كۈندە قايسى ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى زىيارەت قىلىسىز ؟ تورخۇماردا بۇ ھەقتە ئورتاقلىشىپ باقمامدۇق؟!
ئادەتتە كۈندە قايسى ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنى زىيارەت قىلىسىز ؟ بۇ سەل مۈجىمەل سوئال بولدىمۇ قانداق؟ ئەلۋەتتە نۇرغۇن توربېكەتلەرنى زىيارەت قىلىسىز، بۇنىڭ ئىچىدە سىزنىڭ دائىملىق زىيارەت قىلىدىغان بىكەتلىرىڭىز ۋە مۇنداقلا ئۇلىنىشلاردىن كىرىپ قالغانلىرىڭىز يەنە باشقىلار تەۋسىيە قىلغانلىرىمۇ بولىشى مۇمكىن. بۈگۈن زېرىكىشلىك خىياللارنى قىلغاننىڭ ئورنىغا تورخۇماردا دوسلار بىلەن مۇشۇ ھەقتە بىر ئورتاقلىشىپ باقساق، بەلكىم ئارىسىدىن بىز بايقىمىغان نادىر بىكەتلەرمۇ چىقىپ قىلىشى مۈمكىن.
ئۇنداقتا گەپنى ئۆزەمدىن باشلاپ كىتەي. لېكىن كۈندە زىيارەت قىلىدىغان بىكەتلىرىم ئاز بولمىغاچ بۇ يەردە پەقەت مەن زىيارەت قىلىپ كۆنگەن ئۇيغۇرچە توربەتلەرنىلا ساناپ ئۆتىمەن، تۆۋەندە تورخۇمارلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئامراق تورلىرىنى قالدۇرۇپ قويغاي.
ئۇلىنىش تورى
ئادەتتە قولاي بولسۇن ئۈچۈن كۈندە ئەتتىگەندە كومپىيۇتېرنى قوزغىتىپلا ئۇلىنىش تورلىرىنى ئاچىمەن. ھازىرغىچە ئۇيغۇر تورچىلىقىدا مەن بىلىدىغان پۇت دەسسەپ كېلىۋاتقان ئۇلىنىش تورلىرىدىن ئىككى چوڭ ئۇلىنىش تورى ۋە ياخشى ئۇلىنىش تورى قاتارلىقلارنى بىلىمەن. بۇنىڭ ئىچىدە ياخشى ئۇلىنىشى بىلەن ئۇلىنىش cn بىر قەدەر سۈپەتلىك بولۇپ ئېلانلار جايىدا قويۇلغان، مەزمۇنلار رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ دىگەندەك مەنمۇ كۆنگەن خۇيۇم بويىچە ھازىرغىچە http://ulinix.cn نى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن.
بلوگ
ئەلۋەتتە تورخۇمارلار بلوگى مېنىڭ ئۇلىنىشتىن بىرىنچى بولۇپ ئاچىدىغان بېكىتىم، ئەتتىگەندىلا بىر ئېچىپ مارلىۋتمىسەم ئىچىم پۇشۇپ قالىدۇ. ئاندىن باشقۇرۇش بېتىگە ئۆتۈپ يىڭى ئىنكاسلار بارمۇ يوق قارىۋېتىپ، يازمىلارنىڭ كۆرۈلۈش ھالىنى تەكشۈرىۋېتىپ ئاندىن باشقا ئىشلىرىمنى قىلىمەن.
بلوگ زىيارىتىمدە يەنە ئالىم ئەھەت بلوگى، گۈلەن بلوگى قاتارلىق داڭلىق بلوگلارنىمۇ كۈن چەك بولغۇچە چوقۇم بىر قېتىمدىن مارلىۋېتىمەن.
خەۋەر تورلىرى
تورغا چىقىپ خەۋەر كۆرمەيدىغانلار بەكلا ئاز بولسا كېرەك. مەنمۇ ئەلۋەتتە ئاسىيانىڭ كىندىكىدە، تەڭرىتاغنىڭ ئېتىكىدە زېرىكىشلىك ھايات كەچۈرۋاتقان بىر پۇقرا بولساممۇ، دۇنيانىڭ چوڭ-چوڭ ئىشلىرى، ئېقىم مەسىللىرى، ئىقتىساد ۋە سىياسىغا ئوبدانلا كۆڭۈل بۆلۈپ قويىمەن. شۇڭا دۇنيادىن خەۋەرسىز قالمايلى دەپ ئالدى بىلەن يېڭىلىنىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغان نۇر تورىغا كىرىپ پېتىغدىۋىتىمەن. ئاندىن ۋاچچىدە ئوكيان تورىغا كىرىپ ئېقىم مەسىللىرى ۋە IT خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ چىقىمەن. ئاخىرىدا يەنىلا ھەممىدىن ئىشەنچىلىرەكى بولغان تۈركىيە TRT خەۋەر قانىلىغا يۈگىرەيمەن. بۇلاردىن نۇر تورىنىڭ ئىملا مەسىلىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بەت يۈزى ۋە يېڭىلىنىش سۈرئىتى، ئوكيان تورىنىڭ ئېقىم مەسسىلىلىرى ، TRT نىڭ قېرىنداش تۈركى مىللەتلەر ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى مېنى قىززىقتۇرىدۇ.
مۇنبەرلەر
بىر ۋاقلاردا ئۇيغۇرلاردا مۇنبەر قىزغىنلىقى ئاجايىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى. خۇددى شاپاققا چىۋىن ئولاشقاندەك ھەممىمىز مۇنبەر دىگەنگە ھەر خىل ناملار بىلەن كىرىپ سەرخىل تېما-ئىنكاسلارنى يىزىپ كىتىشەتتۇق. مەنمۇ شۇلار ئارىسىدا ئۆز ۋاقتىدا ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان رېتىم مۇنبىرىگە ئەزا ئىدىم ۋە خېلى كونا ئەزالىرىدىن بىرى ئىدىم. لېكىن مۇنبەر دىگەن بۇ سورۇن ئادەم تاللىمىغاچ ئالىممۇ، زالىممۇ كىرىۋېرىپ ئادەمنى يىرگەندۈرىدىغان بولۇپ قالدى. ئىلگىرىكى سەرخىل مۇنبەرلەرمۇ بارا- بارا يوقۇلۇشقا باشلىدى.
ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، ھېلىمۇ ھەم بىر قىسىم ياخشى مۇنبەرلەرمۇ بار . بۇنىڭ ئىچىدە مەن كۈندە دېگۈدەك ئىزدىنىش مۇنبىرى، كەڭساي مۇنبىرى قاتارلىقلارغا كىرىپ ياخشى نەرسىلەر بارمۇ دەپ قاراپ باقىمەن. لېكىن چوقۇم كىرمىسەم بولمايدىغان ھۇررا مۇنبىرى بىلەن پۇتبول مۇنبىرى بار. بۇلار مېنىڭ پۇتبول تەنھەركىتىگە بولغان ئىشتىياقىمغا ئانچە مۇنچە دەرمان بولىدۇ.
مىكرو بلوگ
مىكرو بلوگ دەسلەپ ئىلىمىزگە كىرگەندە بىزمۇ دەۋىرنىڭ كەينىدە قالمايلى دەپ، بەس-بەستە شىنلاڭ ۋە QQ مىكرو بلوگلىرىنى ئويناپ كەتكەن. كېيىنچە ئۇيغۇرلاردىمۇ گۈدۈك مىكرو بلوگى ئارقىدىن ئەلكۈيى مىكرو بلوگى، تەڭرىتاغ توربېتى قارمىقىدىكى بارمۇ مىكرو بلوگلىرى قۇرۇلۇشقا باشلىدى. شۇڭا قوللاش يۈززىسىدىن خەنچە مىكرو بلوگلىرىمنى تاشلاپ گۈدۈك ۋە ئەلكۈيى مىكرو بلوگلىرىنى ئويناۋاتىمەن. پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسى سەۋەب ھازىر ئەلكۈيى مىكرو بلوگىنى ئانچە ئوينىمىساممۇ ھېساۋاتىم نورمال يۈرۈشىۋاتىدۇ، كۆپۈنچە گۈدۈك مىكرو بلوگىدا پائالىيەت قىلىمەن.
ئىسلامى بېكەتلەر
دىن مەسىلىسى ئىنتايىن نازۇك مەسىلە بولغاچ ئادەتتە ناھايتى ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتىمەن. تور دۇنياسى كىملا كىرىپ سۆزلىسە بولىۋېرىدىغان مەۋھۇم دۇنيا .بەزى چالا موللىلار دىن توغرىسىدا ئاغىزىغا كەلگەنچە سۆزلەپ مەزھەپچىلىك دولقۇنى پەيدا قىلىشقىمۇ ئۇرۇنماقتا، شۇڭا ئېزىپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن توردا دىننى مەزمۇنلارنى ئانچە كۆرمەيمەن. كاللامدا يېشىلمىگەن مەسىلىلەرنى ئىشەنچىلىك ئادەملەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ سورايمەن. شۇڭا توردىكى ئىسلامى بىكەتلەردىن پەقەت مۇسۇلمانلار تورىنى ئانچە-مۇنچە زىيارەت قىلىپ تۇرىمەن.
