پىۋا قورساق پىۋىنى جىق ئىچكەنلىكتىن چىقامدۇ؟
بەزى كىشىلەر قارىماققا سېمىز ئەمەس، ئەمما قورسىقى خېلىلا يوغان(ئاساسەن ئەرلەر)، بۇنى تولىسى پىۋا قورساق دەپ قويىمىز. ئۇنداقتا، پىۋا قورساق راستلا پىۋىنى جىق ئىچكەنلىكتىن چىقامدۇ؟
پىۋا قورساق – قورساق قىسىمنىڭ سەمرىپ كېتىشىنىڭ ۋەكىللىك ئاتىلىشىنىڭ بىرى بولۇپ، بەلكىم پىۋا قورساق بىلەن پىۋا بوتۇلكىسىنىڭ شەكلى ئوخشىشىپ كەتكەچ، كىشىلەر كۈلكىلىك بولسۇن دەپ بۇ خىل ياغ بېسىمدارلىقى ئېشىپ كەتكەن قورساقنى پىۋا قورساق دەپ قويۇشىدۇ. پىۋا ئىچىش بىلەن پىۋا قورساقنىڭ شەكىللىنىشىدە مەلۇم مۇناسىۋەت بار، ئەمما ئاددىي ھالدا پىۋا قورساقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل پىۋا ئىچىش دەپ قاراشقا بولمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئاق ھاراققا سېلىشتۇرغاندا، پىۋىنىڭ ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى بىر ئاز تۆۋەن بولىدۇ، ئەمما ئاق ھاراقتا ھېچقانداق ئوزۇقلۇق تەركىبى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئالكوگول مېتابولىزىم نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇ ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسىنى خورىتىش رولىنى ئوينايدۇ. شۇ سەۋەپتىن، كىشىلەر ئاق ھاراق ئىچكەندە پۈتۈن بەدىنى قىززىغىنىنى ھېس قىلىدۇ، بۇ دەل بەدەندىكى ئىسسىقلىق ئېنىرگىيىسى كۆيۈۋاتقانلىقتىن بولىدۇ. پىۋىدا بولسا، مول بولغان ئوزۇقلۇق تەركىبى بولىدۇ، يەنى ئىچىملىكلەر ئىچىدىدىكى سۇيۇق بولكا دەيدىغان نامىمۇ بار. پەقەت بوتۇلكىنىڭ ئاغزى ئېچىلسىلا، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر پەقەت بىر بوتۇلكا ئىچىپلا بولدى قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پىۋا ئىچكەندە كۆپ قىسىم كىشىلەر كاۋاپ دېگەندەك قورۇغان نەرسىلەر بىلەن تەڭ ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئوزۇقلۇق مىقدارىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇ سەۋەپتىن سەمرىپ كېتىشمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.
ئەمما، ئاددىي ھالدا پىۋا قورساقنى پىۋا ئىچىشكە ئارتىپ قويۇشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق. بەزىلەر ئەزەلدىن پىۋا ئىچمەيدۇ، بىراق قورسىقى يەنىلا پىۋىدەك يوغان. ئەڭ ئاساسى سەۋەپ شۇكى، پىۋا قورساقنىڭ پەيدا بولۇشى ئاساسەن ساغلام بولمىغان ئوزۇقلىنىش ئادىتى ۋە ئوزۇقلۇق مىقدارىنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشى تۈپەيلى، ئېنىرگىيە يىغىلىپ توپلىنىشىدىن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قورساق قىسىمنىڭ سەمرىشى ۋە ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ناچار بولۇشى، ئادەتتە بەدەن چېنىقتۇرۇشنىڭ كەمچىللىكىدىن بولىدۇ. بولۇپمۇ، تاماقنى يەپ بولۇپلا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرىدىغانلار، ئاسانلا پىۋا قورساققا ئايلىنىشى مۇمكىن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىچىملىك، تۇرمۇش، ساغلاملىق، سالامەتلىك
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 8,175 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 02-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: beer-belly.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ئادەم بەدىنىنىڭ 24 سائەتلىك خىزمەت جەريانى
- كېيىنكى يازما > ساغلاملىققا زىيانلىق بولغان 6 خىل يامان ئادەت !
