نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > چۈچۈك خەۋەرلەر > يازما مەزمۇنى

ئالما ئىمپىرىيەسىدىكى سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم ئىشلار

ئالما ئىسمى جىسمىغا لايىق ئالاھىدە مەھسۇلات ئارقىلىق ئالاھىدە ماركا بولۇپ تونۇلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىكى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئۆزگىچە لايىھە ئەندىزىسى بىلەن قولايلىق سېستىمىسى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا رەقىبلىرىنى مەغلۇب قىلدى. بۇ غايەت زور ئېمپىرىيەنىڭمۇ ئەلۋەتتە ئۆزىگە خاس بىر قىسىم ئوخشىماسلىقلىرى بار. ئۇلار دائىم مەھسۇلات لايىھەلەش ۋە ئېلان قىلىش، ھەتتا خىزمەتچى قۇبۇل قىلىش ۋە پارچە سېتىش ساھەلىرىگىچە مەۋجۇت. تۆۋەندە بىرلىكتە ئالما ئەپسانىلىرى ئاڭلاپ ئۆتەيلى.

apple

1.ئۈچتىن ئىككى قىسىم كەسپ كىرىمى چەتئەلدىن كېلىدۇ

applecampus_500x334

ئەڭ يېقىنقى بىر پارچە  سىتاتىستىكا  نەتىجىسىدە  كۆرسىتىلىشىچە، ئالما شىركىتى گەرچە  ئامېرىكىنىڭ شىركىتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تىجارەت كىرىمىنىڭ  %61 بولسا  ئامېرىكىدىن باشقا  دۆلەت ۋە  رايونلاردىن كېلىدىكەن. بۇ ھەرگىزمۇ  ئامېرىكا  بازارلىرىنىڭ ئالما  شىركىتى ئۈچۈن مۇھىم ئەمەسلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ئەلۋەتتە، چۈنكى دۇنيادىكى %5 نۇپۇس  يەنىلا  ئامېرىكىدا  ياشاۋاتىدۇ ئەمەسمۇ.

2.پارچە سېتىش كەسپى بىر شاھلىق دۆلىتىگە  ئايلانغان

5th-avenue-apple-store-iphone-5-launch

ئالما  شىركىتى ئۆزىنىڭ تىجارەت پايدىسىنىڭ دوكلاتىنى ئادەتتە 5 پارچە  جۇغراپىيىلىك بۆلەككە  بۆلىدىغان بولۇپ، ئۇ بولسا  ئامېرىكا  قىتئەسى، ياۋروپا  قىتئەسى، ياپونىيە، ئاسىيا-تېنچ  ئوكيان رايونى شۇنداقلا پارچە  سېتىش  كەسپىدىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ بۇ خىل  غەلىتە  كەسىپ بۆلۈشى پارچە  سېتىش  كەسپىنىڭ ئالما  شىركىتىدىكى ئورنىنىڭ نەقەدەر  مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. 2012-يىلى، ئالما شىركىتىنىڭ پۈتكۈل يەر  شارىدىكى 13 دۆلەتتىكى پارچە  سېتىشتىن قىلغان ساپ تىجارەت كىرىمى 19 مىليارد ئامېرىكا  دوللىرىغا  يەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش  پەسلىدىكىگە  سېلىشتۇرغاندا %33  ئاشقان.

3.پارچە سېتىش بۆلۈمىنىڭ خادىملىرى شىركەت خادىملىرى ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ

meet_genius

ئالما شىركىتىنىڭ %60 خىزمەتچى  خادىمىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەزكۇر  شىركەتنىڭ پارچە  سېتىش بۆلۈمىدە  ئىشلەيدۇ. ئالما شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇمۇمىي سانى 72 مىڭ 800 نەپەر  بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 42 مىڭ 200 نەپەردىن ئارتۇقراق خادىم پارچە سېتىش  بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر  قىلىدىغان ئىشى بولسا  شۇ يەردىكى ئالما مەھسۇلاتلىرىنى پارچە  سېتىش مەخسۇس دۇكىنىغا ئادەم ئېلىپ كېلىشتىن ئىبارەت.

