سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
داڭلىقلىقىدىن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇش ھاجەتسىز بولغان ھوللىيۋودنىڭ ماشىنا ۋە ھەرىكەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى ئاساس قىلغان داڭلىق كىنوسى – سۈرئەت ۋە ھېسسىيات(Furious 7) يەنە 2 كۈندىن كېيىن، يەنى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى كىنوخانىلاردا قويۇلۇشقا باشلايدۇ. فىلىم باش پېرسوناژ Paul Walker نىڭ ھايات چېغىدا ئىشلىگەن ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا سىز Paul نىڭ ياكى بۇ فىلىمنىڭ مەستانىسى بولسىڭىز، ياكى ھەرخىل كاتتا ماشىنىلارغا قاتتىق قىززىقسىڭىز، ئۇنداقتا كىنوخانىغا بېرىپ بۇ فىلىمنى بىر كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.
ئۇنداقتا فىلىم قويۇلۇشتىن بۇرۇن، نۆۋەتتىكى توردا ئاشكارىلانغان تەشۋىق فىلىملىرىدىن سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈشنى ئىزدەپ باقايلى.
1. Dominic نىڭ ماشىنا ئەترىتى C-130 تىپلىق كىچىك ئايروپىلاننىڭ ئامبىرىدىن سەكرەيدۇ
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، پۈتكۈل ئاپتوموبېللارنىڭ پاراشوتتىن سەكرەش جەريانى ھەممىسى راست سۈرەتكە ئېلىنغانمىش، جەمئىي 6 قېتىم سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، 1 دانە تىكئۇچار ئايروپىلان ۋە 3 نەپەر پاراشوتتىن سەكرىگۈچى خادىمنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە ئوڭۇشلۇق سۈرەتكە ئېلىنىپتۇ.
2. Brian نىڭ ھاڭدىن چۈشۈپ كېتىۋاتقان ئاپتوبۇستىن قېچىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا Letty نىڭ ماشىنىسىنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىۋالىدۇ
بۇ كۆرۈنۈش ۋە كىشىنىڭ يۈرەك تارىسىنى چېكىدىغان بۇ جايغىمۇ ھېچقانداق يېشىل رەخت تارتىلماي، ئالاھىدە ئۈنۈم ئىشلىتىلماپتۇ! گۇرۇپپىدىكىلەر ئارتېستلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تولۇق جەزملەشتۈرگەن ئەھۋال ئاستىدا، بىر قېتىمدىلا ئوڭۇشلۇق سۈرەتكە ئېلىپ تۈگىتىپتۇ.
3. دۇبەيدە، Dominic دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت مۇسابىقە ئاپتوموبېلى Lykan ( باھاسى 3 مىليون 400 مىڭ دوللار، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بىر تال چىرىقىنىڭ باھاسىغا بىر Ferrari كېلىمىش، ئۆزەڭلار ھېسابلىۋېلىڭلار) نى ھەيدەپ ئابۇزەبى بىناسىنى تېشىپ ئۆتكەن كۆرۈنۈش.
4. فىلىم باشلىنىپلا، كىشىگە ھېچقانداق ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق بەرمەي تۇرۇپلا بىر مەيدان ماشىنا مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ! Audi R8 ھەم ئىككىنچى ئەۋلاد Barracuda نىڭ بەيگىسى
ئاخىرىدا R8 يەنىلا 1972-يىلىنىڭ Plymout Barracuda سىغا ئۇتتۇرۇپ قويىدىكەن.
5. ئىككى رەقىبنىڭ ئىككى قېتىملىق كاللا قويۇشىشى. 1-قېتىم 1972-يىلىنىڭ Plymout Road Runner سى ۋە 2-قېتىم 2014 نىڭ Aston Martin DB9 سى.
ئاخىرىدا دومىنىك 1970 نىڭ Dodge Charger R/T سىغا ئالماشتۇرۇپ يەنە بىر كاللا قويۇشىدىكەن!
6. قۇملۇقتىكى ماشىنا كارۋىنى. ئالدىدا تىلغا ئالغان دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت Lykan دىن باشقا يەنە باشقا ماشىنىلارمۇ يانداش پېرسوناژ سۈپىتىدە شىمالى ئامېرىكىنىڭ Dodge قۇملۇقىدا پەيدا بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە Ferrari ، Bugatti ، McLaren لار بار.
7. ئالەمدىن ئۆتكەن باش پېرسوناژ Paul Walker غا بېغىشلاپ بىر بۆلەك كۆرۈنۈش ئەڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپتۇ.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: كىنو، ماشىنا
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 69,431 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنى
- يازما مەنزىلى: furious7.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- كېيىنكى يازما > ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- گېرماننىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى مۇنداق ۋەھشەتكەن!
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
- BMW ئاجايىپ سەتەڭ يېڭى تىپلىق ماشىنىدىن بىرنى چىقىرىپتۇ، سارغۇچ يېشىل رەڭلىككەن
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
مەن بىرىنجى بۆلىمىنىڭ يىرمىنى كۆرۈپلا بولدى قىغان
باشتىن بى كۆرۈپ باقايمىكىن
دددۋۋۋۋاااا
بىرىنچى ئىككىنچىسى راس پەيزىتى، قالغانلىرى تازا يارىمىغان، ما يەتتىنجىسى نوچىدەك قىلىدۇ.
راسلا ياخشىدەك قىلدۇ…
دۇبەينى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان كىنولار كۆپىيىۋاتىدۇ دۇبەي راستىنلا قالتىس شەھەر بوپ قالغىلى تۇرۇپتۇ ………..
دۇبەي ئەمەس، ئەبۇزەبىكەن
مەنمۇ ئالدىنقى 5 بۈلۈمىنى چالا قۇيماي كۆرگەن ئالتىنچى بۈلىمىگە كەلگەندە كۈرەلمىگەن ، بىراق ما يەتتىنچى بۈلىمى ھەقىقەتەن نوچىدەي قىلامدۇ نىمە؟ Paul Walker بۇ ئەبلەخ ھەقىقەتەن پەيزى ئالغانتى رولنى، ھە راس Paul Walker نىڭ ئۈلىمىنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغانلار بولسا بىر يوللىۋېتىڭلار!!!!!!!!!!!!!!!!!
رەمەتلىك بەك ياندايىتتى…. ماشىنا ۋەقەسىدە ئۆلدى
6-بۆلۈمىمۇ خېلى پەچەت !
تەدبىركارنى ماشىنا بىلەن خوشى يوق ھەم ماشىنا توغرىسىدا ھېچنىمىنى بىلمەمدىكىن دەپ يۈرۈپتىمەن …
——————–
بۇنداق كىنونى ئاغىنىلەر بىلەن كۆرۈپ كەلمىسە مەبەت ئۇنىمايدىكەن ، ماشىنىغا قىززىقمىغاچقا …
Paul Walker مەلۇم بىر ساخاۋەت يىغىلىشىغا ماڭغاندا ماشىنا كونتىروللىقىنى يۇقىتپ يولدىن چىقىپ كىتىپ قازا قىلدىغۇ دەيمەن
ھەجەپ تەقەززا قىلدى ما كىنو
11 چىسلا بىرىپ 10بىلەن كۆرۈپ كىلمەن خەپ
ۋۇييۇ بىللە كۆرگۈدەكمىزدە
مەنمۇ شۇ كۈندىكى بېلەتنى ئالدىم
قەيەردە كۆرىسىز!
توردا چىقىپ بولدى
قايسى توردا باركەن
مەن كۆرۈپ بولدۇم
مەنمۇ قايسى كۈنى كۆردۇم ، بەك پەچەت ئىشلەپتۇ .
ئادەمنى ئىھتىيارسىز ھاياجانغا سالىدىكەن ، بۇنىڭدىن باشقا تايلاد نىڭ ھەركەتلىك فىلىم چولپىنى تونى « تايلاد پالۋىنى » مۇ بۇ فىلىمگە قاتنىشىپتۇ ، كاساپەت بۇ فىلىمدىمۇ يەنىلا شۇندا چاققان ۋە يامان چىقىپتۇ « ئالغان رولى سەلبىي رول ئىكەن
ھېىسىياتقا تولغان تىزلىك 7 ( كىنو خانا نۇسخىسى سۈزۈكراق نۇسخىسى )
تىزيول چۈشۈرۈش لىنىيەسى
http://yun.baidu.com/wap/link?shareid=3802928553&uk=3663479435
كاللا سوقۇشتۇرۇشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ئۆينىڭ ئىچىدە ئالغان بولۇشى %90 تىن يۇقىرى. ياخشى كۆرۈش باشقا، ئەمەلىيەت باشقا. ئۇنچە تەۋەككۈلچىلىككە يول قويالىغۇدەك بولمىدى تېخى دۇنيا كىنوچىلىقى.
چېڭلۇڭكامنىڭ كىنولىرىغا قانداق قارايسىز؟
ئاۋۇ ئاداشقا ھەجەپ ئىچى ئاغرىپتا باش رولچىنىڭ
شۇنداقما
ماۋۇ تورخۇماردىكى فىلىملەر nexus تا نورمال قويۇلمايۋاتىدۇ. ئامال بارمۇ؟
ئامال با قولىڭىزدىكىنى چۆرىۋىتىپ ئالما ئېلىڭ
مەن ئۆتكەن ھەپتە ھىندى تىلىغا تەرجىمە قىلىنغىنىنى چۈشۈرگەن .سۈكمەسكەن ئۇنچە.
سۈزۈكمەسكەن ئۇنچە دىمەكچىدىم ئەسلى.
سۈزۈك ئەمەسكەن دەڭە…
ماۋۇ ئادرېستىكىنى كىم تەرجىمە قىلىدۇ؟
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MTg5NjQ5Nzc0MQ==&mid=208485636&idx=1&sn=fc2659a04a0dd0b17573c25e50f2a499&3rd=MzA3MDU4NTYzMw==&scene=6#rd
كوچا پاراڭلىرغا ئشەنمەڭلار ئۇ ماشىننىڭ ئايرۇپلاندىن سەكرىگەن كۆرنۈشنى راس ھەقىقىي ئىكەنلىكگە ئىشەنمەيمەن..ھىچكىم تاساددىپىي ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ دەپ كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.
ھازىرقى دەۋرنىڭ كومپۇيتۇر تىخنىكلىرى خىلى يۇقۇرىغۇ..
مەنمۇ دەسلىپىدە ئىشەنمىگەن، لېكىن فىلىمنىڭ ئىشلىگەن كۆرۈنىشىنى كۆرۈپ ئاندىن ئىشەندىم. راستنلا نەخ مەيداندا ئاپتۇ. مېنىڭمۇ تازا كاللامدىن ئۆتمىدى. بەلكىم كومپىيوتېردا ئىشلىگەن تەنەرخ ئەمەلىيەتتە ئىشلىگەنگە قارىغاندا قىممەت بولۇپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ بۇ كۆرۈنشتە.
ماشىنا بىلەن ئايرۇپىلاندىن سەكرىگەن كۆرۈنۈشى ھەقىقى ئېلىنغان، ھىچقانداق تېخنىكا قوللۇنۇلمىغان، بۇنىڭغا ئىشەنسەڭلار بولىدۇ.
ئايرۇپىلاندىن ماشىنا بىلەن سەكرىگەن كۆرۈنۈشنى ئوڭۇشلۇق تارتىش ئۈچۈن 3نەپەر تېلىكامېرا ئۇستىسىمۇ بىللە سەكرەپ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان بۇ سۈرەتنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان، بۇجەھەتتە فىلىمدە باش رول ئالغان فەن.دىسەينىڭ چۈشەندۈرۈشىنى توردىن كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
توردىن كۆردۈم ماشىنا بىلەن پاراشوتتىن سەكىرىمەپتۇ