دۇنيادىكى تۇنجى خاتىرە كومپيۇتېرى قانداق ئىدى بىلەمسىز؟ | IBMنىڭ 1975-يىلدى IBM 5100 خاتىرە كومپىيۇتېرى
بۇ يىلقى خاتىرە كومپيۇتېر بازىرىنىڭ ئاساسى ئېقىمى يەنىلا «ئالاھىدە يىنىك» بولدىغۇ دەيمەن. تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىقتىدارغا تېخىمۇ يىنىك ئۈسكىنە گەۋدىسى قوشۇلۇپ ، كومپىيۇتېر دىگەن بۇ ئەقىللىق نەرسە بىزنى تېخىمۇ جەلىپ قىلغىلى تۇردى. ئۇنداقتا ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرە كومپىيۇتېرمۇ مۇشۇنداق قولايلىقمىدى؟
ئەڭ بۇرۇنقى ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ نەقەدەر يوغان ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. لېكىن ئەڭ بۇرۇنقى خاتىرە كومپىيۇتېرنىڭ ئۇنچە چوڭ بولىشىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. ھېچ بولمىسا «خاتىرە» دىگەن سۈپىتىگە بولسىمۇ ماس كېلىشى كېرەكتە…
تۆۋەندىكىسى 1975-يىلى IBM ئىشلەپ چىقارغان IBM 5100 خاتىرە كومپىيۇتېرى. ئۇ 25 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ئەمەلى ئۇستىغانغا ئىگە بولۇپ، سىزنىڭ كۆتۈرۈپ يۈرگەچ چىنىقىش ئېلىپ بېرىشىڭىزغا شۇنچە ماس كېلىدۇ. 1.9MHz لىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچقا سەپلەنگەن 64kb سىغىمدىكى غايەت چوڭ بوشلۇق سىزنىڭ جىمى ھاجىتىڭىزدىن ئالامەت چىقىدۇ. 5 سۇڭلۇق رەڭسىز ئېكىراندا 3D كىنولىرىنى كۆرسىڭىز ئۆزىڭىزنى قويىدىغان يەر تاپالمايسىز. ئۇسكىنە گەۋدىسىدىن ئايرىلالمايدىغان قوشماق كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ يۇمشاقلىغا گەپ كەتمەيدۇ ئەلۋەتتە. مانا بۇ ئەينى يىللاردىكى گىگانىت چولپان IBM خاتېرە كومپىيۇتېرىنىڭ ئالاھىدە سۈپەتلىرى. قوشۇمچە شۇنى دەپ قويايكى، سىز مەسخىرە قىلىۋاتقان بۇ كومپىيۇتېرنىڭ شۇ چاغدىكى بازار باھاسى 19975 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى.
قوشۇمچە : IBM 5100 نىڭ ئەينى يىللاردىكى تىلىۋىزىيە ئېلانى
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: IBM، خاتىرە كومپيۇتېر، كومپيۇتېر
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 13,899 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 28-كۈنى
- يازما مەنزىلى: bm-5100-portable-computer.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > تىتانىك ناملىق پاراخۇت چۆكۈپ كەتمىگەن دەيدۇ | Titanic II ھەققىدە بىر قىسىم ئەپقاشتى پاراڭلار
- كېيىنكى يازما > دۇنيادىكى ئەڭ ئورۇق ئىسكىلىت قىزچاق! ھەقىقىي بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قېلىش دېگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ!
