13 يىلدىن بېرى، Apple تۇنجى قېتىم كوكا-كولادىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ماركىغا ئايلاندى
مەن ئېسىمنى بىلسەم، دۇنيادىكى ئەڭ قىممىتى بار ماركا كوكا-كولانىڭكىكەنتۇق، مىكروسوفتنىڭ شۇ ۋاقىتتا قانچىنچى ئورۇنلاردا تۇراتتى تازا ئېسىمدە يوق.
Omnicom شىركىتى 2000-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى بىر قېتىم دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس 100 ماركا تىزىملىكىنى تۇرغۇزىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلقى رەت-تەرتىپتىن قارىغاندا، Apple كوكا-كولادىن ئېشىپ تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى ئەڭ قىممىتى بار ماركىغا ئايلانغان.
ئەلۋەتتە، بۇ بىزلەرگە نىسبەتەن ئۇنچە بەك مۇھىم ياكى ئەھمىيەتلىك خەۋەر بولۇشى ناتايىن، بىراق تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كوكا-كولا بۇ ئورۇندا تۇرىۋاتقىلى ئاللىقاچان 13 يىل بولدى، بۇ قېتىم تۇنجى قېتىم بۇ ئورۇننى تارتقۇزۇپ قويۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورنى 1-دىن بىراقلا 3-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. 2-ئورۇندىكىسى بولسا Google. قارىغاندا، دۇنيانى پەن-تېخنىكا ۋە ئىنتېرنېت تورى شىركەتلىرى داۋاملىق بويسۇندۇرۇپ ماڭىدىغان ئوخشايدۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [چۈچۈك خەۋەرلەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Apple، ئىچىملىك، ماركا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 9,785 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 02-كۈنى
- يازما مەنزىلى: apple-is-now-a-more-valuable-brand-than-coca-cola.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > نوكىيا بىلەن بېنز ھەمكارلىشىپ شوپۇرسىز ئاپتوموبېل چىقارماقچىكەن
- كېيىنكى يازما > Siri غا ئاۋاز بەرگەن ئايال
- ئالمىنىڭ يېڭى MacBook سى چىقىپتۇ، يامان سەتەڭ دەيدۇ
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- iPhone 6/6 Plus ۋە ئالما سائىتى ئېلان قىلىندى
- Evian نىڭ يېڭى ئېلانى – ئۆمۈچۈك بوۋاق پالۋان
- پىۋا قورساق پىۋىنى جىق ئىچكەنلىكتىن چىقامدۇ؟
- تارىخقا نەزەر: ناۋادا iPhone بولمىغان بولسا، Android نىڭ تەققى-تۇرقى قانداقراق بولار ئىدى؟
- Apple ھەققىدىكى سىز بىلمەيدىغان 10 كىچىك ئىش
- ئالمىنىڭ تىجارەت تاكتىكىسى – iPhone 5C ھەرگىزمۇ ئەرزان باھالىق ئايفون ئەمەس
- ئەتراپىمىزدىكى گۈزەل دەقىقىلەرنى بەلكىم پەقەت ۋاقىت ئىزىدا توختىغان چاغدىلا ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن
- سىز كۆرۈۋاتقان iOS 7 تېخى پۈتمىگەن بىر چالا مەھسۇلات | iOS 7 يوقاتقان شۇ نەرسىلەر ھەققىدە بىر قىسىم كۆز قاراشلار
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار.
توغرا ئىيتىلىپتۇ ،دۇنيانى ئەمدى پەن تەخنىكا كانتىرول قىلىدۇ.بولسا ئالىمىنڭ يەنىمۇ قىزىرىپ تاتلىق تەملەر بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولىشنى ئۈمىت قىلىمىز.
يېقىندا ئالمىنىڭ لاۋداسى جوبىسنىڭ ھاياتى تۇنۇشتۇرىلغان بىر كىنونى كۆگەن ، شۇنىڭدا جوبىسنىڭ قانداق قىلىپ كوكا كولادىكى سېتىش بۈلۈمىنىڭ ئاجايىپ تالانتلىق بىر ئەمەلدارىنى يېنىغا تارتىپ كىتىدىغانلىقى سۆزلىنىدىكەن ، جوبىس بەك ئىسىل گەپتىن بىرنى قىلىدۇ: سىز مەڭگۈ شىكەر سۈيى ساتماقچىمۇ ياكى مەن بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتمەكچىمۇ ؟
مەنچە خېلى ئىسىل ئىشلىنىپتۇ ، جوبىسنىڭ ھاياتى ھەم ئالمىنىڭ تارىخىغا قىزىقىدىغانلا چۇقۇم كۈرۈپ بېقىڭلا … كىنو ئىسمى :乔布斯
يوۋ ، باكەن ما بالا ھە
ئۇيۇنچى ھېجەپ تەسىرلەندۈرۋەتتىڭلا ھوي … گەرچە بۇ مەۋھۇم دۇنيادا تۇنۇشمىساقمۇ ، باشقىلار تەرىپىدىن ئەسلىنىپ تۇرۇش ھەقىقەتەن كىشنى خۇشال قىلدىغان ئىشكەن ، ھې ھې
ئەسلەپ قويغۇلۇق دەيمەن
گۇگىلنىڭ تەسىر كۈچىمۇ بوش ئەمەسكەن.ئالما شىركىتىمۇ ناھايىتى تىز تەرەققىي قىلىپتۇ.