4.شىركەتنىڭ مەھسۇلات  تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەبلىغى 3 يىلدا بىر ھەسسە ئاشقان

249_apple-design

202-يىلى ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلات  تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا  ئاجراتقان مەبلىغى تەخمىنەن 3 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا  دوللىرىغا  يەتكەن بولۇپ، بۇ 2010-يىلدىكى بىر مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا  دوللىرىلىق مەبلەغكە  قارىغاندا بىر ھەسسىدەك ئاشقان. لېكىن بۇ ئالما  شىركىتىنىڭ شۇ يىلقى 156 مىليارد ئامېرىكا  دوللىرىلىق ئۇمۇمىي كىرىمىگە  نىسبەتەن ئالغاندا، يەنىلا  ناھايىتى كىچىك بىر سان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

5.ئالما شىركىتى بىر مىليون 580 مىڭ كىۋادرات مىتىر كېلىدىغان ئىشخانا كۆلىمىگە  ئىگە

applecampus

ئالما  شىركىتىنىڭ ئىش بېجىرىش  سورۇنلىرىنىڭ ئىگەللىگەن كۆلىمى تەخمىنەن  بىر مىليون 580 مىڭ كىۋادرات  مىتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالما شىركىتى مەھسۇلات پارچە سېتىش  دۇكانلىرىنىڭ ئىگەللىگەن كۆلىمى 380 مىڭ كىۋادرات مىتىر كېلىدۇ، شىركەتنىڭ ھازىر قۇرۇلۇۋاتقان يېڭى خىزمەت باش  شىتابىنىڭ ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى  بولسا 260 مىڭ كىۋادرات مىتىرغا  يېتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن  باشقا بۇ شىركەتنىڭ يەنە 1000  مودىن ئاشقان يېرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم يەرگە  ئالما  شىركىتى ھازىر سانلىق مەلۇمات  مەركىزى قۇرۇۋاتماقتا.

6.ئالما  شىركىتى مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ يىللىق مائاشى 300 مىڭ ئامېرىكا  دوللىرى

apple-money

ئالما  شىركىتى مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ يىللىق مائاشى 300 مىڭ ئامېرىكا  دوللىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 50 مىڭ ئامېرىكا  دوللىرىلىق نەقپۇل شۇنداقلا 250 مىڭ ئامېرىكا  دوللىرى قىممىتىدىكى پايچېكىنى ئۆز  ئىچىگە  ئالىدۇ. شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى بۇلۇش  سۈپىتى بىلەن، ئارسۇر  لەۋېنسون (Arthur Levinson) يەنە مائاشىدىن باشقا 200 مىڭ ئامېرىكا  دوللىرىغا ئېرىشىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا  يەنە بىر نەچچە  نەپەر شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزالىرىمۇ شىركەت مۇدىرىيىتى قارمىقىدىكى بىر قىىسم كومىتىتلارنىڭ ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەچكە يەنە ئايرىم ھەق ئالىدۇ.

7.شىركەت مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئالما شىركىتىنىڭ ھەر قانداق مەھسۇلاتىغا  ھەقسىز ئېرىشسە بولىدۇ

archimedes_35438535_37_620x443

ئالما  شىركىتى مۇدىرىيەت ئەزالىرى پەقەت ئۆزى تەلەپ قىلسىلا، ئالما شىركىتىنىڭ ھەر قانداق مەھسۇلاتىغا  ھەقسىز ئېرىشىش ھوقۇقىغا  ئىگە  بولغان بولىدۇ.

8.ۋەكالەتچىلىك ھوقۇقى ئۇقتۇرۇشىدىكى شىركەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تىزىملىكىگە جونىس كىرگۈزۈلمىگەن

p19974109-2

ئالما  شىركىتىنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىر پارچە ۋەكالەتچىلىك ھوقۇقى ئۇقتۇرۇشى (Proxy Statements) دا،جونىي ئىۋ (Jony Ive) نىڭ ئىسمى ئويلىمىغان يەردىن شىركەتنىڭ بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى تىزىملىكىدە  چىقماي قالغان. ئالما  شىركىتىمۇ بۇنىڭغا  قارىتا  ھېچقانداق چۈشەنچە  بەرمىگەن بولۇپ، لېكىن باشقا  ساھەدىكىلەرنىڭ پەرەز  قىلىشىچە، بۇ ئالما  شىركىتىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ باش لايىھىلىگۈچىىسىنىڭ ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ  قېلىشىدىن ساقلاپ قىلىش  ئۈچۈن قوللانغان بىر خىل تاكتىكىسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

