2016-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
خاسىيەتلىك چىنە(Super Bowl) بولسا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ئامېرىكىچە پۇتبول(ماۋۇ پۇتبول بىز بىلىدىغان پۇتبول ئەمەس جۇمۇ) ئۇيۇشمىسىنىڭ يىللىق چېمپيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يىلقى مۇسابىقە، 2-ئاينىڭ تۇنجى ھەپتىسى ئۆتكۈزۈلدى، Super Bowl ھەپتىلىكى بولسا ئامېرىكىدىكى يېمەكلىك ئىستېمالى ئەڭ يۇقىرى كۈننىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، يەنى تەشەككۈر بايرىمىدىن كېيىنلا قالسا، بۇ بايرامنى قوساق باقتىلار بايرىمى دېسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.
ھېسابتا، ئامېرىكىنىڭ بۇ خاسىيەتلىك چىنە بايرىمىنى، جۇڭگولۇقلارنىڭ چاغىنى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا تامامەن بولىدۇ. تېلىۋېزىيە پروگراممىلىرىنىڭ كۆرۈلۈش رېكورتى جەھەتتىنمۇ، ھازىرغىچە ئالدىغا ئۆتىدىغان پروگرامما يوق. شۇڭا ھەر يىللىق Super Bowl دا نۇرغۇنلىغان مەھسۇلاتلار، يېمەكلىك، مېھمانخانا، دوختۇرخانا، كىنو شىركەتلىرى پۇلنى ئايىماي خەجلەپ بۇ مۇسابىقە مەيدانىدا ئېلان بېرىدۇ. تورخۇماردا ئىلگىرىمۇ Super Bowl نىڭ نادىر ئېلانلىرى يوللانغان.
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما:
2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
بولدى قۇرۇق گەپنى قويايلى. بۇ يىللىق نادىر Super Bowl ئېلانلىرى ھوزۇرىڭلارغا كەتتى
يېمەكلىك ئېلانلىرى
بۇ يىلقى SNICKERS ئېلانى، ئېلاننىڭ شۇئارى – قورساق ئاچسا ئادەم تەلەتىمۇ قالمايدۇ(PS: ئېلانغا چىققان ئارتېستلار ھوللىۋودنىڭ كاتتا چولپانلىرى ۋە دويەنلىرى، تونۇيالىغانلار بارمۇ؟)
كوكا كولانىڭ ئېلانى – Coke Mini. بۇ ئېلاندا كۆپچىلىككە ئەڭ تونۇشلۇق ئىككى پالۋان – Hulk بىلەن AntiMan چىقىدۇ(تېخىچە بۇ پالۋانلارنى تونۇمىسىڭىز، تورخۇماردىكى Marvel ئالىمى ھەققىدىكى تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇڭ)
PEPSI كولانىڭ ئېلانى -Puppymonkeybaby. ئېلاندا ئىت+مايمۇن+بوۋاق قاتارلىق ئۈچ جانلىقنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر غەيرى مەخلۇق چىقىدىكەن، ئاساسلىق بىلدۈرمەكچى بولغىنى يېڭى كولادا ئۈچ خىل ئېلېمېنت بار دېمەكچى ئوخشايدۇ.
Death wish Coffee – بۇ ماركىدىكى قەھۋەنى سىز ئاڭلاپ باقمىغان، چۈنكى بۇ بىر تېخى يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ماركا، شۇڭا كۆپچىلىككە ئاساسەن ناتونۇش. Super Bowl غا چىقالىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، مەھسۇلات يەنە بىر داڭدار شىركەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئېلاننىڭ ئىشلىنىش ئۇسلۇبىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە.
Doritos
ئائىلە ئېلىكتېر مەھسۇلاتلىرى ئېلانلىرى
LG نىڭ كەلگۈسىدىن كەلگەن كىشى ناملىق ئېلانى. يېقىنقى CES2016 دا ئەمدىلا ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئەڭ نېپىز OLED تېلىۋېزورىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن، LG شىركىتى بىزگە تونۇشلۇق Liam Neeson نى تەكلىپ قىلغان.
Amazon Echo – ئامازوننىڭ يېقىندا چىقارغان ئاۋازلىق ياردەمچىسى. بۇ مەھسۇلاتنىڭ يېقىندا ئامېرىكىدىكى بازىرى خېلىلا ياخشى بولىۋاتىدۇ. ئېلاندا ئاساسلىق سۆزلەنگىنى، ئىككىيلەنگەن بىر مەيدان خاسىيەتلىك چىنە كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشنى پلانلايدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا تەنتەربىيە مەيدانىنى يېمەكلىكتىن ياساشنى قارار قىلىدۇ، بىراق ئارىدىن بىرەيلەن يېمەكلىك تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ نېمىلىكنى تازا ئاڭقىرالماي قالغاندا، Amazon Echo ئۇنىڭ ئالدىغا تېگىشلىك جاۋاپنى تاشلاپ بېرىدۇ.
ئويۇن ئېلانلىرى
Pokeman (يانچۇق ئالۋاستىسى)، بۇ ئويۇننىڭ بىزدە(شىنجاڭدا) ئانچە داڭقى يوق، بىراق دۇنيادا نۇرغۇنلىغان مەستانىلىرى بار ئويۇننىڭ بىرى. بۇ ئويۇنمۇ بىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان Mario نى ئىشلىگەن شىركەتنىڭ يەنە بىر بازارلىق مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ئېلانغىمۇ 5 مىليون خەجلەپتىمىش.
Mobile Strike – شىۋاسېنگېر ئوبراز ئەلچىسى بولغان ئويۇن. بۇ قېتىملىق Super Bowl ئېلانىغىمۇ شىۋاسېنگېرنىڭ چىقىشى تەبىئىيلا ئىش.
ئاپتوموبېل ئېلانلىرى
丰田普锐斯 – تېخىمۇ ماي تېجەيدۇ، تېخىمۇ تېنچ، تېخىمۇ بىخەتەر. ھەرگىزمۇ كۆكتات بازىرىغا بېرىپ كېلىدىغان ئاپتوموبېل ئەمەس، چىقىۋالسىڭىز سىزمۇ Paul دەك ھەيدىيەلەيسىز.
ئاۋدى R8 – كوماندېر. ناۋادا ئاپوللوغا ئولتۇرۇپ ئايغا چىقىش نېسىپ بولمىسا كېرەك يوق، بىراق ھەرگىزمۇ ئاۋدى R8 غا چىقىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
BWM MINI MINI – DefyLabels
本田Ridgeline – A New Truck to Love
别克Cascada
Hyundai نىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىش ناملىق ئېلانى
ئەمدى كۆپچىلىك ئەڭ قىززىقىدىغان كىنو-فىلىملەر قىسمىنى كۆرۈۋېتىلى
كىنو-فىلىملەر ئېلانى(تەشۋىق فىلىم)
奇幻森林
谍影重重5 – بىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان يۈرۈشلۈك فىلىملەر، بۇداقىسىدا ئەسلى ئارتېست ۋە ئوبراز Jason Bourne قايتىپ كەپتۇلەر
独立日:卷土重来(ئۈنۈملىرى دەھشەت تۇرىدىغۇ)
爱宠大机密
X战警:天启
忍者神龟2
GODS OF EGYPT
美国队长3(كىشىنى ئەڭ تەقەززا قىلىدىغىنى مۇشۇدەك تۇرامدۇ ھە)
蝙蝠侠大战超人:正义黎明(ماۋۇسى Super Bowl دىكى ئېلان ئەمەس، شۇنداقتىمۇ كۆرۈۋېتىلى)
- يازمىنىڭ ئـورنى: [كىنو-فىلىملەر]
- ھالقىلىق ســــۆز: SuperBowl، ئېلان
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 35,947 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 13-كۈنى
- يازما مەنزىلى: 2016-super-bowl-ad.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > پالۋانلارنىڭ ئۇۋىسى – Marvel كىنو كائىناتى (2-باسقۇچ)
- كېيىنكى يازما > 2016 قويۇلىدىغان كاتتا فىلىملەردىن يەنە بىر كىرىشتۈرۈلمە، بۇ يىل كىنوخانىدا تۈنەيدىغان ئوخشايمىز
- 2015-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى
- OPPO نىڭ سېھىرگە تولغان ئېلانى: ۋاقىت ھالقىغان سېھرىگەرلىك
- Evian نىڭ يېڭى ئېلانى – ئۆمۈچۈك بوۋاق پالۋان
- ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىسىڭىز ئاقىۋەت سىز بىلەنلا تۈگمەيدۇ
- ئىنتىلنىڭ ۋىرۇس خاراكتېرلىك ئېلانى – شىركەتتە ئادەم قالمىغاندا، خىزمەتچىلەر شاشلىشىپ كېتىدۇ
- Nike ئەڭ يېڭى پۇتبول كارتون ئېلانى! فەچەتلىكتە دوستسىز قالغان ئېلان بوپتۇ بۇ!
