تىتانىك ناملىق پاراخۇت چۆكۈپ كەتمىگەن دەيدۇ | Titanic II ھەققىدە بىر قىسىم ئەپقاشتى پاراڭلار

چۈچۈك خەۋەرلەر

80-90- يىللارنىڭ باللىرى ئىچىدە تىتانىك ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيدىغانلار ئاز بولسا كېرەك. بۇ غايەت زور دېڭىز مەخلۇقىنىڭ مۇز تاغىقا سوقۇلۇپ نۇرغۇن كىشىنىڭ تالاپەتكە ئۇچۇرىشىدە چوڭ خەۋەرلەرگە قارىغاندا يەنىلا «تىتانىك ناملىق پاراخوت» فىلىمىنىڭ غەلبىسى بىزنى بۇ ھەقتە ئاز بولمىغان تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئىگە قىلغان. تىتانىكنىڭ شۆھرىتىنى يەنىلا شۇ فىلىمدىن بايقىدۇق ئەلۋەتتە.

titanic

تىنانىك ناملىق پاراخوتنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىنى ياساش ھەققىدىكى خەۋەرلەر بۇلتۇرنىڭ 5- ئايلىرىدىن باشلاپ پەيدا بولغان ئىدى. مانا بۇ ياۋروپا يەرلىك زومىگىرى Clive Palmer نىڭ ئاتالمىش ئۇلۇغ پىلانى بولۇپ، «مەڭگۈ چۆكمەس كېمە»نى قايتا مەيدانغا كەلتۈرمەكچى.

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا «تىتانىك 2»(Titanic II)پىلانى 2016-يىلى باشلىنىدىغان بولۇپ، چەتئەل مەنبەلىرىدىن كۆرسەم تۇنجى سەپىرى ئەنگىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى پورت شەھىرى Southampton دىن باشلىنىپ نيۇ يۇرىكتا ئاخىرلىشىدۇ دىيىلگەن. ئەمما بۈگۈن بەزى خەنچە مەنبەلەرنى ئاختۇرسام تۇنجى سەپىرى شاڭخەيدىن باشلىنىپ  Southampton ئاخىرلىشىدۇ دىيىلىپتۇ. يەنە تېخى بۇ كېمىنى ياساشقا جۇڭگودىكى مەلۇم كېمىسازلىق شىركىتى مەسئۇل بولغانمىش.

Titanic II جەمئى 2600 يولوچىنى سىغدۇرالايدىغان بولۇپ(900 نەپەر كىمە خادىمىنى قوشقاندا)، يەنە 18 يۈرۈش ھەر بىرىگە 150 دىن كىشى سىغىدىغان جىددى قۇتقۇزۇش كېمىسى سەپلەنگەن.  ئۇنىڭدىن سىرت يەنە 400 كىشلىك سالدىن ئىككىسى سەپلەنگەن بولۇپ، بىخەتەرلىك جەھەتتە ئالدىنقى نەشىردىكى  Titanic تىن ئاز بولمىغان ساۋاقلارغا ئېرىشكەندەكمۇ قىلىدۇ.

1

يەرلىك تىلىمىز بويىچە بايان قىلغاندا، بۇ كېمىنىڭ ياسىلىشى قانداقتۇر تىتانىكنى ئەسلەشلا ئەمەس. ئۇنىڭ بارلىق ئىچى تېشى لايىھەسىگە ئېدىۋارت دەۋىرىدىكى ئۇسلۇب ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كېمىگە چىققۇچىلارنى ھەقىقەتەن ئاشۇ دەۋىردىكى جېك بىلەن رۇسسى پاجىئەسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندا تۇرىۋاتقاندەك كەيپىياتقا ئىگە قىلماقچى. ئىچكى قىسىمىغا تېخى تۈركچە ھورمۇنچا، ئەگمە پەلەمپەيلەرمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تارىخ ھېدى خېلىلا كۈچلۈك. ھەتتا ئايرىم خانىلارغا تېلىۋېزۇرمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلمايدىكەن.  تۇرغا چىقىشنى ھازىرچە ئويلىماي تۇرسىمۇ بولغۇدەك. ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىزمۇ كېمىنىڭ پۈتۈن لايىھەسىدە زامانىۋى ئەسۋابلار يوق دىگەنلىك ئەمەس. ھاۋا تەڭشىگۈچتەك بىر قىسىم زۆرۈر ئەسۋابلار يەنىلا كام بولمايدۇ ئەلۋەتتە.

