Evian نىڭ يېڭى ئېلانى – ئۆمۈچۈك بوۋاق پالۋان
مېنىرال سۇ ئىچسە ياشارتىدۇ دېگەن شۇئارى بار فرانسىيە مېنىرال سۇ كارخانىسى Evian نىڭ ئېلانلىرى قالتىس چىقىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئىلگىرى تورخۇماردا ئېلان قىلىنغان «ئۇسۇلچى بوۋاقلار» ئېلانى دەيمىز، ياكى شادىمان بوۋاقلار دەيمىز، ھەممىسى ئاساسەن بۇ مېنىرال سۇنى ئىچكەندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ بوۋاق كەبىي يايراپ كېتىدىغانلىقىدەك بىر تېما يورۇتۇپ بېرىلگەن.
Evian نىڭ بۇ يېڭى ئېلانىدا، ئۆمۈچۈك پالۋان بىنالار ئارا ئۇچۇپ كېتىپ بارغىنىدا تۇيۇقسىز بىر ئەينەكتىن ئۆزىنىڭ ئۆسمۈر نۇسخىسىنى بايقاپ قالىدۇ. بۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان ئۆمۈچۈك پالۋان ئۆزىدىكى كوچا ئۇسۇلى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئەينەكتىكى بۇ بوۋاق ئۆمۈچۈك پالۋان بىلەن بىر مەيدان بەيگىگە چۈشىدۇ…
ناۋادا ساقچى ماشىنا سىگنالى ئاڭلانمىغان بولسا، بۇلار يەنە قانچىلىك بەسلىشەركىن تاڭ؟ فىلىمنىڭ ئىشلىنىش جەريانىنىڭ تەپسىلاتىدىن قارىغاندا، بۇ ئېلان Evian نىڭ خىسلەتلىك ئۆمۈچۈك پالۋان2 فىلىمى سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقان جەرياندا ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن ئېلانىدەك قىلىدۇ. بىراق فىلىم مەيدانىدا ھەقىقەتەن بىر بوۋاق ئۆمۈچۈك پالۋان تۇرىدۇ. بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتىكىن ئەمدى.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئىچىملىك، ئېلان، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 15,498 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2014-يىلى 08-ئاينىڭ 25-كۈنى
- يازما مەنزىلى: evian-spiderman-baby.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان كارتون فىلىم – باتارىيە ئالماشتۇرۇش
- كېيىنكى يازما > ئالاھىدە ئۈنۈم ئوينايدىغان دادىنىڭ بالىسى ئۈچۈن ئىشلىگەن ئۈنۈملىرى
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- 2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
دىۋان دىگەن مۇشۇما…؟ مىنىڭچە ئانچە ئەتىۋارلىغۇچىلىكى يوقكەنغۇ….!
تور خۇمارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى توشۇپتۇ ھە باللا ..! بەك ياخشى بولدى ، ھارمىغايسىز تور خۇمار ئەپەندىم!
دىۋان2دە بولسىمۇ ئولتۇرىمەن قانداق ھەجەپ قىززىقارلىق چىقىپتا ماۋۇ
شۇ قىلمايدىغان ئىشى يوقكەن دىسە بۇ خەقنىڭ..-
ئاۋۇ بالا ئۆمۈچۈك ئاخىردا يامانلاپ كىتىپتا باشنى ساڭگىلىتىپ
ئاۋۇ بالا ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ ئانىسى كىم ؟ دەرھال مەلۇم قىلىڭلار …
بالىنى ۋاقتىدا نوپوسقا ئولتۇرغۇزىۋەتمىسەك بولمايدا ….
ئۆمۈچۈك پالۋاننىڭ يىڭى بۆلۈمى قاچان چىقىدىغاندۇ…..؟
ۋاخ يامان پىچەت ئىشلەپ تۇ
زادى نۇپۇسقا ۋاقتىدا ئالدۇرۇشى كىرەك
ھى ھى ھى ھى بىچارە ئۇماق شۇم قىلدىغانغا خىزمەت يۇق كىتىپ قالدى ئەينا
شۇمتەك قىيداپ كەتكەن چىغى قىلىدىغانغا ئىش يوق . كىم بۈلىدۇ ، ئاچچىقىدا ئۇ شۇمتەك (خاسىيەتلىك دۆ پالۋان 3 ) ئىشلىۋىتەمدۇ تىخى.