- بالىلارنى قۇتقۇزالايدىغان خىسلەتلىك ئاتىلار ۋە قوشۇمچە مەغلۇب بولغان دەقىقىلەر
- قۇلاق ھەققىدىكى 9 سوغۇق پاراڭ | كۆرمىسىڭىز گاس بولۇپ قالىسىز
- بىز قانداق ماڭىمىز؟
- ئوبامامۇ بىر ئادەتتىكى ئادەم، سىزگە كىمنىڭ ئاقسارايدىكى بىرىنچى ئەركە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ قوياي
- مەن بىلەن ساتىراش ئوتتۇرىسىدىكى ئاچچىق ۋە قانلىق قىسمەتلەر
- ھاراق ئىچىۋالغاندىن كېيىنكى سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ھەقىقىي دۇنيا
- 22 پارچە سۈرەت | ياخشى كۆرۈش ۋە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى
- ئىنسانلارنىڭ 3000-يىلدىن كېيىنكى تۇرمۇشى (ھەرگىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز)
- نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟
- Evian نىڭ يېڭى ئېلانى – ئۆمۈچۈك بوۋاق پالۋان
ھەي مۇشۇنداق كۈنلەرمۇ كىلىدىكەن ھە بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس يازىدىغان
تەدبىركار يوقاپ كەتكەن، ئەسلى بىرەر تاغقا چىقىپ كېتىپ تىۋىپلىق ئۆگىنىپ كەلدىمۇ نېمە؟
بۇندىن كىيىن تەدبىركارنى ھەكىمە تەدبىراخۇن دەيمىزكەندە ، كۈندە قالىساق تىببى يازمىلارنىلا يوللىغان ، شۇنىڭ بىلەن يىل ئۈتۈپ ھەممىز دوختۇر تىۋىپ بوپكەتسەك … ھاي ھاي ما كارامەتنى
«ھەكىمە» ئايال كىشىنى كۆرسىتىدىغاندۇ؟
يېڭى تېمىنى ساقلاپ كۈزۈم تۆت بولدى
پىۋىنى جېق ئىچىپ سۇيۇق بولكا تولۇقلاپ بەرسەك بولغۇدەك جۇما
توۋۋا ماۋۇ يازما مۇقاۋىسىدىكى رەسىم ئاجايىپ كەپتۇ بۇ يازمىغا …
ئۇزۇن بولدى دىققەت قىلغىلى ، ھەممە تىمىدا دىگۈدەك مۇقاۋا رەسىمىنى بەك ئەستايىدىل تاللاپ ئىشلىتىپتۇ ما ئەدەم ، تىما مەزمۇنى بىلەن شۇنداق ماس كەپتۇ ، مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا تەدبىركار تۇرمۇشتىمۇ ئىشلارنى بەك ئىنچىكە ئويلايدىغان زىل ئەدەم
تەدبىركار ئادەتتە يازمىغا 1 سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلسا، قىستۇرما رەسىمىگە 1 يېرىم سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلىدۇ. تېمىنىمۇ ئارقا بەتكە دۆۋلەپ قويۇپ ئارىسىدىن بىردىن – بىردىن ئايرىپ يوللايدۇ ، بەزى يەرلىرى جوبىزقا ئوخشايدۇ بىر نەرسە يارىماق تەس بۇ ئادەمگە
شۇڭىلاشقا تورخۇمار بۇ يىل 4 – يىلىغا قەدەم قويدى ئەمەسمۇ …
تەبىركامنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل يەرلىرىنى دەيمىزدە .
تورخۇمارغا ساغلاملىق توغرىسدا تېما يوللىسا تەستىقلامسىلەر؟
مەنمۇ ئۇزۇندىن بېرى دىققەت قىلغان تەدبىركار ئەپەندىم قىستۇرما رەسىمنى بەك ياخشى تاللايدىكەن .. شۇنىڭغا قارىغاندا كۇزۇتۇش ئىختىدارى ئالاھىدە ئوخشايدۇ .. تەدبىركار ئەپەندىم ئەسلى لاھىيىلەش كەسپى بىلەنمۇ شۇغۇللۇنۇپ باقسا بۇلاكەن …