3

يۇقىردا ئېيتقىنىمىزدەك Palmer پىلانى قانداقتۇر بىر كېمىنى قايتا ياساشلا ئەمەس. ئۇ ھەتتا «تىتانىك ناملىق پاراخۇت» فىلىمىدە تەسۋىرلەنگىنىدەك، كېمىگە چىقىش ۋاقتىدىكى ھاياجان ۋە ھەيرانلىق ھېسىياتىنىمۇ قايتا بەرپا قىلماقچى. ئەلۋەتتە  يولۇچىلارمۇ خۇددى ئەينى ۋاقىتتىكىدەكلا ئوخشىمىغان تەبىقىلەر بويىچە دەرىجىگە ئايرىلىدىغان بولۇپ، ھەر قايسى دەرىجىدىكىلەر موھېتى ئايرىۋېتىلگەن. دەسلەپ بۇ پىلان ئاشكارلانغاندا ئاز بولمىغان قارىشلىقلارغا ئۇچۇرغان. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ھازىرغىچە 40000 كىشى بۇ پىلانغا قىززىقىدىغانلىقىنى ئېپادىلىگەن. ھەتتا 16 نەپەر زات، بۇ كېمىنىڭ بىر يۈرۈش مىھمانخانىسىغا 750 مىڭ دوللاردىن بىر مىليون دوللارغىچە باھا چىقىرىشقا رازى ئىكەنلىكىنى ئوتتڭۇرغا قويغان. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن پۈتۈن يەرشارىدا «تىتانىك» مەستانىلىرى ئاز ئەمەس. پۇلىڭىز بولسا بىر بىلەت سېتىۋېلىپ 100 يىل ئاۋالقى تەبىئى موھىتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ قويىشىڭىزغا تامامەن ئەرزىيدۇ. ئەلۋەتتە بالا كەلسە قوش كەپتۇ دەپ يەنە بىر قېتىم مۇزغا ئۈسسىمىسىلا.

ئالدى بىلەن ”تىتانىك“ ناملىق ناخشىنى بىر ئاڭلىۋىتىپ، ھاياجاننى قاتتىق توپلىۋېلىپ ئاندىن يەنە داۋاملىق سۆزلەيلى.

كېمە لايىھەسىدىن بىر يۈرۈش سۈرەتلەر

4

5

6

7

8

9

10

11

12

13

15

16

17

 

بەلكىم بۇلارنى كۆرۈپ، «تىتانىك» نىڭ كىنوسىنى كۆرگىڭىز كەلدىغۇ دەيمەن.

«تىتانىك» 1997- يىللىق HR-HDTV نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش |  «تىتانىك 2012» 720p نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش

  1. : ئىنكاس

    قىزىق گەپلەر بوپتۇ.سېرىق پېرىقنى قويۇپ ئا تورداشنىڭ دادىسىنىڭ ئاكىسىنى قوغلىۋەتكەن ئىشىدىن ئۆتە پولاتتەك پاكىت بولمىسا كېرەك.بىزنىڭ گەپلىرىمىز جېيمىس كامېروننىڭ قۇلىقىغا يەتمەيدۇ،بىراق بىزنىڭمۇ مۇستەقىل ،توغرا كۆز قارىشىمىز بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن،بۇ مۇنازىرە مۇنبىرى ئەمەس،كۆڭۈل ئېچىش تور بېكىتى.لېكىن قىسمەن بالىلارنىڭ يالىڭاچ كۆرۈنۈشلەرگە نىسبەتەن ئازراقمۇ قارشى تۇرۇش خاھىشى يوقكەن،بىر كىنونى نېمىشقا دەرىجىگە ئايرىيدۇ؟كىيىم كەيگەنلەر بىلەنمۇ رومانتىكىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىگىلى بولىدىغان تۇرسا،جېيمېس كامېرون نېمىدەپ ئەتەي ۋېنسىلېتنىڭ يالىڭاچ كۆرۈنۈشىنى قىستۇرىدۇ؟بۇ ئوچۇقتىن ئوچۇق فىلىمنىڭ كۆرۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنغۇ؟بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا بولمامدا؟ئابومجان،سىزنىڭچە بولغاندا ئا فىلىملەرنىڭمۇ ئادەمسىز تەبىئەت مەنزىرىلىرى بار،شۇ يەرلىرىنى كۆرۈپ ئادەم كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرمىسىڭىزلا،ئۇ ساغلام فىلىم بوپقالامدا؟تىتانىك سېرىق فىلىم ئەمەس،بىراق قىپيالىڭاچ كۆرۈنۈش بار.مىڭ ئاقلىغان بىلەنمۇ ئۇ ئەمەلىيەت ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.

