دۇنيادىكى ئەڭ ئورۇق ئىسكىلىت قىزچاق! ھەقىقىي بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قېلىش دېگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ!
ئورۇقلايمەن دەپ جېنىنى قىيناۋاتقان قىزلار ئەمدى بولدى قىلىڭلار! مەزكۇر تېمىنى كۆرگەندىن كېيىن يەنە ئورۇقلىغىڭىز كېلەرمۇ؟ موناكادا تۇرۇشلۇق روسىيەلىك قىز Valeria Levitin نىڭ بويى 1.73 مېتر كەلسىمۇ، ئەمما ئېغىرلىقى ئارانلا 56 قاداق(25 كلوگرام) كېلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئورۇق ئايال دەپ قارىلىدىكەن…
ئۇ كىچىك چېغىدا، ئاپىسى ئۇنىڭ جەمەتىدىكى باشقىلارغا ئوخشاش سەمرىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ يېمەكلىكىنى قاتتىق كونترول قىلغان، ھەمدە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى دائىم ئۆلچەپ تۇرغان. 16 ياش چېغىدا، بەدەن ئېغىرلىقى 140 قاداق(63 كلوگرام) كېلىدىغان Levitin ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ چېكاگو شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن. يېڭى مەكتەپنىڭ قوينىغا سىڭىپ كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان Levitin كۆڭلىدە، ناۋادا سەل ئورۇقلىسام يېڭى ساۋاقداشلىرىمنىڭ تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلەيمەن دەپ ئويلىغان.
نەتىجىدە، ئۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا ئىشتىھاسىنى كونترول قىلىشقا باشلاپ، شېكەر ياكى كاربون-سۇ بىرىكمىسى ئارىلاشتۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى توختاتقان. ئۇنى ئاز دەپ بىر ساۋاقدىشى سېمىز دەپ زاڭلىق قىلغاندا، ئۇنىڭ ئورۇقلاش ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيگەن. 23 ياشقا بارغاندا، ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ نومۇرى 12 دىن كىچىكلەپ 6 گە چۈشۈپ قالغان.
24 ياشقا بارغاندا، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئارانلا 38 كلوگرام كېلىدىغان بولۇپ، بەك ئورۇق بولۇش تۈپەيلى ئۆزىنى يارىلاندۇرۇپ قويۇش ئېھتىماللىقى بولغاچقا، ئۇسۇل مەشىقىگە قاتناشتۇرۇش رەت قىلىنغان. كېيىنكى 10 يىل مابەينىدە، ئۇ 30 دىن ئارتۇق سالامەتلىك مۇتەخخەسسىسىگە كۆرۈنگەن، بۇ ئارىلىقتا ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئىزچىل تۆۋەنلەپ 23 كلوگراملىق خەتەرلىك ئەھۋالغا كېلىپ قالغان. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇنىڭ بەزى يېمەكلىكلەرنى يېگۈسى بولسىمۇ، ئەمما ئىشتىھاسى پەقەتلا يوق ئىكەن.
نۇرغۇن يېمەكلىكلەر ھازىر ئۇ يەيدىغان يېمەكلىكلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلانغان، چۈنكى بۇ يېمەكلىكلەرنى ئۇنىڭ ھازىرقى تەن شارائىتى قوبۇل قىلالمايدىكەن. ئۇ بولكا يېمىگىلى بەك ئۇزۇن بولغاچقا، ھەتتا بولكىنىڭ تەمىنىڭ قانداق ئىكەنلىگىنىمۇ ئۇنتۇپ كەتكەن. قۇرۇپ ئۇستىخاندەك بولۇپ كەتكەن بەدىنىمۇ ئۇنى تۇرمۇشتا ئىنتايىن يالغۇز قويغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 10 يىلدىن بېرى يات جىنسلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىشتا بەكلا قىينالغان، چۈنكى ئۇ نورمال ئاشىق-مەشۇقلار ياكى ئەر-ئاياللاردەك مۇھەببەتلىشىشكە، باغچىلارغا بېرىشقا ياكى تاماقخانىلارغا بېرىپ غىزالىنىشقا ئامالسىز ئىكەن.
تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ ئورۇقلاشتىن بۇرۇنقى ھالىتى:
دۇنيادىكى ئەڭ ئورۇق «ئىسكىلىت خانىش» | ھەقىقىي بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قېلىش
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: تۇرمۇش، سالامەتلىك، قورقۇنچلۇق، قىزلار، يېمەكلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 16,847 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 04-كۈنى
- يازما مەنزىلى: most-thin-woman.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > دۇنيادىكى تۇنجى خاتىرە كومپيۇتېرى قانداق ئىدى بىلەمسىز؟ | IBMنىڭ 1975-يىلدى IBM 5100 خاتىرە كومپىيۇتېرى
- كېيىنكى يازما > ئالما ئىمپىرىيەسىدىكى سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم ئىشلار
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- كومىدىيەلىك تور پروگراممىسى – بۈگۈن مەن ئاشپەز (نورۇزلۇق ئالاھىدە قىسىم يېڭىلاندى)
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى 10 چوڭ غەلىتە مەخلۇق (يۈرەك ئاجىزلار كۆرمەڭلار)
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- قىزلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىدىغان رەسىملىرى، يىغىپ كەلسە شۇ نەچچە خىل چىقىمىش
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
دىۋان جۇمۇ
يانفۇندىمۇ دىۋانغا ئولتورغىلىمۇ بولىدىكەن
ئالۋاستىنىڭ ئۆزى بولوپ قاپتۇ. يانا ئوروقلايدىغانلا بامۇ؟
ئىشتاھاسىزلىقتىن خۇدا ساقلىسۇن … ئىشتاھايىم تۇتۇلۇپ قاسىمۇ زورلاپ يىمىسەم تاماق دىگنننىڭ خەپ……….