خاتىمە
ساناپ كەلسەم ناھايىتى كۆپ، يۇقىردا تىلغا ئالغانلىرىم پەقەت ئىزچىل زىيارەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىرى خالاس، بۇلاردىن سرت يەنە نۇرغۇن توربەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېلىۋاتىمەن. بەلكىم يەنە نۇرغۇن ياخشى توربەتلەرنى سەزمەي يۈرگەن بولىشىممۇ ياكى ئانچە دىققەت قىلمىغان بولىشىممۇ مۇمكىن . شۇڭا ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا مەن بايقىمىغان يىڭى قۇرۇقلۇقلار بولسا تورخۇمارلارنى ئەسكەرتىپ قويارمىكىن دەپ ئۈشبۇ يازمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. تورداشلار دىۋان تالاشماي كەڭ كۇشادە ھالدا ئۆزلىرى پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ياخشى توربەتلەرنى تۆۋەندە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەي.
- يازمىنىڭ ئـورنى: [تاغدىن-باغدىن]
- ھالقىلىق ســــۆز: ئۇيغۇرچە، تور بېكەت، مۇنازىرە
- يازمــا ئاۋاتلىقى: 40,558 ئادەم ئولىشىپ بولدى
- يوللانـغان ۋاقىت: 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 26-كۈنى
- يازما مەنزىلى: wirosning-uyghurche-torbiket-sepiri.html [كۆچۈرىۋېلىش] (باشقا يەردە مەنبە ۋە ئۇلانمىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ)
- ئالدىنقى يازما > ھەممىدىن نوچى ساقچى ئىدارىسى تور بېكىتى مۇشۇ بولسا كېرەك | جىنايەتچىلەر كىرسىمۇ راھەت ھېس قىلغۇدەك
- كېيىنكى يازما > سىز توردىن ھەقسىز كۆرىۋاتقان ئەشۇ سەنئەت كىچىلىكلىرىنىڭ قانداق روياپقا چىقىدىغانلىقىنى تەسسەۋۋۇر قىلالامسىز ؟
- مىكروسوفت چىقارغان «سۈرەتكە قاراپ يېشىنى تېپىش» تور بېكىتى، ياش يوشۇرىدىغان قىزلار ئېھتىيات قىلىڭلار
- ئۇيغۇرخەلق چۆچىكىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مۇزىكىلىق قىسقا كارتون فىلىم(ھۈسەينەم ۋە زەيتۇنخان)
- مىكرو فىلىم – بوۋاق
- [جەۋھەر] ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش ھەققىدىكى ئەڭ تولۇق كەسپىي دەرسلىك(1-7)
- ئۇيغۇر ئېلانلىرىنى كىم ياخشى ئەمەس دەيدۇ؟ مەن ياخشى كۆرىدىغان ئېلانلاردىن ئىككى شىڭگىل
- [ئۇيغۇرچە خەتلىك] كىشىنى ئويغا سالىدىغان قىسقا فىلىم – نۆلنىڭ ھاياتى(Zero)
- تورخۇمار يەنە بىر قېتىم ئەسلى ئورنىدا تولۇق قان بىلەن تىرىلدى!
- iPhone(ئايفون)غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە فونت قاچىلاش/تونۇتۇش | ئەڭ ئاددىي ۋە بىخەتەر ئۇسۇل
- iPhone دىكى كۆپ تىللىق ھەقسىز لۇغەت – بىلكان كۆپ تىللىق لۇغىتى ۋە بىلكان ئەرەپچە لۇغىتى
- يېڭى يىلدىكى يەنە بىر خۇشخەۋەر: Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقماقچى!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
تۇنجى دىۋان
مەن كىرىپ ئاۋال ئاچىدىغىنىم www.ilkan.biz نى ئېچىپ مۇنبەر ۋە بىلوگلاردىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بۇلىمەن . ئاندىن خۇمارىم تۇتۇپ ئىختىيارسىز تورخۇمارنى ئاچىمەن. ئاندىن كۆپچىلىككە ئوخشاش ………. لارنى زىيارەت قىلىمەن .
ئەڭ بۇرۇن ئاچىدىغىنىم تورخۇمار،باش بەتنى ھېسابلىمىسام.
كۈندە ئەتىگەن كومپييوتېرمنى ئېچىپلا تورخۇمار بىلەن ھەزرەت بلوگى ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭ توربېتىنى ئېچىپ بىرەر قۇر كۆرۋېتىپ (دىرىكتور بىلدىغان بولسا پۈتتىم مەن)ئاندىن گۈدۈك ئاندىن ئىزدىنىش ،كەڭساي مۇنبەرلىرى ، كۇرتلار ۋادىسىنىڭ ئورگان بېتىمۇ دائىملىق بەتلەر قاتارىدا … ئىزدەنى ئەڭ كۆپ ئاچىدىكەنمەن!
بەلەن يازما~
بىرىنجى بۇلۇپ ھەزىرەت بىلوگى،ئاندىن تور خۇمارنى زىيارەت قىلىمەن… !!! ئۇيغۇر توربەتىلىرىدە مۇشۇ 2 بلوگ ماڭا ئەڭ ياقىدۇ !!!
مەن نۇرنىجاتتىن باشقىنى ئاچمايمەن.
ئاندىن ئۇلىنىشلار قاتارىدىن[url=www.diyanat.cc]دىيانەت تورى[/url] ئاچىمەن . ئۇنىڭدىن كېيىن تورخۇمار شاھ ئۇيغۇر بىلوگى قاتارلىقلارنى ئاچىدىكەنمەن. ulinix.cn/ مىنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئاچىدىغىنىم
بىرىنچى بولۇپ QQ农场,牧场، ئىككىنچى: تورخۇمار، ئۈچىنچى: نۇر تورى، تۆتىنچى: ئەلكۈيى
يا ما بالىنى خۇددى مەندەكلا ئاچىدىكەننا
مەن بىرىنجى بۇلۇپ قۇتيار، ئاندىن بىلىك، تورخۇمار، ئالىپ.
ئۇيغۇر تور بىكەتچىلىكىدە ، مەنمۇ ئۇلىنىش بېكەتلىرىدىن ulinix.cn نى ئاچىمەن ، ئۇنىڭدىن كېيىن bbs.putbol.cn بۇ بېكەت ، مەن پۇتبولغا قىزىقىدىغىنىم ئۈچۈن مۇشۇ بىكەتنى 12 سائەت ئېچىپ قويىمەن ، يەنە ياخشى دوسلىرىمدىن تورخۇمار، ئالىم مۇئەللىمنىڭ بىلوگى، يەنە ۋەتەن بىلوگى، ئىزدىنىش مۇنبىرى ، ئەلكۈيى مىكرو بىلوگى،گۈدۈك، مۇسابىقە كۆرۈشتىكى ياخشى ئۇلىنىش zhibo8.com ، خەنچە IT خەۋەرلىرى بېتىدىن cnbeta.com ئىزدەش ماتورىدىن Google.com يەنە مىكروسوفىتنىڭ MSN نى ، قۇتيار بىلەن ئالىپنى . ۋاي تورغا چىقسام ئىشقىلىپ زىرىكمەي بەك كوچىلايمەن !
تورخۇماردا ئولتاغۇدەك دىۋان بامۇ مارلاپ، بوسا بولدى، بولمىسا ئۆرە تۇرۇپ ئىزدىنىشتىن باشلىسام، نۇرنى ئاندىن yinyuetai.com نى ئاچىمەن ..
مەن ئادەتتە تورخۇمار .www.akburkut.com bbs.anatuprk.com bbs.misrnim مۇشۇلغىلا كىرمەن بەزىدە تۇرانىمغىمۇ كىرىپ قويمەن
http://www.akburkut.com تەرجىمە كىنونىhttp://ulinix.cn بۇنى دىمىسەممۇ بولا
http://anatuprak.com جاھاندىكى ئىشلارنى
http://www.nur.cn خەۋەرنى
http://bbs.misranim.com بىكاچىلىقتا
http://www.taobao.com موتو سايمىنى
ھەممە يىڭىلىقنى
مەن تۆۋەندىكى بىكەتلەرگە كۈندە دىگۈدەك كىرىمەن .
كومپىيوتېر مۇزىكىسى www.xjmidi.com
نۇرقۇت ئەترىتى www.nurqut.net
تورخۇمار www.torhumar.com
ئۇلىنىش تورى www.ulinix.cn
تۆۋەندىكى بىكەتلەرگە ھەپتە ئارلاپ كىرىمەن .
تەرجىمە فىلىم www.shahblog.net
تەرجىمە فىلىم www.qutyar.net
تەڭرىتاغ مۇنبىرى http://bbs.xjtsnews.com
تۆۋەندىكى بىكەتلەرگە ئاي ئارلاپ كىرىمەن .
ئاشپەز تورى http://www.axpaz.cn
80خالتا بىلوگى http://www.80halta.com
روھلان تورى http://www.rohlan.biz
ئۇدۇن مۇزىكا تورى http://www.mp3uy.com
كىرىدىغان بەتلىرىم خېلى كۆپ ، بىراق پۇتبول مۇنبىرىنى بىر كۈنمۇ ئاچمايدىغان ۋاقتىم يوق ، http://bbs.putbol.cn
مەنمۇ دەپ قوياي…..
http://www.ulinix.cn
http://www.musulmanlar.com
مەن ئادەتتە
www.nur.cn
www.intil.biz
www.bilik.biz
www.ukij.org
www.alkuyi.com
www.torhumar.com
www.izda.com
www.newera.cc
www.uqkun.net
www.misranim.com
www.basbas.cn
www.qutyar.net
www.alpsoft.cn
www.yahxi.com
قاتارلىق
بىرىنچى بولۇپ كىرىدىغىنىم ئۆز قارمىقىمدىكى ئۈچ بلوگ ئەجرىم لايىھە بلوگىwww.ejrim.com ،دوقمۇش ناخشا قانىلىwww.doqmush.com،ئىزباسارلار تورىwww.izbasarlar.com…
ئەمدىن قالسا ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى. تورخۇمار،نۇرقۇت ،
مىكرو بلوگلاردىن شىنلاڭ. qq….
مەن بىرىنچى بولۇپ 284kino.cn ئېچىپ يېڭىلىقلارنى كۆرمەن ئاندىن ۋېيبو شىنلاڭ غا كىرىپ ئۇنى بۇنى كۆرىمەن
مەن زۇليار تورىغا كىرمەنwww.zulyar.com
مەن ئاۋۋال بلوگۇمنى ئاچىمەن، دوستانە ئۇلانما قاتارىدا مەن ياقتۇرىدىغان ھەممە بېكەتلەر تولۇق…
مېنىڭ بىرىنچى بۇلوپ ئاچىدىغىنىم ئۇلىنىش تورى . ئاندىن سۇخۇ تورى . ئاندىن تورخۇمار كېيىن توردىن چۈشىمەن .
ئەڭ ئاۋال تور كۆرگۈچ قوزغىتىلسىلا ئېچىلىدىغان ئۇيغۇر ماشىنا تورىغا كىرىمەن www.uycar.com ، ئاندىن نۇر تورىغا كىرىمەن ، ئاندىن مۇنبەرلەردىكى www.nadirlar.comغا كىرىمەن ، قالغانلىرىدا ئۇنى بۇنى كۈرىمەن
ۋىروس ئەمەس تور قۇرۇتىكەن ماۋۇ …..ئۇھھھ ، ئاۋۋال كۆكلەم ، ئىزدىنىش . كىيىن مەكتەپ تورى . س ن ن ۋە ب ب س نىڭ خەۋەرلىرى . ئۈچ تۆت كۈندە بىر ئۇيغۇربەگ ۋە تورخۇمارنى يوقلايدىكەنمەن . كۆپىنچە كەسپى توربەتلەرىمدە لەيلەپ شۇ . بولمىسا تورغا كىرمەي جېقراق ۋاقتىمنى كىتاب كۆرۈشكە سەرپ قىلىپ .
ھېلىمۇ ھەممىنى يازماپتىمەن
ھەممىنى دەۋەتكەن بولسىڭىز نىمەدەر بولغىييتتى بۇ رىتا قېرىنداش ھە ! ………..
ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ سېلىپ ، بالامنى قورقۇتىۋەتتىم …. ھا ھاھ ھاھ ،ئۆھھۆ ئۆھھۆ…………
تۆمۈر-تەسەك بىلەن ھەپىلەشكەن خەقنىڭ زادى ساغلاملىق بىلەن ئىشى يوق. تېنى ياكى جېنىدىن چاتاق چىقمۇغۇچە ساغلاملىق بىلملىرىنى ئىگىلەپ قوياي دېمەيدۇ. ھەتتا، ئۆزىگە ئوخشاش IT چىلارنىڭ نېمە ۋەجىدىن تولا ھاللاردا قىز پەرزەنتلىك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى (http://care.eldawa.com/men/2012/0219/1899.html) مۇ بىلىشمەيدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ئەرلەرنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى (http://care.eldawa.com/men/2011/1230/1516.html) نى ئەسلى…
خۇلاسە، ئەلداۋا بىلەن ياتلاشقىنىڭ، كېسەل بىلەن دوستلاشقىنىڭ. ئەلداۋا بىلەن دوستلاشقىنىڭ، كېسەل بىلەن خوشلاشقىنىڭ. قالغىنىنى ئۆزەڭلار قاراپ بىر ئىش قىلارسىلەر!
ھە-راست، ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ ئادرېسى: http://www.eldawa.com
رادىئاتسىيەنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى ئۇنىڭ كۈچلۈك -ئاجىزلىقى ۋە تەسىر قىلىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كومپيۇتېر، تېلېۋىزور، يانفون قاتارلىقلارنىڭ رادىئاتسىيەسىنىڭ تەسىرى چوڭ ئەمەسكەن. شۇڭا، « IT چى ئەرلەر قىز پەرزەنتلىك بولىدۇ…» دېگەن گەپلەرنىڭ ئاساسى يوقكەن.
ماقالە مەنبەسى: http://www.eldawa.com | ماقالە ئادرېسى: http://care.eldawa.com/men/2012/0219/1899_2.html
بالىڭىزنى بەزلەپ بولالماي قىينىلبىپ كەتسىڭىز مەن ئىگە ئەمەس جۇمۇ ،بۇندىن كىيىن تورخۇماردا ئىنكاس ئوقۇسىڭىز ياندىكى ئۆيگە كىرىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ
مەنمۇ جۆيلۈپ باقايچۇ ؟
ئالدى بىلەن bbs.putbol.cn ئاندىن پاسىبان، ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى، بىلىك، ئالىپ، تورخۇمار، ئالىم ئەھەت، قۇتيار . . . سۆزلىسەم ھېچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس ؟
كوت كوت كوت كوت كوت كوت كوت كوت كوت كوت كوت كوت كوت كوت كوت تورىغا~!
مەنمۇ ئاۋۋال ئۇلىنىشنى بىر چۆگىلۋېتىپ ، ئاندىن باشقا خەۋەر – ئۇچۇر دىگەنلەرنى كۇرىمەن ئاخىردا ئۆزۈم ئوقۇپ كىلىۋاتقان تور ئەسەرلىرىنى كۆرۈىمەن…
Google,Youtube,Baidu,56,KRAL,Canlitc,Video-klipleri.org,Facebook,National Geographic.org,SB.uz,Ulinixcn/com… …پەقەت مۇشۇنچىلىكلا شۇ.ئانچە كۆپ تورغا چىقمايمەن.
ئانا تۇپراقمۇبار-راست.بۇ تورغا سۆز يازغىنىم بۇ تورغىمۇ چىقىدىغىنىمنى بىلدۈرىدۇ-جۇمۇ!!!
ھە-راست،«ئەلكاتىپ»قا ئوخشاش،تۈرۈكچە خەت كىرگۈزگۈچنى بىلەمسىلەر؟ئىسمىنى ياكى ئادرېسىنى يوللاپ قويساڭلار…،سېستىمام «كۆزنەك7»بايراقدار نۇسخا.ئىزدەي دېسەم ئىسمىنى بىلمىدىم.
بىلمەيمەن . . .
مىنىڭ چىقىدىغان تور بىكەتلىرىم بولسا
www.oyunchi.com ، ئويۇن مۇنبىرى
www.huxtur.cn ، ئويۇن مۇنبىرى
www.xjtvs.com.cn ، كىنو تورى
www.izda.com ، ئىزدەش تورى
www.xjtv9.com ، كىنو تورى
مۇشۇنچىلىك يازاي باشقا تور بىكەتلەرنى ئىسىمگە ئالالماي ۋاتىمەن
يەنە
www.torhumar.com
مەن ئاساسلىق شىنجاڭ تەنتەربىيە مۇنبىرىنى،قوشۇمچە باغداش ۋە روھلان مۇنبىرىنى،خەۋەر تورلىرىدىن نۇر تورىنى،ئۇيغۇرلاردىكى ياخشى بولغان ئىزدە تورىنى زىيارەت قىلىمەن.