  2. : ئىنكاس

    بۇ فىلىمنى سېرىت دىگەنلەرنىڭ كززىدە مەسلە بار شەھۋات پەرەسلەركەن ،ئۇ رەسىمنىڭ كىنو ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىدا ئوينىغان رۇلى چوڭ،مەسلەن فىلىم باشلانغاندا ئاشۇ رەسىم ئارقىلىق مۇماي ئۈزىنى تۇنۇيدۇ، يالڭاچ رەسم(ئۇ دەۋىردە ھەممە قىزلار سىزدۇرالمايدۇ) سىزدۇرماي نوركا چاپان نوركا تۇماق ئالتۇن ئۈزۈك تاقاپ چۈشكەن بولسا 60 نەچچە يىل ئىلگىركى ھالىتىنى ئۇ مۇماي قانداق تۇنۇيتى، شۇڭا بۇنداق ئىسىل كىنوغا بەتنام چاپلىماڭلا ، خانغا يارغان بېشىم تازغا يارماپتۇ دەپ توۋا…….

  3. : ئىنكاس

    بۇ فىلىمنى سېرىت دىگەنلەرنىڭ كززىدە مەسلە بار شەھۋات پەرەسلەركەن ،ئۇ رەسىمنىڭ كىنو ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىياتىدا ئوينىغان رۇلى چوڭ،مەسلەن فىلىم باشلانغاندا ئاشۇ رەسىم ئارقىلىق مۇماي ئۈزىنى تۇنۇيدۇ، يالڭاچ رەسم(ئۇ دەۋىردە ھەممە قىزلار سىزدۇرالمايدۇ) سىزدۇرماي نوركا چاپان نوركا تۇماق ئالتۇن ئۈزۈك تاقاپ چۈشكەن بولسا 60 نەچچە يىل ئىلگىركى ھالىتىنى ئۇ مۇماي قانداق تۇنۇيتى، شۇڭا بۇنداق ئىسىل كىنوغا بەتنام چاپلىماڭلا ، خانغا يارغان بېشىم تازغا يارماپتۇ دەپ توۋا…….

  4. : ئىنكاس

    نەخ گەپكە كەلسەك راسلا جۇڭگۇدا ئىشلىنپ قالسا تاغتۇرا تىتانىكتا ئولتۇرۇپ باھار شاملىغا پايلىماي ا دىڭىزغا غەرىق بۇلدىغان چۈكۈپ كىتەرمىكى ، ھىچ بولمىسا بىر يىلغا پايلىمايدۇ،

  5. : ئىنكاس

    مەيلى قانقالا بولمىسۇن ئاللا خالىسا چۇقۇم بىر چىقىپ باقما بۇ كىمىگە ، لىكىنزە كىمە بىشى رەسىمگە چۈشدىغان يېڭى ئاشۇق مەشۇقلاردىن بىزگە ئاشماي قالارمۇ

  6. : ئىنكاس

    مەن بۇ كىنونى بىر قانچە قىتىم كۆرگەن ، تىلۋىزۇرلادىمۇ قويغان ئىدى . ئەمما رەسىم سىزغان يىرى چىقمىغان.
    بىركۈنى تورخانىدا ئۆزتىلدىكى سۈزۈك نۇسخىسىنى كۆرۈپ ئولتۇر سام ئا ېەسىم سىزغان يىرى چىقىپ قالدى ، بەك بىئارام بوپ كەتتىم …….

  7. : ئىنكاس

    تىتانىك 2012 نىمانداق ئاستا چۈشىدۇ ئاران 20~40 ك ب ئەتراپىدا چۈشىۋاتىدۇ :shock:

باھا بېتى: 1 2
ئىنكاس: