆزگەرتىپ克隆机قىلار، پۇلغا دۈم چۈشكەن مۇناپىقلار 板机نى 行货 غا ئۆزگەرتىپ قويسا تۈگەشكىنىڭىز شۇ!!!



无觅相关文章插件,快速提升流量

[بىرەيلەن باھا يازغاندەك قىلىدۇ، سىزمۇ يېزىپ قويمامسىز؟]
  • يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
  • ھالقىلىق ســــۆز:
  • يازمــا ئاۋاتلىقى: ھازىر نەقمەيدان كەيپىياتى ئۆلچىنىۋاتىدۇ...
  • يوللانـغان ۋاقىت: 2010-يىلى 07-ئاينىڭ 26-كۈنى
  • يازما مەنزىلى: buy-phones.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. كارو : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    拆机 دېگىنىچۇ؟






باھا مەزمۇنى (*چوقۇم تولدۇرىسىز):
icon_wink.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_shy.gif icon_eek.gif icon_se.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_neutral.gif icon_mrgreen.gif icon_mad.gif icon_lol.gif icon_kiss.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_surprised.gif icon_dizzy.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
(Ctrl + Enter تېزلەتمە كۇنۇپكا)