نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: تورخۇمارلار كۇلۇبى > بارلىق يازمىلار > كىنو-فىلىملەر > يازما مەزمۇنى

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا مىنۇتى مىڭ سەر ئالتۇنلۇق ئېلانلارمىش | 2013-يىللىق Super Bowl دىكى نادىر ئېلانلار توپلىمى

يىلدا بىر ئۆتكۈزىلىدىغان دۇنياغا داڭلىق Super Bowl زەيتۇن توپ مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى يېقىندا ئاياقلاشتى، نۇرغۇن نادىر مۇسابىقىلەردىن سىرت يەنە قانداق ئېسىل نەرسىلەر باردۇ؟ ئەلۋەتتە، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتى يەنىلا ئاشۇ مۇسابىقە پەيتلىرىدىكى ئېلانلاردىن ئۈزۈلمىگەن بولۇشى ئېنىق. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ئېلانلارنىڭ مىنۇتى مىڭ سەر ئالتۇندىن قىممەتمىش…

ironman3-super-bowl

Super Bowl دىكى ئېلانلارنىڭ ئېلان ھەققى ئىنتايىن يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ پۈتكۈل ئامېرىكىدىكى تەسىرى غايەت زور بولغاچ، ئېلان بەرگۈچىلەر قانچىلىك چىقىم كېتىشىگە قارىماي بۇ مۇسابىقە جەريانىدىن ئازراق بولسىمۇ تېگىشلىك ئورۇن ئېلىشنى خالايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئېلانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنتايىن قالتىس ئىشلەنگەن ئېلانلار ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە مۇشۇ ئېلانلار ئارىسىدىكى كىنو تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك ئېلانلارنى، توغرىسىنى ئېيتقاندا ئەمدى قويۇلماقچى بولغان بىر قىسىم كىنو-فىلىملەرنىڭ تەشۋىقات فىلىملىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

钢铁侠3 – Iron Man 3

速度与激情6 – Fast & Furious 6

星际迷航:驰入黑暗 – Star Trek Into Darkness

魔境仙踪 – Oz the Great and Powerful

独行侠/游侠传奇 – The Lone Ranger

僵尸世界大战 – World War Z

告密者 – Snitch

ئەلۋەتتە، Super Bowl دا بۇنىڭدىنمۇ پەيزى يەنە نۇرغۇن باشقا تۈردىكى ئېلانلارمۇ بار. ئاپتوموبېل، يانفون، يېمەكلىك دېگەندەك باشقا تۈردىكى نۇرغۇن ئېلانلارمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە قوزغايدۇ. تۆۋەندىكىسى Super Bowl دىكى بارلىق ئېلانلارنىڭ توپلانمىسى. ئەگەر باشقا ئىشىڭىز بولمىسا، بىر كۆرۈپ چىققانغا يەتمەيدۇ دەپ قارايمەن.

Super Bowl دىكى بارلىق ئېلانلارنىڭ توپلانمىسى

قوشۇمچە: 2012-يىلى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن 10 چوڭ نادىر Super Bowl ئېلانى



ئەسكەرتىش: ھەرقانداق ئۈندىدار سالونىنىڭ رۇخسەتسىز مەزكۇر يازمىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ناۋادا شۇنداق ئەھۋال بايقالسا، تېڭشۈن شىركىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك نىزاملىرىغا ئاساسەن شۇ ئۈندىدار سالونىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرىلىدۇ.
تۆۋەندىكى ماقالىلەرنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالىسىز:

تورداشلارنىڭ باھاسى

  1. رىشتە 2013.02.07 , 09:24 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    بۇ يىلمۇ كۆرىدىغان كىنولار خېلى كۆپتەك تۇرامدى نېمە…ئېلانلىرىغا قارىغاندا بىر-بىرىدىن پىچەت كىنولاردەك قىلىدۇ..
    مۇشۇنداق ياخشى ئۇچۇرلارنى تورخۇماردىنلا كۆرىمەن دائىم..تورخۇماردىكىلەرگە ھاردۇق يەتمىسۇن!:smile:

    • ئابومجان 2013.02.07 , 10:41

      ئىككىمىز نىمدا بەلەن ، دىۋان تالاشماپتۇق ، ھەم دىۋاننىڭ گىپىمۇ يوق :mrgreen:

  2. ئابومجان 2013.02.07 , 10:39 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئوھوي دەششەت كىنولار چىقىدىكەن جۇما
    مەكتەپكە كىتىپ كىنوخانىنىڭ ئەزالىق كارتىسىدىن بىرنى بىجىرمىسەم بومماپتۇ ~~ ئىسىل كىنو دىگەننى كىنوخانىدا كۆرسە ئاندىن ھۇزۇر بۇلىدۇ

    • رىشتە 2013.02.07 , 11:29

      بۈگۈن ما دىۋان بوشلا قاپتۇ. ئازادە بوغاندىكىن كەڭتاششا ئوتۇغاچ تۇرلى ئىككىمىز…. باشقىلا سەل تۇرۇپ كەپ قالا…:idea:

  3. مەي 2013.02.07 , 13:40 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    تورخۇمار ئسىل جۇمۇ!سىن كۆرگلى بولىدۇ

  4. Forever 2013.02.07 , 13:42 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    مۇشۇنداق ئېلانلارنى تېلىۋىزوردا قويۇپ بېرىدىغان بولسا تورغا چىقماي ئېلان كۆرۈشكە رازى ئىدىم مەن ! :mrgreen:

  5. ياساۋۇل 2013.02.07 , 14:21 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    ئەسلى بۇ يىل كىنو كۆردىغان يىلىكەن ئەمەسمۇ .،.:wink:

  6. قارا ھەرە 2013.02.08 , 11:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    راسلا پېچچەت كىنولار قويۇلىدىكەندە بۇ يىل! ئاۋۇ 2-كىنو ماڭا بەك يارىدى، قويۇلىشىنى ساقلىماقتىن باشقا ئامال يوق-دە :evil:

  7. بانكىر 2013.02.09 , 15:34 بۇ باھاغا پىكرىم بار

    سۈرئەت ۋە ھېسيات6 دەھشەت ئىشلەنگەندەك قىلىدۇ. قاچان قويۇلار، ماشنا دىگەننى ھەيدەپ قويىدىغۇ بۇ گۇيلار.

         
GRAVATAR باش سۈرىتى
icon_wink.gificon_twisted.gificon_smile.gificon_shy.gificon_eek.gificon_se.gificon_sad.gificon_rolleyes.gificon_razz.gificon_redface.gificon_neutral.gificon_mrgreen.gificon_mad.gificon_lol.gificon_kiss.gificon_idea.gificon_biggrin.gificon_evil.gificon_surprised.gificon_dizzy.gificon_cry.gificon_cool.gificon_arrow.gificon_confused.gificon_question.gificon_exclaim.gif

无觅相关文章插件,快速提升流量