- مۇزدەك بىلىملەر: نېمىشقا مائۇسنىڭ كۆرسەتكۈچ سترېلكىسى يانتۇ بولىدۇ؟
- ئىنتىلنىڭ ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئېلانى – شىركەتتە ئادەم قالمىغاندا، خىزمەتچىلەر شاشلىشىپ كېتىدۇ
- يەرلىك شىۋىسى ئېغىر پىروگراممىچىلار
- تەتقىقاتلارغا ئاساسلاندا، كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر ھەر يىلى 5 كۈنى ۋاقىتنى كومپيۇتېرنى قوزغىتىشقا سەرپ قىلىدىكەن
- خاككىرلىق ۋە ۋىروس
- نۇر دېسكىنىڭ زاۋۇتتىن قانداق ئىشلىنىپ چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلىمۇ؟
- كەلگۈسىدە كىنو-فىلىملەرنىڭ ئالاھىدە ئۈنۈمى قانداق ياسىلىدۇ بىلەمسىز؟ ئويۇن ئوينىغاندەكلا ئاددىي ئىش!
- ئالدانغانلىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلىڭ، ئامېرىكا تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىدىكى كۆپ قىسىم كۆرۈنۈشلەر مۇشۇنداق ئىشلىنىدۇ(2-قىسىم)
- ئالما شىركىتى ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى iPad mini ۋە 4-ئەۋلاد iPad نى رەسمىي ئېلان قىلدى!
- يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىملەرنى ps قىلىش ؟ ئەمدى دۇنيانىڭ ھەقىقى ئەپتىنى تىلىۋىزوردىن كۆرىمەن دىمەڭ !
دىۋان دەپ باقساق قانداقراق بولىدىكىن قىنى،.
قايداراق بۇلىدىكەن بۈركۈتجون ! سىيلاپ باقسىلا مۈڭگۈز قۇلاق چىقىپتىمۇ يا ھې ھې
كىچىكقالدىم كىچىكقالدىم
ئىنكاسنى ئەمدى يازاي ئاۋۇ ئېلاننى كۆرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئېلانلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
20 مىڭ دوللارلىق ، 64kb سىغىمدىكى غايەت چوڭ بوشلۇققا ئىگە خاتىرە كومپىيۇتېرغا نېمە ساقلا بولغۇيتى ؟
记事本 غا نەچچە قۇر خەت يېزىپ ساقلىسىمۇ كەپ قالار 15-20 kb
ئېكرانى چوڭ بوپ كەتكەن بولسا ئانچە مۇنچە كومپىيوتېرغا ئوخشاكەنتۇق.،.
3 تىمىدىكى دىۋانلارنىڭ ھەممىسى بىردەمدىلا ئىشغال قىلىنىپ بوپتۇدە ؟!
مەن كۇرۇپ باقماپتىمەنكەن ئىشەنمەيلام قالدىم دىسە 20مىڭ دوللارلىق دىسە
ئۇنۇڭغا قارىغاندا ھازىر قىممەت كورمەي ئىشلاتسەك بولغۇدەك.
ھازىر ئالىدىغانلار يوقتۇدەيمەن بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى يىنىڭ كومپىيتۇرنى
خاتىرە كومپىيوتېر بولا مۇشۇنداق بولار، دوس دۇشمەننىڭ ئالدىدا پوچى ئىشلەتكىلى بولدىكەنتۇق~
مەن مەكتەپ تەئوقۇۋات ۋاخلادا كومپىيۇتىردىگەن ئسىم نى ماڭ لاپ بەك قىزىققان ئىدىم ……مانا ھازىرئۆزۇمنىڭ سەپلىمىسى «توورخۇمار»كامنىڭ كىدىن ئىلغاركومپىيۇتىرنىنڭ ئالدىدائولتۇرۇپتىمەن ھې ھې /
سىلى قايسى مەكتەپتە ئوقىغان؟ ئۇيغۇر تېلى ئوقۇتقۇچىڭلىنىڭ نومۇرىنى دەپ بېرىڭلا، بىر ئالاقىلىشىپ باقىلى…
سەت كۈلۈپ كەتتىم ما گەپكە… تۇيۇقسىز كۈلۈپ ساپتىمەنكەن، خىيالىنىڭ ئىنكاسىغا كۈلۈۋاتىمەن دېگىلى بولمىدى ماڭا ئالايغانلارغا
خىزمەت ياكى دەرس ۋاقتى ئوخشىمامدۇ، باشقىلار ئالايغان بولسا.