- مېرسېدېس GLA نىڭ ياپوندا ئىشلىگەن ئېلانى، مارىيو ئۆزى بىۋاستە باش رولغا چىقىپتۇ
- 2014 Nike دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئاۋات ئېلانلىرىنىڭ بىرى – تەۋەككۈل قىلىش
- خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ دەھشەت چىققان ئېلانى – Add Power to You Life
- لوندون كوچىسىدىكى ئاپتوبۇس بېكىتى ئويۇنى، ئاپتوبۇس ساقلىغاچ غارايىباتلارنى كۆرۈپ ئولتۇرىدىكەنسىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورخۇمارداشلار
ئۇييۇ باللا چاققانلىقىنى دىۋان قالماپتىدە ؟
مەيلىيا بۇلدى .
بۇ يىل يىڭى چىققان كىنۇلارنىڭ تۇر ئادىرسى بۇلسا بى قالدۇرۇپ ئۇتمەمسىزلەر ،
رەخمەت دەپ تۇراي ھازىرچە
ئامرىكا كاپىتانىنى ئىسمىدى پەرىق قىلمىسا ، قىساسكارلار ئىتپاقىدىن پەرىققىلغى بولمىغىدەك بولۇپقاپتۇ. xجەڭچىنىڭ فىلملىرگە ئامراق ئىدىم، باغانسىر مازلاشتۇرپ قايسى باشتىكى قىسم قايسى ئاخىدىكى ئىسمى بىلگىل بولمىغىدەك قىلۋەتتى
ئاۋۇ ئىلاندىن Coke Miniماۋۇ قالتىس ئىشلىنىپتۇ
ۋاي باللا 独立日دا ۋىل سىمىت چىقمامدۇ نېمە. ساراڭمۇ بۇ خەق. كىمۇ ئا نېگىر.
يې باللا، ئامېرىكا كاپىتانى دەپ يېزىپ قويۇپ قىساسكارنىڭ ھەممىنى تىزىۋاپتىغۇ داشقازاندەك. لېكىن ئىككىنچى بۆلۈمى پەيزى يەردە تۈگىگەن ھە، قوللامسىلەر يا ئۇشبۇ گېپىمنى. ئا ئاغىنىسىنى ئىزدەپ بارسا ئىككىسى بىر قەپەس تۇتىشىپ ئېلىشمىغىچە تېپىشماي كەتسە دېسەم ئې تۇل خوتۇنغۇ مەيلى، قەلەي پالۋان يەنە بىرنېمە پالۋانلارمۇ يۈرۈيدا…
ما خاسىيەتلىك ئادەمنىڭ مابىتى نىمدا كۆزۈمگە بەك ئىسسىق كۆرۈنىدۇ دېسە
تورخۇمارغا يېڭى تېما يوللانغىنىنى مۇبارەكلەيمەن ، يوقاپ كەتمەيلى دەيمەندە
بۇ يىل ئىسىل كىنولار كۆپقۇ
بەلكىم تورخۇماردىكى ئۇزۇندىن بىرى چىقمىغان ھاردۇق مۇنۇ تېمىدا راسا قوياپ بىرىپ چىقتى خۇمارداشلار !
تەدبىركارنى ئۇنى دەپ بۇنى دەپ تېمىدىن بىر يازغۇزۇۋالدۇق
ئاۋۇ خاسىيەتلىك ئادەم دىگەن كىنونىڭ باش رولچىسى رولنى بەك پوچى ئالىدىكەنغۇ ھەممە كىنوسىدا شۇنداق سالماق چىقىدىكەن
ھەممىدىن خۇش بولغىنىم جاسسىن بورىننىڭ قايتىپ كەلگەنلىلى بولدى
ھەي مىنىڭ ئىنكاسىم قىنى بىرىنچى بولۇپ يازغانغۇ مەن،ئاقتىمۇ يوق كۆكتىمۇ يوق
بۇ مول ھۇسۇللۇق كىنو كۆردىغان يىل بولغۇدەك .،.
كىنولار پېچەتقۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،تۈركىيەنىڭ ئادانالىق دىگەن فىلىمىنى تەرجىمە قىلغان ئالىپ ئەر ستۇدىيەسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار ياكى شۇ فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى بارلار خەت قالدۇرساڭلار
نادىر كىنولار، ئوسكار توغرىسىدا گەپ جوققۇ
تورخۇمارمۇ يىڭىلىنىدىكەنغۇ ؟
بۇ كىنولا چىققىچە مۈشۈك بىلەن چاشقاننى كۆرۈپ تۇرايلى.
ھەي جۇدەپلاكەتتى ما تورخۇمار