ۋاھ IBM مۇ يۇقۇرىكەنغۇ؟
توۋا كوكا كۇلا شۇنچە داڭلىق ماركىمىدى؟ مېنىڭچە مىكروسوفت بىرىنجى، ئالما ئىككىنجى، گوگېل ئۈچۈنجى،سامسۇڭ تۆتىنجى بولسا بولاتتىكەن. ئاي بى ئېم نىڭ بۇنچىۋىلا داڭلىق ماركا ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام كومپىيوتېرىمنى ئۇنچە ئەرزان سېتىۋەتمەسكەنمەن.
قوللايمەن . مىنىڭچىمۇ،مىكروسوفىت بىرىنجى بولسا بولاتتى ، ئالمىنىڭ بىرىنجى بولغىنىنى دەيمەن . توۋا …..
بۇ رەت تەرتىبىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى قانچىلىك؟ پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ دېسە … ھى ھى ھى
ۋاھ تويوتا شىركىتى ئارقىدىن ساناپ 10.جى ئىكەن ئەمەسما”
بولسا ھەممە ماركىلارنى 100.سىگە چىقىرىپ قويساڭلا بولاتتىكەن
ئەڭ يېڭى سىتاتسىستكا قىلىنغا دۇنيادىكى ئالدىنقى ئەللىك داڭلىق ماركا
تويوتا ئارقىدىن ساناپ 90.كەن
ۋاي ۋاي ۋاي نىم بوپ كەتتى بۇ ، دۇنيادىكى يۈز يامان شىركەتنى رەتلەپ يوللاپ قۇياي دىسەم ، ھاجىم ئۇيغۇرچە ئىنكاس يازسىلا دەيدۇ ، خەنچىسىنى ئۈچۈرۈپ پەرەڭىسىنى يازسام ئۇنىڭغمۇ بوممايدا دەيدا …توۋا
خۇمارداشلار،ماۋۇ 6-ئۇرۇندىكى قايسى ماركا؟
通用电器شۇمىكى ، بۇمۇ بەك يامان شىركەتتى ، ئاۋىئاتسىيە ، سودا ، يەنە ئىشقىلىپ قىممايدىغان ئىشى يوق
مۇشۇ كوكاكولا بىلەن پەقەتلا خۇشۇم يوق تەمىغۇ ئۇياقتا تۇرسۇن پۇرىقىمۇ بىر خىللا پۇرايدۇ ماڭا قايسى بىر يەردە مۈشۈكنىڭ گەندىسى بار دەۋاتاتتى ،بۇ تىزىملىكتە ئەڭ ئاۋۋال تۇرىدىغىنى ئالما شىركىتى بۇلىشى كىرەك ئىدى بۇرۇنلا دۇنيادا ئالمىدەك يېڭىلىق ياراتقان ئىككىنچى بىر ئېلىكتىرون شىركىتى يوق ھەممىنى نۆلدىن باشلاپ ئۆزلىرى كەشىپ قىلىپ ئۆزلىرى ياساپ چىققان باشقا مەيلى مىكروسوفىت مەيلى سامسۇڭ ياكى يەنە بىرى بولسۇن ھەممىسى دورامچىلار ئىشەنمىسەڭلار سامسۇڭنىڭ يانفونلىرى بىلەن مىكروسوفىتنىڭ تارىختىن بۇيانقى مەھسۇلاتلىرىغا قاراپ بېقىڭلار قايسى بىرىدە ئالمىنىڭ سايىسى يوق مۇشۇ ئىشلىتىۋاتقان windows تىكى Internet Explorer نى تۇنجى windows ياسالغان چاغدا باشقىلارنىڭ ئىجادىيتىدىن ئوغىرلاپ بۇ سېستىمىغا قۇشۇۋالغان كىيىن ئۇلار سىزىپ قېلىپ ئەرىز قىلغاندا بۇ تورغا چىقىش دىتالىنى سېستىمىدىن چىقىرۋەتسە بۇ سېستىما ئەھمىيەتسىز نەرسە بۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىپ كۈنىگە نەچچە يۈزمىڭ دوللار جەرىمانە تۆلەشكە چىداپ تۇرۇپ تارقاتقان يەنە ئىشەنمىسەڭلار ئالما شىركىتى بىلەن مىكروسوفىتنىڭ تارىخنى ئۇقۇپ بېقىڭلار ئاندىن ئالمىغا قول قويىسىلەر.
ۋاقتىڭىز بولسا ئالما تېلفۇن ، ipad , mac pro , mac air, mac pro لارنىڭ ئېچىنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىڭ ، ئۇ چاغدا ھەممنى ئۆزى ياسىغان ئىددىيىدىن يېنىشىڭىزمۇمكىن ،
samsung نىڭ ئىچىكى ساقلىغۇچى ، سامسۇڭنىڭ قاتتىق دىسكىسى ، سامسۇڭنىڭ كامىراسى . ھەي ھەي .
لىكىن جوبىس ئۆلگەندىن كىيىن ئالما شىركىتىنىڭ ئىناۋىتى چۈشۈپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ .