پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (1-باسقۇچ)
يېقىندا قويۇلغان قىساسكارلار2 نىڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمى بىلەن ئۇتۇق قازىنىشى، Marvel نىڭ 2-باسقۇچقا تولۇق تەييارلىق ۋە ئىشەنچ بىلەن قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولدى دېيىشكە بولىدۇ. 7 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تىكلىگەن بۇ «كىنو كائىناتى»، ھوللىۋودنىڭ فىلىم ئىشلەش ئەنئەنىلىرىگە نىسبەتەن بىر ئىنقىلاب بولۇپلا قالماستىن، پۈتكۈل دۇنيادىكى كۆرۈرمەنلەرگە پالۋانلارنىڭ يىغىلغاندىن كېيىنكى سېھرى كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. 10 بۆلۈم كىنو، 7 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق كىرىم، Marvel چە كىنولارنى كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا چوڭقۇر ئورنىتىۋەتكەندەك باشقا، يەنە كىنو ساھەسىدىكى كەسىپداشلارنىڭ ئۆرنەك ئېلىشىغىمۇ تۈرتكە بولدى. سونىي، فوكس، Warner Bros قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق كىنو كاتتىۋاشلىرىمۇ Marvel نىڭ ئۇستىلىق بىلەن ماڭغان بۇ بىر تال پېشكىسىدىن زوقلانماي تۇرالمىدى. تۆۋەندە كۆپچىلىك بىلەن بىرگە، Marvel كىنو كائىناتىغا بىرلىكتە سەپەر قىلىپ باقايلى.
پالۋانلار ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن ئاۋال بىر بەدەن قىززىتىۋېتەيلى
1-باسقۇچ: قىساسكارلار ئەترىتىنىڭ قۇرۇلىشى
2008-يىلى، كىنو-فىلىم تارىخىدا خاتىرىلەشكە تېگىشلىك بىر يىل بولدى. نەشىر ھوقۇقى سېتىپ جېنى بېقىۋاتقان بىر كومىك شىركىتى، ھوللىۋود كىنو سودىگەرلىرىنىڭ سەدىقىسىگە قاراپ تۇرماي، ئۆزى كىنو خىزمەتخانىسى قۇرۇپ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى قارار قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئويى پەقەت ئەسلى كومىكقا سادىق ھالدا پالۋان روھىي سىڭدۈرۈلگەن بىر كىنو ئىشلەپ چىقىش ئىدى، ئەمما ئۇلار بۇ كىنونىڭ بىر مەيدان ھوللىۋود كىنو ئىنقىلابىغا سەۋەپ بولۇشىنى ئەسلا بىلمەيتى. شۇنداق، Marvel نىڭ بۇ كىنوسىنىڭ ئىسمى Iron Man(تۆمۈر ئادەم). ئىلگىرى ئىشلەنگەن پالۋانلار كىنولىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، تۆمۈر ئادەمنىڭ ئىشلىنىشى، كېيىنكى باسقۇچتىكى Marvel كىنو كائىناتى ئۈچۈن بىر ئاساس سېلىپ بەرگەن ئىدى، شۇ يىلدا ئىشلەنگەن «تەڭداشسىز Hulk» ۋە 2010 ئىشلەنگەن تۆمۈر ئادەم2، 2011-يىلىدىكى ئامېرىكا كاپىتانى، چاقماق پالۋان Thor، مارۋىل ھەر بىر كىنونىڭ كەينىگە قەستەن ئورۇنلاشتۇرغان يوشۇرۇن نۇقتا شەكلىدە بۇ بەش كىنونى بىر-بىرىگە باغلاپ چىقتى ھەمدە ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى بىرلىككە كەلتۈردى. ھالبۇكى، قىساسكارلاردىكى تۆت كاتتىۋاش بىر يەرگە يىغىلىپ قىساسكارلار ئەترىتىنى كىنو ئېكرانىدا نامايەن قىلغاندا، قىساسكارلار 1-باسقۇچنىڭ خاتىمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆرۈرمەنلەردە غايەت زور سىلكىنىش پەيدا قىلدى ھەمدە شۇ يىلىقى كىنو بېلەت كىرىمى كانىدىكى ئەڭ باي قازغۇچىغا ئايلاندى. تۆۋەندە 1-باسقۇچتىكى Marvel كىنولىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
Iron Man تۆمۈر ئادەم 2008
بېلەت كىرىمى: 580 مىليون دوللار
تۆمۈر ئادەم سۈرەتكە ئېلىنىشتىن بۇرۇن، ھەممەيلەن Marvel ئۈچۈن جىددىلىشىپ قالغان ئىدى، ئەمما ھەممىنى دوغا تىكىۋەتكەن Marvel يەنىلا بار دەسمايىنىڭ ھەممىسىگە بۇ كىنونى ئىشلىۋەتتى، كۈتۈلمىگەندە بۇ كاتتا دو ئويلىمىغان دەرىجىدە ياخشى باھاغا ئېرىشتى. مارۋىلمۇ بۇ كىنودا كېيىنكى بۆلۈم كىنو ئۈچۈن ئالدىنئالا سېلىنچا سېلىپ بىر قىسىم يوشۇرۇن ئېلىمېنتلارنى سىڭدۈردى ۋە شۇ ئارقىلىق مارۋېل فورمېلاسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە پۈتۈپ چىقتى.
پالۋاننىڭ غەيۋىتى: روبېرت داۋنېي جېر ئەينى چاغدا ھوللىۋودتىكى ئەڭ قۇلاق كەستى ئارتېستلارنىڭ بىرى بولۇپ، زەھەر چېكىپ، مۇشتلىشىپ يۈرەتتى، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ پەقەت بىر قىسىم تۆۋەن سەرپىياتتا ئىشلەنگەن مۇستەققىل فىلىملەردە ئادەتتىكىدەك روللارنى ئېلىپ يۈرگەن چاغلىرى ئىدى. ئەمما مۇشۇ بىر ئوبراز بىلەن بۇ ئارتېست كەسپىي ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالماي يەنە بىر كېچىدىلا ھوللىۋودتىكى ئەڭ داڭلىق چولپانغا ئايلاندى.
تەڭداشسىز Hulk
بېلەت كىرىمى: 260 مىليون دوللار
2003-يىلى 李安 نىڭ رېژىسورلۇق قىلغان يېشىل گىگانت ئادەم نۇسخىسى بىلەن مارۋىل كائىناتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىر-بىرىگە زىت بولۇپ، 2008 ئىشلەنگەن بۇ تەڭداشسىز Hulk ھوللىۋود فىلىملىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشقان كىنو ئىدى. بۇ نۇسخىدىكى Hulk ئوبرازى ۋە ۋەقەلىك ئەسلى كومىكقا تېخىمۇ سادىقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كىنو كائىناتى بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرىكەتتى، تۆمۈر پالۋاننىڭ كىنو ئاخىرىدىكى يوشۇرۇن ئېلىمېنت شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى، Hulk نىڭمۇ قىساسكارلارغا قوشۇلۇشىدىن دېرەك بېرەتتى.
پالۋاننىڭ غەيۋىتى: مارۋىل فورمېلاسىغا نىسبەتەن، ئېدۋارد نورتوندەك دەرىجىدىن تاشقىرى ھوللىۋود چولپىنى تۇتقىلى بولمايدىغان بىر تىكەن ھېسابلىناتتى، مارۋېل فورمېلاسىنىڭ ئىستىقبالى يوق دەپ مارۋېلنىڭ كاتتىۋىشى كەۋىن بىلەن مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ قالغان نورتون پېشىنى قاققانچە چىقىپ كەتتى، بۈگۈنگە كەلگەندە، قۇش ئادەم دېگەندەك كىنولاردا مەۋجۇدلۇق تۇيغۇسى ساقلاپ يۈرىۋاتقان چېغى.
Iron Man2 تۆمۈر پالۋان2 2010
بېلەت كىرىمى: 620 مىليون دوللار
مەزكۇر فىلىم ۋەقەلىك جەھەتتىن ئالدىنقى بۆلۈمگە زىچ باغلانغان بولۇپ، 6 قىساسكارنىڭ بىرى بولغان تەنناز چوكان – قارا مەزلۇم(ما تەرجىمە ئۆتتىرىدۇ ئەمما!)مۇ مۇشۇ بۆلۈمدە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ئوبرازنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ، بىزگە كۈنسىرى زورىيىپ بېرىۋاتقان Shield ئىدارىسى ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچە پەيدا قىلىدۇ. ئەمما فىلىمنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسى يەنىلا كىنونىڭ كەينىگە يوشۇرۇلغان چاقماق پالۋاننىڭ بولقىسى ئىدى.
پالۋاننىڭ غەيۋىتى: رېژىسور جوننىڭ دېيىشىچە، تۆمۈر پالۋان2 ھېچقانداق سېنارىيەسى يوق بىر بۆلۈم كىنو ئىكەن، پۈتكۈل كىنو روبېرت داۋنېي جېرنىڭ نەقمەيدان ماھارىتىگە تايىنىپ سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، خۇددى بىر يىغىلىشقا قاتناشقاندەكلا يېنىك تاماملانغان. بۇمۇ، مەزكۇر بۆلۈمنىڭ كېيىنكى بۆلۈمگە نىسبەتەن سېلىنچىلىق رولىنىڭ مۇتلەق كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەپ كېتىشىگە بىر سەۋەپ بولغان، شۇ سەۋەپتىن مەزكۇر بۆلۈمنىڭ كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدىكى باھاسى ئانچە ياخشى ئەمەس.
Thor چاقماق پالۋان 2011
بېلەت كىرىمى: 440 مىليون دوللار
تۆمۈر ئادەم فىلىمىدە ئانچە مۇنچە كۆزگە چېلىقىدىغان Shield ئىدارىسى چاقماق پالۋاندىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە پالۋانلار ئوتتۇرىسىدا باغاق تارقىتىپ يۈرۈپ ئوخشىمىغان كىنولار ئارىسىدىكى غۇۋا نۇقتىلارنى يورۇتۇپ بىر-بىرىگە باغلاشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. فىلىمدە ئاسگارد ئوردىسى تۇنجى قېتىمدا ئوتتۇرىغا چىقىش بىلەن بىرگە، قىساسكارلار ئەترىتىدىكى بۈركۈت كۆزمۇ تۇنجى قېتىم ئېكراندا نامايەن بولىدۇ، كائىنات كۇبىمۇ يوشۇرۇن نۇقتا سۈپىتىدە پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا، قىساسكارلاردىن 5 كاتتىۋاش ئوتتۇرىغا چىقىپ بولغان بولۇپ، پەقەت بىر رەھبەرلىك دەرىجىسىدىكى ئادەم كام ئىدى.
پالۋاننىڭ غەيۋىتى: چاقماق پالۋاننىڭ رولچىسى ئەينى چاغدا بۇ رولنى ئېلىشنى قەتئىي خالىمىغان ئىكەن، كېيىن ئىنىسىنىڭ بۇ رول ئۈچۈن سىناققا قاتناشقانلىقىنى ئاڭلاپ ئاندىن مارۋىل بىلەن توختاملاشقان چېغىۋا…
ئامېرىكا كاپىتانى 2011
بېلەت كىرىمى: 390 مىليون دوللار
بىرىنچى باسقۇچتىكى ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىق فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا كاپىتانىدا بەك چوڭ يارقىن نۇقتىمۇ يوق، كائىنات كۇبى مۇھىم جابدۇق سۈپىتىدە پۈتكۈل فىلىمنى ئالغا سۈرۈش رولىنى ئوينىغان، ئەمما Marvel خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، نۇرغۇن تەپسىلاتلارغا ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ھېكايىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان، شۇ سەۋەپتىن، مەزكۇر فىلىمنىمۇ مارۋىلنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپىقىيەتلىك ئەسىرى دېيىشكە بولىدۇ.
پالۋاننىڭ غەيۋىتى: چاقماق پالۋانغا ئوخشاشلا، بۇ ئاداشمۇ ئەينى چاغدا بۇ رولغا چىقىشنى رەت قىلغان. سەۋەپ، مارۋىل ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىنتايىن چوڭ بىر چوتنى سوقۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا كاپىتانىغا مۇناسىۋەتلىك 9 فىلىم بارلىقىنى ئېيتقاندا بۇياق چۆچۈپ كەتكەن، كېيىن تونۇش بىلىشلىرىنىڭ نەسىھەتى ۋە مارۋىل تەرەپنىڭ فىلىمنىڭ سانىنى 6 گە چۈشىرىشى بىلەن، ئاخىرى بۇ فىلىمدە رول ئېلىشقا ماقۇل بولغان.
قىساسكارلار 2012
بېلەت كىرىمى: 1 مىليارد 510 مىليون دوللار(دۇنيا بويىچە 3-ئورۇندا)
ئالدىنقى بەش بۆلۈم كىنونىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن پلانلاپ تەييارلىنىشى بىلەن بۇ پالۋانلار جەم بولدى. قىساسكارلار يەرشارى مىقياسىدا 1 مىليارد 510 مىليون دوللارنى سۈپۈرىۋالدى. مارۋىل فورمىلاسىمۇ بازاردا ئۆزىنى ئىسپاتلاپ چىقتى، مارۋىل كائىناتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى بولسا، ھوللىۋود كىنوچىلىقىغا يېڭى ئىنقىلاب ئېلىپ كەلدى. گەرچە شۇ يىلقى ئوسكاردا قىساسكارلار فىلىمى بەك چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشىپ كېتەلمىسىمۇ، ئەمما بىر سودا خاراكتېرلىك فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېلەت كىرىمىلا فىلىمنىڭ غايەت زور ئۇتۇقىدىن دېرەك بېرەتتى. شۇ سەۋەپتىن مارۋىلمۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يەنە بىر قېتىم تىكلەپ چىقتى ۋە ئاستاغىنە 2-باسقۇچقا ئۆتۈشكە تەمشەلدى. داۋامىغا قىززىقساڭلار، دىققىتىڭلار كېلەر قىسىملىق يازمىمىزدا بولسۇن.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: Marvel، كىنو
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 42,057 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 06-كۈنى
- يازما مەنزىلى: marvel-universe-one.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- كېيىنكى يازما > پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- ھوقۇق ئويۇنى باش ناخشىسىنىڭ ھىندىچە نۇسخىسىمۇ چىقىپتۇ
- ھوللىۋود ئۈنۈملىرىدە ئىشلەنگەن مېۋە چاناش ئويۇنىنىڭ كىنو تەشۋىق فىلىمى
- كىنولارغا ئالاھىدە ئۈنۈم قوشماستا، ئەسلىدە مۇنداق بولىدىكەن…
- 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- 2015 نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا قويۇلىدىغان قالتىس كىنو-فىلىملەر
- ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 دە قانداق بولۇپ رول ئالالىغان؟
- سۈرئەت ۋە ھېسىيات 7 فىلىمىدىكى قەلبنى لەرزىگە سالىدىغان 7 كۆرۈنۈش
- 12 پارچە GIF ئارقىلىق ھىندىستان كىنولىرىنىڭ نېمىشقا شۇنچە تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىلى
- كىنو-فىلىم تارىخىدىكى 10 چوڭ غەلىتە مەخلۇق (يۈرەك ئاجىزلار كۆرمەڭلار)
تورداشلارغا تەكلىپىم :
مۇشۇ تېما ئاستىغا يېقىندىن بېرى كۆرگەن پەيزى كىنولار بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار ، بىرەر كىچىك توپلام قىلىپ زېرىكىپ كىنو تاپالمىغاندا ۋالاققىدە مۇشۇ تېمىنى ئېچىپ كىنولارنى تاللاپ كۆرۈپ كەتسەك … قانداق قارايسىلەر ؟
ئاخىر دىدارىنى كۆرۈشكە نىسىپ بوپتۇ مانا ، تور خۇمارنىڭ ئۈندىدار توپىغا قوشۇلۋالسام بولاتتى ، يەنە ھازىر كۆرەۋاتقىنىم تىرىك مۇردىلار
دىىىىۋان
ۋاھ يېڭى تېما
تەدبىركارنىڭ ئىشخانىسىغا تور ئورناتقاندىن كېيىنكى تۇنجى يازغان تېمىسى
خوتۇن ئالغاندىن كېيىنكى ئىككىنجى تېمىسى
ئاغىللە كىنو لازىم :ئىسمى ؛يالغانچى ئادۇكاتنىڭ بىر كۈن راس گەپ قىلىشى.
مۇشۇ فىلىمنى تېپىپ بەسەڭلا ،ياكى چۇشۇرۇش ئادىرسىنى دەپبەسەڭلا بوپتىكەن .
Jim Carrey نىڭ Liar Liar دىگەن كىنوسى شۇغۇ دەيمەن.
PS: مارۋىل توغرىسىدا پاراڭلىشامىز دېسەم ھېچقايسىڭلار پالۋانلارنىڭ كىنوسىغا قىززىقمايدىغان ئوخشىمامسىلەر؟ تېما باشقىلا ياققا بۇرالغىلى تۇرۇپتۇ، بۇنداق بولسا 2-قىسمىنى يازمىساممۇ بولغۇدەك
Marvelغا قارىغاندا DCنى ياقتۇرىمەنكەن
ياق ياق ئىككىنجىسىنى يازسىلا دەيمەن . بلوگ يىڭىلانمىغىلى ئۇزاق بولغاچ ئاران 800ئادەم جۇغلىنىپتۇ . بۇنداق يازمىغا نەچچە مىڭ يىغىلىپ مۇنازىرە بولسا بولاتتى . .
مەنچە كىنونىڭ ئىسمى ۋە كۆرۈش ئادرىسى بىلەن يوللانسا ياخشىراقمىكى بۇ تىما .
ھە راس قىساسكارلار 2 دىكى ھىلىقى چاقماق پالۋاننىڭ پوزىسىنى كۆتىرىۋەتكەن ئاداش توغرۇلۇق ئۈچۈر يوقلا قاتتىمۇ يا بۇ ئاداشمۇ بامىتى .
ئاخىرى تىما يوللىنىدىغان بولغىنىنى تەبرىكلەيمەن تورخۇمارغا .
شەپەرەڭ پالۋان،Xجەڭچى،ئۆمۈچۈكلەنى قوتقان بوسا تېخىمۇ پەچەت چىقاتتى بۇ كىنولا
تۆمۈرەكتىن باشقىسى ئاساسەن جاڭيۇچىدەك ھېس قىلىمەن، زورلاپ پالۋان قىلىپ قويغاندەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تونى دېگەن ئوبرازنى بەك نوچى ياراتقان.
تورخۇمارنىڭ 2015-يىل ئاخىرىلىق يازمىسى بۇ… ياخشىكەن، كىنو ساھەسىگە بولغان چۈشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى.
ئىنكاس يېزىپ مەۋجۇتلۇقىمغا بەلگە سېلىپ قۇياي
يوۋۋ.. ئاخىرى قويۇپ بىرىپتۇ-دە جىن-شاياتۇنلار. تورخۇماردىكى بالىلارنىڭ سىزنى ئىزدەپ ماڭغانلىقىنى ئاڭلاپ قالغان گەپ. ئەمدى قەتئىي چاچنى چۈشۈرىۋەتمەيلى تەدبىكار، بولمىسا يەنە “تاڭسىڭ” كەن دەپ تۇتۇپلا ماڭمىسۇن جىن-شاياتۇنلار.
ئەمدى تىما يېڭىلىنىپ تۇرا-ھە؟
يېڭىلىنىدۇ. خىزمەت شارائىتىم تۈپەيلى ئىككى ھەپتىدە 7 كۈن تورغا چىقالايمەن. شۇ 7 كۈن ئىچىدە ئاساسەن يېڭىلاپ مېڭىشقا تىرىشىمەن.
راس، جىندىن قوش كىزەك بالىسى با. قۇ غەلىتە، غەلىتە قۇ دەپ.
ئىككى ھەپتىدە يەتتە كۈن دىسە ھىساپلام كىتىپتىمە تەخە~ئاز ئوخشايدا دەپ ~ جىق كەنغا
دىدار غەنىمەت ……………………………………………………………………….
ئىككىنچى قىسمىنى كۆرۈپ بوپ بىراقلا دەرت تۆكەي
ئاخىرى قايتىپ كەپسىزدە
Hulk نىڭ داۋامىنى ئىشلىمەيۋاتىدۇ…قىساسكارلارغا قوشۇپ قويىۋاتىدۇ ئۇ تۇڭگان چىراي پالۋاننى،ئايرىم قىسىملىرىنى ئشلسە بولاتتى. ئاۋۇ نىگولاسنىڭ مىچى ئوتى بولۇپ كەتكەن كىنوسى مارۋىلنىڭما؟ مەن ھەجەپ دېققەت قىلماپتىمىنا!
sheild توغرىسىدا ئازتولا سۆزلىمەپسىز .كىيىنقى قېتىممۇ يا .
بەزى پالۋانلار قېرىپ كەتتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلا
مەن ئۈزەمنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۈتەي ئىسمىم ئەزمەت گەرچە بۇندىن بۇرۇن بۇ توربەتكە كىرىپ باقماپتىكەنمەن ياخشى مەزمۇنلا جىقكەن بۇندىن كىيىن پات پات بۇ تور بەتكە كىرىپ تۇرىمەن دوسلا
مەكس: قېرىنداشنىڭ قاغىشى ما ئۇيۇننى چۈشۈرگەنتىم قەتئىلا ئېچىلمىدى قانداق قىلسام ئېچىلىدۇ دوسلا
ھاياتلارغا مۇبارەك بولسۇن
ئىشقىلىپ بۇ تىمىنى كۆگەندىن كىيىن يىغلىغۇم كەلدى
تەدبىركارنى زىيالى قىپ يېزىغا چۈشۈرۋەتمىگەندۇ ؟ ھەجەپ سېغىندۇردى ما ئەدەم ~
مىكرو بىلوگىمنى خەق ئوغىرلىۋالدى ، ئەرىز قىپ ئاقماي تاشلاپ قويدۇم ،ئەمما ما تورخۇمارغا ماراپ قۇيۇش ئادەت بوپقاپتۇ … يېڭلانسا يېڭلانمىسا يوقلاپ تۇردۇم پات پات ، تەدبىركارنىڭ يوقلىقىنى چاندۇرماي ~
تىما ئىسىل تىما بولاپتا … خو كەتتى !
ئەپەندۇم ، ماندا يېڭلىقنى يازماملا جىققىدە قىلىپ ، بالا گۇرۇڭ مۇرۇڭ پاراڭ قىغۇدەك ~
ئىسىل تىمالارنى ئايىمىغايسىز
ئىسىل تىمالارنى ئايىمىغايسىز رەھمەت..
بولسا باشبەت رەسىمنى ئۆزگەرتىش توغۇرسىدا بىر تىما يوللىغان بولسىڭىز مەن پەقەت ئۆزگەرتەلمىدىم
ۋوجون ھازىرمۇ مۇشتا جىق ئادەم باكە ھە
شۇنى دەيمەن.
ئېسىل تېمالارنى ئايىمىغايسىز
ئۇنىمۇ دەيمىز، بۇنىمۇ دەيمىز، ھازىر كىنوچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئىلغارلىشىپ كەتكەنلىكىدە راست-يالغاننى پەقەتلا پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن نەرسىلەر ئەمەلىيەتتە باردەكلا.
؛يالغانچى ئادۇكاتنىڭ بىر كۈن راس گەپ قىلىشى.
مافىلىمنى تەپبەمەمسىلە
金.凯瑞 دەپ ئىزدەڭ بەيدۇدىن كىنو ئىسمى 大话王
مارۋىل راستىنلا قالتىس ئىش قىلدى دىسە زايا كەتمەيدۇ، قىساسكارلار ئىتىپاقىنىڭ روياپقا چىقمىقىمۇ ئاسان ئىش ئەمەس، راس قايسى كۈنى بىر دوستۇم ئويناپ يۈرگەن بىر ئويۇن يادىمغا كەپ قالدى، ئىسمى 未来之战 , مۇشۇمۇ مارۋىلدىكى چولپانلارنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى بىر يىغىلى دىسەكمۇ ئاتۇق كەتمىگۈدەك
يوۋ پانا ما تورخۇمار ئاران تىرىلىپتۇ ھە ئاران يېڭى تېما يوللىنىپتۇ دە، ماۋۇ كىنو تېمىسى ياخشى يوللىنىپتۇ ھەممىسى دىگۈدەك ياقتۇرۇپ كۆرگەن كىنولاركەن ئاۋۇ تۆمۈر پالۋاننىڭ ئىككىنچى بۈلۈمىنى ھىساپقا ئالمىغاندا
يا ئاللا، ماۋۇ بىكەتتە ئادەم يوق، فىرئەۋىنننىڭ قەۋرىسىدەك ئۆمۈچۈك تو تاتىپ، كونا تېمىلارنى بىر غىرىچ توپا بېسىپ كېتىپتىكەن. بۈگۈن قارىسام قەۋرە ئىچىدە بىر توپ مۇمىيا پەيدا بولغاندەك ئەجەپ جانلىنىپ كېتىپتۇ دىسە………
قايتىپ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز مارۋىلنى بۇرۇنتىنلا بار دەپ يۇرۇيمە مەن تېخى …
بىر بىرىدىن ئىسىل مەزمۇنلاركەن
ئاخىرى يېڭىلنىپتۇ