9.شىركەت مۇدىرىيىتى شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى شىركەتنىڭ پەقەت ئاز قىسىم پايچېكىگىلا  ئىگە  بولىدىكەن

tim_cook_jan_2011-642x428

ئالما شىركىتىنىڭ ۋەكالەتچىلىك ھۇقۇق ئۇقتۇرۇشىغا  ئاساسلانغاندا،ئالما  شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەتلىرى شۇنداقلا  يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇمۇملاشتۇرغاندا  پەقەتلا  ئالما  شىركىتىنىڭ 600 مىڭ تال ئادەتتىكى پايچېكىگە  ئىگە  بولغان.
ئەلۋەتتە، بۇ يەنە شىركەتنىڭ كېيىنچە يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىغا  تارقىتىپ بەرگەن سېتىش چەكلىمىگە ئۇچرايدىغان پايچەكلىرىنى ئۆز  ئىچىگە  ئالمايدىكەن. مەسىلەن، شىركەت كۇكنىڭ 2021-يىلىغىچە شىركەتتىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئۆتەپ بېرىشكە تۇتۇپ قېلىش  ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر مىليون تال پايچەكنى مۇكاپات قىلىپ بەرگەن.

10.بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنىڭ يىللىق مائاشى ئوخشاش

apple_money

شىركەت  يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ يىللىق مائاشى جەھەتتە، ئالما  شىركىتى ئادەمنىڭ ئەقلى ھەيران قالغۇدەك  دەرىجىدىكى باراۋەرلىكنى تەرغىپ قىلغۇچى بولۇپ، مەزكۇر  شىركەتنىڭ بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرنىڭ ھەممىسىنىڭلا  يىللىق مائاشى 875 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەتلا  شىركەتنىڭ باش  ئىجرائىيە  ئەمەلدارى تىم كۇكلا  بۇنىڭدىن مۇستەسنا  بولۇپ، ئۇنىڭ يىللىق مائاشى بولسا بىر مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا  دوللىرى ئىكەن.
ئەگەر سىزنىڭچە  ئالما  شىركىتىنىڭ بۇ مائاشى ئادەمنى ئۇنچە  ھاياجانلاندۇرالمايدىغان يۇقىرى كىرىم ھېساپلانمايدىغان بولسا، ئۇنداقتا  سىز يەنە ئالما شىركىتىنىڭ بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ شىركەت تىجارەت  كىرىمىدىن ئايرىپ بېرىلىدىغان نەقپۇل پايدىسىنى نەزەرگە  ئېلىشىڭىز  لازىم، چۈنكى ھازىر ئالما شىركىتىنىڭ كەسپىي تىجارىتى تېز  سۈرئەتتە  ئېشىۋاتقان بولۇپ، 2012-يىلى مەزكۇر  شىركەتنىڭ بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ئالغان ئەمەلىي مائاش  بولسا ئۇلارنىڭ ئاساسىي يىللىق مائاشىنىڭ 3 ھەسسىگە  يەتكەن ئىدى.

11.شىركەتتە ئالتۇن پاراشوت مەۋجۇت ئەمەس

Apple Executive Compensation

ئالما شىركىتىنىڭ ۋەكالەتچىلىك ھوقۇق ئۇقتۇرۇشىدا ناھايىتى ئېنىق قىلىپ، ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بەزى ياردەم پۇللاردىن ۋاز كېچىشىنى ئۈمىد  قىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئاللىقاچان بەزى شىركەتلەرنىڭ سېسىق نامىنى چىقىرىپ قويغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىگەن ئىدى. ئالما شىركىتىنىڭ كۇپىرتىنودىكى باش  شىتابىدا  ئىشلەيدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرىغا  نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانداق بىر خىزمەتتىن چېكىنىش توختامى، باج ئۆسۈپ كېتىش تولۇقلىما  ياردەم پۇلى شۇنداقلا شىركەت يۇقىرى دەرىجىلىكلەر  قاتلىمىدىكى ئۆزگىرىش ياردەم پۇلى قاتارلىق نەپىقىلەر مەۋجۇت ئەمەس  بولۇپ، ئەمەلىيەتتە، ئالما  شىركىتى بىلەن بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا پەقەت «خالىغاندا  ئايرىلىپ كەتسە  بولدىغان»لا  ياللاش ياللىنىش  مۇناسىۋىتى مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرىسىدا ھەتتا مەخسۇس بىرەر پارچە خىزمەت  توختامىمۇ تۈزۈلمىگەن بولۇپ، ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا چاپىنىنى مۈرىسىگە ئارتىپلا كەتسە بولىۋېرىدۇ.