سىزمۇ سەمىرىپ كەتمەڭ ئەمدى
ئۇرۇقلاپ ئىسكىلىت بوپ قالغاندىنغۇ ياخشىدۇ
جاننى قىيناپ نىمە قىلىدۇ .ھەي!تەبئى بولغانغا نىمە يىتىدۇ.
توۋا خۇدايىم
ئىسكىلىت شاھنىڭ رولىنى ئالىدىغانلا ئايال بوپ كىتىپتۇ !
قۇرۇتۇلغان كۆش قىقىغا ئوخشايدىكەن بۇ چوكان .
شوراپ تاشلىۋەتكەن شوخلىكەن…
توۋا دەڭلا ھېي باللا
مىنىڭچە يىڭناغۇچنىڭ ئۆزى. يا بولمىسا 5000يىللق تىرىك موميا.
شامال چىقمايدىغان يەردە ياشىسا بولغۇدەك بۇ
يولدا ماڭسا خۇددى تاياق مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلدىكەن ، مەن تېخى كىرورەن گۈزىلى قاچان تىرىلىپ قالغاندۇ دەپ ئۇچۇپلا كىرىپتىمە بۇ يەرگە .،ئۇرۇقلاڭ دىسە شۇندامۇ ئۇرۇقلىغان بامۇ ، پاسىخ سۆڭەك ئالۋاستىمۇ بۇنىڭدىن خېلە سىمىز
مەن تېخى قۇرۇپ قالغان قوناق شېخىدەك تۇرسا ئافىرىقىدىن كەلگەن مەزلۇم ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمە (كۆپىنچە ماتېرىياللاردا ئافىرىقىنىڭ ئاچارچىلىقتا قالغانلار رايونلاردىكى كىشىلەر ئاشۇنداقتى)
ھەي، ماۋۇ رەسىمنى مەبىتىمگە كۆرسىتىپ قويسام بوغىدەك، تاماقخانىغا كىرسەك »سەمىرىپ كېتىمە« دەپ تاماقنى ئاشۇرۇپ قوياتتى
مەنمۇ كۆرسىتىپ قويماقچى بولدۇم!
ھەي توۋا…. ئورۇقلاشتىن بۇرۇنقى رەسىمىگە قارىسىغۇ رەڭگى رۇخسارى شۇنچىلىك قاملاشقان، نورماللا تۇرىدۇ.
ئورۇقلايمەن دېگۈچە ئەڭ ياخشىسى ئاللاھدىن ئۆزىگە سالامەتلىك تىلىگەن كۆپ ئەلا…
روسلار مۇشۇنداق قۇرۇپ تۇگەرما ؟
سىلەرگە شۇنچىلىك خىجىلچالللىق بىلەن جاكارلايمەنكىن،مەن يەنىلا ئورۇقلايمەن،بىراق ساغلام ئورۇقلايمەن ئەلۋەتتە
مەن قىز بالا دەڭا گىلاس ، ئەتە ئۆگۈن سىزنىڭ رەسىمىڭىزنىمۇ ئاسقۇدەكمىز تورخومانىڭ چوققىسىغا
ئەسلى سىز ھېلىقى 60-يىللاردىكى كومۇننا ئاچارچىلىق دەۋىردە تۇغۇلدىغان بالىكەنسىزتۇق .،. ئۇ چاغدا مەقسەت مۇددايىڭىزدىكى تەلىپىڭىز تەبىيلا قانىتى …..، ھەي….سىزمۇ بىر كۈنلەردە ئاۋۇ ئوتۇنغا ئوخشاش ئاۋاقتەك گۆردىن چىققان مۇردىغا ئوخشاپ قالمىسىڭىزلا بولاتتىغۇ .،.،
توردىن كۆرىشىمچە ئىستىھاسىزلىقمۇ بىرخىل كىسەللىككەن .
ئورۇق قىزلار مۇشۇنداق سەت بولىدىكىن دىسە؟
راس دەيسىز
ئىشتىھاسىزلىق دىگەنغۇ ئەلۋەتتە بىر خىل كېسەل،ھەي مەنمۇ يەنىلا خىجىللىق بىلەن دەيمەنكى يەنە3 كىلو ئۇرۇقلىۋالساملا يىتەرلىك ئىدى….. :sad:بۇ رەسىمگە قاراپقۇ مىڭ شۇكرى دىدىم…….
بەدەن چېنىقتۇرساقلا بولىدۇ ئەمەسمۇ…. بۇنداق قىينالغۇچە…
مەنغۇ ئورۇق ھېساپلىنىمەن، لېكىن خۇداغا شۈكرى.ساق سالامەت.ئىشتىھايىم بەك ياخشى ،لېكىنزە قانچە يېسەممۇ سەمەرمەيمەن.سەمىرەلمەي ئاۋارە دە مەن.
ئۇرۇقلۇقنى مودا قىلىۋالغان قىزلارغا ئىبرەت بولغۇدەكتە بۇ چوكان