ماۋۇ تومپاي بىلەن خىيالنىڭ ئىنكاسىنى يۇمۇر قىلىپ سۆزلىسىە ئالامەت چىقىتكەن جۇمۇ؟
سەت كۈلۈپ كىتىپتىمەن، خىيالنىڭ ئىنكاسىغا
كومپىيوتىرنىڭ تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى تىز ئىكەندە
ۋاي ئاللا ، يۇقىردىكى خەتلەرنى ئوقۇپ سالغان ئاغىزىمغا كۈلىۋەتمىسەم بولمىدى
ئىنكاسنى تەستىق لانغاندىن كىيىن كۆردۇم……ھەي ئۆزۇمدىن بەكمۇنۇمۇس قىىلىۋاتىمەن….ئىملاخاتالىقى بەك كۆپ كەن….
مەن مەكتەپتەجىق ئوقۇمىغان……ئۇيغۇرچىنى ئۆزۇم ئۈگەنگەن دادام ئۆزۋاختىداخەنچەدەئوقۇتۇپتىىكەن …كەچۇرسىلەكىيىنكى قىتىم ئۇنداق بولمايدۇ!
يۇمۇر قىززىپ كىتىپتىغۇ ما تىمىدا !
بۇ خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ توك مەنبەسى ۋېكليۇچاتېلى ھازىرقى كومپىيۇتېرلاردا بار بولغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولار ئىدى ھە!… (ئاۋۇ قىزىل كونۇپكىنى دەيمەن). بىرلا بېسىپ ئاسانلا ئۆچۇرىدىغان ئىشكەن .
ھازىرقى تەرەققىياتقا بىر نەرسە دىمەك تەسكەن ، مۇشۇ تورخۇماردا ئاجايىپ رۇمانتك بىلىملەر بار جېمۇ !! تۇرخۇمارنىڭ مۇشۇ يەلىرى مىنى قايىل قىلىدۇ !!!!!
25 كىلوگىرام كەلسە چاق بىكىتىپ ئىلىپ يۇرمىزما؟
ياكى بولمىسا مەخسۇس كۆتۈردىغانغا كۈچتۈڭگۈر خىزمەتكاردىن بىرنى ياللىسا بولغۇدەك
ئاشۇ ئىپتىدايى كومپىيۇتىرلار بولمىان بولسا خازىرقى كومپىيۇتىرلار ئويلاپمۇ چۇشىمىزگە كىرمىگەن بولاتتى
توۋا قىلدىم، توۋا، ئاۋۇ 50 جىڭلىق خاتېرە دەپتەر بىلەن دەپتەرنىڭ ئېلانىنى كۆرۈپ بوپ ئاستىغا قارىسام، دىۋان، پەگە، پېشايۋانلار ئالامەت قىزىپ كېتىپتۇ دېسە، ما ئىشخانىدىكى خىزمەتدېشىمنى تور خۇمار قىپ قويسام ، ئىنكاسلارنىڭ قىزىقلىقىدىن تېما كۆرسە ئاستىدىن ئۈستىگە كۆرىدىغان بولىۋالدى دىسە
ھە خېلى قىزىۋاتىدۇ…
يەنە 40يىلدىن كېيىن نەۋرلىرىمىز بىزنىڭ ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتىرلىرىمىزنى مەسخىرە قىلىپ بىر نەرسىلەرنى يېزىپ ئولتۇرىدۇدە تورخۇماردا
قوتا بولسىمۇ بىر نىمە قىلىش كېرەككەنغۇ زادى…
ئەمما توۋا دەيمەن جىمۇ 70-يىللاردا مۇشۇ خەق قانداقمۇ ياسغان بولغىيتى دەيمەن ..بىزنىڭ جۇڭگۇدا ئۇ چاغلاردائىشەك ھارۇمۇ يۇق ئىىدى ….