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. تۇغلۇق 2013.03.05 , 10:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سافادا ئولتاغاچ تۇراي

  2. كۇسەن 2013.03.05 , 10:56 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھى ھى ھى دىۋان دىگەن مۇشۇ شۇمۇ

    • ياساۋۇل 2013.03.05 , 10:59

      بىر قەدەم كىچىكىپ قېلىش پېشانەمگە پۈتۈلگەنمۇ نىمە .،:arrow:

    • كۇسەن 2013.03.05 , 11:04

      شۇنداق ئوخشايدۇ :lol::lol::lol:

    • تۇغلۇق 2013.03.05 , 16:53

      تۆۋە دەيمەن بىر يىل بوپتۇ ؟ دىۋان ماراپ ئۆتكۈلى.

  3. ئايشەم تورى 2013.03.05 , 11:11 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەنچۇ تېخى ئۇزۇن بولدى دىۋان ماراۋاتقىلى !

  4. Forever 2013.03.05 , 11:13 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    كەلسەڭ مانا ، كەتسەڭ ئاينا ! دەپ ئادەم ئىشلىتىدىكەندە بۇلار …

  5. تاماشىبىن 2013.03.05 , 13:18 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەڭ ئاخىرقىسىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. توختاممۇ يوق ئالامەت تەۋەككۈل ئىشلەيدىكەن ئەمسە، ئالتۇن پاراشوت ئەمەس ئادەتتىكىسىمۇ يوقكەن، ئۇچۇۋاتقان ئالمىدىن بىر ئىتتەرسە مانا چۈشۈش دېگەن….پەستە ئۈستى يۇمشاق كېتىۋاتقان سامسۇڭ، مىكروسوفىت…لارنىڭ بىرەسىنىڭ ئۈستىگە چۈشسىغۇ مەيلى، ئەمما قاتتىق يەرگىلا چۈشۈپ كەتسە غىققىدە جېنى چىقمىسىمۇ بوغۇلۇپ بىرنىمە بوپ قالا…

  6. نۆل ۋە بىر 2013.03.05 , 17:51 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    apple storeدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت كىيمى نىمىشكە Samsungدىكىلەرنىڭكىگە ئوخشايدۇ؟كىم كىمنى دورىغاندۇ?

  7. يارقىن 2013.03.05 , 18:09 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ھەي

  8. xilas 2013.03.05 , 21:53 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    قايسى بىر كىتاپتىن كۆدۈممۇ ئاڭلىدىممۇ تازا يادىمدا يوق، ئالما شىركىتى ئەسلا پۇل ئىيانە قىلمايدىغان شىركەتكە ،دىمىسىمۇ پۇل ئىيانە ئىشلىرىدا ئالماخۇن پالانى ئورۇندا تۇردۇ دىگەن گەپمۇ يوق. يا مەن ئارقىدا قالدىممۇ ، ئاشۇ ئىيانە قىلىدىغان پۇللىرنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىكەنمىش . مىكروسوفت قىلغاننى قىممايمىز دەپ قويدىمۇ يە جوبىسكام .:mrgreen:

  9. شىرخان 2013.03.06 , 16:05 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    توۋا ئەسلى ئالمىنىڭ مەھسۇلات سىغىمىسىنى سىزىپ تۇنۇشتىرىدىغان دوسكىدا تورخۇمارنىمۇ تۇشۇشتۇرغاچقا تورخمارمۇ بىلوگ باھالاشتا بىرىنجىلىكنى قولدىن بەمەي كىلىۋىتىپتۇ ئەمەسمۇ.
    (4.ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺕ  ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ 3 ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﮪﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ) دىكى رەسىمدىكىدەك

  10. ھۆرقىز 2013.03.06 , 16:28 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئاۋۇ سىتار باكىس قەھۋەسىنىڭ سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن ئەپ قانداق ئەپ بولغىيتى ؟؟:roll:

  11. سەنسىز 2013.03.07 , 18:23 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مەن داۋاملىق كىچكىپ قالىمەن،دىۋاندا ئولتۇرالماي پاگادا ئۇلتۇراۋاتىمەن دىسە:cry::cry::cry::cry:

  12. قىران 2013.03.08 , 14:26 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسسالامۇ ۋېروس ئەپەندىم ، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر سۇئالىم باتى . مەن nokia lumia920 دىن بىرنى سېتىۋالاي دىگەن ، لىكىن ھازىر توردا lumia 950 نىڭ پارىڭى بولىۋىتىپتۇ ، خەنسوچە ساۋادىم بولمىغاچقا توردىن ماتېريال كۆرەممىدىم .بولسا بوش ۋاختىڭىز چىققاندا كىچىككىنە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن بولسىڭىز رەھمەت

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量